جاناننىڭ قاراڭغۇلۇقى
ئابدۇسالام ساۋۇت
1
ئاۋازىمدا زۇلمەت گۈلى
ئۈزمەكتىسەن ئاستا خۇشپۇراق
جاناننىڭ سارغايغان قەلبى...
كۆكسۈمدە سۇنىقى قېپ قالغان پىچاق.
2
ئىس بولۇتى ئۆرلەۋاتىدۇ
مەن قاراڭغۇ ياراڭدا چايقىلۋاتىمەن
يەتتە قات سۇپا ئۈستىدە
يەتتە قات يالغۇزلۇقۇمدا
يەتتە قات دوزاختا
يەتتە قات ئايالدا
يەتتە قات سۆزنىڭ بۇزۇلغان ئىپپىتىدە
ئىچىمنىڭ يوقلۇق قۇشلىرى كېلىپ–كېتىۋاتقان قىياپىتىدە
ئەپيۇندەك ئېچىلىپ توزماقتىمەن.
3
ساڭا سۈرۈلدۈم
قاراڭغۇ يۇلتۇزدەك
بىر تال خىرە ئەتىرگۈلىنى يۇلدۇم
ۋە ساڭا سۇندۇم
يالىڭاچلىنىپ.
4
شامالنىڭ قىياپىتىگە كىردىم
تەن توزىدى
چىلىمدىن ئازراق ئېلىپ سەيخانىگە باستىم–دە
جانان كۆرۈندى
قەلبىم ئىبادەتتە ئولتۇردى
مەن تەڭرى بىلەن خوشلاشتىم
جانان...جانان يورىدى.
2015–11–23 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-28 15:54
|