كۆرۈش: 600|ئىنكاس: 9

مۇھەممەدسالىھ مەتروزى: «باھادىرنامە» رومانىدىن ياسىنجان سادىقنىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-30 19:26:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
«باھادىرنامە» رومانىدىن ياسىنجان سادىقنىڭ قەلب دۇنياسىغا نەزەر


ـــــ يازغۇچى ياسىنجان سادىق بىلەن سۆھبەت

مۇھەممەدسالىھ مەتروزى


ياسىنجان سادىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زاماندىكى داڭلىق ياش يازغۇچىلىرىنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن «باھادىرنامە» ناملىق كۆپ قىسىملىق رومانى بىلەن 2012 - يىلى ئېلىمىز ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات ـــــ «تۇلپار مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. 2012 – يىلى 19- سېنتەبىر كەچتە ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى دۆلەت تىياتىرخانىسىدا بېشىغا يارىشىملىق ئۇيغۇر دوپپىسىنى، ئۈستىگە كانۋاي كۆڭلەكنى كەيگەن ھالدا رەھبەرلەرنىڭ قولىدىن «تۇلپار  مۇكاپاتى»نى ئالغاندىكى ئەشۇ ئۇنتۇلغۇسىز كۆرۈنۈشلەر ۋە دەقىقىلەر ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. مەن شۇ چاغدا مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياقۇپ مۇھەممەتروزى بىلەن مۇكاپات سەھنىسىدىن ئۈچ رەت يىراقلىقتىكى ئورۇندا يانمۇ يان ئولتۇرۇپ، 18 – سېنتەبىرىدىن 20 – سېنتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك 5- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر، مەملىكەتلىك 10 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى بويىچە «تۇلپار مۇكاپاتى»نى باھالاش ھەيئىتىدىكىلەر ۋە پايتەختتىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەم خادىملىرىدىن بولۇپ 800 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن بىرگە ياسىنجان سادىق بىلەن بىللە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن باشقا بارلىق ئەدىبلەرگە كۈچلۈك ئالقىش ياڭراتقانىدىم. ياسىنجان سادىق ئىككىمىز شۇ قېتىمقى بېيجىڭ سەپىرىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت يىغىنىغا قاتنىشىشقا ۋە «تۇلپار مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا شىنجاڭدىن بارغان غازى ئەھمەت، ئازات سۇلتان، غەيرەت ئاسىم، ئىركەش قۇرمانبېك، ئورازخان ئەخمەت، مامبەت تۇردى، ۋاھىتجان ئوسمان، سۇ دېشىن قاتارلىق ئۇستازلار ۋە ئەدىبلەر بىلەن بىرگە نۇرغۇن پائالىيەتلەردە بىرگە بولدۇق: ئالاقىدار يىغىن، سۆھبەت ۋە يىغىن تەشكىلىي ھەيئىتى ئۇيۇشتۇرغان كۆپ خىل پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇق؛ مەركىزىي مىلەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە زالىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلىدۇق ھەم ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇق؛ ئايرىم – ئايرىم ھالدا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقى (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن نەشرىيات باشلىقى، ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىلللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى تۇرۇپ باراتنىڭ ۋە مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى ئابدۇللا موللا ساھىبخانلىقىدىكى زىياپەتلەرگە بېيجىڭدىكى زىيالىلار بىلەن بىرگە داخىل بولدۇق، پايتەخت كوچىلىرىنى قانغىچە ئايلاندۇق... بېيجىڭدىكى ئەشۇ قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز كۆرۈنۈشلەر تا ھازىرغىچە ئېسىمدە تۇرىدۇ.
قەلبىمدە ياسىنجان سادىققا قارىتا داڭلىق يازغۇچىلارغا بولغان يۇقىرى ھۆرمەتتىن باشقا يەنە ئۇنىڭ مەندە قالغان تەسىراتى مۇنداق: گەپ- سۆزلىرى ئوراملىق، ھەر قانداق ئادەمگە سەمىمىي، مىجەز- خاراكتېرى ئوچۇق، ئۆزى كىچىك پېئىل ھەم خۇشچاقچاق، يەكەن خەلقىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قولى ئوچۇقلۇق ھەم دوستانىلىق ئۇنىڭدا تولۇق ئەكس ئېتىدۇ. نۇرغۇن يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دوستلۇق رىشىتىمىز شۇ قېتىمقى بېيجىڭ سەپىرىدە تېخىمۇ كۈچىيىپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆپ خىل تېمىلار ۋە ساھەلەر بويىچە كەڭ- كۇشادە پىكىر ئالماشتۇردۇق، پاراڭلاشتۇق. شۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭغا ژۇرنىلىمىزغا ماقالە يېزىپ بېرىش تەكلىپىنى بەردىم. ھەتتا ژۇرنىلىمىزغا يېزىپ بېرىدىغان ماقالىسىنىڭ ئىسمىنىمۇ بېكىتتىم، يەنى «مەن ‹باھادىرنامە› رومانىنى قانداق يېزىپ چىقتىم؟» ھەمدە «مېنىڭ ‹جاللات خېنىم› رومانىنى يېزىپ چىقىش جەريانىم» دېگەندىن ئىبارەت بولدى. ياسىنجان سادىق تەكلىپىمنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ بېرىدىغانغا ۋەدە قىلدى. ئەمما، كېيىنكى كۈنلەردە مەنمۇ ژۇرنال خىزمىتى بەكلا ئالدىراش بولدۇم، ئۇمۇ «باھادىرنامە»نىڭ ئاخىرىنى يېزىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. قىلىشقان ۋەدىلەرنىڭ روياپقا چىقىشى كەينىگە سۈرۈلدى. پات - پات تېلىفۇندا ئالاقىلىشىپ تۇردۇق، ئۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، ياكى مەن يەكەنگە بارغاندا ھەر خىل سورۇن ھەم پائالىيەتلەرگە بىرگە ئىشتىراك قىلدۇق. ژۇرنىلىمىز ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بارغان «مەن ‹جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلىدا پاراڭلىشىشنى ۋە سىردىشىشنى ئارزۇلايدىغان شەخسلەر تەكلىپ بېرىش پائالىيىتى»دە، ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن خەتلەردە ئۇنىڭ ئىسمى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغانىدى. نۆۋەتتە تەھرىراتىمىز «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشى، ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ژۇرنال قىلىپ مەيدانغا كەلتۈرۈش نىشانىنى بېكىتىپ، بۇ نىشاننى قەدەم باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەنمىز، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويماي، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا ھەمدەمدە بولۇش مەخسىتىدە، ئۇنىڭ «باھادىرنامە» رومانىنىڭ داۋامى پۈتكۈزۈپ بولۇپ، ئاندىن ژۇرنىلىمىزغا مەخسۇس ماقالىنى يېزىپ بېرىشكە ساقلىماي، ئىلگىرىكى ئىككىمىزنىڭ سۆھبىتى ۋە بۇ قېتىمقى مەخسۇس زىيارىتىم ئاساسىدا بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى  تەييارلاپ، كىتابخانلارنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم.
سۇئال: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا ۋاكالىتەن سىز بىلەن كۆپ خىل تېمىلاردا سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىدە بولۇۋاتقىنىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. مېنىڭچە، سۆھبىتىمىزنى ئەڭ ئاۋۋال «باھادىرنامە» رومانىڭىزدىن باشلىساق قانداق دەيسىز؟
جاۋاب: مېنىڭ يەتتە يىللىق ئەجرىمنىڭ مېۋىسى بولغان «باھادىرنامە» ھەقىقەتەن ئويلىغىنىمدىنمۇ كۆپ ئىززەت-ئىكرام، تەشەككۈر-رەھمەتلەر ۋە شان-شەرەپلەرگە نائىل بولدى. رومان 2010-يىلى كۈزدە نەشر قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە تۆت قېتىم بېسىلدى. جەمئىيەت، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈتكىنىمدىنمۇ ئارتۇقراق داغدۇغىسى، بەس-مۇنازىرىسى بولدى. ئوقۇرمەنلىرىمگە رومانىمنىڭ تىلى، قۇرۇلمىسى ۋە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن زور تارىخي دەۋرى ۋە روماندا ئوبرازى يارىتىلغان تارىخىي شەخسلىرىمىز يەنى ھۆكۈمدارلىرىمىز بەكرەك ياراپ كەتكەندەك قىلىىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا «باھادىرنامە» نەشر قىلىنغاندىن كېيىنكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ  ساداسى ھاردۇقۇمنى چىقارغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن يەكەندە بولسۇن، مەيلى خوتەن، ئاتۇش، ئۈچتۇرپان، ئۈرۈمچىلەردە بولسۇن ھەر ساھەدىن  مەن تونۇيدىغان، تونۇمايدىغان كىشىلەر ياپقان تون، ئەزىزلەپ سالغان داستىخان، كۆرسەتكەن ئىززەت-ھۆرمەتلەر ھاردۇقۇمنى چىقاردى.نۆۋىتىدە مەن بۇ خىل ھۆرمەت-ئېھتىراملاردىن ھەم سۆيۈندۈم، ھەم بىر خىل يازغۇچىغا خاس مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلدىم.
سۇئال: بۇ روماننى قانچىلىك ۋاقىتتا يېزىپ چىقتىڭىز؟ نېمە سەۋەب سىزنى بۇ روماننى يېزىش خىيالىغا كەلتۈردى؟
جاۋاب: باشتا دەپ ئۆتكىنىمدەك بۇ روماننى يەتتە يىلدا تاماملىدىم. «باھادىرنامە»نى ئەڭ دەسلەپتە يېزىش خىيالىم مىرزا ئابابەكرى دەۋرىنى يېزىشنى پىلانلىغان. 2004-يىلى لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا مىللەتلەر نەشرىياتىدىكى دوستۇم ياقۇپ مۇھەممەتروزىنىڭ تەشەببۇسى، قىزغىنلىق بىلەن خېرىدارلىق قىلىشى ۋە روماننى چۆرىدىگەن تارىخىي سەۋرلەر ھەققىدىكى قىزغىن بەس-مۇنازىرىلەر بىر تەرەپتىن «باھادىرنامە»نى يېزىش ئىشەنچىمنى ئاشۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاشۇ تارىخىي دەۋرلەرگە نىسبەتەن بىر قەدەر چوڭقۇر، بىر قەدەر مول تارىخىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمنى يۇقۇرى كۆتۈردى.شۇنىڭ بىلەن روماننى مىرزا ئابابەكرى دەۋرىدىن خېلىلا يىراق بولغان تارىخىي دەۋردىن، تۇغلۇق تمۈرىان بىلەن ئەمىر تۆمۈردىن ئىبارەت ئىككى بۈيۈك ھۆكۈمدارنىڭ ھاياتىدىن ئۇچۇر بېرىش،ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولغان سۇلتان ئۈۋەيىسخان بىلەن مىرزا ئۇلۇغبەگدىن ئىبارەت ئىككى ھۆكۈمدارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن باشلىدىم. شۇنىڭ بىلەن روماننىڭ ئەكس ئەتتۈرۈش دائىرىسىنىڭ، ئوتتۇرىغا چىققان پىرسۇنادلىرى كۆپ بولۇشتەك بىر ئالاھىدىلىكى بەلگىلىنىپ قالدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا روماننى يېزىش ئۆزۈمنىڭ «جاللات خېنىم» رومانىنى يازغاندىن كېيىنكى پىلانىم ھەم خىيالىم بولسىمۇ، «باھادىرنامە»نىڭ بىر پۈتۈن روياپقا چىقىشىدا مىللەتلەر نەشرىياتىدىكى دوستۇم ياقۇپجاننىڭ ئالاھىدە سەۋەبكارلىقى بار. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياقۇپجان ۋە مىللەتلەر نەشرىياتىدىكى مۇھەررىر-تەھرىر دوستلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.
سۇئال: ئاڭلىسام، بۇ روماننىڭ دەسلەپكى ئارگىناللىرى .... بەت، 23 كىلوگىرام كەپتۇدەك. بۇنچىۋىلا كۆپ ئەجىر ھەم ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەن بىر روماننى يېزىش جەريانىدىكى ئەھۋاللارنى، يەنى ماتېرىيال توپلاش، توپلىغان ماتېرىياللارنى پىشىشىقلاپ ئىشلەش، ئۇنى يېزىش، يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز.
جاۋاب: روماننىڭ ئارگىنالى ھەقىقەتەن 23 كىلوگرام كەلدى.مەن روماننى نەشرىياتقا ئەۋەتىش ئۈچۈن تېز يوللاش شىركىتىگە ئېلىپ بارغىنىمدا ئۇلار يېشىكىنى جىڭلاپ كۆرۈپ 23 كىلوگرام كەلدى دېگەنتى، ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم.«باھادىرنامە»نى يېزىشقا باشلىغىنىمدا «تارىخىي رەشىدىي» تېزراق نەشر قىلىنسا دەپ تەقەززا بولدۇم.شۇ كۈنلەردە ھېچكىممۇ «تارىخىي رەشىدىي»گە مەندەك تەقەززا بولمىغان بولغىيدى.خۇددى مەن بىلەن قېرىشقاندەك «بۇلاق» ژۇرنىلى تەھرىراتى «تارىخىي رەشىدىي»نى ھەر سانغا سەككىز-ئون بەتتىن پارچىلاپ بۆلۈپ ئېلان قىلىۋاتاتتى.«بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ ھەر بىر يېڭى سانىغا شۈنچىلىك تەقەززا بولاتتىم، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇۋاتقان مۇشۇنداق قىممەتلىك، چوڭ ھەجىملىك بىر كىتابنى بىراقلا نەشر قىلىۋەتمىگەن نەشرىياتلاردىنمۇ رەنجىيتتىم، «بۇلاق» ژۇرنىلىغا خۇددى توخۇغا دان چاچقاندەك پارچىلاپ بېرىۋاتقان ھۆرمەتلىك مەتتۇردى مىرزەخمەت ئاكامغىمۇ يەتكۈچە قورساق كۆپۈكۈم بار ئىدى. مەن ژۇرنالغا بېرىلگەن بۆلەكلەرنى، ئۆزۈمگە لازىملىق دەپ قارىغان بۆلەك-ئابزاسلارنى خاتىرىلىرىمگە كۆچۈرۈپ ماڭدىم. يەنە بىر سان ژۇرنال كېلىپ بولغۇچە «بابۇرنامە»، «ماۋارائۈننەھىر ۋە بۇخارا تارىخى» قاتارلىق كىتابلارنى يېنىش-يېنىشلاپ ئوقۇدۇم. «چىڭگىزنامە»، «سەئىدىيە خانلىقىغا دائىر ماتېرىياللار»، «تەزكىرەئى ئەزىزان» ۋە باشقا كىلاسسىك كىتابلارنى بىر باشتىن ئوقۇغاچ يەنە بىر باشتىن تىل مۇھىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشتىم. يەكەندىكى شائىر ئىنىم ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ:«ئاكا، ‹باھادىرنامە› ئۈچۈن چوقۇم لازىم بولىدۇ» دەپ ماڭا ئالاھىتەن تەقدىم قىلغان «چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ناملىق كىتابتىن ئۆزۈمگە لازىملىق سۆز-ئاتالغۇ، ئىبارىلەرنى سۈزۈپ چىقتىم ۋە،ياكى باشقا كىتابلاردىن سۈزۈۋالغان سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ ئىزاھاتىنى،يەشمىسىنى، ئىشلىتىلىش ئورنىنى بۇ كىتابتىن ئايرىۋالدىم. مۇشۇ سەۋەبتىنمۇ ئەيتاۋۇر «باھادىرنامە»نى يېزىشقا باشلىغان چاغدا تىل-ئاتالغۇلاردىن قىينالمىدىم ھەمدە «تارىخىي رەشىدىي»دىكى، «بابۇرنامە»دىكى ئۇششاق تەپسىلاتلارمۇ قەلىمىمدىن ساقىت بولمىدى.ئەگەر تەس كەلدى دېيىشكە توغرا كەلسە «باھادىرنامە»نىڭ 6-قىسمىغا كەلگەندە ۋە روماننى قايتا بىر كۆچۈرۈپ ئىشلەشكە توغرا كەلگەندە ۋە تۈزىتىلگەن نۇسخىنى ئارگىنالغا قايتا ئالغاندا بارماقلىرىم ئىششىپ كېتىپ قەلەم تۇتۇشۇممۇ تەسكە توختىدى.ئاشۇ كۈنلەردە مۇمكىن بولسا بىر كىمنىڭ قولىنى ئارىيەت ئالغۇدەكمۇ بولۇپ كەتكەن ئىدىم. مانا ھازىر ئۇ چاغلارنى ئۇنتۇپلا كېتىپتىمەن.
سۇئال: «باھادىرنامە»نىڭ نەشردىن چىققانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندا ھەم نەشر قىلىنغاندىن كېيىنكى كىتاب ھالىتىدىكى تۇنجى نۇسخىسىنى كۆرگەندە قانداقراق بىر تۇيغۇلاردا بولدىڭىز؟
جاۋاب: «باھادىرنامە»نىڭ نەشردىن چىققانلىق خەۋىرىنى مەن ئەڭ ئاۋال مىللەتلەر نەشرىياتىدىكى ياقۇپ مۇھەممەتروزىنىڭ تېلېفۇنىدىن ئاڭلىغىنىمدا تولىمۇ ھاياجانلاندىم ھەم  كىتابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنىڭ تېزراق قولۇمغا كېلىشىگە تەقەززا بولدۇم.كىتاب ئاخىرى قولۇمغا تەگدى.كىتابنى كۆرۈپ شۈنچىلىك خۇشال بولۇپ قولتۇقۇمغا قىسقانچە ئۇدۇل ئانام-دادامنىڭ قېشىغا يۈگرەپتىمەن.راستىنى دېسەم ئانام-دادام ساۋادسىز ئادەملەر،بىر قۇرمۇ خەت ئوقۇيالمايدۇ.كىتابنىڭ ھەر بىر قىسىمىنىڭ تېتولىغا بېرىلگەن سۈرەتلىرىمنى كۆرۈپ مېنىڭ يازغىنىمغا ئىشەنگەن بولۇشى مۇمكىن. دادام ئەسلىدىنلا كەمسۆز ئادەم،ھېچنېمە دېمىدى. ئەمما كۆزلىرىدىن ماڭا بولغان قايىللىقىنى، پەخىرلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. دادام يازغۇچىلىقنىڭ، يېزىۋاتقان كىتابىمنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان ئادەم.« جاللات خېنىم» رومانىم نەشر قىلىنغاندىن كېيىن بىر قېتىم مەھەللىمىزدىكى مەسچىت جامائىتى «جاللات خېنىم» رومانىنى مېنىڭ يازغىنىمنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ماڭا ئاتاپ دۇئا قىلغانىكەن، دادام شۇ چاغدا ماڭا بۇ ئىشنى تولىمۇ ھاياجان بىلەن يەتكۈزگەن،«جامائەت مېنى كۆرسىتىپ ياسىنجان دېگەن سادىقئاخۇننىڭ ئوغلى دېدى، مەن بەك خۇش بولدۇم، بالام!» دېگەن ئىدى. ئانام بولسا تا ھازىرغىچە يېزىقچىلىق قىلىشىمدىن خەۋپسىرەپلا يۈرىدۇ.يېزىقچىلىق قىلماسلىقىمنى كۆپرەك تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ «باھادىرنامە»نى كۆرگەندىن كېيىن بارماقلىرىمنى مېھرى بىلەن سىلاپ قويدى ۋە غوللىرىمنى تۇتۇپ قويدى. ئادەتتىمۇ مەن ئانامغا جىقراق ئەركىلەيمەن،خۇددى كىچىك بالىدەك يوتىسىغا بېشىمنى قويۇپ يېتىۋالىمەن،شۇ كۈنىمۇ ئاشۇنداق قىلدىم.ئانام ئۇزاقتىن ئۇزاق باش-كۆزلىرىمنى سىلاپ ئولتۇردى. ئايالىمنىڭ خۇشاللىقىغا گەپ توغرا كەلمەيتتى. شۇ كۈنى ئۇنىڭ مەندىن قانچىلىك پەخىرلەنگەنلىكىنى ھېس قىلالايمەن. ئىككى قىزىمغا يەتكۈچى دام-دام قىلىۋالدىم. مەقسىتىم بالىلىرىم مەندىن پەخىرلەنسە، كەلگۈسىدە مېنىمۇ پەخىرلەندۈرۈپ ياشىسا دېگەنلا ئويۇم بار ئىدى.
سۇئال: مىللەتلەر نەشرىياتىدىكى دوستلاردىن ئاڭلىشىمچە، سىز بۇ روماننى يېزىشقا تۇتۇش قىلغاندىن كېيىن ماتېرىيال توپلاش ئۈچۈن ھەتتا چەتئەللەرگىمۇ بېرىشنى پىلانلىغان ئىكەنسىز، ئەمما بەزى سەۋەبلەر بىلەن بۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولالماپسىز، شۇنداقمۇ؟ بۇنىڭدىن ئەپسۇسلانغانسىز؟
جاۋاب:«باھادىرنامە»نى يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى بىر قېتىم كۆرۈپ كېلىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم. مىللەتلەر نەشرىياتىدىكىلەرمۇ ئەگەر چەتئەلگە چىقىش ئىمكانىيىتى بولسا قىينىلىپ قالماسلىقىم ئۈچۈن ئالدىن يىگىرمە مىڭ يۈەن پۇلمۇ ئەۋەتكەنتى. ئەپسۇسكى، بۇ پىلانىم ئەمەلگە ئاشمىدى. ئەمما ياقۇپجان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىلىرى، بېيجىڭدىكى چوڭ-چوڭ كۇتۇپخانىلاردىن تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى.ئۇندىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇغقان يوقلاپ چىققان ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ كۆپ ياردىمىگە ئېرىشتىم.
سۇئال: بۇ روماننىڭ سىزگە ئېلىپ كەلگەن شەرىپىگە قانداق قارايسىز؟ بۇ روماننى يېزىش جەريانىدىكى تارتقان جاپالىرىڭىزغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب:بۇ رومان ماڭا تېگىشلىك شەرەپلەرنى ئاتا قىلدى. دۆلەت دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشلىرىغا كۆمۈلدۈم. ئويلاپ بېقىڭا: يازغۇچى ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق شەرەپ بولامدۇ؟! نۆۋىتىدە «باھادىرنامە»نى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەنگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
سۇئال: مېنىڭچە، ھەر قانداق بىر يازغۇچىغا يېزىقچىلىققا سەرپ قىلىنىدىغان ۋاقىت بىلەن ئىجادىيەتتىكى ئىلھام بەكلا مۇھىم. دەل مۇشۇ ئىككى نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەيلى «باھادىرنامە» رومانىنى ياكى «جاللات خېنىم» رومانىنى يېزىشتا بولسۇن، ياكى «نازىنىن قىزلار» رومانىنى يېزىشتا بولسۇن، ۋە ياكى باشقا ئەسەرلىرىڭىزنى يېزىش جەريانىدا بولسۇن، كۈندۈلۈك خىزمەت، تۇرمۇش ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىدىغان ۋاقىت بىلەن ئەسەرلىرىڭىزنى يېزىشقا سەرپ قىلغان ۋاقىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىڭىز؟ تۇيۇقسىز ئىلھام كەلگەن ۋاقىتلاردا يېزىقچىلىققا ۋاقىت ئاجرىتىش بىلەن باشقا ئىشلاردىن ۋاز كېچىشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلدىڭىز؟ بەلكىم بۇ جەھەتلەردە كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشلىرىڭىزمۇ باردۇر ھەقاچان؟
جاۋاب: بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنىدىن ۋاز كېچىشىم مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. بولۇپمۇ يەكەن توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ،ھېيت-ئايەم، مېھماندارچىلىق ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك  پائالىيەتلەرگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغان يۇرت. بۇ يۇرتتا مەن ھۆرمەتلەيدىغان، ياخشى كۆرۈدىغان نۇرغۇن ئېسىل پەزىلەتلىك كىشىلەر، جان كۆيەر دوستلىرىم بار. مېنى ھۆرمەتلەيدىغان ھەر قانداق مېھماندارچىلىق، تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە مېنى قاتناشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەرمۇ جىق.شۇڭا ئۇلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرسام بولمايدۇ.ئەمما، بۇنداق پائالىيەت،ئالاقە سورۇنلىرى ھەقىقەتەن ۋاقتىمنى ئالىدۇ.شۇڭلاشقا چاقىرغان يەردىن قالماسلىق، ئەمما ئۇزاق ئولتۇرۇۋالماسلىق، يېزىقچىلىققا ئاجراتقان ۋاقتىمنى جاي-جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇشقا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش، شەنبە،يەكشەنبىلەردىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تولۇق پايدىلىنىش، خىزمەت ۋاقىتلىرىدا ئازراقلا پۇرسەت چىقسا يېزىقچىلىق قىلىش...قاتارلىق بىر تالاي ئۆزۈمگە بېكىتكەن تۈزۈملىرىم ئاشۇ ئالاقە سورۇنلىرىغا سەرپ قىلغان ۋاقىتلىرىمنى تولدۇرۇشقا يەتتى.ئەمما بۇ يەردە بىر گەپنى دېگۈم كېلىدۇ: بەزى كىشىلەر بار، ماڭا تېلېفۇن قىلىپلا: سىلى نەدە؟ دەپ سورايدۇ، ئامال بار: يەكەندە! دەپ جاۋاب بېرىمەن. شۇ ھامان مەن پالانچى بولاتتىم، پۇستانى يۇرتتىن كەلگەنتىم، بىر كۆرۈشسەك، دەپ تەڭلىك قىلىدۇ.بارماي دېسەم سەت تۇرغان،بارسام يېرىم كۈن، ھەتتا كۈنلەپ ۋاقتىم زايە بولغان. شۇڭا مەن مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ تېلېاۇن قىلغاندا:سىلى نەدە؟ دېمەي، سىلى نېمىش قىلىۋاتىلا؟ دەپ سورىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.
سۇئال: ھازىر «باھادىرنامە» رومانىڭىزنىڭ داۋامىنى يېزىۋاتقانلىقىڭىزدىن خەۋەردارمەن. سوراپ باقسام: ھازىرغىچە بۇ روماننىڭ داۋامىنى قانچىلىك يېزىپ بولدىڭىز؟ مۆلچەرىڭىزدە قاچان پۈتىدۈ؟ نەچچە قىسىملىق، نەچچە كىتاب بولىدۇ؟ قانداق بىر سەۋەب بۇ روماننىڭ داۋامىنى يېزىشىڭىزغا تۈرتكە بولدى؟ نېمىشقا ئۆز ۋاقتىدا بۇنى ئويلىمىغانىدىڭىز؟
جاۋاب:ئاڭلىغىنىڭىز راست.ھازىر «باھادىرنامە»نىڭ داۋامىنى يېزىۋاتىمەن. بىر قىسىمنى پۈتكۈزۈپ بولدۇم. مۆلچەرىمدە يەنە ئىككى قىسىم چىقىدىغاندەك قىىلدۇ.«باھادىرنامە»نىڭ داۋامىنى يېزىشىمغا ئاساسلىق سەۋەب ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ساداسى بولدى.ئوقۇرمەنلەرمۇ تەلەپ قىلغان، ياقتۇرغانكەن، ئەلۋەتتە داۋامىنى يېزىشىم كېرەك-تە!
سوئال: «نازىنىن قىزلار» رومانى ھەققىدە ئۆز ۋاقتىدا جەمئىيەتتە ۋە توردا ناھايىتى كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا بولغانىدى. ھەتتا سىزنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىنكاسلارمۇ ئوتتۇرىغا چىققانىدى. شۇ ۋاقىتتا ئەشۇ ئىنكاسلاردىن كۆڭلىڭىز يېرىم بولغانمۇ؟ سىزدە ئەشۇ ئىنكاسلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يېزىقچىلىق ئەمەلىيىتىڭىز ھەققىدە ئويلىنىش بولغانمۇ؟ ھازىر بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب:«نازىنىن قىزلار» رومانى نەشردىن چىققاندىن كېيىن جەمئىيەتتە ھەقىقەتەن كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا بولدى. توردا بەس-مۇنازىرىلەر ئۈزۈلمىدى. ئىلمىي تەنقىدلەرمۇ، تىل-ھاقارەتلەرمۇ يېغىپ كەتتى. كۆڭلۈم خېلىلا يېرىم بولدى. ئەنە شۇ كۈنلەردە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدىكى ئابدۇراخمان ئەبەي ئاكا بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ قالدىم. ئابدۇراخمانكاممۇ توردىكى ئۇ ئىنكاسلارنى تەپسىلىي كۆرگەن ئىكەن،مەن شۇ كۈندىكى سۆھبەتنى تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇنتۇپ قالمىدىم،ئابدۇراخمانكامنىڭ سەمىمىي، كۆيۈمچانلىق بىلەن ئېيتقان سكزلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە. شۇ كۈنلۈك سۆھبەتتىن چىققاندىن كېيىن بىر يازغۇچىنىڭ رەزىللىكتىن كۆرە گۈزەللىكنى، چاكىنىلىقتىن كۆرە پاكلىقنى كۈچەپ يېزىشى كېرەكلىكىنى،گۈزەللىكنىڭ رەزىللىككە قارىغاندا ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. 2011-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتىدا تەكلىپ بىلەن لىكسىيە سۆزلىگەن ۋاقتىمدا ئاشۇ ئوت يۈرەك ياشلاردىن «نازىنىن قىزلار» رومانىمدا ئىنسان تەبىئىتىنى ئىپادىلەيمەن دەپ يازغان، چەكتىن ئېشىپ كەتكەن سۆز ۋە تەسۋىرلىرىم ئۈچۈن ئاشكارە ئەپۇ سورىدىم. بۈگۈن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ئوقۇرمەنلەردىن، «مىللەتلەر سەھپىسى»دىن پايدىلىنىپ ئەپۇ سورايمەن. يەنە شۇنىمۇ تەكىتلەپ قوياي: «نازىنىن قىزلار» رومانىنىڭ كېيىنكى نەشرى ئۈچۈن قايتىدىن تۈزىتىپ ئىشلەپ چىقتىم.
سۇئال: سىزنىڭچە، مەسئۇلىيەتچان بىر يازغۇچى ئۈچۈن يېزىقچىلىقتا ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپ ۋە ئىجادىيەت نىشانى زادى قانداق بولۇشى كېرەك؟
جاۋاب:مېنىڭچە مەسئۇلىيەتچان يازغۇچى ئۈچۈن ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپ نىشانى سەمىمىيلىك بولۇشى كېرەك. ئۆزىگە، ئىجادىيىتىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلالمىغان يازغۇچىدىن ئېسىل ئەسەر چىقىشى ناتايىن. مەنمۇ مۇشۇ نىشان ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارنىڭ بىرسى.
جاۋاب:
سۇئال: سىزنىڭچە، بۈگۈنكى كۈچلۈك رىقابەت ۋە ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتقان ئادەملەر ھاياتقا ۋە ۋاقىتقا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟ ھاياتنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش ھەممىدىن زۆرۈر؟
مېنىڭچە كۈچلۈك رىقابەت ئىچىدە ياشاۋاتقان ئادەملەر ھاياتقا قىزغىن، ۋاقىتقا خەسسلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ھاياتنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئۈمىدۋار ياشاش كېرەك. ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ھاياتتىن ئۈمىدسىزلىنىشىگە، يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلاردىن گۇمانلىنىشقا ھەققى يوق. مەن ھاياتنى قىزغىن سۆيىمەن، كەلگۈسى گۈزەل كېلەچەكتىن چەكسىز ئۈمىدۋارمەن.
سۇئال: ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ياكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىنلا جەمئىيەتكە بالدۇرلا قەدەم بېسىپ، ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ چىقىش يولىنى تېپىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقان ياش دوستلارغا دەيدىغان كۆڭول سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق بوپتىكەن.
جاۋاب:ھەر كىم بېشىغا كەلمىگۈچە بىلمەيدۇ.شۇڭا ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ياكى تولۇق ئوتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا جەمئىيەتكە باسقان، چىقىش يوللىرى، ئىستىقبالى ئۈستىدە غەم يەۋاتقان ئاشۇ ياشلارغا ئۇنداق قىلىش كېرەك، مۇنداق قىلىش كېرەك، دېيىشنى خالىمايمەن ھەم مۇنداق قىلىش سالاھىيىتىممۇ يوق. پەقەت ئۇلارغا گۈزەل ئىستىقبال، ئارزۇ-ئارمانلىرىغا مۇراد، ئىشلىرىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.
سۇئال: ياشلارنىڭ سەمىمىي ۋە سىرداش دوستى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ياش دوستلارغا، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا دەيدىغان قانداق كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز بار؟
جاۋاب: جەمئىيەتتىكى ياش دوستلارنىڭ ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىستودىنىتلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىمۇ، ھازىرقى پۇرسىتىنىمۇ، ۋاقىتنىمۇ قەدىرلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
سۇئال: مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ياش يازغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز ئەسەرلىرىڭىزنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ھەر ساھە ئوقۇرمەنلەرگە دەيدىغان قانداق كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز بار؟
جاۋاب:ئەسەرلىرىمنى سۆيۈپ ئوقۇغان ئوقۇرمەنلرىمگە رەھمەت ئېيتىمەن ھەمدە كىتابلىرىمنى سېتىۋالغان ئاشۇ ھالال پۇللىرىغا رازى بولسىكەن، دەيمەن.
سۇئال: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: مەن «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق دكلەت دەرىجىلىك ئۇنۋېرسال ژۇرنال. مەن بۇ ژۇرنالنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن. بۇ جەھەتتىن بۇ ژۇرنالنى مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق سىرداش دوستۇم دېسەممۇ بولىدۇ. بۇ ژۇرنالنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ساتېرا ژانىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىنى ھەقىقەتەن سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. بۇنى ژۇرنىلىڭلارنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقى دېيىشكە بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ژۇرنىلىڭلار مىللىتىمىزنىڭ ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى خەلقىمىزگە تونۇتۇشتا ھەقىقەتەن كۆزنەكلىك رول ئويناپ كەلدى. بۇ جەھەتتە سىلەر ھەقىقەتەن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردۈڭلار.
سۇئال: سىزنىڭچە، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنى تېخىمۇ ياخشى چىقىرىش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىمىز زۆرۈر؟ ژۇرنىلىمىزغا ۋە ژۇرنىلىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چىقىرىشقا قارىتا قانداق قىممەتلىك تەكلىپ  ۋە پىكىرلىرىڭىز بار؟
جاۋاب: بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يەنىلا ئەدەبىيات ھەققىدە گەپ قىلاي: بىرىنچىدىن: ژۇرنال ئەتراپىغا يۇقىرى ساپالىق، مەسئۇلىيەتچان ئاپتورلار قوشۇنىنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر. مەتبۇئاتتا نوقۇل ھالدىلا ياشانغانلارنىڭ، چوڭلارنىڭ ئەسەرلىرىنىلا ئېلان قىلىش دەيدىغان بەلگىلىمە يوق. بۇ جەھەتتە مەۋقەنى ياشلارنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش، ئۇلارغا يېتەرلىك سەھنە يارىتىپ بېرىشكە قارىتىپ، ئۇلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ژۇرنالنىڭ كېيىنكى تەرەققياتى ئۈچۈن ياش بىر تۈركۈم تايانچ ئاپتورلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. ئىككىنچىدىن: سەھىپىلەرنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىپ، ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بەزى ئۆلۈك، جانسىز سەھىپىلەرنى دادىل ئىسلاھ قىلىش كېرەك: مەسىلەن:«ھەزىل سوئالغا ھەزىل جاۋاب» سەھىپىسىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى تولىمۇ يېتەرسىز، سوئاللار جانسىز، جاۋابلار ئۆلۈك. بۇ جەھەتتە مۇشائىرە شەكلىدىكى سوئال جاۋاب ئېلىپ بېرىشنى يولغا قويسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن. ژۇرنال مۇقاۋىسىغا بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ نېمىسى، بۇ نېمىسى دېگەندەك شېئىرلار مېنىڭچە ئەمدى يېتەر. بۇ خىل شېئىرلارنى بىر قۇر يېزىلىپ بولدى دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەس. ئالاھىدە ياخشى يېزىلغانلىرىدىن باشقىلىرىنى بەرمىسىمۇ بولار. ئۈچىنچىدىن: ژۇرنالدىكى ماقالىلەرنىڭ ئىلمىيلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھېسسىي ماقالىلەردىن كۆرە ئىلمىيلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك، تارىخىي چىنلىقى يۇقىرى بولغان ماقالىلەرنى ئېلان قىىلىپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرسە، بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە چەتئەللەرنىڭ ئۇيغۇرلار تەتقىقاتىغا ئائىت ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرۇشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بەرسە، دېگەن ئۈمىدتىمەن. تۆتىنچىدىن، ژۇرنىلىڭلارنىڭ خاسلىقىنى يەنىمۇ جارىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەدەبىياتىمىزدىكى تۈرلۈك ژانىرلارنىڭ تەرەققىياتىغا تەكشى ئەھمىيەت بېرىشىنى، زىيادە كۆپ تەكرارلانغان، بەدئىيلىكى تۆۋەن، قۇرۇق پەندى-نەسىھەت تۈسىنى ئالغان ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشۈڭلارنى، ئەدەبىيات سەھىپسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ تېخىمۇ رەڭدار ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ ژۇرنالنى ھەر خىل سەۋىيە، ھەر خىل قىزىقىشتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىغان ھەقىقىي ئۇنۋېرسال ژۇرنالغا ئايلاندۇرۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بەشىنچىدىن: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېتەرلىك پەرۋىشكە، ئەھمىيەت بېرىشكە ئېرىشەلمەيۋاتقان مىكرو ھېكايە، شېئىرىي چۆچەك، نەسىرىي شېئىر، فېليەتۇنغا ئوخشاش ئەدەبىي ژانىرلارنى قوللاش ۋە ئېلان قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇ خىل ئاجىز ژانىرلارنىڭ راۋاجلىنىشىنى زېمىن ۋە پۇرسەت بىلەن تەمىن ئەتسەڭلار ژۇرنىلىڭلارنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن زۆرۈر ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. ئالتىنچىدىن:  ژۇرنىلىڭلارنىڭ «سەلتەنەت» تور بېتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەزمۇن ۋە ئۇچۇرلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يېڭىلاپ ۋە تورغا ئېلان قىلىپ ژۇرنىلىڭلارنى كۆرۈشكە شارائىتى يوق  ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ ژۇرنىلىڭلاردىن ھەر ۋاقىت  زوق ئېلىشىغا ئەھمىيەت بەرسەڭلار.
2013- يىلى 3- ئاي. ئۈرۈمچى - يەكەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-30 20:08  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-30 20:19:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغلان ئاغامنىڭ سۆھبەتلەردە ياسىماي پەردازلىماي سەمىمىي رەۋىشتە مۇڭدىشىشى مىنى دائىم سۆيۈندۈرىدۇ.بۇ سۆھبەتنى ئوقۇپ چوغلان ئاغام بىلەن مۇڭدىشىۋاتقاندەك بولۇپ قالدىم!رەھمەت ئەلتۇغ!

ۋاقتى: 2015-11-30 20:28:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆھبەت خاتىرىسىنى ئوقۇپ دىلىم سۆيۈندى. ئەلتۇغقا تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2015-11-30 21:08:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۇغقا يەنە بىر قېتىم تەشەككۇر

ۋاقتى: 2015-11-30 21:37:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى يورۇتقۇچىغا رەھمەت.چوغلان ئەپەندىم بىلەن مۇھەممەدسالىھ مەترۇزىغا سالامەتلىك يار بولغاي.

ۋاقتى: 2015-12-1 00:48:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى  بەكلا كىچىكىپ كۈرۈپتىمەن،قايتا-قايتا ئوقۇشقا  خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كەتتى.نۇرغۇن  بىلىم ئىگىلىدىم. مەن «جاللات خېنىم» قىسىم روماننى ئالتە كۈندە كېچە -كۈندۈز ئۇخلىماي ئوقۇپ تۈگەتكەنتىم،كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپتۇ،ئاجايىپ كۆپ ئىزدىنىپتۇ،بەك تەسىرلەنگەنتىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايشەم1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-1 00:49  


ۋاقتى: 2015-12-1 12:19:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان ئاكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىغا يەنىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئېچىلمىغان  تارىخى تىمىلارنى كۆپرەك يۇرۇتۇپ بىرىشىنى ئۆمىت  قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-12-1 17:42:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچىدىن: ژۇرنال ئەتراپىغا يۇقىرى ساپالىق، مەسئۇلىيەتچان ئاپتورلار قوشۇنىنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر. مەتبۇئاتتا نوقۇل ھالدىلا ياشانغانلارنىڭ، چوڭلارنىڭ ئەسەرلىرىنىلا ئېلان قىلىش دەيدىغان بەلگىلىمە يوق. بۇ جەھەتتە مەۋقەنى ياشلارنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش، ئۇلارغا يېتەرلىك سەھنە يارىتىپ بېرىشكە قارىتىپ، ئۇلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ژۇرنالنىڭ كېيىنكى تەرەققياتى ئۈچۈن ياش بىر تۈركۈم تايانچ ئاپتورلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. ئىككىنچىدىن: سەھىپىلەرنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىپ، ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بەزى ئۆلۈك، جانسىز سەھىپىلەرنى دادىل ئىسلاھ قىلىش كېرەك: مەسىلەن:«ھەزىل سوئالغا ھەزىل جاۋاب» سەھىپىسىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى تولىمۇ يېتەرسىز، سوئاللار جانسىز، جاۋابلار ئۆلۈك. بۇ جەھەتتە مۇشائىرە شەكلىدىكى سوئال جاۋاب ئېلىپ بېرىشنى يولغا قويسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن. ژۇرنال مۇقاۋىسىغا بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ نېمىسى، بۇ نېمىسى دېگەندەك شېئىرلار مېنىڭچە ئەمدى يېتەر. بۇ خىل شېئىرلارنى بىر قۇر يېزىلىپ بولدى دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەس. ئالاھىدە ياخشى يېزىلغانلىرىدىن باشقىلىرىنى بەرمىسىمۇ بولار. ئۈچىنچىدىن: ژۇرنالدىكى ماقالىلەرنىڭ ئىلمىيلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھېسسىي ماقالىلەردىن كۆرە ئىلمىيلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك، تارىخىي چىنلىقى يۇقىرى بولغان ماقالىلەرنى ئېلان قىىلىپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرسە، بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە چەتئەللەرنىڭ ئۇيغۇرلار تەتقىقاتىغا ئائىت ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرۇشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بەرسە، دېگەن ئۈمىدتىمەن. تۆتىنچىدىن، ژۇرنىلىڭلارنىڭ خاسلىقىنى يەنىمۇ جارىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەدەبىياتىمىزدىكى تۈرلۈك ژانىرلارنىڭ تەرەققىياتىغا تەكشى ئەھمىيەت بېرىشىنى، زىيادە كۆپ تەكرارلانغان، بەدئىيلىكى تۆۋەن، قۇرۇق پەندى-نەسىھەت تۈسىنى ئالغان ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشۈڭلارنى، ئەدەبىيات سەھىپسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ تېخىمۇ رەڭدار ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ ژۇرنالنى ھەر خىل سەۋىيە، ھەر خىل قىزىقىشتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىغان ھەقىقىي ئۇنۋېرسال ژۇرنالغا ئايلاندۇرۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بەشىنچىدىن: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېتەرلىك پەرۋىشكە، ئەھمىيەت بېرىشكە ئېرىشەلمەيۋاتقان مىكرو ھېكايە، شېئىرىي چۆچەك، نەسىرىي شېئىر، فېليەتۇنغا ئوخشاش ئەدەبىي ژانىرلارنى قوللاش ۋە ئېلان قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇ خىل ئاجىز ژانىرلارنىڭ راۋاجلىنىشىنى زېمىن ۋە پۇرسەت بىلەن تەمىن ئەتسەڭلار ژۇرنىلىڭلارنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن زۆرۈر ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. ئالتىنچىدىن:  ژۇرنىلىڭلارنىڭ «سەلتەنەت» تور بېتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەزمۇن ۋە ئۇچۇرلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يېڭىلاپ ۋە تورغا ئېلان قىلىپ ژۇرنىلىڭلارنى كۆرۈشكە شارائىتى يوق  ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ ژۇرنىلىڭلاردىن ھەر ۋاقىت  زوق ئېلىشىغا ئەھمىيەت بەرسەڭلار.........

يۇقارقى تەكلىپ-پىكىرلەرنى«جۇڭگو مىللەتلىرى»ژۇرنىلىدىكى ئۇستازلار بەكرەك قوبۇل قىلسا،مېنىڭچە ژۇرنالدا كۆپلىگەن ياخشىلىنىشلار بارلىققا كېلىپ، ئەدەبىيات بەتلىرىنىڭ رەڭدارلىقى يەنىمۇ ئاشقان بولاتتى....
ھېلىمۇ خېلى ئۆزگىرىش ياساۋاتىدۇ بۇ ژۇرنال. لېكىن يەنىلا  يۇقارقى تەكلىپلەردىن سەل يىراق...

ۋاقتى: 2015-12-1 21:28:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م.توختى سەببەت يوللىغان ۋاقتى  2015-12-1 17:42
بىرىنچىدىن: ژۇرنال ئەتراپىغا يۇقىرى ساپالىق، مەسئۇلىي ...

ئۇستاز مۇھەممەت سالى مەت روزى ئەپەندىم ،مېنىڭچە يۇقۇرقى تەكلىپ بەكلا جايىدا بولۇپتۇ.
قوشۇمچە تەكلىپ،بىرى بۇجورنال نوقۇل  ھىسسىي ماقالىلەرنى برىشتىن ئەقلىي ماقالىلەرنى بېرىشكە يۈزلەنسە بەك ياخشى بولىدۇ.ئىككىنچىدىن مىللىيلىك دەۋىر روھى دېگەنلەرنى  چۆرۈدەپ ماقالە ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن كۆپخىللىق ۋە جانلىغلىققا تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلسە دەيمەن.

ۋاقتى: 2015-12-1 21:45:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     زامانىمىزدىكى پىداكار، پەخىرلىك يازغۇچىمىز ياسىنجان  سادىق چوغلاننىڭ  مىننەتسىز ،جاپالىق ئەجىرىگە تەشەككۈر !  بۇ يىل نويابىردا،  قارامايدا  داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزالىق
كىتاب سېتىش- تارقىتىش مۇراسىمىغا كېلەلمىگەنلىكىدىن [ ئالدىراشلىق تۈپەيلىدىن ] تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇق.
بىز بىلەن خوشلىشىۋاتقان ‹‹ كىتاب يىلىمىز ›› نىڭ كەچكۈز  دەملىرىدە، ئەمدىلا خەت ساۋادى چىققان
سەبىيلەردىن تارتىپ، يۇقىرى گىرادۇسلۇق  ئەينەك تاقايدىغان بوۋاي-مومايلارغېچە، ئالدى 20- 30 مىڭ
يۇەنلىك [ ئىدارە- جەمئىيەت ئۈچۈن ]، كەينى نەچچە يۈز يۇەنلىك كىتاب سېتىۋېلىشتى. يازغۇچىلاردىن-
پەرھات جىلان ، ئابدۇۋەلى ئەلى، جالالىدىن بەھرام ،  ياسىنجان سادىق چوغلان [ ئورنىغا ساجىدە
سۇلايمان خانىم كەلدى ] لارنىڭ تەرجىمىھاللىق تەشۋىقات  سۈرەتلىرى ئوقۇرمەن ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىززىق
نۇقتىسىغا ئايلاندى.نەچچە كۈنلىك كىتاب تارقىىتىش-سېتىش پائالىيىتىدە ئاپتۇرلار تولا ئىمزا قويۇپ قوللىرىمۇ كۈيىشىپ كەتتى. ‹‹ تاللا بازارلاردا ھارىۋىلارغا  مال قاچىلاپ سېتىۋالغاننى كۆرگەن، ئەمما ،
كىتابلارنى ھارىۋىلارغا دۆۋىلەپ سېتىۋالغاننى كۆرمىگەن ›› - ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندىنىڭ مۇشۇ سۆزىدىن، قانچىلىلىك ئادەمنىڭ ، قانچىلىك كىتاب سېتىۋالغانلىقىنى ھېس قىلىش مۈمكىن. بۇ  نەچچە كۈنلىك پائالىيەتتە، بۇ  كىچىك-چاققان شەھەرنىڭ كىتابخانا رامكىلىرى خېلىلا بوشاپ قالدى. ھەتتا،
ياسىنجان سادىق چوغلان ھەم ئىمزا قويىۋاتقان يازغۇچىلارنىڭ بەزى كىتابلىرى 0991 دىن تېز يوللانما بىلەن تولۇقلاندى. نەق مەيداندىكى لەرزان چېلىنىۋاتقان ناغرا-سۇنايلارنىڭ ساداسىدىن [ كىتابخانا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ] شەھەر ‹‹ ئۆلىمالىرى ›› ، ئاخبارات تاراتقۇلىرى، مۇخبىرلار  ۋە مىڭلىغان ئامما
ئۈچۈن، بايرامسىز ئايدىكى ‹‹ بايرام ›› بولغانىدى. خەيرىلىك كۈزدىكى  بۇ ‹‹ تېرىم ›› - كېلەر يىلى
باش ئەتىيازدىن باشلاپ ، كۈرمىڭ قەلبلەردە مول-ھۇسۇل بەرگۈسى !.....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش