ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت خەۋىرى، فوتوسى:
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 6-قېتىملىق «سۆي كىتاب سۆھبىتى» بويىچە روزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچقا ئىلھام بېرىش پائالىيىتى 21-نويابىر قەشقەر قەسىر قولايلىق تېز تاماقخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئەسلەش ۋە ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن جەۋھەرلەردىن ئىلھام ئېلىش بويىچە تەسىرات سۆزلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، «قەشقەردە ئۆتكەن مەشھۇر كىشىلەر» ناملىق ئەسەرنى ئوقۇشتىن ئالغان تەسىراتنى بايان قىلىش ئاساسىدا كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
پائالىيەت ئاخىرىدا «كىتاب ئوقۇش يىلى» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان روزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە ئۇ قانات يايدۇرغان كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرى، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا «سۆي كىتاب» جەمئىيىتى ۋە يوپۇغا ناھىيەسىدىكى قەلەمكەشلەر نامىدىن تون كىيدۈرۈلدى.
- D" C8 ]( ^$ z6 |