قىسمەتلەردىن رەڭلەنگەن دۇنيا
قىسمەتلەرنىڭ باغرىدا ئېزىپ،
ئۆكسۈپ چىقتىم ئۇزاقتىن-ئۇزاق.
كەچمىشىمدە ئاقتىم تاراملاپ،
ئۆرتىگەچكە دىلىمنى پىراق!
بۇغداي ئۆڭلۈك چېھرىڭ نۇرسىياق
داداڭغا زەپ ئوخشايسەن بالام.
داداڭ باسقان يولدىن ئاداشماي،
مەنزىلگە يەت! دەيىتتى جان ئانام.
ئانام كەتتى كۆزلىرى ئوچۇق،
دادام كەتكەن چىغىر يول ئارا.
مەن «يېتىم» دەپ ئاتالدىم بىۋاق
تەلىيىم كاج، ئىچ-باغرىم يارا !
ئۆز رايىڭغا باقماسكەن ئەسلا،
قىسمەتلەردىن رەڭلەنگەن دۇنيا.
يالغان كۈلۈپ يۈرسەڭمۇ، لېكىن
دىل قەسرىڭدە تۈنەركەن يىغا!
قايغۇ بىلەن شادلىق قوشكېزەك،
ھەر قەدەمدە ھەمراھكەن ئاڭا.
بىلەلمىدىم ھايات سىرىنى
ئويلىساممۇ شۇنچە كۆپ، توۋا...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-27 18:37