يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 355|ئىنكاس: 4

مەخەت ئابدۇرېھىم: ھېسام چاخچاقلرىىدىن دۇردانىلەر(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-28 00:20:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى


ھېسام چاخچاقلرىدىن دۇردانىلەر(2)

خوتۇندىن قورققاننىڭ پايدىسى

بىرسى ھىسامدىن سوراپتۇ:
ــ ھىسامكا، خوتۇندىن قورققاننىڭ پايدىسى بارمۇ؟
ــ بار،ـ دەپتۇ ھىسام،- بىرلا پايدىسى بار.
ــ ئۇ قانداق پايدا،- سۇئال سورىغۇچى قىزىقىپتۇ.
ــ ئاشپەزلىكنى ئۈگىنىۋالىسەن.- دەپتۇ ھىسام.

گۇناھ بولىدۇ

بىر كۈنى ھىسام جامائەت بىلەن خەتمە تويدا بىللە بولوپ قاپتۇ. تۆردە ئولتۇرغان مەھەللە ئىمامى:
ــ ئادەمنىڭ سۈرىتى بار ئۆيدە تەكبىر ئىيتىش گۇناھ بولىدۇ...،- دەۋىرىپ،ئۆيدىكى ھەممە رەسىملەرنى ئالغۇزۋىتىپتۇ. ھىسام بىر چاغدا ئىمامنىڭ ئالدىغا قويۇلغان كونۋىرت ئىچىدىن ئەللىك سوملۇق پۇلنى ئاپتۇ دە، ساھىپخانغا بىرىپ:
بۇنىمۇ ئىلىپ كىتىڭلار،- دەپتۇ. ئىمامنىڭ كۆزى چەكچىيىپ كىتىپتۇ-دە:
ھىسامىدىن بۇ نىمە ئىش ؟- دەپتۇ پوكاندەك قىزىرىپ، ھىسامىدىن چۈشەندۈرۈپ:
ــ تەقسىر، قارىسام پۇلدىمۇ ئادەم سۈرىتى بار ئىكەن،سېلىنى گۇناھقا شىرىك بوپ قالمىسۇن دىدىم.

قاياققا قارىتىپ قويسا...

كىم نىمە دىسە ئەگىشىپ سۆزلەۋىردىغان بىر ئادەم توغرىسىدا بىرسى ھىسامدىن سوراپتۇ:
ــ شۇ كىشى سىزنىڭ خوشنىڭىزغۇ، ئۆزى قانداقراق ئادەم؟
ــ قانداق ئادەم بولاتتى، دەپتۇ ھىسام، يۈزىنى قاياققا قارىتىپ قويسا، شۇ ياققا ماڭىدىغان ئادەم.

سەندە يىغلاڭغۇ بولمىسا...

ئوغلى تالادىن يۈگىرەپ كىرىپ ھىسامدىن سوراپتۇ:
ــ دادا، دادا ، خوشنىمىز قوي سويۇپتىكەن، قوينىڭ ئىچىدىن ‹يىغلاڭغۇ چىقتى› دەپ بىر نەرسىنى ئىلىپ تاشلىۋەتتىغۇ، قوينىڭ يىغلاڭغۇسى بولامدۇ؟
ــ بولىدۇ،- دەپتۇ ھىسام ئوغلىغا،- قوينىڭ تۇرماق سېنىڭ قوسىغىڭدىمۇ يىغلاڭغۇ بار.
ــ ماڭە دەپتۇ ئوغلى چەكچىيىپ قوسغىنى تۇتقىنچە،- مىنىڭ ئىچىمدە يىغلاڭغۇ نىمىش قىلىدۇ؟
ــ قوسغۇڭدا يىغلاڭغۇ بولمىسا، دەپتۇ ھىسام كۈلۈپ تۇرۇپ،- نىمىشقا ھەدىسلا يىغلاپ ئاپاڭنى خاپا قىلىسەن؟

چىكىپ بوپ تاشلىمامدىم

ھىسامنىڭ تاماكا چىكىۋاتقىنىنى كۆرگەن خىزمەتدىشى ھەيران بولۇپ سوراپتۇ:
ــ ھىسامكا تاماكىنى تاشلىۋەتتىم دەۋاتمامتىڭىز، يەنە چىكىۋاپسىزغۇ؟
ھىسام ئۇنىڭدىن بەتتەر ھەيران بولغاندەك جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ.
ــ قىززىقكەنسىزغۇ، چىكىپ تۈگەتكەندىن كىيىن تاشلىۋەتمەمدىم؟

دۈشمەن

كىنو باشلىنىشىغىلا ھىسام كىنودىكى چىرايى ئەڭ سەت ئادەمنى ئاغىنىسىگە كۆرسىتىپ دەپتۇ:
ــ قارا ، ئاشۇ ئادەم مۇشۇ كىنودىكى دۈشمەن.
ــ ئۇنى نەدىن بىلىسەن؟- ئەجەپلىنىپ سوراپتۇ ئاغىنىسى، ئىلگىرى بۇ كىنونى كۆرگەنمىتىڭ؟
ــ كۆرمىگەن، ئەمما بىلىمەن،- دەپتۇ ھىسام،- ھەرقانداق كىنودا سەتلا ئادەملەر ئاخىرىدا دۈشمەن بوپ چىقىدۇ ئەمەسمۇ؟

بانا

ھىسام مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىدا، بىر قىتىم دادىسى ئۇنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى ۋاراقلاپ بىقىپ ئاچچىقلاپتۇ.
ــ بالام، يازغان خىتېڭ نىمانچە سەت؟
ــ ئۆزەڭ مايماق يازىدىغان قەلەم ئىلىپ بىرىپسەن،- دەپتۇ ھىسام بانا تىپىپ. دادىسى:

ــ ئەمىسە ئەتە باشقا قەلەم ئىلىپ بىرەي ماقۇلمۇ؟

ــ ئاۋارە بولما دەپتۇ ھىسام يەنە بانا تىپىپ،- قانچە ياخشى قەلەم ئەكىلىپ بەرگەن بىلەنمۇ، ھازىرقى دەپتەرلەرنىڭ قەغىزى ياخشى ئەمەس.
ئىنساۋىڭىزنى تارتىپ بېقىڭ

ھىسام قاسساپتىن گۆش ئاپتۇ، قاسساپ ئادىتى بويىچە تارازىنىڭ تەڭپۇڭى كەلمەستىنلا گۆشنى ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلاپتۇ. ھىسام نېرىقى دۇكانغا بىرىپ گۆشنى تارتقۇزۇپ باققان ئىكەن،گۆش راستىنلا كەم چىقىپتۇ. ھىسام يىنىپ كىلىپ قاسساپقا دەپتۇ:
ــ ئۇستام، گۆشىڭىز كەم چىقتىغۇ؟
ــ نىمە دەيدۇ ماۋۇ،- دەپتۇ قاسساپ تاتىرىپ،- ھەي ئاداش، مېنىڭ تارازامدەك توغرا تارازا بۇ شەھەردە يوق جۇمۇ!
ــ ئۇنداق بولسا دەپتۇ ھىسام تەمتىرمەي،- شۇ توغرا تارازىڭىزدا ئىنساۋىڭىزنى بىر تارتىپ بىقىڭا!

ئەگەر بۇ ئىس بولسا

ھىسام كىچىك ۋاقتىدا بىر كۈنى دادىسى قوي سويۇپتۇ. دادىسى قوينىڭ قارنىنى يارغان ئىكەن، قوينىڭ قورسىقىدىن پۇرقىراپ ھور كۆتىرلىپتۇ. ھىسام بىلەن بىرلىكتە قوي سويغاننى كۆرگەن ئىنىسى بۇنى كۆرۈپ:

-قارا ، قارا ئاكا، قوينىڭ قوسىغىدىن ئىس چىقتى،- دەپتۇ.- بۇنى ئىس دىمەيدۇ، ھور دەيدۇ بالام دەپ،- چۈشەندۈرۈپ دادىسى كىچىك ئوغلىغا.
ــ شۇنى دىگىنە دادا، دەپتۇ ھىسام گەپكە قېتىلىپ،- قوينىڭ قوسغۇدا مۇنچىلا ئىس بولسا، قوينىڭ بېىشى ئاغرىمامدۇـ ھە؟

دانا جاۋاپ
ھىسامىدىننى بەكمۇ دانا دەپ ئاڭلىغان بىر يىگىت ئۇنىڭدىن سوراپتۇ: ــ ھىسامدىنكا، مەن نىمىشقا مۇنچىلا سىرىق دەپ بېرىڭا.
ھىسامىدىن‹مەن نەدىن بىلەي› دىسىمۇ يىگىت ئۇنىماي تۇرىۋالغاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:

ــ خوپ دەپ بەرسەم، دەپ بىرەي، ئاۋال شۇنى دىگىنە، داداڭ نىمە ئىش قىلىدۇ؟
ــ رىشالە ئېتىپ ساتىدۇ، دىدى يىگىت.
ــ ھە بولدى ، دەپتۇ ھىسامىدىن جاۋاپ بىرىپ،- داداڭ تۇخۇمنىڭ ئېقىدا رىشالە ياساپ، سېرىقىدا سىنى ياسىغان ئىكەن.


( مەنبە: ھىسام چاخچاقلىرى توپلىمىدىن ئېلىندى )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-28 14:07  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-28 16:10:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقچاقلاردىن ھوزۇرلاندىم.

ۋاقتى: 2015-11-28 17:11:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى كۈلدۈرۈۋەتكىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە بىر پىيالە چاي تۇتتۇم مەخەت ئابدۇرېھىم ئەپەندى.  مۇشۇنداق يازمىلىرىڭىزغا ھەممىمىز ئامراق.

ۋاقتى: 2015-11-28 22:20:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2015-11-28 23:01:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاخىرىدىكىسىگە كۈلدۈم،  ھا ھا ھا ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش