يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 809|ئىنكاس: 24

ئەرتېكىن: ھەر ھەپتىدە بىر غەزەل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-26 13:24:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

ھەر ھەپتىدە بىر غەزەل
ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن



t01de33f7eeb48a512d.jpg



يۈرمىگەي

ھەركىم ئۆزىنى بىر ساناپ كېبىر-تامادا يۈرمىگەي،
ئۇنتۇپ تېگىنى پىر ساناپ ئۇچۇپ سامادا يۈرمىگەي.

تارتىپ يېنىغا ماختىسا بىلمەي ھۇشىنى، بولمىسا
ئىككى پۇتىنى غىر ساناپ ئىشى ئادادا يۈرمىگەي.

ھەر ئىش يولىدا بولسا بەس، ماراپ كىشىنى ھە دېسە،
تىرناق ئاستىدىن كىر ساناپ روھى گادادا يۈرمىگەي.

كۆرگەننى كۆردۈم دېگۈلۈك، بىلگەننى بىلىپ يىگۈلۈك،
ئەلنىڭ كۆزىچە سىر ساناپ غەيرى سادادا يۈرمىگەي.

دەرىخا، زامان بولدى نە، تۆكمە يېشىڭنى ئەرتېكىن،
ئېگىز داۋاننى قىر ساناپ خەقلەر ناۋادا يۈرمىگەي.
                                                   2015-يىل 25-نويابىر، ئونسۇ


(ئاپتۇر - ئونسۇ ناھىيەلىك پارتىيە مەكتەپتە)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-27 13:14  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-27 11:12:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچكى قاپىيە « سىر، پىر، كىر، قىر...» لارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى شېئىري جۈملە ۋە سۆزلەرنىڭ راۋانلىقىغا نىسبەتەن يەنە ئازىراق ئىشلەڭ. مەزمۇن ياخشىكەن. ئەتراپىڭىزدىكى مەن كەبىي ئۆزىنى بىلەلمەيدىغانلارغا يەنىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن نەزەر سېلىپ بېقىڭ. تاسلا قېلىۋاتىدۇ بەزىلەر شۇ تاپ ئەجدادىن ئەمەس، تاپقان ئاتا-ئانىسىدىنمۇ تانغىلى...مۇشۇ مەزگىلدە بۇ شېئىرىڭىزنىڭ رولى ئالاھىدە بولار دېگەن قاراشتىمەن. « مەنمەنچى»لىك ئادەمنى يىلتىزسىز دەرەختەك قۇرۇتۇپ تاششلايدۇ، ئاخىر...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-27 12:16:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABLAJAN.BOWAKI يوللىغان ۋاقتى  2015-11-27 11:12
ئىچكى قاپىيە « سىر، پىر، كىر، قىر...» لارنىڭ ئالدى-كەينى ...


   «مەن كەبىي» دەپ دارىتمىلاپ ئادەمنى خىجىل قىلىپ قويدىڭىزغۇ ئاكا!؟
   نەق گەپكە كەلسەك، مەن يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان تالاي شېئىرلارنى يېزىپتىمەن، بىراق غەزەل تۈرىدە ھەقىقەتەن ئەمگىكىم ئاز بولۇپ قالدى. بۇ جەھەتتە زادى تىرشمىسام بولمايدىغان يەرگىمۇ يەتتى. شۇڭا يېقىندىن بۇيان تىرىشماقتىمەن، يەنە تىرىشماقتىمەن...
   سىز بىر غەزەلخان ئۇستاز بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ماڭا ئىزچىل ئىلھام بېرىۋاتىسىز، يېتەكلەۋاتىسىز. بۇ جەھەتتە ئىلگىرى ئەرچىن ئاكاممۇ، ئالاۋىدىن ئۇستازمۇ كۆپ سەمىمىي پىكىرلەرنى بەرگەن. شۇڭا مەن بۇ يەردە ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!
   بۇ غەزىلىمگە بەرگەن پىكرىڭىزنىمۇ تولۇق قوبۇل قىلىمەن ھەم تۈزىتىشكە تىرىشىمەن.
   مۇمكىن بولسا، سىز، ئالاۋىدىن ئۇستاز، پەتتارى ئاكىمىز، ئەرچىن ئاكام، ئۆزيول ئاكام، شۇنداقلا ئادىلجان ئىنىمىز... قاتارلىق ئۇستاز غەزەلخانلارنىڭ مېنى بۇ جەھەتتىن يەنىمۇ كۆپرەك يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىڭلارنىڭ تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئىجادىيىتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن، ھەر جايدا بولساڭلار ئامان بولغايسىلەر!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-30 10:52  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-27 13:18:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلمەس

ھايات قايناق، كىشى مۇشتاق، ئۆمۈر چەكلىك كېتىپ كەلمەس.
قەدەم باسماي بەخىت ناگىھان ئۆزى ماڭدام يېتىپ كەلمەس.

كۆرۈم يەتتى، ئۆلۈم مەجھۇل، بولۇش كارمۇ ئۇنىڭغا قۇل،
تىرىك جاننىڭ ئىشى ئەمگەك، ئەجەل ناخشا قېتىپ كەلمەس.

كۈلۈپ ئاتقان تېڭىڭ ھەردەم بېرەر تاتلىق كۆڭۈل بىردەم،
باغاش ئەتمەي قاراپ تۇرساڭ ئويناقلاپ قاش ئېتىپ كەلمەس.

ھەركىم ئۆزى ئىجادكاردۇر، ئىلىم-ئىرپان نىجادكاردۇر،
ھالال تەرسىز يىيىلگەن ئاش لەززەت بىرلە تېتىپ كەلمەس.

دۇنيالىق غەم سېلىپ جانغا، قاراپ قالما ئىككى يانغا،
تىرىشقىنكى نەپەس شۇئان ئېكەك بولۇپ پېتىپ كەلمەس.

ھېكىمەتلىك كەڭ ئالەم بۇ، چۈشەنسەڭ گەر ساخاۋەت شۇ،
ياخشىلىققا يار ياخشىلىق بىكاردىنلا چېتىپ كەلمەس.

ئەرتېكىنگە بەر پاراسەت، بىھاجەتكى يوق پاراغەت،
لەھەت ئۇدۇل بارار بولسا ئۇ غۇرۇرنى سېتىپ كەلمەس.
                                          2015-يىل 23-نويابىر، ئونسۇ


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-27 13:22  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-27 13:26:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇدا قىلدىڭ

نىگاھىڭدىن ئېتىپ بىر ئوق مېنى جاندىن جۇدا قىلدىڭ،
ۋۇجۇدۇمنى سېلىپ ئوتقا ئۆزۈڭ جىلۋە-جۇلا قىلدىڭ.

يېشىم ئاقتى بولۇپ ئەگىز، تېنىمدە سۇندى مەجنۇنتال،
بېشىمدا بىھىساپ كۈلپەت، جۇنۇنلۇقتا گادا قىلدىڭ.

چېكەرمەن نالەيۇ-پەرياد،  ئۆزۈم ۋەيرانە-ۋەيرانە،
بېغىمدا سەن ئېتىپ قەھ-قەھ، تىتىپ باغرىم ئۇۋا قىلدىڭ.

ئەمەستۇرمەن ئۆزۈم، ئەمما خىجىلدۇرمەن بۇ ھالىمغا،
جاھان ئەھلى ئارا دىلبەر ماڭا بەكمۇ جاپا قىلدىڭ.

ئەجەپكىم، بەزدى دۇنيادىن، نە ئېمكان ئەرتېكىن ئەمدى؟
ئېلىپ بىر جاننى بىر تەندىن گۇناھ قىلىدىڭ، گۇناھ قىلىدىڭ!
                                                     2014-يىل 20-يانىۋار، ئونسۇ

(«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 2015-يىل 10-ئاۋغۇسىتتىكى «جەنۇب شامىلى» بېتىدە ئېلان قىلىنغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-27 13:38  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-27 13:27:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈل ئىچىدە گۈل كۆردۈم

گۈل ئىچىدە گۈل كۆردۈم رەڭگى-پۇراقى ئۆزگىچە،
شۇنچە گۈلنىڭ ئىچىدە تۇرغان سىياقى ئۆزگىچە.

غۇنچىسى ئوتقاش گويا، قىسسام قۇلاققا تۇتىيا،
قامىتى نازۇك، لىۋەن ئىشقى-پىراقى ئۆزگىچە.

ھەر باقسام باققۇم كېلۇر، ئۈزۈپ باغرىم ياققۇم كېلۇر،
كەتتى ئەس-ھۇش، تالمىدى كۆزۈم قاراقى ئۆزگىچە.

قاي كۈنى كۆردۈم ئۇنى ئايدەك مېسالى چېھرىنى،
تەلمۈرەرمەن بولسىمۇ يولنىڭ يىراقى ئۆزگىچە.

ئىش-ئەمەلىم شۇدۇر ھامان، قۇشلىرىم ئۇچقان تامان،
تارتمىغاچ زوق كاج كۆڭۈلنىڭ ئىشتىياقى ئۆزگىچە.

ئۇيقۇ يوق كۈندۈز-كېچە، كەلدىم چىداپ بۇ كەمگىچە،
ئەمدى بەس، توشتى سەۋىر تۈگەل ۋاراقى ئۆزگىچە.

چەكمەيىن ئاھ-ۋاھ ئازاپ، يازاي غەزەل يارغا ئاتاپ،
بولمىغاي گەپ مەنىسىز مەزمۇن تۇراقى ئۆزگىچە.

شۈكرىكىم، يەتسۇن بېشىم كۆكلەرگە بولسا دىلكىشىم،
ياڭرىغاي سىگاھ، ئەجەم، مۇقام ئىراقى ئۆزگىچە.

ئەرتېكىن ئەركىڭنى ئال، تۈنلەردە مۇڭ كۈيلەرگە چال،
يانغۇسى غېرىپ خانەڭ ھەر كۈن چىراقى ئۆزگىچە.

(«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 2013-يىل 26-ئىيۇندىكى «جەنۇب شامىلى» بېتىدە ئېلان قىلىنغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-27 15:44  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-27 13:40:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جېنىمنىڭ تېگىدە جانان ياتىدۇ

كۆڭلۈمنىڭ بېتىدە داستان ياتىدۇ،
كۆكسۈمنىڭ ئىچىدە ئاسمان ياتىدۇ.

ۋىلىقلاپ يۇلتۇزدەك چاقنايدۇ ۋېسال،
قاراڭغۇ كېچىدە بوستان ياتىدۇ.

بوينۇمغا چىرماشقان بەخىتمۇ-ئازاپ؟
مەسىتخۇشلۇق ئىلكىدە ئەفغان ياتىدۇ.

يىلاندەك تولغىنىپ قەسىتلەپ تېنىمنى،
جېنىمنىڭ تېگىدە جانان ياتىدۇ.
                                2015-يىل 24-نويابىر، ئونسۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-27 13:41  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-27 18:20:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇناجات

ئىلاھا، ساقلىغىن مېنى ئاھۇ كۈلپەت جاھالەتتىن.
ھەر دەمى غەم-غۇسسە ئىچرە تەنەيۇ-دوق مالامەتتىن.

چىدام، سەۋرىم، شىجائەتتە ئۈزۈپ چىقسام يىراقلارغا،
پاناھ ئەيلەپ كۆرەڭ شەيتان سېلىپ كەتكەن زالالەتتىن.

روھىم قۇچقاي شەرەپلەرنى، بېشىم يەتكەي چىمەنلەرگە،
تېپىپ توغرا ھىدايەتنى ئۈمىد بىرلە كاپالەتتىن.

پىشانەمدە يۇرۇپ تۇرغاي قۇياش ھەر كۈن ھارارەتتە،
ئېلىپ رىسقى سۇناي ئەلگە زەررە ئېھسان شاپائەتتىن.

ئول ئەرتېكىن سۆزى قەسەم ئىستەر ۋەسلى مۇشەققەتنى،
كۈلەر بەرھەق قىلىپ ھىممەت بەرسەڭ مىسقال بالاغەتتىن.
                                                  2015-يىل 27-نويابىر، ئونسۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-27 18:21  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-30 11:14:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈل ئىزھارى

ئى جانانىم نامە يازدىم بۇ كۆڭلۈمگە سىزلا ياراپ،
شۇندىن بېرى يۈرىكىم ئوت، باغرىم گويا بولدى كاۋاپ.

نەچچە دېدىم خەت يازاي دەپ، نومۇس كۈچى مېنى توستى،
نە ئامالىم؟ بۇ سەۋداغا ئاھىم پىغان، ھالىم خاراپ.

جامالىڭىز مەنچۈن قۇياش، مەن يەر ئۇندىن يورۇق ئالغان،
ۋۇجۇدۇمنى ئىششىق ئوتى ئەسىر ئالدى قات-قات ئوراپ.

زىكرى قىلدىم نامىڭىزنى كېچە-كۈندۈز مەبۇد بىلىپ،
كۆزلىرىمنى ئۈزمەي سىزدىن كۆپتىن بېرى قىلدىم تاۋاپ.

مەيلى بىلىڭ، مەيلى بىلمەڭ، بۇ كۆيمىكىم ئەمەس يالغان،
ئىشقىڭىزدىن بالقىغان نۇر تەنۇ-جىسمىم كەتتى تاراپ.

شۇنچە بەك كۆيسەممۇ سىزگە، يا بىر قىيا باقمىدىڭىز،
ھەتتا تېخى توڭ تەگدىڭىز بۇ تۇرقۇمغا بىرلا قاراپ.

شۇل مەخسەتتە يازدىم سىزگە ئۇشبۇ ئاددىي سالام خەتنى،
تېزدىن ئاڭا بىر نېمە دەڭ، قاراپ قالدىم جاۋاپ سوراپ.
                                               1997-يىل 24-دېكابىر، قەشقەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-30 13:48  


ۋاقتى: 2015-11-30 12:07:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

غەزەلدە ۋەزىنگە چۈشمەسلىك ئېغىر دەپ قاراپ مەن تۆۋەندىكىدەك تۈزۈتۈپ باقتىم،ئارتۇق سۆزلەپ قالغان بولسام ئۆزرىلىكمەن.


كۆڭۈل ئىزھارى

گۈل ئارا گۈلزار ئارا بىر قالدىڭىز  سىزلا ياراپ،
شۇل بېرى ئوت يۈرۈكۈم، باغرىم گويا بولدى كاۋاپ.

نەچچە رەت ئالدىم قەلەمنى چىن سالام پۈتمەك بولۇپ،
جۈرئىتىم توزغۇپ شۇئاندا، بۇ ھالىم  بولدى خاراپ.

ئىشقىڭىز گۈلخان مىسالى ئۆرتىگەن جانىمنى مىڭ،
ئول كىشەن رەسۋاسىغا ئاھ! ئالدىڭىز  قات-قات ئوراپ.

زىكرىدە بولدۇم پىراقتا نامىڭىز  مەبۇد بىلىپ،
سايىڭىز بوستانلىرىنى يۈز يېقىپ  قىلدىم تاۋاپ.

زۇلمىڭىز مەھشەردە ئازاپتا  كۆيمىكىم يالغان ئەمەس،
دەرىخا سەۋدالىقىم زەپ قان- قېنىم كەتتى   تاراپ.

سارغىيىپ بولسام ساماندەك بىماجال كۈزگە كىرىپ،
ئۆتتىڭىز مەغرۇر شۇ دەمدە  بىر قىيا قويماي قاراپ.

ئاخىرى يازدىم سالامنى چوغ يۇتۇپ گۈل كەلتۈرۈپ،
قەددىڭىز تۇغيانىغا چىڭ ئىگىلىپ سوراي جاۋاپ.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەدەپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-30 12:09  


ۋاقتى: 2015-11-30 12:22:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹زۇلمىڭىز مەھشەر ئازاپتا كۆيمىكىم يالغان ئەمەس›› ئىدى تۈزۈتۈپ ئوقۇغايسىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-30 12:55:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەدەپ يوللىغان ۋاقتى  2015-11-30 12:22
‹‹زۇلمىڭىز مەھشەر ئازاپتا كۆيمىكىم يالغان ئەمەس›› ئىد ...


رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-30 16:22  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-30 13:32:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەدەپ يوللىغان ۋاقتى  2015-11-30 12:07
غەزەلدە ۋەزىنگە چۈشمەسلىك ئېغىر دەپ قاراپ مەن تۆۋەندى ...

ماڭا ئەجەپ تېخىمۇ ۋەزىنگە چۈشمىگەندەك تۇيۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ يا، تۈزەتكىنىڭىزنى ئوقۇسام-ئوقۇسام؟! مۇمكىن بولسا ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-30 13:33:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزگەيمىكىن

مەن گۈلۈمنى ئۈزمىسەم، گۈلۈم مېنى ئۈزگەيمىكىن؟
ياشلىرىم يامغۇر بولۇپ چۆلۈم ئۇنى ئۈزگەيمىكىن.

چۈشلىرىم قويماس بوغۇپ بولدۇم ئۇنىڭ مەستانىسى،
چىق دېسە مەندىن ئەگەر كۈنۈم ئۇنى ئۈزگەيمىكىن.

بېرىشىم بار، يېنىشىم غايىپ سەپەردۇر نائېنىق،
يول تېپىپ ئات سالغۇچە كۆرۈم ئۇنى ئۈزگەيمىكىن.

نار تۆگىدەك بوزلىبان، ياتتىم جاھاندىن بىخەۋەر-
ئالتە پاتمان غەم بىلەن، ئۈنۈم ئۇنى ئۈزگەيمىكىن.

ئەرتېكىن ئايغا قارا، ئەتەڭ قاراڭغۇ تۈن مېسال،
جانغا ئۈمىد باغلىساڭ ئۆلۈم ئۇنى ئۈزگەيمىكىن.
                                    2015-يىل 30-نويابىر، ئونسۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-30 13:46  


ۋاقتى: 2015-11-30 13:54:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.خ.ئەرتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2015-11-30 13:32
ماڭا ئەجەپ تېخىمۇ ۋەزىنگە چۈشمىگەندەك تۇيۇلۇپ كېتىۋا ...

سىز غەزەل يېزىشتىن ئاۋال ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنى كۆپرەك ئوقۇڭ،ئوقۇغاندىمۇ ئارۇز ۋەزىننىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئوقۇڭ،شۇندىلا ھىس قىلالايسىز

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش