يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 890|ئىنكاس: 0

ساھىت سادىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-27 10:54:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                          ساھىت سادىق
22.jpg


     ساھىت سادىق 1952-يىلى يوپۇغا ناھىيەسى يوپۇغا بازار ئەۋزەلقۇم كەنتى قۇم بويى مەھەللىسدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1974-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يوپۇغا ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى، مۇخبىر، تەھرىر، ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈم مۇئاۋىن باشلىقى، ناھىيەلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى دائىمىي كومېتىت ئەزاسى، ئىشخانا مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ 2007-يىلى پېنسىيىگە چىققان.
    ساھىت سادىق 1973-يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى»دا ئېلان قىلغان «ۋەتىنىم» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، تېلېۋىزىيە تىياتىرى، ئەدەبىي ئاخبارات، سەھنە ئەسەرلىرى قاتارلىق كۆپ خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «سەھرالىق كۆيئوغۇل»، «تەشنالىقتا ئۆتكەن كۈنلەر» ناملىق ئىككى سەھنە ئەسەرلىرى توپلىمى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇ يازغان «سەھرالىق كۆيئوغۇل»، «بەرىكەت»، «كېيىن كەلگەن تەلەي» درامىلىرى، «ئاق ئالتۇن دىيارىدىكى ھارماس كۈيچىلەر»، «داۋا كۆل مەشرىپى»، «داۋا كۆل ناۋاسى» قاتارلىق بەدىئىي فىلىملەر شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، قەشقەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن لېنتىغا ئېلىنىپ تارقىتىلدى.  ئۇ يازغان «ھويلا مەشرىپى» ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەنگەن 31 خەلق مەشرىپى تەركىبىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە كىرگۈزۈلدى.
يوپۇغا ناھىيىسىدە ئىشلەنگەن «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»، «ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى»، «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى»، «يوپۇغا ناۋاسى» (ئەدەبىي ئەسەرلەر توپلىمى)، «يۈرەك ساداسى» (ئەدەبىي ئەسەرلەر توپلىمى)، «يوپۇغا تارىخ ماتىرىياللىرى» (بەش توپلام)، بولۇپ جەمئىي 10 كىتابنى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى. باش مۇھەررىرلىك ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىدى.
    «ئۇلار نېمە ئۈچۈن جىنايەت ئۆتكۈزدى؟»، «ئەزىز يۇرتۇم»، «قەشقەر»، «بەرىكەت» … قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.
2003-يىلى 4-ئاپرىل قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى يوپۇغا ناھىيىسىدە «ساھىت سادىق ئەدەبىي ئىجادىيىتى (سەھنە ئەسەرلىرى) ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭ ئىجادى ئەمگەكلىرىگە قارىتا باھالاش ئېلىپ باردى.
ئۇ «كەچمىشلەر»ناملىق رومانى، «قىرتاق چەشمىلەر»ناملىق رۇبائىيلار توپلىمى، «پۇراقسىز گۈل» ناملىق ھىكايىلار توپلىمى قاتارلىقلارنى نەشىرگە سۇندى.
    ساھىت سادىق قەشقەر ۋىلايەتلىك تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
                                 

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-27 11:14  


11.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش