يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 392|ئىنكاس: 11

ئەھەدى:ياشلىقتىكى ناخشىلار(6)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-28 15:56:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ياشلىقتا ئېيتقان ناخشىلار (6)
ئەھەدى

    جانان يۇلتۇزلار

تۈن كېچە چاراقلاپ يانىسەن يۇلتۇز،
بىھىساپ ھىكمەت بار چاقناشلىرىڭدا .
شوخ قىزدەك يېقىملىق قىلىقلىرىڭ ئۇز ،
تۇيغۇمنى ئوۋلايسەن ماراشلىرىڭدا .

خىيالىم زەنجىرى چىرماشقان ساڭا ،
ئويۇمدا كېلىسەن تۇغدەك يەلپۈنۈپ .
مەن ساڭا ئاشىقمۇ ياكى سەن ماڭا ؟
ئەجىبا، قانمايدۇ كۆزلەر تەلپۈنۈپ .

ئېيتقىنا،سەن زۈمرەت ئاسمان گۈلىمۇ ،
يا كۆكتە ئېچىلغان نەشپۇت چېچىكى ؟.
سەن يارنىڭ كۆزىمۇ ياكى ئۆزىمۇ ،
ئېيتقىنا، نېمىدۇر سىھرىڭنىڭ تېگى ؟.

سۈزۈك مۇز قاتقان كۆز جىيەكلىرىڭدە ،
ئۇ ھىجران يېشىمۇ يا ھەسرەت دېغى ؟.
كەچمىشلەر ئېزناسى ئېتەكلىرىڭدە ،
بىلمىدىم،بار سەندە دەرتنىڭ قاندىغى... ؟

قارىسام جىلمىيىپ ئاتىسەن قاشنى ،
ۋۇجۇدۇم تەخىرسىز كېتىدۇ ئېرىپ .
ئاتقاندەك تىپ-تېنىچ بۇلاققا تاشنى ،
ھىسلىرىم كىشنەيدۇ تېزگىننى سېرىپ .

سېنىڭسىز تۈنۈم تۈن بولمايدۇ ، ئەپسۇس...
سېنىڭسىز كۈنۈممۇ  توختايدۇ   تەسكە .
يۇلتۇزسەن، يۇلتۇزمەن بىزدە ئوخشاش تۈس ،
مەن كۆككە ساقىيمەن سەنمۇ ھەم پەسكە...

ساقىيسەن، ئاداققى چاقناشلىرىڭ ئۇز،
ئارماننى قۇچاقلاپ كېتىسەن ئۈچۈپ .
ئۆچتۈم دەپ قايغۇرما،ئىھ جانان يۇلتۇز،
چاقنايسەن سامادىن باغرىمغا كۆچۈپ...!
                     1990-يىل3- مارت
تەبىئەت لىرىكىسى

قارايمەن يېراقلاردىن- يېراقلارغا،
كۆز نۇرۇم سېڭىپ كېتەر ئۇپۇقلارغا.
قارايمەن، قارىغانچە كۆڭۈل- كۆكسۈم،
تولىدۇ شەپەق رەڭلىك يورۇقلارغا.

قارايمەن، ئاھۇ كۆزلۈك بولاقلارغا،
باغرىمنى يېقىپ يېشىل قىياقلارغا.
قارايمەن، قارىغانچە بولار مەپتۇن،
يۈرىكىم گۈزەل غۇنچە سىياقلارغا.

قارايمەن بولۇت سۆيگەن چوققىلارغا،
تۇرغاندەك ئۆزۇم ئەشۇ چوقىلاردا.
قارايمەن، قارىغانچە كېلەر زوقۇم،
يېراققا پەرۋاز قىلغان ئاققۇلارغا.

قارايمەن،قىرغاق سۆيۈپ ئاقار دەريا،
جىلۋىگەر ھەر قەترىدە ئوينار زىيا.
قارايمەن، قارىغانچە دىلدا ئىلھام،
دەريادەك شاۋقۇنلىنىپ تاشار گويا...

قارايمەن، ئىھ نىمانچە ئۇز   تەبىئەت،
كەڭلىكتۇر ئۇنىڭدىكى سېھرى- ھېكمەت.
تارلىقتىن    تانالمىغان   كۆڭۈللەرگە،
ئىلاھىم، كۆچسە دەيمەن ئەشۇ خىسلەت!
                    1990-يىل 11-ماي
     ئانا مۇھەببىتى

كۆكسۈمدە ئوت كۆيەر سەن ئۈچۈن ئانا ،
نە ئوتكى، بىھىساپ سۆيگۈ يانغىنى .
سەن بەرگەن بارلىغىم تەسەددۇق ساڭا ،
مەن ئۆلەي،سۆزۈمنىڭ بولسا يالغىنى !

سەن بولغاچ ھاياتتا مەنمۇ بار بولدۇم ،
سېنىڭسىز نەدىكەن ماڭا مەۋجۇتلۇق .
ئاق سۈتۈڭ بەھرىدىن خىسلەتكە تولدۇم ،
شۇ سەۋەپ يۈرىكىم ماگمىدەك ئوتلۇق .

ئېسىمدە چىققىنى ‹‹ ئانا›› دەپ تىلىم ،
‹‹ئانا ›› دەپ باشلانغان شائىرلىغىممۇ .
سەن بولغاچ سۈبھىدەك يۇرىدى دىلىم ،
سەن باركى يىقىلماس قۇت بايرىغىممۇ .

قوياشقا ئوخشاتقۇم كېلىدۇ سېنى ،
باغرىڭدا مىڭ قوياش ھارارىتى بار .
ئەجرىڭدە پەپىلەپ چوڭ قىلدىڭ مېنى ،
ئەر بولدۇم، ۋاپادار دېگەن ئېتى بار .

بۇلاققا ئوخشاتقۇم كېلىدۇ سېنى ،
بەئەينى چەشمىسەن ئېقىپ تۈگىمەس .
ھەر قەترەڭ ھاياتنىڭ يىلىكى، قېنى ،
ئۇنىڭسىز ھاياتلىق بېغى كۆكلىمەس .

باغرىڭمەن ، باغرىمسەن سۆيۈملۈك ئانا ،
سەن بىلەن بىر تەنمەن،سەن بىلەن بىر جان .
ئەجرىڭنى قايتۇرماق ئارماندۇر ماڭا ،
ئامان بول بەختىمگە بەختىم ئانىجان !
               1990-يىل16-ماي
ھەر كاللىدا بىر خىيال

تۇراتتىم ھايۋاناتلار باغچىسىدا،
قەپەزنىڭ ئىچىدىكى شىرغا قاراپ.
بىر يىگىت-بۇدرە چاچالىق،يېنىمدىكى-
تۇساتتىن قالدى مۇنداق سۇئال سوراپ:

-‹‹ئاڭلىغان شىرنى بەكمۇ يىرتقۇچ دەپ،
ئەپەندىم، راستمۇ ئۇنىڭ ياۋۇزلىقى؟
تۇرمامدۇ قويدەك ياۋاش،ئۈن-تىۋىشسىز،
چېنىپتۇ  بىچارىنىڭ    يالغۇزلىقى...

قىلغىچە تار  قەپەزگە  بەنت  ئۇنى،
بولمامدۇ  ئۆز  ئەركىگە  قويۇۋەتسە ››.
‹‹ياق!›› دېدىم،مەن يىگىتكە چۈشەندۈرۈپ،
‹‹ئىش چاتاق، ئۇ قەپەزدىن چىقىپ كەتسە!››


‹‹ئۇنداقمۇ بولماس›› دېدى باشنى چايقاپ،
(ئۇ بەلكىم ، دېگىنىمگە ئىشەنمىدى).
ناۋادا شىر  قەپەزدىن چىقىپ  كەتسە،
ئۇ يەنە  باشنى چايقاپ  يۈرەرمىدى؟!
                          1990-يىلى ماي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەھەدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-28 16:32  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-28 22:00:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل شئېرلار ئىكەندۇق.كونىراپ كەتسىمۇ ۋاقتى،دىلغا ياقتى چىرايلىق قانىتى.ھۇجۇدۇمىزغا تەگدى تىللار لەززىتى....

ۋاقتى: 2015-11-28 22:10:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئەھەدىي چوڭدادامنىڭ شېئىرلىرىنىزە بەك ياقتۇرىمەن جۇمۇ.
مۇنۇ شېئىرلارمۇ بىر-بىرىدىن نوچى ئىكەن ئەينا .

باھا سۆز

ئەجەپ تونۇش چىرايغۇ - بۇ...  ۋاقتى: 2015-11-29 02:49 PM
ۋاقتى: 2015-11-29 10:49:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغايسىز،ئۇستاز!
ئامان بولۇڭ!

ۋاقتى: 2015-11-29 11:40:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگەقۇتلۇق بولسۇن!
سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزغا ئاپىرىن دېمەي تۇرالمايمەن،ئىجادىيىتىڭىزگە بارىكاللائىيتقۇم كېلىدۇ.
سىزگەئامەت ياربولغاي!

باھا سۆز

رەخمەت ئۇستاز!  ۋاقتى: 2015-11-29 02:45 PM
ۋاقتى: 2015-11-29 12:22:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھاملىرىڭىز بەركەتلىك بولغاي

ۋاقتى: 2015-11-29 13:20:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



          يادلىۋىلىپ، يالغۇز قالغان چاغلاردا ئوقۇپ كۆڭۈل خۇشى قىلىدىغان شېئىلار ئىكەن. شائىرغا ساقلىق ۋە شادلىق تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2015-11-29 20:37:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېيتقىنا،سەن زۈمرەت ئاسمان گۈلىمۇ ،

يا كۆكتە ئېچىلغان نەشپۇت چېچىكى ؟.

ناخشىلار توختاپ قالمىسۇن، ئۇستاز،  ئاڭلاپ تۇرايلى !

ۋاقتى: 2015-11-29 21:06:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوش قاپىيەلەرمۇ بەك قاملاشقان ئېسىل شېئىرلار ئىكەنتۇق... ئاۋازلىق ھۆججىتى ياكى ئاھاڭلىق ناخشىسى بىللە يوللانغان بولسىچۇ...

ۋاقتى: 2015-11-30 00:32:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزغا ئاپىرىن ،ئىجادىيىتىڭىزگە تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2015-11-30 12:28:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ غەزەللىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقاتتىم ياشلىقتىكى ناخشىلىرىڭىزمۇ بىر-بىرىدىن ياخشى چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2015-12-1 22:49:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيگۈنىڭ سىرىنى ئاچمىدى ھىچكىم،
ئوتىدا كۆيگەنلەر بىلىدۇ بەلكىم.
چاچلار قىرو،كۆزلەر خىرە بولسىمۇ،
‹‹ياشلىقتا ئېيتقان››نى ئۇنۇتماس ھەركىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش