يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 515|ئىنكاس: 7

ئابدۇمىجىت مۇھەممەد: ئىلھام بەخىش يۇمۇرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-30 06:43:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئىلھام بەخىش يۇمۇرلار
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد تەييارلىدى

تىل ئۈگىنشىنىڭ مۇھىملىغى
بىر ئانا چاشقان بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ سەيلىگە چىققان كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز بىر يوغان مۆشۈككە ئۇچىراپ قاپتۇ. ئانا چاشقان دەرھال ئۆزىنى دالداىغا ئېلىپ مۆشۈكنى كۆزىتىشكە باشلاپتۇ. بۇچاغدا مۆشۈكمۇ چاشقان بالىلىرىنى كۆزىتىۋاتقان بولۇپ، ئىشنىڭ چاتاقلىغىنى پەملىگەن ئانا چاشقان دەرھال ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ ھاۋ، ھاۋ، ھاۋ داپ ۋاقىراشقا باشلاپتۇ. ئىت ئاۋزىنى ئاڭلىغان مۈشۈك ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئالدى كەينىگە قارىماي قېچىپتۇ.
مۆشۈكنىڭ قارىسى يۈتكەندىن كېيىن ئانا چاشقان قورقۇپ تىتىرەپ تۇرۇشقان بالىلىرىغا بۇرۇلۇپ؛ - بالىلىرىم، مانا ئەمدى ئىككىنچى بىر تىلنى ئۈگۈنۈپ قويۇشنىڭ قانچىلىك موھىم ئىكەنلىگىنى چۈشەنگەنسىلەر!- دەپتۇ.

ھەرقانداق تىلدا سۆزلىنىدۇ
بىر ئەنگىليەلىك ئادەم فىرانسىيەدىكى بىر مېھمانخانىغا يىتىپ كەپتۇ ھەم مېھمانخانا ئىشىكىگە چاپلانغان «بۇ مېھمانخانىدا ھەرقانداق تىلدا سۆزلىنىدۇ!»دېگەن خەتكە كۆزى چۈشۈپتۇ.
بۇنىڭدىن خوش بولغان مېھمان مېھمانخانا باشلىقىغا ئىنگلىز، گېرمان، رۇس تىللىرىدا سۆزلەپ بىقىپتۇ. ئەمما ھىچقانداق جاۋاپقا ئىرىشەلمىگەندىن كىيىن ئەڭ ئاخىرىدا فىرانسۇزتىلىدا خوجايىندىن سوراپتۇ:
-بۇيەردە زادى كىملەر ھەممە تىللاردا سۆزلەيدۇ؟
-مىھمانلىرىمىز! دەپ جاۋاب بېرىپتۇ خوجايىن پەرۋاسىزلا.

ئىچى ۋە سىرتىدا
-ئەلى، دەپتۇ مۇئەللىم ئوقۇغۇچىسىغاسۇئال نەزىرى بىلەن قاراپ؛ -ئەگەرسەندە ئۈچ ئالما بولسا، بىرسىنى يەۋەتسەڭ قانچىسى قالىدۇ؟
-        ئۈچى دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەلى پەرۋاسىز ھالدا.
-        ئۈچى؟
-        شۇنداق مۇئەللىم. ئىككىسى سىرتىدا، بىرسى ئىچىمدە.

ئەيىپلەش
ئانا دەپتۇ ئەخمەت، -سەن دادامغا مېنىڭ بىر ۋەلىسپىتكە مۇھتاج ئىكەنلىگىمنى ئېيىتتىڭمۇ؟
-        شۇنداق قوزام دەپتۇ ئانىسى. -مەن داداڭغا ئېيىتتىم، ئەمما ئۇ پۇل يوق دەپ تۇرىۋالدى.
-        شۇنداق دەمدۇ؟. -سەن ئۇنىڭغا قانداق ھالەتتە تۇرۇپ، نېمە دېگەن ئىدىڭ؟
-        مەن ئاۋال كۈلۈپ تۇرۇپ سەن ئۈچۈن ۋەلىسپىتنىڭ نەقەدەر زۆرۈز ئىكەنلىگىنى ئېيىتتىم. ئاندىن  داداڭ بىلەن قاتتىق تاكالاشتىم. ئەمما ئۇ يەنىلا تەكلىۋىمنى رەت قىلدى.
-        تاكاللاشتىم؟  ۋاي ئانا، ئەگەر ئۆزۈڭگە بىرەرنەرسە كىرەك بولغان بولسا تاكاللىشىشنىڭ ئورنىغا ئاز-تولا يىغلاپ ئۇنى قايىل قىلار بولغۇيتۇڭ-ھە قاچان!  

قانداق چاقتىڭ؟
بىر مۇلازىمەتچى ئېھتىياتسىزلىق قىلىپ بىر تال پىيالىنى چېقىپ قويۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن خۇجاين خاپا بولۇپ؛ -سەن ئۇنى قاندا چاقتىڭ ؟ دەپ سوراپتۇ.
- راستىنلا بىلگىڭىز بارمۇ  ئەپەندىم؟ دەپتۇ مولازىمەتچى بىچارە قىياپتتە، قانداق چاقاتتىم، مانا مۇنداق چاقتىم دەپتۇ يەنە بىر پىيالىنى يەرگە ئېتىپ...

سېتىلىپ بولدى
بىر كىتابخانىدا، ئۆزىنى مەشھۇر چاغلايدىغان مەلۇم بىر يازغۇچى جازىدىكى كىتابلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزى يازغان كىتابلار ئىكەنلىگىنى بايقاپتۇ ۋە ئىنتايىن خۇشال بولغان ھالدا يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان مۇلازىمەتچىدىن سوراپتۇ: -باشقا يازغۇچىلارنىڭ كىتابلىرى قەيەردە؟
- ئۇلار سىتىلىپ بولدى! دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ بۇ سۇئالدىن تىرىككەن مۇلازىمەتچى.

يەتتىنچى ئېشەك
بىر كۈنى ئەتتىگەندە مەخمۇت ئالتە دانە ئېشىكىنى ھەيدەپ بازارغا مېڭىپتۇ. ھەمدە بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن ھارغىنلىق ھېس قىلىپ ئۇلاردىن بىرسىگە مېنىۋاپتۇ. ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي ئېشەكلىرىنى ساناپ باقسا ئاران بەش دانە ئېشەك چىقىتۇ. بۇنىڭدىن ھەيران بولغان مەخمۇت يەرگە چۈشۈپ ئېشەكلىرىنى يىغىپ ساناپ باققان ئىكەن ئالتە چىقىپتۇ. ئەمما يەنە بىرئاز ماڭغاندىن كىيىن يەنە قايتا سانىسا ئېشەكلەر بەش چىقىپتۇ. بۇنىڭدىن ھەيران بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا بىر بۇۋاي ئۇنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ ھەم ئۇنىڭدىن سوراپتۇ: ئوغلۇم نىمىگە ھەيران بولۇپ تۇرۇپ كەتتىڭ؟
-        نېمىگە  ھەيران بولاي دەپتۇ مەخمۇت تىرىكىپ،  بايىلا سانىسام ئېشەكلەر ئالتە ئىدى. ئەمدى بەش بولۇپ قالدى. مەن بىر ئېشەكنى تاپالماي ۋاتىمەن. سەن دەپ باقە بۇۋاي ، ئۇ ئېشەك زادى قەيەردىدۇ!
-        قەيەردە بولاتتى-دەپتۇ بۇۋاي ئۇنىڭ دۆتلىكىدىن تىرىكىپ؛ -ئۇ يەتتىنچى ئېشەكنىڭ ئاستىدا  تۇرمامدۇ؟

كىم ئەڭ ئىتائەتمەن؟
بىر كۈنى بەش بالىنىڭ دادىسى بولغان توم ئىشتىن قايتىش يولدا بالىلىرىغا بىرتال ئويۇنچۇق سىتىۋاپتۇ ھەم ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن ئارىدا كىم ئەڭ ئىتائەتچان، ئاپىسىنىڭ گېپىگە بىرەر قېتىممۇ قارشى چىقمىغان بولسا شۇنىڭغا بۇ ئويۇنچۇقنى بىرىدىغانلىغىنى ئىيتىپتۇ.
بۇنى ئاڭلاپ چىرايىنى پۈرۈشتۇرگەن بالىلار تەڭلا چۇقۇرۇشۇپتۇ، ئانىسىنى شەرەتلەپ: -ئۇنداقتا بۇ ئويۇنچۇقنى ئۆزۈڭگە ئاپسەندە!...

ئاجايىپ تاماق
بىر جۇڭگۇلۇق ئىسپانىيەگە قىلغان سەپىرىدە بۇقا سوقۇشتۇرۇش مەيدانىغا يېقىن بىر يەردىكى بىر يەرلىك رېستۇراندا توختاپ تاماق يېمەكچى بوپتۇ. ھەمدە چېيىنى ئوتلاپ ئولتۇرۇپ نىمە يىيىشنى قارارقىلىش ئۈچۈن ئەتىراپدىكىلەرنىڭ تەخسىسىگە ئوغۇرلۇقچە قاراشقا باشلاپتۇ. قاراپتۇ، قاراپتۇ، بىر چاغدا يېنىدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان مېھماننىڭ ئاجايىپ تامىقىغا كۆزى چۈشۈپ كۈتكۈچىدىن سوراپتۇ:
-        ئۇ ئۈستەلگە ئاپىرىپ بەرگىنىڭىز قانداق تاماق ئۇ؟
-        ئاجايىپ تاماق ئەپەندىم – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ كۈتكۈچى، تامىقىنى چىكىپ تۇرۇپ – بۈگۈن ئەتتىگەن بۇقا سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسىدە سۇغىرىۋىلىنغان بۇقا تاشىقى! ئۇ دېگەن بىر مۆجىزە.
جۇڭگۇلۇق بىرئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ قاپتۇ ۋە: - بوپتىلا دەم ئىلىشتا بولغاندىن كىيىن مەنمۇ ئۇ مۆجىزىدىن تېتىپ باقاي، ماڭىمۇ بىرنى بويرۇتۇپ قويۇڭە! -دەپتۇ.
- كەچۈرۈڭ ئەپەندى، -دەپتۇ كۈتكۈچى. ھەركۈنى ئەتتىگەن پەقەت بىرقېتىملا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگىنى ئۈچۈن بۇ تاماقنى كۈنىگە بىرقېتىملا چىقىرالايمىز. ئەگەر ئەتە سەھەرراق كېلىپ بۇيرۇتسىڭىز بىز سىزگە تەييارلاپ بىرەلىشىمىز مۆمكىن.
بۇ ئارزۇسىغا قانالمىغان مېھمان ئەتىسى سەھەردە بۇ رېستۇرانغا كىرىپ كەپتۇ ھەم ئالدىنقى كۈندىكى تاماقنى بويرۇتۇپتۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ بۇيرۇتقان تامىقىمۇ يىتىپ كەپتۇ. ئۇ ئېشتىھا بىلەن بىرقېتىمدىلا تەخسىنى قۇرۇقداپ قويۇپتۇ ھەم كۈتكۈچىنى چاقىرىپ سوراپتۇ.
-        تەمى بولىدىكەن! ئەمما تولىمۇ كىچىك ئىكەن. تونۈگۈن سىز يەنە بىر ئەپەندىمگە ئەكىلىپ بەرگىنىڭىز خىلى چوڭ تۇرمامتى؟- دەپ سوراپتۇ.
-        كەچۈرۈپ ئەپەندىم ، دەپتۇ كۈتكۈچى مۆرىسىنى قىسىپ قويۇپ: ھەرقېتىم بۇقا ئوتتۇرىۋەرمەيدۇ. بۇ قېتىم بۇقا يەڭدى ئەمەسمۇ!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-1 03:04  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-30 10:53:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل يۇمۇرلاردىن ھۇزۇرلاندۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-11-30 12:26:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد ئۇكام سىزگە مۇبارەك بولسۇن. يۇمۇر دېگەن مۇشۇنداق تېتىملىق بولمامدۇ! سىزگە تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2015-11-30 19:43:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان، تونۇردىن يېڭىلا چىققان بەك قىزىق يۇمۇرلار ئىكەن...

ۋاقتى: 2015-12-1 13:33:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يۇمۇركەن، بەك ھوزۇرلاندىم ، قەلىمىزگە مەدەت بەرگەي،

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-1 16:33:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ، يېڭىچە كەيپىياتتا، تۇنجى كۈندىكى قىزغىنلىق بىلەن ئىشقا كېرىشەيلى دەپ تەييارلىغان ئىدىم...مەنىلىرى چوڭقۇر يۇمۇرلار بۇ!

ۋاقتى: 2016-6-22 17:37:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ياخشى يۇمۇر ئىكەن، ھۇزۇرلاندىم...

ۋاقتى: 2016-6-23 14:45:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئاجايىپ تاماق» ـــ ئاجايىپ يۇمۇر! بەلكىم، ئۇنىڭ يېمىگىنىدىن شۇلا قاپمىتىكىن دەيمىنا؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش