يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 538|ئىنكاس: 1

ئەھەدجان تۇردى:ئۇيغۇر رومانلىرىنىڭ خەنزۇ ئەدەبىياتىغا تونۇشتۇرۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-30 10:43:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش:ئۇيغۇر رومانلىرىنىڭ خەنزۇ ئەدەبىياتىغا تونۇشتۇرۇلۇش جەريانى

ئەھەدجان تۇردى

{قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۈگۈنگىچە يېزىلغان رومانلارنىڭ سانى 300 پارچە ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ رومانلار ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ كارتېنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرخىل سەۋىيە، ھەرخىل تېما ۋە ھەرخىل ئۇسلۇبلاردا يېزىلغان.ئۇيغۇر تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ياخشى رومانلارنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش تەخىرسىز مەسىلىلەرنىڭ بىرى.  ھازىرغىچە بولغان ئىستاستىكامغا ئاساسلانغاندا 25 پارچە رومان خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. يەنە تۆت پارچە رومان بىۋاستە خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان. بۇ ماقالىدە ئاساسلىقى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ھەم بىۋاستە خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان رومانلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بىرىلىدۇ.}

    كۆپ قىسىم تەتقىقاتچىلار 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىداياشىغان ئىسلامىيەت ئالىمى، يازغۇچى نەسرىدىن بۇرھانىدىن ئوغلى رابغۇزى تەرىپىدىن 1309- 1310- يىللىرى ئارىلىقىدا يېزىلغان «قىسسەسۇل ئەنبىيا» (پەيغەمبەرلەر قىسسىسى) نى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى تۇنجى رومان دەپ قارايدۇ. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ئۇيغۇر رومانچىلىقى 700 يىللىق تارىخقا ئېگە بولىدۇ.ئەمما تاكى 1940- يىللارغىچە بولغان 600 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا رومان ژانىرىدا ئەسەر يېزىلمىغان ياكى يېزىلغان بولسىمۇ دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن.بۇ ئۇزۇن دەۋردىكى كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى شېئىر ۋە تەزكىرە خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەر ئېگىلىگەن.
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى دەۋرىگە كەلگەندە ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى يەنىلا شېئىر ژانىرى  تەشكىل قىلسىمۇ،  ئەمما 1930-يىللارغا كەلگەندە پىروزا ژانىرىمۇ تەدرىجى شەكىللىنىشكە باشلىغان.1938- يىلى سەيپىدىن ئەزىزنىڭ «يېتىم توختى» ناملىق ھېكايىسى ئېلان قىلىنغان. بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى تۇنجى ھېكايە ھېسابلىنىدۇ.شۇ يىللاردىن باشلاپ يەنە زۇنۇن قادىرى، ئەرشىدىن تاتلىق، ئابلىز نازىرى قاتارلىق ئەدىبلەرمۇ ئارقا- ئارقىدىن پىروزا ئىجادىيتىگە كىرىشىپ «ماغدۇر كەتكەندە»، «مۇڭلۇق ئالچۇق» كەبى ئېسىل ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. «شىنجاڭ ئەدەبىيات- سەنئىتى»(ھازىرقى «تارىم»ژۇرنىلى)،«شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق نەشىر ئەپكارلىرى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق سەھنىسى بولغان.
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومان «قانلىق يەر» 1946-1947-يىللىرى مەمتىمىن توختايۇپ(1920 - 1969) تەرىپىدىن قەشقەردە يېزىلغان بولۇپ، بىر جۇپ ياشنىڭ مۇھەببەت پاجىئەسى تەسۋېرلەنگەن بۇ رومان 1951- يىلى «غەربى شىمال ئەدەبىيات- سەنئىتى»ژورنىلىنىڭ 4-سانىدىن 9- سانىغىچە بۆلۈپ بېسىلغان.ئەمما  تاكى 1980- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغچە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دېگۈدەك بۇ روماندىن خەۋەرسىز ئىدى.80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا زۇنۇن قادىرى،تېيىپجان ئېلىيىۋ ، ئەرشىدىن تاتلىق،  ئەخەت تۇردى ، مۇھەممەد باغراش قاتارلىق ئەدىبلەر ئىچكىرىدىكى بىرقېتىملىق ئەدەبىيات يىغىنىدا بۇ روماننىڭ ئۇچۇرىنى ئالغان ھەمدە بۇنى ئۆز ۋاقتىدىكى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ رەھبەرلىرىگە خەۋەر قىلغان. يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ ئەسەرنى تېپىپ كېلىشكە ئالاھىدە ئادەم ئورۇنلاشتۇرغان.ئاخىرى بۇ رومان تېپىپ كېلىنىپ، مەخمۇتجان ئىسلام تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ 1993 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
«قانلىق يەر» رومانى يېزىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ 70-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە يەنىلا رومان يېزىلمىغان.1974- يىلىغا كەلگەندە قەييۇم تۇردىنىڭ «قىزىلتاغ باتۇرلىرى» رومانى رەسمىي نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.شۇنىڭدىن كېيىن «ئاۋرال شاماللىرى»، «ئىزدىنىش»، «چالا تەگكەن ئوق»، «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر»، «قاينام ئۆركىشى»، «سۇتۇق بۇغراخان»  قاتارلىق رومانلار ئېلان قىلىنىپ ئۇيغۇر رومانچىلىقى رەسمىي شەكىللىنىشكە باشلىغان.تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان رومانلارنىڭ سانى 300 پارچىغا يېقىنلاشقان بولۇپ، خېلى چوڭ كۆلەم ۋە ئاپتورلار قوشۇنى شەكىللەندۈرگەن.
  ئۇرۇگۋاي يازغۇچىسى ئانھېل راما ئەدەبىيات تەرەققىياتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن : «بارلىق بۈيۈك ئەدەبىي ئىجادىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مىللىي ئەنئەنە بىلەن چەت ئەل تەسىرىنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىدا تۇرغان بولىدۇ.»  دەل ئېيتىلغان بۇ ئىلمىي يەكۈننى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەدبىقلايدىغان بولساق، بىزنىڭ رومانچىلىقىمىزمۇ چەت ئەل رومانلىرىدىن ئوبدانلا ئۆرنەك ۋە ئۈلگە ئالدى. چەت ئەل ئەدەبىياتى ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىنى كۆپ تەرەپلىمە زەرەتلىدى.1930- يىللاردىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنىتتە بېسىلغان نۇسقىلىرى رايۇنىمىزغا كىرىشكە باشلىدى. ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى مۇشۇ دەۋردىن باشلاپ لېف تولسىتوي، ماكسىم گوركى، ئابدۇللا قادىرى، سەدىردىن ئەينى  قاتارلىقلار بىلەن تونۇشتى. «ئاننا كارىنىنا»، «ئانا»، «قۇللار»، «پولات قانداق تاۋلاندى»، «ئاباي يولى»، «ئۆتكەن كۈنلەر»، «مىھراپتىن چايان» قاتارلىق رومانلار خېلى كەڭ تارالدى.مۇشۇ يىللاردا زۇنۇن قادىرىنىڭمۇ «زۇلۇم ئوچىقى» دەپ بىر رومان يازغانلىقى مەلۇم. ئەمما بۇ رومان قالايمىقانچىلىق يىللىرى يوقالغان. شۇڭا بۇ يىللاردا يېزىلغان ھەم بىزگىچە يېتىپ كەلگەن تۇنجى رومان «قانلىق يەر»دىن ئىبارەت.
مەن ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدىن باشلاپلا ئۆز قىزىقىشىم بويىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنى يىغىشقا باشلىغان ئېدىم.  ھازىرغىچە تولۇق بولمىغان ئىستاستىكىلىرىمغا ئاساسلانغاندا 300 پارچىدىن كۆپرەك ھېكايە –پوۋېست ، 25 پارچە رومان خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. تۆت پارچە رومان بىۋاستە خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان.40 پارچىدىن كۆپرەك ھېكايە- پوۋېست،«سەرسان روھ»، «جەزىرە»،«سۇتۇق بۇغراخان»، «كرورانلىق بالىلار» رومانلىرى ئېنگىلىز، نېمس، ياپون، تۈرك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.زوردۇن سابىر، مەمتىمىن ھوشۇر، مۇھەممەد باغراش، خالىدە ئىسرائىل قاتارلىقلارنىڭ خاس خەنزۇچە ھېكايە- پوۋېستلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.
  ئۇيغۇرلار يىپەك يولىدىكى قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مول مەدەنىيەتكە تويۇنغان، ھەرخىل مەدەنىيەتلەردىن ئوزۇق ئېلىپ كەلگەن ھەم بىر تۈركۈم نادىر ئەدەبىيات مىراسلىرىنى بارلىققا كەلتۇرگەن. «قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «خەمىسە» كەبى بىباھا ئەسەرلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە سۇنغان. ئۇيغۇرلاردا باشقا تىللاردا ئەسەر يېزىش ئەنئەنىسى خېلى ئىزچىللىققا ئېگە بولۇپ، بۇنى كوماراجىۋا دەۋرىدىن باشلاپ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېلگىرى سۈرۈش مۇمكىن.
  ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئەسەر يېزىش ئەنئەنىسى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە  يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ مازۇچاڭ، سەيدۇللا كەبى شائىرلار خاس خەنزۇچە توپلاملارنى يازغان. بۇنىڭ بىلەن مىللەتلەر ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇق كۈچەيگەن.
   ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ خەنزۇ ئەدەبىياتىغا تونۇشتۇرۇلۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، تۇنجى رومان ھېسابلانغان «قانلىق يەر» ئۇيغۇر  تىلىدا يېزىلغان بولسىمۇ ئەمما ئەڭ دەسلەپ  خەنزۇچە ژورنالدا ئېلان قىلىنىپ خەنزۇ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.1980- يىللارنىڭ باشلىرىدا، يەنى ئۇيغۇر رومانچىلىقى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلىغان چاغلاردىن باشلاپلا  خاۋ گۇونجۇڭ، لىياڭ شۆجۇڭ قاتارلىق تەرجىمانلار ئۇيغۇرچە ياخشى رومانلارنى خەنزۇ ئەدەبىياتىغا تونۇشتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى بىلىپ ، قەييۇم تۇردىنىڭ «كۆرەشچان يىللار»، «جىمجىت جۇڭغارىيە»،  زوردۇن سابىرنىڭ «ئىزدىنىش»، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «سۇتۇق بۇغراخان»  قاتارلىق رومانلىرىنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان.1990- يىللاردىن كىيىن ئاساسەن بىر تۈركۈم ھېكايە – پوۋېستلار خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىللاردا خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان رومانلار ھەققىدە مەلۇمات يوق.  بۇ يىللاردا يەنە سۇيۇڭچىڭ، سۇدېشىن ،ئەكبەر غۇلام،  تەلئەت ئىبراھىم تىلەك قاتارلىق تەرجىمانلار كۆرۈنەرلىك ئەمگەكلەرنى قىلغان. كۆپ قىسىم ھېكايە- پوۋېستلار بۇ تەرجىمانلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان. «دولان ياشلىرى»، «ئادەملەر»، «يېشىل ۋادا» قاتارلىق ھېكايىلەرنىڭ تەرجىمىسى  مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
  يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ئىلگىرى تەرجىمە قىلىنماي قالغان ۋە بۇ يىللاردا يېڭىدىن يېزىلغان بىر تۈركۈم نادىر رومانلىرىمىز ئارقا- ئارقىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ئارىسلان تالىپنىڭ «خىزىرغا يولۇققان ئاتا»، «كروران ھەققىدە يېڭى رىۋايەت»، «ئىللىغان زېمىن»،  ئەھەد تۇردىنىڭ «سەرسان روھ»، «كونا كوچا»، پەرھات ئىلياسنىڭ «كرورانلىق بالىلار»، ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ «بوز دالا»، تۇرسۇنجان مۇھەممەدنىڭ  «جەزىرە»، «كۈز يامغۇرى»، ئالىمجان ئىسمائىلنىڭ «يېگانە دۇنيا»، ئەختەم ئۆمەرنىڭ «يېگانە ئارال»، خېۋىر تۆمۈرنىڭ «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە»، پەرھات جىلاننىڭ «مەھمۇد كاشغەرىي»، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر»، «سالچىلار»، ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ  «جاللات خېنىم»،  باتۇر روزىنىڭ «پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر»،  جالالىدىن بەھرامنىڭ «ئامەت ۋە ئاپەت»، «لېيىغان بۇلاق»(1-،2-قىسمى)،  ماھىنۇر ئابدىلىمنىڭ «ساداقەت»،  غەيرەت ئاسىمنىڭ «يىللار ۋە ئادەملەر» قاتارلىق رومانلار خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىندى ھەم كۆپ قىسمى نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى.
  ئۇيغۇر رومانچىلىقىدىكى يەنە بىر ئالاھىدە ئەھۋال يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە قوش تىللىق يازغۇچىمىز غەيرەت ئاسىم «ۋاقىتنىڭ پىنھان يۈزى»، «ۋاقىتنىڭ بالىلىرى»، «ئاق تېرەك ئاستىدا»  قاتارلىق رومانلىرىنى بىۋاستە خەنزۇ تىلىدا يېزىپ چىقتى ھەم خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى قاتارلىق نوپۇزلۇق نەشرىياتلار تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. بۇ رومانلار ھەققىدە شاڭخەيدە مەخسۇس مۇھاكىمە يېغىنى ئېچىلدى.«ۋاقىتنىڭ پىنھان يۈزى» ناملىق رومانى 9- نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلىندى. جىجىياڭ ئۆلكىسىدە مەلۇم گېزىتتە مۇخبىرلىق قىلىدىغان، بىۋاستە خەنزۇ تىلىدا ئەسەر يازىدىغان ئۇيغۇر يازغۇچى پاتىگۈل ئىبراھىمنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن«يۇز يىللىق قانداشلىق » ناملىق رومانى 2014- يىلى 12- ئايدا بېيجىڭ زامانىۋى كىتابخانىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ھازىرغىچە ئىككى قېتىم قايتا بېسىلغان ھەم ئوبزورچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. بېيجىڭ شەھرى بويىچە مۇنەۋۋەر رومان بولۇپ باھالانغان.
  تۆۋەندە بىر قىسىم رومانلار  ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمەن:
1.مەمتىمىن توختايوپ: «قانلىق يەر»
بىر جۈپ ياشنىڭ مەھەببەت پاجىئەسى يېزىلغان بۇ رومان خەنزۇ ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھەببەت، نىكاھ قاراشلىرى، تۇرمۇش، ئۆرۈپ- ئادەتلىرى  ھەققىدە ئۇچۇر بىرىش قىممىتىگە ئېگە.
2. قەييۇم تۇردى: «كۆرەشچان يىللار»، «جىمجىت جۇڭغارىيە»
  ئاساسەن نېفىت تۇرمۇشى يېزىلغان بۇ رومانلار ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى بولغان نېفىتلىكتىكى تۇرمۇشنى خەنزۇ ئوقۇرمەنلەرگە بىلدۇرۇشتە مەلۇم قىممەتكە ئېگە.
3. زوردۇن سابىر :«ئىزدىنىش»
بۇ تېرىشچان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆگىنىش ، مۇھەببەت ، خىززمەت ھاياتى تەسۋىرلەنگەن، بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلىگەن رومان بولۇپ ، يۇقىرى ئەدەبىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېگە.
4. سەيپىدىن ئەزىزى:«سۇتۇق بۇغراجان»
قاراخانىيلار سۇلتانى، تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغۇچى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ھەققىدىكى بۇ رومان خەنزۇ ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيتىنى بىلدۈرۈشتە زور قىممەتكە ئېگە. بۇ روماننىڭ خەنزۇ تىلىدىن باشقا يەنە تۈركىيەدە تۈركچە نەشىر قىلىنىپ زور تەسىر قوزغىغانلىقى مەلۇم.
5.ئەھەد تۇردى :«سەرسان روھ»، «كونا كوچا»
ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ ۋە قويۇق مەدەنىيەت پۇرىقىغا تويۇنغان بۇ ئىككى پارچە رومان ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەنزۇ ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىن خېلى مول ئۇچۇر بىرەلەيدۇ.
6. مەمتىمىن ھوشۇر :«قۇم باسقان شەھەر»، «سالچىلار»
ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان بۇ رومانلار خەنزۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر رومانچىلىقىغا باھا بىرىشتە مۇھىم رولى بار.
7.تۇرسۇنجان مۇھەممەد: «جەزىرە»
بۇ رومان سۇدېشىن تەرىپىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ھەم خەنزۇچە تەرجىمىسى «تۇلپار ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. خەنزۇچىسىدىن پايدىلىنىپ ئېنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.زىيالىي ياشلارنىڭ يېزىغا چۇشكەندە تارتقان جاپالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىستىقبال ئىزدەش كۆرىشى تېما قىلىنغان بۇ رومان خەنزۇ ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇر تۇرمۇشىنى چۈشىنىشتە خېلى زور قىممەتكە ئېگە.
8.ئەختەم ئۆمەر :«يېگانە ئارال»
قويۇق دولان مەدەنىيتىگە تويۇنغان ، ئەدەبىي قىممىتى زور بۇ رومان خەنزۇ ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سەۋىيەسىنى يەنە بىر جەھەتتىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ.
9. پەرھات جىلان :«مەھمۇد كاشغەرىي»
ئۇلۇغ تىلشۇناس، ئېنسىكىلوپېدىك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە يېزىلغان بۇ رومان زور تارىخي قىممەتكە ئېگە. بۇ تارىخى رومان خەنزۇ ئوقۇرمەنلەرگە ئالىم ھەققىدە قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى بىرەلەيدۇ.
10. ياسىنجان سادىق چوغلان :«جاللات خېنىم»
خوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ كەلتۈرگەن بالايى- ئاپەتلىرى ھەققىدە يېزىلغان بۇ تارىخى رومان خەنزۇ ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇر تارىدىن مەلۇمات بىرىشتە مەلۇم قىممەتكە ئېگە.
11. غەيرەت ئاسىم :« ۋاقىتنىڭ پىنھان يۈزى»، «ۋاقىتنىڭ بالىلىرى»، «ئاق تېرەك ئاستىدا»
بۇ ئۈچ پارچە روماننى ئاپتور بىۋاستە خەنزۇ تىلىدا يازغان بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى پارچىسى خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. «ۋاقىتنىڭ پىنھان يۈزى دەسلەپ جۇڭگودىكى داڭلىق ژورنال «دەۋر ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان ھەم چوڭ تەسىر قوزغىغان.شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيتى بىلەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتى بىرلىشىپ شاڭخەيدە بۇ رومان ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان.ھەم شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتى تەرىپىدىن 9- نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلىنغان.
  ھەرقانداق ئەدەبىيات ئۆز تەرەققىياتى جەريانىدا باشقا مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىن ئوزۇق ئېلىش بىلەن بىرگە يەنە باشقا مىللەتلەر ئەدەبىياتىغىمۇ مەلۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىرقىدەك مىللەتلەر ئارا ئالاقە كۈچەيگەن، دوستلۇق قويۇقلاشقان دەۋردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى بالدۇرراق خەنزۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇش تەخىرسىز مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان رومانلارنىڭ باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشى تېخىمۇ مۇھىم. «ئانا يۇرت»، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق نادىر رومانلارنىڭ قازاقچە تەرجىمىسى بولسىمۇ ھازىرغىچە خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق.ئەدەبىياتىمىزدا يەنە بىر تۈركۈم ئېسىل رومانلارمۇ بار. بۇلارمۇ يۇقىرى سۈپەتتە خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى، خەنزۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا باھا بىرىشىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى كېرەك.

پايدىلانمىلار:
① «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 2006-يىلى نەشىرى
②مەمتىمىن توختايوپ :«قانلىق يەر»، مەخمۇتجان ئىسلام تەرجىمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993- يىلى نەشىرى
③ھەر تۈرلۈك گېزىت –ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلار.
④ ماقالامدە تىلغا ئېلىنغان رومانلارنىڭ ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە نۇسقىلىرى
⑤ كېرىمجان ئابدۇرېھىم :«ئۇيغۇر ئەدەبىياتى لۇغىتى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1997- يىلى نەشىرى
⑥ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئوزۈم توپلىغان ھەرخىل ماتېرياللار
(بۇ ماقالە «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق 4-سانىغا بېسىلغان)
                                                               
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kiwirhemit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-30 12:02  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-30 13:19:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق يېزىپ چىقىلىپتۇ....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش