كۆرۈش: 247|ئىنكاس: 4

تۇرسۇنگۈل(ت): مەغلۇبىيەتنىڭ سىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-26 10:49:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                          مەغلۇبىيەتنىڭ سىرى
                                                          تۇرسۇنگۈل مۇھەممەت تەرجىمىسى

   ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا دوستۇم شۈ ۋېن مەكتەپ دەرۋازىسى  ئالدىدىكى يولغا قارايدىغان دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ مەدىنيەت بۇيۇملىرىنى سېتىشنىڭ ئىستىقبالى بارلىقىنى ئېيتىپ، «بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەيلى »دىدى.
مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلىرىمىز بىلىپ قالسا، ئۆگىنىشىنى قىلماي، نىمە قىلىپ يۇرۇيدىغاندۇ دەپ قالارمۇ؟،- دىدىم ئەنسىرىگەن ھالدا.
ئۆگىنىشىمىزگە تەسىر يەتكۈزمىسەكلا بولدى ئەمەسمۇ، دۇكانغا قاراشقا ئادەم تەكلىپ قىلىمىز، بىز توردىن مال كىرگۈزۈپ بەرسەكلا بولىدۇ،-دىدى شۈۋېن.
باشقىلار بىلسە، چۇقۇم ئۇششاق گەپ قىلىدۇ ،- دىدىم يەنىلا ئەنسىز ھالدا.
  شۈ ۋېن ئامالسىزلىقتىن يەنە بىر ساۋاقدىشىنى بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەشكە تەكلىپ قىلدى، ئويلىمغان يەردىن سودىسى شۇنچىلىك ئېقىپ كەتتىكى، ئالىي مەكتەپنىڭ توتىنچى يىللىقىدا ئۈچ تارماق دۇكىنى بار چوڭ دۇكاننىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى، ھىچىكىم ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇششاق گەپ قىلمىدى، ئەكىسىچە ئۇ ئۆگىنىش ئۈلگىمىزگە ئايلىنىپ، ھەممىمىزنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۇردى.
  مۇبادا ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بولسام، نۇرغۇن پۇل تاپماسمىدىم، يەنە كىلىپ كۆپچىلىكنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىناركەنمەن،- پۇشايمان ئۆتلىرى گۈرۈلدەپ كۆيۈپ قەلبىمنى ئۆرتىدى.
  خىزمەتكىمۇ چىقتىم، بىر تۇققىنىم شىركىتىدە ئادەم كامچىل بولغاچقا، مېنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكۈسى بارلىقىنى ئېيىتتى.
شىركىتىڭىزگە بارسام، باشقا تۇققانلار گەپ تاپماسمۇ ، بولدىلا ،-دىدىم.
نىمىگە گەپ تاپاتتى، سىزنى ئىشلىگىلى تەكلىپ قىلۋاتسام، يا بىكار يۇرمىسىڭىز؟،-دىدى تۇققىنىم، يەنىلا ئەنسىرەپ بىر قارارغا كىلەلمىدىم، ئۇ ئىلاجىسىز ھالدا باشقا ئادەمنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتى.
  ئۇ كىشى شىركەتكە بارغاندىن كىيىن ، ھىچىكىم ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇششاق گەپ قىلمىدى ، ئەكىسىچە باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا نائىل بولدى، بىر نەچچە يىلدىن كىيىن شىركەتنىڭ ئىشلىرى روناق تېپىپ،كۆلىمى بارغانسىرى كېڭىيىشكە باشلىدى، ئۇ كىشى بىر تارماق شىركەتنىڭ دېرىكتورى بۇلۇپ،ئىشلىرى بارغانسىرى راۋاج تاپتى.
شۇ چاغدا تۇققىنىمنىڭ تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلدىم، ئەينى چاغدا بارغان بولسام، ئىستىقبالىم پارلاق بولماسمىدى.....
  خىزمەتدىشىم شىياۋ ۋاڭ يېقىن دوستۇم ئىدى، ئۇ كەچلىك ئىنگىلىز تىلى كۈرسىغا بىرگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى، ئۇنىڭ دىيىشىچە، بىرەر چەتئەل تىلى ئۆگىنىپ قويساق، كەلگۈسىدە ئەسقاتىپ قېلىشى مۇمكىنكەن.
كەچلىك ئىنگىلىز تىلى كۈرسىغا قاتناشقانلىقىمىزنى رەھبەرلەر ۋە خىزمەتداشلار ئاڭلىسا« ئۆز كۈنىگە شۈكرى قىلماي، يۇقىرغا ياماشتى» دەپ قالامۇ،- دىدىم .
بۇ نەدىمۇ يۇقىرغا ياماشقانلىق بولسۇن، جىقىراق بىر نەرسە ئۆگەنسە ياخشى ئەمەسمۇ،-دىدى شىياۋ ۋاڭ. ئىككىلەنگىنىمنى كۆرگەن شىياۋ ۋاڭ ئۆزى يالغۇز قاتنىشىشقا باشلىدى.
  بىر قېتىم بىر چەتئەللىك سودىگەر شىركىتىمىز بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولدى، ئۇ كۈنى شىركەتنىڭ تەرجىمانى يوق بولغاچقا، شىياۋۋاڭ راۋان ئىنگىلىز تىلى بىلەن تەرجىمانلىق قىلىپ،ئۇ سودىگەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى ھەمدە ناھايتى ئۇڭۈشلۈق ھالدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. ، بۇ ئىشتىن كىيىن شىركەت خوجايىنى خوشاللىقىدا شىياۋۋاڭنى ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۇردى.
بۇ ۋاقىتتا، مەن يەنەپۇشايمان قىلدىم...
  مەن قاچانلا بولسۇن، كىشىلەرنىڭ ئۇششاق گېپىدىن قېچىپ، ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۈرۈپ ياشاپ كەلدىم، نەتىجىدە ھىچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماي، تۇرمۇشتىكى مەغلۇبىيەتچىگە ئايلاندىم.
  ئامىرىكىنىڭ داڭلىق رىژىسورى بېل كوسىبىي يېڭى فىلىمنىڭ يۇپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىدا، بىر مۇىبىر ئۇنىڭدىن مۇۋاپىقيەتنىڭ سىرى ھەققىدە سۇئال سورىغىنىدا، بېل كوسىبىي« مۇۋاپىقيەتنىڭ سىرىنى بىلمەيمەن، ئەمما شۇ بىر نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە بولدۇكى، مەغلۇپ بولۇشنىڭ سىرى- ھەممە كىشىگە ياخشىچاق بۇلۇشنى ئويلاشتىن ئىبارەت، تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەر ئىقتىدارسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى باشقىلارنى زىيادە ئويلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھىچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ.»دىگەن.

«ھەمرا» ژورنىلى2012-يىللىق 12-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-26 12:22  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-26 12:24:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەق ئۈچۈنلا ياشىسا، مەغلۇبىيەتچى بولماي نېمە بولماقچىدى.

ۋاقتى: 2015-11-26 12:43:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيەۋىي قىممىتى يوقۇرى ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ چىقىپسىز، رەھمەت سىزگە!

ۋاقتى: 2015-11-27 15:11:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسەر ئىچىدىكى دېئالۇگلارنىڭ ئالدىغا  __ (سىزىقچە) قويىمىز. مەسلەن:

    _ مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلىرىمىز بىلىپ قالسا، ئۆگىنىشىنى قىلماي، نېمە قىلىپ يۇرۇيدىغاندۇ دەپ قالارمۇ؟- دىدىم ئەنسىرىگەن ھالدا.
   _ ئۆگىنىشىمىزگە تەسىر يەتكۈزمىسەكلا بولدى ئەمەسمۇ، دۇكانغا قاراشقا ئادەم تەكلىپ قىلىمىز، بىز توردىن مال كىرگۈزۈپ بەرسەكلا بولىدۇ،-دىدى شۈۋېن.
   _ باشقىلار بىلسە، چۇقۇم ئۇششاق گەپ قىلىدۇ ،- دىدىم يەنىلا ئەنسىز ھالدا.

   يەنە نۇرغۇن خەتلەرنىڭ ئىملاسىدا خاتالىق كۆرۈلۈپتۇ. تېما يوللىغۇچىنىڭ ئىملاغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-27 15:12  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-28 10:05:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shaidayi يوللىغان ۋاقتى  2015-11-27 15:11
ئەسەر ئىچىدىكى دېئالۇگلارنىڭ ئالدىغا  __ (سىزىقچە) قوي ...

سىز دىگەن مەسىلىلەر ھەقىقەتەن مەۋجۇتكەن، بۇنىڭدىن كىيىن تۈزىتىپ كىتەي

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش