يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1552|ئىنكاس: 57

ئەرتېكىن: پاتىمەنىڭ كۆينىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-30 11:22:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
پاتىمەنىڭ كۆينىكى
ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن


پاتىمەنىڭ كۆينىكى،
يەتمىش يەردە يامىقى.
كېيەي دىسە كۆينەك يوق،
كەيمەي كەتكەن پاتىمە.
پاتىمەنىڭ كېيگىنى،
ئانىسىنىڭ كېپىنى.
كېپەن بولسا بولمامدۇ،
نېمە ئۇنىڭ يىگىنى؟!
پاتىمە، ھۇي، قېنى سەن؟
ئۆلدۈڭمۇ يا بارمۇ سەن؟
يېڭى كۆينەك تېپ قويدۇم،
ساندۇقۇڭغا سېپ قويدۇم.
سېغىنشلىق خەت يېزىپ،
ئۇيۇقچاڭغا ئېپ قويدۇم.
پاتىمە، ھۇي... پاتىمە،
قۇيرۇقىڭنى تارتىمە...


(ئاپتۇر - ئونسۇ ناھىيەلىك پارتىيە مەكتەپتە)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-30 11:29  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-30 15:27:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجبا،«پاتىمەنىڭ كۆينىكى »دىكى يېڭىلىق «تېپ»،«سېپ»،«ئېپ» مۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-30 16:26:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2015-11-30 15:27
ئەجبا،«پاتىمەنىڭ كۆينىكى »دىكى يېڭىلىق «تېپ»،«سېپ»،« ...


يېڭىلىقنى ھىس قىلالمىسىڭىزمۇ، يېتەرسىزلىكنى ھىس قىلىپسىز. رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-30 16:27  


ۋاقتى: 2015-11-30 16:55:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇنىڭدا يېڭىلىق باردەك ھېس قىلمىدىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-30 18:15:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablipiz idiris يوللىغان ۋاقتى  2015-11-30 16:55
مەن بۇنىڭدا يېڭىلىق باردەك ھېس قىلمىدىم.

ھىس قىلماقچى بولغىنىڭىز قانداق يېڭىلىق بولغىيدى ئىنىم؟

ۋاقتى: 2015-11-30 19:28:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كىچىك چاغلىرىمدا «پاتىمەنىڭ كۆينەكى» ناملىق ناخشىنى ئۈنئالغۇ لىنتىسىدىن ئاڭلىغانتىم... ئاشۇ ناخشىنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنىمۇ قوشۇپ يوللىغان بولسىڭىز تېخىمۇ ھۇزۇرلىناتتۇق ئاھاڭىدىن....

ۋاقتى: 2015-11-30 20:34:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موشۇمۇ شصظر بولدىمۇ.بۇ بىر تېتىقسىز شېظر بوپتۇ.مۇھەرىرلەر نىمە قىلىۋاتىسىلەر.شېظىرنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرىدىغان موشۇنداق يازمىنىمۇ تەستىقلەمسىلەر...ھەممىمىز شېظرغا مەسۇليەتجان بولايلى...  ظاپتۇرنىڭمۇ موشۇنداق قاملاشمىغان تىمىلارنى يوللىماسلىقىنى سەمەمى ظۈمىد قىلىمەن.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەدىھەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-3 14:22  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-1 11:57:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىھەم يوللىغان ۋاقتى  2015-11-30 20:34
موشۇمۇ شېىر بولدىمۇ.بۇ بىر تېتىقسىز شېىر بوپتۇ.مۇھەرىر ...


    مۆھتەرەم ئەدھەم ئەپەندى، بۇ تېمىدا شېئىر يازغانلار دەرھەقىقەت پەقەت مەنلا ئەمەس، جۈملىدىن، مەنمۇ بۇنىڭدىن كۆپ يىللار مۇقەددەم بۇ تېمىدا يېزىلغان ئىككى پارچە شېئىرنى ئوقۇغان ئىدىم. شۇڭا، بۇ تېما ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىمىز ئارقىلىق ئەسىردىن-ئەسىرگە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چوڭقۇر مەنىگە ۋە سېمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىگە ئۆلمەس تېما بولغانلىقى ۋەجىدىن مەنمۇ بىر قەلەم تەۋرىتىپ بېقىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ مۇشۇ تىلى، ۋە قۇرۇلمىسى ئاددىي شېئىرىمنى يازغان ئىدىم. گەرچە، ئۆزەمچە مەلۇم مەنىلەرنى ئىپادە قىلدىم دەپ قارىغان بولساممۇ، ئېنكاسلاردىن قارىغاندا ھەقىقەتەن ياخشى يازالمىغاندەكمۇ قىلىمەن. بۇ جەھەتتىكى ئۆزەمگىمۇ «ھەي، مۇشۇ يېرى تازا...» دېيىلىپ قالغان نوقساننى داڭگال بۇرادىرىمىزمۇ كۆرۈپ يېتىپتۇ. (ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكا قائىدىسى بويىچە قارىغاندا بەلكىم نوقسان بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئېنكاسىمدا مەن ئۇنى قىزىل رەڭ بىلەن بوياپ قويدۇم، مۇنبەرداشلار ئاشۇ قىزىل رەڭنى قوشۇپ ۋە ئېلىۋىتىپ ئوقۇپ باققاي. بۇ جەھەتتە يەنىمۇ ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن)
  ئەمدى سىلى يازغان ئېنكاسقا كەلسەك، مۇھەررىرلەرگە ۋە ماڭا شالىلىرىنى چېچىپ بىر مۇنچە قايناپ كېتىپتىلا. بۇنىڭدىن، ھەرەج تارتىپ مۇشۇ ئەرزىمەس «يازما» منى يېزىپ ۋە تورغا يوللاپ، ئۆزلىرىدەك پاساھەتلىك شېئىرلارنى ئۈزۈلدۈرمەي يېزىپ دىققىتىمىزگە سونۇپ تۇرۇۋاتقان ھۆرمەت ساھىبىنىڭ بىر جۈپ مۇبارەك كۆزىنى ئاۋارە قىلىپ يۈرگىنىمدىن تولىمۇ خىجىللىق ھىس قىلدىم. ماقۇل، ئەمدى «شېئىرنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرمەسلىك» كە تىرىشاي. كەچۈرگەيلا!
  ئاخىردا دەيدىغىنم، مۇمكىن بولسا، ئۆزلىرىمۇ شېئىرغا مەسئۇل بولۇش داۋرىڭىنى سېلىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇرچە خەتنى قانداق يېزىۋاتقانلىقلىرىغا مەسئۇل بولۇشنى ئەسلىرىدىن چىقارمىغايلا. شېئىر يازمىساق يازمايلىكى، ئۆز خېتىمىزنى چوقۇم توغرا يېزىشنى ئۆگىنەيلى!

                                ھۆرمەت بىلەن: كەمىنىلىرى ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىندىن
                                         مىلادى 2015-يىلى كۆنەك ئېيىنىڭ 1-كۈنى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-1 12:35  


ۋاقتى: 2015-12-1 12:34:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاتىمەنىڭ كۆينىكى،
يەتمىش يەردە يامىقى.
كېيەي دىسە كۆينەك يوق،
كەيمەي كەتكەن پاتىمە.
پاتىمەنىڭ كېيگىنى،
ئانىسىنىڭ كېپىنى.
كېپەن بولسا بولمامدۇ،
نېمە ئۇنىڭ يىگىنى؟!
پاتىمە، ھۇي، قېنى سەن؟
ئۆلدۈڭمۇ يا بارمۇ سەن؟
يېڭى كۆينەك تېپ قويدۇم،
ساندۇقۇڭغا سېپ قويدۇم.
سېغىنشلىق خەت يېزىپ،
ئۇيۇقچاڭغا ئېپ قويدۇم.
پاتىمە، ھۇي... پاتىمە،
قۇيرۇقىڭنى تارتىمە...



تىما ياخشى تاللانغان، پىكىرنى يۇرۇتۇپ بىرىش جەھەتتە
پاتىمەنىڭ كېيگىنى،
ئانىسىنىڭ كېپىنى.
كېپەن بولسا بولمامدۇ،
نېمە ئۇنىڭ يىگىنى؟
مۇشۇ مىسرا تازا كەلمەي قويغان.

پاتىمە، ھۇي، قېنى سەن؟
ئۆلدۈڭمۇ يا بارمۇ سەن؟
يېڭى كۆينەك تېپ قويدۇم،
ساندۇقۇڭغا سېپ قويدۇم.
سېغىنشلىق خەت يېزىپ،
ئۇيۇقچاڭغا ئېپ قويدۇم.
پاتىمە، ھۇي... پاتىمە،
قۇيرۇقىڭنى تارتىمە...

بۇ مىسرالار ھەر ھالدا بولىدۇ، ئىزدىنىشڭىز ئۈزۈلمىسۇن، ئىشقىلىپ بۇ شېئىردىمۇ بىرخىل گۈزەللىك بار. ئارتۇق پىكىردە بولغان بولسام ئەپۇ قىلغايسىز- ھە، ئەرتىكىن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-1 13:05:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روزى2 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-1 12:34
پاتىمەنىڭ كۆينىكى،
يەتمىش يەردە يامىقى.
كېيەي دىسە كۆي ...


   ياقەي، تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن پىكىر قىلىۋاتسىڭىز خاپا بولامتىم؟ مەن ئەپۇ قىلىپ-قىلمىغۇدەك ئىش يوق ئاكا، مېنىڭ تۈرگۈنلۈكىمنى كەچۈرگىنىڭىزدىن تېخى مەن خۇش بولدۇم ھازىر.
   بۇ شېئىرنى مەن ھەقىقەتەن ئىنتايىن ياخشى چىقىپ كەتتى دەپ قارىمايمەن، بىراق، ئانچە ناچار يېزىپ قويدۇم دەپمۇ قارىمايمەن. نېمىشقا؟ چۈنكى، ئۇنداق دەپ قارىغان بولسام قەلەمگە ئالمايلا قوياتتىم ھەم شۇ ھامان كاللامدىن چىقىرىپ تاشلىغان بولاتتىم. ئۇ چاغدا ئەلۋەتتە مۇھەررىرلەرمۇ تەستىقلاپ مۇنبەر يۈزىدىنمۇ ئۇرۇن ئالمىغان بولاتتى.
   دەرۋەقە، شېئىرنى مەن يازدىم، يەنە كېلىپ ئۆزەمنىڭ ھېس قىلغانلىرىم ۋە ئويلىغانلىرىمنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يازدىم. (ئادەتتە كۆپ ساندىكى شېئىرلار شۇنداق يېزىلدۇ) شۇڭىلاشقا، ئوقۇرمەنلەرگە بېرىدىغان ئىستىتىك لەززىتى، ئىجىتمائى قىممىتى، بەدىئىي ئالاھىدىلىكى ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ شېئىرىمنى ئوقۇغاندىكى ھىس-ھاياجىنمۇ، تەسىراتىمۇ ئەلۋەتتە مېنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ھەر كىمنىڭ ھەر نېمە دېيشى ئېنىق. شۇڭا مەن ئۈچۈن ئارتۇقچە كايىش بىھاجەت (پەقەت سەمىمىي بولسىلا)
   ئېنكاسىڭىزغا كەلسەك، ئاشۇ سىز «كەلمەي قويغان» دەپ قارىغان مىسرالار، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى مىسرا ۋە كېيىنكى «تېپ، سېپ، ئېپ» پېئىللىرى ئىشلىتىلگەن مىسرالار ئەمەلىيەتتە مېنىڭ نەزىرىمدە نەق شېئىرنىڭ ئۆزى ئىدى. باشقىلىرى شېئىرنىڭ قۇرۇلما ئېھتىياجى ۋە رېتىمدارلىقى ۋەجىدىن مەيدانغا كەلگەن مىسرالار ئىدى. خەير، شېئىر مېنىڭ ئىلكىمدىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى. ئەمدى مېنىڭ بىرمۇ-بىر چۈشەندۈرۈش ھوقۇممۇ يوق (بۇ ھەم مۇمكىن ئەمەس) ھەر جايدا بولساق ئامان بولغايمىز ئاكا، كىبىردىن، مەنمەنلىكتىن، كەمسىتىشتىن خالىي ھالدا دائىم مۇشۇنداق پىكىرلىشىپ تۇرغايمىز، سالامەت بولۇڭ!
   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-1 13:15  


ۋاقتى: 2015-12-1 13:21:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   سىزگە دوستانە ھالدا قول سۇنىمەن، ئەرتىكىن .  بىز ھامان بىر يولدىكى ھەمراھلار. كىبىر ، تەمەننا بىزنى ھەرگىز  كۆكلەتمەيدۇ  سىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجاد سەپىرىڭىزگە يەنىمۇ زور ئۇتۇقلارنى  تىلەيمەن. ئامان بۇلۇڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   روزى2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-1 13:35  


ۋاقتى: 2015-12-1 13:29:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىھەم يوللىغان ۋاقتى  2015-11-30 20:34
موشۇمۇ شېىر بولدىمۇ.بۇ بىر تېتىقسىز شېىر بوپتۇ.مۇھەرىر ...

    ئۈچ قۇرلۇق ئىنكاسىڭىزنىڭ  ئون ئۈچ يېرىدە ئىملا خاتالىقى بارىكەن ، ئالدىرىماي كۆرۈپ باقارسىز .

ۋاقتى: 2015-12-1 14:37:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بو شېئىرنىڭ تىمىسى ھەممىمىز ياقتۇرىدىغان ، ھەممىمىزگە تۇنوش چىرايلىق تىما
ئىنىمىز ئەرتېكىننىڭ كۆزى باركەن ، شېئىرنى قانداق يېزىشقا كەلسەك ھەركىمنىڭ يېزىش ئۇسولى ، ئىپادىلەش شەكلى ئوخشاش بولمايدو ، قىزىل گۈل قىزىل ئېچىلسا ، سەبدە گۈل سېرىق ئېچىلىدو ، سەنەۋەر تۇرسۇن بىلەن ئايشىگۈلنىڭ ئاۋازىمو بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان بىلەن بىزگە شۇنداق يېقىشلىق ،شۇنداق راھەت تۇيىلىدىغو ؟!
نىمىلىكىم بولسا بىر -بىرىمىزنى قوللايلى ، رىغبەتلەندۇرەيلى !!! ھەممەڭلاردىن ئۆتىنىدىغىنىم  :دىل ئازاردىن خۇدا بىزار .شائىر ، شېئىر  يارىمسا ئوقۇمىساڭلا بولىۋېرىدو ؟!

ۋاقتى: 2015-12-1 14:46:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرۋەقە، شېئىرنى مەن يازدىم، يەنە كېلىپ ئۆزەمنىڭ ھېس قىلغانلىرىم ۋە ئويلىغانلىرىمنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يازدىم-  بۇ سىزنىڭ خېتىڭىز.لىكىن بۇ ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى تامامەن سىز بولالمايسىز.چۈنكى ئاز بولغاندا 6 مىسرا (باشتىكى 4 مىسرا،ئاخىرقى 2 مىسرا)سىزنىڭ ئەمەس.بۇنى ھەتتا سىز تىرناق ئىچىگىمۇ ئالماپسىز.«پاتىمەنىڭ كۆينىكى» ناملىق خەلىق قوشىقىنى سىز ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟ سىز زورلاپ قېتىۋالغان
پاتىمەنىڭ كېيگىنى،
ئانىسىنىڭ كېپىنى.
كېپەن بولسا بولمامدۇ،
نېمە ئۇنىڭ يىگىنى؟!
پاتىمە، ھۇي، قېنى سەن؟
ئۆلدۈڭمۇ يا بارمۇ سەن؟
دىگەن مىسرالار بۇ ئەسەرنى سىزنىڭچە گۈزەل قېلىۋەتكەن ئوخشىمامدۇ؟ شئېر يازىلى ئەمما ھەر جەھەتتىن ئويلۇشۇپ يازىلى.ئەسلى مەنبەنى چۈشۈنۈپ ئۇنۇڭ ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى چىڭ تۇتۇپ باشقىلار ئىنكار قىلالمىغۇدەك (قۇسۇر تاپالمىغۇدەك) رەۋىشتە يازىلى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +10 يىغىش سەۋەبى
نۇردۇنى + 10 ناھايىتى جانلىق، ياخش.

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-1 16:09:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىرەم يوللىغان ۋاقتى  2015-12-1 14:46
دەرۋەقە، شېئىرنى مەن يازدىم، يەنە كېلىپ ئۆزەمنىڭ ھېس  ...


   خانىم، ئاۋۇ سۈرەتلىرىگە قارىسام مۆتىۋەر ئىكەنلا، شۇڭا مەندىن تەخسىرات كەتمىسۇن دەپمۇ قالغان ئىدىم. بىراق ئويلاپ باقسام، سۆزلىرىگە لايىق ئىككى ئېغىز سۆز قىلمىسام كۆڭۈللىرى يېرىم بولۇپ قالغۇدەك. ئىجازەت بەرگەيلا!؟
   مەن كۈندە دېگۈدەك مۇنبەر ئارىلاپ تۇرىمەن، شۇڭا ئەلۋەتتە سىلىنىڭ ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك، تام تۈۋىدىن ھۇشۇر تاز قوپقاندەك (كۆپچىلىككە بېرىدىغان تەسىرى يۈزىسىدىن بۇ ئېدىئومىمىزنى سەل سىلغايتىپ ئالدىم) قىتىغۇر، ھەسەتكە لىق تولغان ئېنكاسلىرىنىمۇ پات-پاتلا ئۇچرىتىپ قالىمەن، لېكىن، بىر پارچىمۇ تېتىملىق (ھەتتا بەتتام) ئەسەرلىرىنى ئۇچراتمايمەن. شۇڭىلاشقا ھەر دائىم «شۇنچە ياشقا قانداقمۇ كېرەلىگەندۇ بۇ خوتۇن؟!» دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. (يۇشۇرۇپ يۈرمىدىم) ئەمەلىيەتتىغۇ ئەسەر يازماقتىن ئېنكاس يازماق ھەقىقەتەن ئاسان. بولۇپمۇ سىلىدەك تورلىشىپ كەتكەن كۆزىنى مۈشۈكتەك بىر يۇمۇپلا بىر نېمىلەرنى جۆيلۈمەك تېخىمۇ ئاسان!
   ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، سىلى يۇقارقى پىتنىلىرىدە «بۇ ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى تامامەن سىز بولالمايسىز» دېگەن بىر گەپنى قىپتىلا. دەرۋەقە، مەن ئېيتىپ ئۆتكەندەك بۇ بىر ئۆلمەس تېما. شۇڭىلاشقا مەن بۇ تېمىدا شېئىر يازغان تۈنجى كىشىمۇ ئەمەس، شۇنداقلا كۆچۈرمىكەش ياكى سىلىگە ئوخشاش سېپى ئۆزىدىن ساپساپچىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلى يەنە دېگىلى ھىچ گەپ تاپالمىغاندەك «ئالتە مىسرا (ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىمىز بويىچە، بىردىن ئونغىچە بولغان سانلار جۈملە ئىچىدە كەلگەندە خەتچىلەپ يېزىلىدۇ، بىلىپ قالغايلا) سىزنىڭ ئەمەس، باشقىسىنى زورلاپ قېتىۋاپسىز، سىز ئۇ قوشاقنى ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟» دەپتىلا. ئويلاپ باقسىلا، بۇ دېگەنلىرى تولىمۇ كۈلكىلىك ئەمەسمۇ؟ مەن سىلى ئاڭلىغان ئۇ قوشاقنى ئاڭلاپ باقمىغان بولسام بۇ تېما قانداق بولۇپ كاللامغا كېلىدۇ؟ ئۇنى قانداقمۇ شېئىر قىلىپ يېزىپ چىقالايمەن؟ سىلىچە ئۇ ئالتە مىسرانىڭ ھەممىسى راستىنلا ئاشۇ قوشاقتا بار ئىكەندە؟! (مەنغۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا ئۈستىدىكى ئۈچ مىسرانىڭلا بارلىقىنى بىلەتتىم) يەنە كېلىپ، ئۇنىڭغا بىرمۇ سۆز، مىسرا قوشماي، شۇ پېتىچىلا كۆچۈرۈپ قويسام بولىدىكەندە؟! بىلىپ قالغايلا، ئۇيغۇر فولكىلورىمىزنىڭ ئۆزى بىباھا بايلىق، بىزنىڭ ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، بېيىتىش مەجىبۇرىيىتىمىز باركى، ئاسىيلىق قىلىش ھوقۇقىمىز يوق! (ھىچ ئىش قىلالمىغاندىمۇ، سىلىگە ئوخشاش ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىپ يۈرگىچە كۆچۈرۈپ ئەينى پېتىچە يەتكۈزسەكمۇ شەرەپ ئىش)
   ئەمدى، گۈزەل بولۇش-بولماسلىققا كەلسەك، مەنچە ھەقىقەتەن گۈزەل بولدى، شۇڭا مۇنبەر يۈزىگە سۇندۇم. ئەمما، ئوقۇرمەنلەرگە قانداق بۇنىسى ماڭا نائېنىق. (ئەلۋەتتە سىلىدەك نىجاسەت چىۋىنلىرىدىن باشقا)
  ئاخىردا دەيدىغىنىم، «ئەسەر يازغاندا ھەر جەھەتتىن ئويلىشىپ يېزىش، ئەسلى مەنبەنى چۈشىنىپ ئوقۇش، ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى چىڭ تۇتۇش» تەشەببۇسلىرىنى مەن يۈزدە يۈز پىرسەنىت قوللايمەن. شۇنداقلا، مەنمۇ ھەم شۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىمەن. باشقىلارنىڭ قۇسۇر تېپىش-تاپالماسلىقىغا كەلسەك، ئەسەرنىڭ ھەر كىمگە بېرىدىغان قىممىتى ئوخشىمىغاچقا بۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ سىلىدەكلەر بار يەردە. ئامان بولغايلا خانىم!


ھە راسىت، بۇنداق ئېغىۋالارغا گەپ قىلمىسام ئەسلى، گەپ قىلسام ئەسلى. ئەمدى بولسىمۇ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغۇم يوق. ئۆزلىرىنى ئارتۇقچە ئۇپرىتىپ مېنىمۇ قايتا ئاۋارە قىلمىغايلا!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-1 18:50  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش