يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 458|ئىنكاس: 7

ئادىلجان ھاپىز(ت): چىرا تاغ قۇشاقلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-29 22:40:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
چىرا تاغ قۇشاقلىرى
توپلىغۇچى:  ئادىلجان ھاپىز

تاغ باشىدا لاچىنلار
ئەگىيدۇ ئۇچۇپ ئەركىن
ساڭا كۈيۈپ كۈل بولدۇم
كۆڭلۈڭنى ماڭا بەرگىن

زەرداپ تولدى ئىچىمگە
دەرتنى ئۈزەم بىلىمەن
كۆزدىن ئاققان ياشىمغا
كىمە سېلىپ ئۈزىمەن

قىزىلگۈلنى ئەگكەنگە
سۇندۇرغىلى بولمايدۇ
چىرايلىقنىڭ ئوتىغا
چىدىغىلى بولمايدۇ

چوڭساينىڭ①سۈيى ئولۇغ
باغلىغىلى بولمايدۇ
كۈڭۈل دىگەن ساراڭنى
چاغلىغىلى بولمايدۇ

بېغىڭغا كىرىپ باقسام
سۈگەت بار تىرەكىڭ يوق
ھالىڭنى بىلىپ باقسام
ماڭا كۈيەر يۈرەكىڭ يوق

ۋاپا قىلمىغان يارنى
يارىم دەپ يۈرەرمەنمۇ
باغرى تاش نادان يارنىڭ
ئوتىدا كۈيەرمەنمۇ

قاراپ ئولتۇرۇڭ يارىم
راۋاپ چېپ بىرەي سىزگە
ئوتىڭىزدا كۆيدۈم مەن
قانداق بىلدۈرەي سىزگە

ئاخشامقى شۇ چاغىدا
ئوت كۈيەر ئوچاغىدا
ئۆلۈپ كەتسەم ئارمان يوق
يارىمنىڭ قۇچاغىدا

ئەسلى يۇرتىمىز تاغچى
ھۈنەر كەسپىمىز پاۋان
پاۋانلىق بەلەن ئىشكەن
بۇۋامدىن مىراس قالغان

چىلان سالساڭ چۆلگە سال
ياڭاق سالساڭ كۆلگە سال
كۆڭلۈڭ چۈشمىگەن يارنى
ئىككىلەنمەي يولغا سال

گۈل ئەمەسمۇ بۇلبۇلنى
ئۆز ئىشقىدا سايراتقان
سەن ئەمەسمۇ قارا كۆز
يۈرىكىمگە ئوت ياققان

بۇ تاغلار ئىگىز تاغلار
قويچى يولىنى باغلار
ئىسىڭىزدە بارمىدۇ
بىللە ئوينىغان چاغلار

ئاق تاۋارداتونىڭىز
ناماز شامدا يولىڭىز
قاراپ-قاراپ كەتتىڭىز
كىمدە قالدى كۆڭلىڭىز

قاشىڭىزنىڭ قاراسى
ئىككى تاغنىڭ ئاراسى
سۇ دىسەم ناۋات بەردى
چوڭسايلىغنىڭ بالاسى

ئېتىمنى قۇيۇپ بەردىم
ئاق قويناقتىكى② تۈزگە
بارساڭلا سالام دەڭلا
شۇ يارىم قارا كۆزگە

بۇ يىل ئارپا بەك بولدى
بېشى يۇغان دېنى بوش
شۇ كەمدىكى ياش باللا
مىدىرلايدۇ جېنى بوش

مازار تۈزدە③ قوي سويسام
دىۋانە كاۋاپ دەيدۇ
ياخشىلىقنى كۆپ قىلساڭ
ئاخىرەت ساۋاپ دەيدۇ

ئۇ قاتىدا سەن بولساڭ
بۇ قاتىدا مەن يارىم
ئانار گۈلى سەن بولساڭ
گۈل غۇنچەسى مەن يارىم

ھاۋا ئايلىنىپ قاپتۇ
مەنمۇ ئايلىنامەنمۇ
جانىمدىن ئەزىز ياردىن
شۇنداق ئايرىلارمەنمۇ

ئۆرگەلدى پەلەك
چۆرگەلدى پەلەك
كىمنىڭ يارىسەن
دومباق سىكىلەك

سايراڭ بۇلبۇلۇم
گۈلنىڭ بەرگىدە
يۈرەگىم كۆيىدۇ
يارنىڭ دەردىدە

دەريا ئىچىدە
بىرتال چىپار تاش
ئوتۇڭدا كۆيدۈم
دومباق قاراقاش

قاراقاش ئولتۇرار
ھوجرا ئىچىدە
قىزىلگۈل ئاچىلۇر
باغچا ئىچىدە

سەندەك قىزىلگۈل
ھەرجايدا يوقتۇر
ھەرجايدا بولسا
سىنىڭچە يوقتۇر

قىزىلگۈل ئاچىلىپ
ھەريانە بولدى
ساڭا كۆيگەن كىشى
دىۋانە بولدى

دىۋانىلەرنىڭ
يوقتۇر ماكانى
ھەر جايغا بارسا
ۋەيرانە ھالى

ھېلىمىخان سېلىمىخان
ھالىم قالمادى
ئەۋەلقىدەك ئويناي دىسەم
كۆڭلۈم قالمادى

ئۇمەللەڭدىن بۇ مەللەڭگە
ئويناي دەپ كەلدىم
قايسىڭ ياخشى قايسىڭ يامان
چاغلاي دەپ كەلدىم

باراي دىدىم بارماس بولدۇم
يارلار باغىڭگە
ساچ باغىڭدىن بىرتال ئالاي
تۇمار باغىڭگە

بارغىن دەيدۇ يانغىن دەيدۇ
مەيلىم ئۈزەمنىڭ
سەكسەن قامچا ئۇرغان بىلەن
يارىم ئۈزەمنىڭ

ئالا ئېتىم سەمىرمەيدۇ
ئېڭىز ئوتىدا
يۈرەكلەرىم پارە-پارە
يارنىڭ ئوتىدا

چىقىۋاللا تىرەككە
ئوتنى ساللا يۈرەككە
شىرىن جانلا ئۇنىمايدۇ
سەن يارىمدىن بۈلەككە

ئاق چېقىلدىن كەلگەن سۇ
ئارا سايدىن④ ئەگىيدۇ
ساڭا كۆيگەن بۇ يۈرەك
قانداق قىلسام سەگىيدۇ

ئاناڭنىڭ بارىدا ئوينا
ئاتاڭنىڭ بارىدا ئوينا
ئۇچۇپ يۈرگەن نادان قۇشلار
چۈشەر جايىڭنىمۇ ئويلا

بېغىمدىكى كەپتەرنى
ئېلىپ كەتتى لاچىن قۇش
مىنى ئوتقا سەپ قۇيۇپ
يارىم كەتتى كۆڭلى خوش

بېغىمدىكى كەپتەرنى
تۇتىۋالدى قارچىغا
يۈرەكىمگە ئوت يېقىپ
يارىم كەتتى ياچىغا⑤

مەن يۇلۇڭدىن⑥ كەلگۈچە
كۆكقىردا⑦قۇناپ قالدىم
سىز يارىمنىڭ دەردىدە
سەۋدايى بولاپ قالدىم

ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن
ئاق كەپتەر بىلەن قاغا
يۈرىگىمنىڭ قېتىدا
ئوتۇم كۆيىدۇ يارغا

ئاتلارىڭنى ھەيدىۋەت
يايلاقلاردا ئوتلاسۇن
سۆيگەن يارغا دەپ قۇيۇڭلا
بىردەم ساقلاپ ئولتاسۇن

ئاتىم ئاتقا ئوخشايدۇ
يارىم ياتقا ئوخشايدۇ
يارنىڭ كۆڭلى ساڭايان
يار تۇتقانغا ئوخشايدۇ

يا ئۇيان ئۈتەشىم با
يا بۇيان ئۆتەشىم با
سەن قارىمىساڭ يارىم
قۇرغۇيدەك ئاداشىم با

يايلىدۇق بىز يايلىدۇق
ئاقچىغ ⑧دىگەندە يايلىدۇق
كۈكىيەك ⑨دۆڭگە چىقىپ
يارىم قايان دەپ يىغلىدۇق

كۈكىيەكنىڭ تۈرىدە
تۈرىدە يايلاغ بارمىكى
شۇ كۈرۈنگەن سايلىدا
بىزنى دىگەنلەر بارمىكى

چۆرگىلمەيتىكەن ئاللا
ئۆرگىلمەيتىكەن ئاللا
سەندىن باشقا يار تۇتسام
باغرىمغا تىكەن باللا

ساي بويلاپ شامال كەلدى
كۆكقىرنىڭ شامالىمۇ
قولۇم ئىشقا بارمايتۇ
سەن يارنىڭ خۇمارىمۇ

مۇز تۆپىستە ماڭساق بىز
لەپەڭشىپ لىغىلدايتۇ
سەن يارىمنى كۆرمىسەم
شوخ يۈرەك جىغىلدايتۇ

يار دەيدۇ يامان دەيدۇ
بىلمەيمەن گۇنايىمنى
يار ئىزدەپ تاپالارمۇ
ماڭا ئوخشاش مۇلايىمنى

بىزنىڭ مەللە دۆڭ مەللە
تېلپۇن بىلەن گەپ كەلدى
سەن ئۇ يەردە ئوينىساڭ
دوست يارەنلەر دەپ كەلدى

كۈكىيەكنىڭ تۈرىدە
قېيىپ يۈرگەن سانى كۈرەڭ
چاغلىماي كۈڭۈل بىرىپ
پالاقلىغان يارنى كۈرەڭ

يڭئاۋاتنىڭ ⑩باغىدا
زىغىر-زاغۇن ئۈندۈردۈم
ساڭا بەرگەن كۆڭلۈمنى
ئالتە ئاي بولدى ياندۇردۇم

بۇ دۇتتارنى كىم ئەتكەن؟
يۇغان قۇرساق غاز بۇيان
ئەل-ئاغىنە جەم بولساق
قىزىمامدۇ بۇ ئۇيان

ئاققۇيناقنىڭ تۈزىدە
ئوتلايدۇ سىنىڭ قۇيۇڭ
مەن ئەمدى كىتەر بولدۇم
يىغلىماي ئۇزتىپ قۇيۇڭ

بۇيىل ئۈرۈك بەك بولدى
بەك بولغاچقا توڭ قالدى
ئىككى يار تۇتقان جۇۋان
ئۇچاق بېشىدا زوڭ قالدى

                              
①        ②③④⑥⑦⑧⑨⑩ چىرا ناھيە ئولۇغساي يېزىسىدىكى يەر ناملىرى
②        ⑤ نۇرى يېزىسىدىكى يەر نامى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-29 23:43  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-29 23:12:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممىتى چوڭ ئەسەر ئېلىپ كەلگەن ئاپتۇرغا رەھمەت ئېيتىش ۋە بۇندىن كېيىنكى ئىزدىنىشلىرىگە مول نەتىجىلەرنى تىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىملاغا دېققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمەن.

ۋاقتى: 2015-11-30 00:19:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئىزدىنىپسىز،ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2015-11-30 10:43:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى يەرلىك ۋە مىللى پۇرىقى ئەڭ كۈچلۈك بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن  بىزگە مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ نادىر ئۈلگۈسىنى تىكلەپ بەرگەن ئىدى مانا بۇ قوشاقلارمۇ دەل مۇشۇ قىممىتى بىلەن كۆڭۈلگە ياقىدىكەن .

ۋاقتى: 2015-11-30 20:14:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆزلىرى ئاددىي ئەمما يېقىملىق قوشاقلار ئىكەن... شۇغىنىسى پەش، چېكىتلەر چۈشۈپ قاپتۇ.
ئۇندىن باشقا يەنە ئۆزۈم بايقىغان ئىملا خاتالىقىنى تۆۋەندىكىدەك تۈزۈتۈپ قويدۇم.
ئۆزۈم، كېمە، سۆگەت، تېرەك، كۆيەرمەنمۇ، كۆيەر، ئېگىز، ئېسىڭىزدە، دېسەم، ئېتىمنى قويۇپ بەردىم، ئايلىنارمەنمۇ، سېكىلەك، ھۇجرا، سېنىڭچە، دېدىم، باغىڭغا، ئۆزۈمنىڭ (ياكى ئۆزەمنىڭ)، سەمرىمەيدۇ، تېرەككە، بۆلەككە، سىڭاريان، مۇز تۆپىدە، يېڭىئاۋاتنىڭ، بويۇن، ئويۇن (ياكى بويان، ئويان)، كېتەر بولدۇم، قويۇڭ.

ۋاقتى: 2015-11-30 20:37:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ يېقىشلىق قوشاقلار ئىكەن. ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.  نۇردۇنى ئېيتقاندەك مىسرالار ئاخىرىدىكى پەش، چېكىتلەر چۈشۈپ قاپتۇ .ئىزدىنىشلىرىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-1 01:47:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس يازغان بارلىق ئەزىزلەرگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن، پەش، چېكىتلەر چۈشۈپ قالغان خاتالىقنى بۇندىن كېيىن تۈزىتىۋالاي، ئەمما ئىملا خاتالىقى دىگەندە خەلق قۇشاقلىرى ھەممە يۇرتنىڭ ئۆزىگە خاس شىۋىسى بىلەن يەرلىك زاغرا تىلدا ئىجات قىلىنغان ھەم ساقلىنىپ كەلگەن بولغاچقا تىكىستلەرنى خوتەن چىرا شىۋىسى بۇيچە ئەينەن ئالدىم، ئۆلچەملىك ئەدەبى ئاتالغۇغا ئالماشتۇرسام خەلق قوشاقلىرىنىڭ بىر پۈتۈن مۇكەممەل گۈزەللىكىگە، پاساھىتىگە داغ يىتىپ قالمىغاي دەپ ئەنسىرەپ شۇڭلاشقا سۆزلەرنى ئەسلى بۇيچە ئالدىم توغرا چۈشەنگەيسىزلەر،

ۋاقتى: 2015-12-1 12:03:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاۋان09033 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-1 01:47
ئىنكاس يازغان بارلىق ئەزىزلەرگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇ ...

ھە، يەرلىك شىۋىكەندە ئەمىسە. رەھمەت،  تەشەككۈر، ھەرگۈلنىڭ پۇرىقى باشقا، دېگەندەك ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ قوشاقلىرىمۇ يەرلىك شىۋىلىرى ئارقىلىقمۇ جۇلالىقتۇر!. رەتلىگۈچىگە كۆپ تەشەككۈر!!!.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش