پو ئېتىش
-بىزنىڭ بۇ يەردە قىشتا بەك سوغۇق بولىدۇ.ئەگەر ئىنەكنىڭ قوسىقىغا مەش قويوپ قويولمىسا، ئەمچىكىدىن مارۇژنى چىقىدۇ.
-ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ!بىزنىڭ يۇرتتا ياز كۇنى بەك ئىسسىق بولىدۇ.شۇڭا مىكىيانلار پىششىق تۇخۇم كاكىلاپ قويمىسۇن دەپ،مىكىيانلارنى شامالدۇرغۇچ بىلەن سەگىتىپ تۇرىمىز.
سوۋغا
ئا؛ -كىلىنىڭىز تۈنۈگۈن بازاردا چوڭ سومكىدىن بىرنى بەرگەن ئىدى،سومكىنىڭ ئىچىدە نىمىلەر باركەن؟
ب؛ -يۇيۇدىغان كىر كىيىملەر بولماي نىمىلەر بولاتتى!
مۇھاكىمە
ئۈچ كىشى ئىقتىساد قىلىش ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشۈپتۇ.ئارىدىن بىرسى؛
-مىنىڭچە سىيانى ئىقتىساد قىلىش ئۈچۈن خەتنى كىچىك يېزىش كىرەك،-دەپتۇ.بۇنى ئاڭلىغان ئىككىنجى بىر كىشى؛
-دادامنىڭ بىر دوستى بار، ئۇ،سائەت ئۇپراپ كەتمىسۇن دەپ كىچىسى توختۇتۇپ قويىدۇ. بۇمۇ بىر خىل ئىقتىسادچانلىق؛-دەپتۇ.
-سىلەرنىڭ دىگىنىڭلار نىڭ ھەممىسى ھېچقانچە ئىش ئەمەسكەن. بىزنىڭ ئىشخانىنىڭ مۇدىرى كۆزىنى ئىقتىساد قىلىش ئۈچۈن،پەقەت گىزىت كۆرمەيدۇ؛-دەپتۇ ئۈچىنجىسى.
باشلىقنىڭ سەۋىيسى
-باشلىق،ئىختىسادى توختام قانۇنى توغرىسىدا ئېلىنغان ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسى باھالىنىپ بولدى ئىلان چىقارساق بولدرمۇ؟
-مىنىڭ ئىمتىھان نۇمۇرۇم قانچىكەن؟
-سىز ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەپسىز.
باشلىق بىر پەس خىيال سۈرگەندىن كىيىن،غەزەپلەنگەن ھالدا مۇنداق دىدى؛
-بۇ نىمە ئىش!دەرھال بېرىپ باھالاش گوروپپىسىغا ئېيتىڭ.مىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىمنى كاتىپ يېزىپ بەرگەن.ئۇ مىنىڭ سەۋىيەمگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
يول سوراش
بىر بالا ساقچىدىن سوراپتۇ؛-مۇشۇ كوچىنى بويلاپ ماڭسام ئۆيۈمگە بارغىلى بولامدۇ؟
ساقچى؛-سىنىڭ ئۆيۈڭ قەيەردە؟
بالا؛-ئەگەر مەن ئۆيۈمنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلسەم سىنىڭدىن سوراپ نىمە قىلىمەن!
1
-سىز تاماكىنى بۇرۇندىن تارتىپ چىكەمتىڭىز؟
-ياق، ئېغىزدىن تارتىپ چىكەتتىم.
2
-ئاداش سەن قايسى دەرسلەرنى قىزىقىپ ئۈگۈنىسەن؟
-جىق دەرسلەرنى قىزىقىپ ئۈگۈنىمەن،بىراق جۇغراپىيە،
گىئومىتىرىيە،خىمىيە دىسە بېشىم ئاغرىيدۇ.
-ئاش يە دىسىچو؟
3
-ھەي ئاچا ماۋۇ قېتىقنى سىلەسېتىۋاتاملا؟
-ھەئە، مىنىڭكى كەلسىلە،
-سىلىنىڭما؟
-ھەئە، بىر تاۋاق ئىچىپ قويسىلا.
- سىيىرنىڭ بولسا ئىچەتتىم، كەچۈرسىلە.
4
-دوستۇم سەرەڭگەڭنى تاشلىغىنا، شامنى يېقىۋىتەي.
-ئالە!
-نەگە تاشلىدىڭ، تاپالمايۋاتىمەنغۇ؟
-بىر تال ياندۇرۇپ ئىزدە.
5
-قانداق ئاغىينە سەھرادا خىزمەت قىلماق ئاسانمىكەن؟
-ياق،شەھەرگە يېنىپ كىلەيمىكىن دەيمەن،سىنىڭچە قانداق؟
- يولۇڭ بارمۇ؟
-بار،شەھەرگە كەلگۈچە ئون كىلومىتىر يولۇم بار.
6
-ھەي ئاغىينە، شۇنچە تىز كىلىۋاتقان ماشىنىنىڭ ئالدىغا يۈگرەيسەنغۇ؟
دەسسىۋەتسە ئۆلەتتىڭ جۇما!
-ماشىنىنىڭ ئالدىدىكى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى دىگەن خەتنى كۆرمىدىڭمۇ؟
7
-ھەر كۈنى ئۆيگە خام پىۋە ئىچىۋىلىپ كىردىكەنسەن،سېسىق پۇرتۇپ
-ئەمىسە ئەتىدىن باشلاپ پۇشۇرۇپ بەرگىن.
8
-تۇتۇق شىئېرنى قانداق يازىدۇ؟
-ئالدى بىلەن ئوچوق يېزىۋىلىپ، ئاندىن ئۆچۈرگۈچتە ئۆچۈرۈدۇ،
-ئۇنداقتا شەكلىمۇ،مەزمۇنىمۇ تۇتۇق بولۇپ قالمامدۇ؟
-شۇڭا ئۇ شېىئىرنى مىكروسكوپتا كۆرۈپ ئوقۇيدۇ.
ئۆزىدىن سوراڭ