كۆرۈش: 546|ئىنكاس: 13

رىشتىمىز ئۈزۈلمىسۇن، ئەھدىمىز بۇزۇلمىسۇن!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-25 13:18:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                            رىشتىمىز ئۈزۈلمىسۇن، ئەھدىمىز بۇزۇلمىسۇن!
. L4 z) f1 t7 i, O) s  A0 n' r. B% N' F5 N
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ ئەزىز ئۇقۇرمەنلىرى، ئەدەبىيات گۈلزارلىقىمىزنىڭ پەرۋىشكار، دىلكۆيەر، ئاتەش نەپەس ئاپتۇر-قەلەمكەشلىرى:$ f9 |( `* m  F* |  e$ Z; N8 O
     تەھرىراتىمىز ئالدى بىلەن  يىتىپ كېلىش ئالدىدىكى يېڭى يىلىڭلارنى قۇتلۇقلايدۇ، تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئائىلەڭلارغا خوشلۇق ۋە خاتىرجەملىك، ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت، ئىجادىيىتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيدۇ.3 o+ S5 {8 u+ v+ v0 m
    38ياشلىق نەۋقىرانلىق پەسلىگە قەدەم تاشلىغان «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ ئىزدىنىپ كۆز ئالدىڭلاردا يېڭىچە قىياپەت بىلەن نامايەن بولۇشقا تىرىشىدۇ. ئەسلىدە بار بولغان «مەخسۇس سەھىپە»، «ھايات يولى ئەگرى-تۇقاي»، «شېئىرىيەت گۈلزارى»، ««بۇژغۇن»، « كۆزنەك»،  «سۆھبەت خاتىرىسى»، «رىشتە»، «مويسىپىتلەر مۇنبىرى»، «يۇلتۇزلار سىيماسى»، «ئەسەر ۋە باھا»، «ئىزدىنىش ۋە تەتىققات»، «تارىم دولقۇنلىرى» قاتارلىق سەھىپىلەرنى سېلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ ياخشى باشقۇرغاندىن سىرت، ئەسەر ئەھۋالىغا ئاساسەن يېڭى –يېڭى سىتونلارنى جانلىق تەسىس قىلىپ، ئاپتۇر-ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلىشىدۇ. شۇڭا، سېلەرنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىڭلارنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، مەزمۇنى ساغلام، بەدئىيىلىكى يۇقىرى بولغان تۈرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلەرنى (نادىر ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۆپلەپ ئەۋەتىشىڭلارنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز. ئەۋەتىلىگەن ئەسەرلەرنىڭ ئىملاسى توغرا بولۇشى، قۇر ئارلىقى كەڭ، ئۆلچەملىك ئىش قەغىزىگە كۆچۈرۈلگەن بولۇشى (شارائىت يار بەرسە كومپيۇتىردا ئۇرۇلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى) تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنى سەمىڭىزگە سالىمىزكى، ئالاقىلىشىش، قەلەم ھەققىنى ئەۋەتىش ئىشلىرىنىڭ راۋان بولۇشى ئۈچۈن كونۋېرىتقا ۋە ئەسەرگە كىملىكتىكى ئىسىم فامىلىڭىز، ئادېرىسىڭىزنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تەپسىلىي، توغرا يېزىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، تەھرىر بۆلۈمنىڭ ئىشىكى سىزگە ھەر قاچان ئۇچۇق! قەدەم تەشىرىپ قىلىڭ، ئەسەر ئەۋەتىڭ، مۇشتىرى بولۇڭ، قىممەتلىك تەكلىپ –پىكىرلىرىڭىزنى ئايىماڭ!; u4 r5 b* x) k8 D
     ژۇرنىلىمىزنىڭ ئادىرىسى: جەنۇبىي چوڭ كوچا 45-نۇمۇر يېزا ئىگىلىك ماشنىلىرى ئۇنۋېرسال بىناسى 6-قەۋەت/ n* Y" h8 M5 N, ]
     ژۇرنىلىمىزنىڭ يەككە باھاسى 8 يۈەن، يىللىق باھاسى 32 يۈەن9 M; w0 A) X8 R% P* B- ]
    پوچتا ۋاكالەت نومۇرى: 47-58، سىز ئۆزىڭىزگە ئەڭ يېقىن پوچتىخانىلارغا بېرىپ مۇشۇ نۇمۇرنى دەپ  بېرىش ئارقىلىق ژۇرنىلىمىزغا ۋە ژۇرنىلىڭىزغا مۇشتەرى بولالايسىز!
0 _6 J: V7 \! |- @5 h2 F/ K   ئىشەنچىمىز كامىلكى، بىز ئۆز ئارا قوللىشىپ، قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ، ژۇرنىلىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چىقىرالايمىز. دوستلار، تىرىشايلى، تېخىمۇ يىراققا نەزەر تاشلايلى! پارلاق ئىستىقبالغا قەدەم تاشلايلى!4 ~/ W$ g4 {( M+ T
   چىن ئېتىقادتىن چىگىلگەن رىشتىمىز ئۈزۈلمىسۇن، غايىۋانە تۈزگەن ئەھدىمىز بۇزۇلمىسۇن!
& {3 J% q" r: L3 C4 R

' R5 i& j5 L- k9 g: A                         «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى6 X% Z8 a: K: l4 Y5 N6 t: c* b
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇچتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-25 17:31  + m; m& @6 P+ w

$ W% S8 ~) T* |5 o! A+ ]" @

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-25 13:30:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قەدىمىي يۇرتنىڭ روشەن بەلگۈسى بولغان بۇ ئانا ژۇرنالغا مۇستەرى بولۇش ۋە ئۇنى سۆيۈپ ئوقۇش ئىپتىخارلىق ئەمگەكلەردىن ھېسابلىنىدۇ.

ۋاقتى: 2015-11-25 13:32:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتىمىزنىڭ ئىپتىخارى بولغان بۇ ژورنالنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشايلى

ۋاقتى: 2015-11-25 15:30:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلخەت ياكى QQ نۇمۇر ئارقىلىق ئەسەر ئەۋەتسە بولمامدۇ؟

ۋاقتى: 2015-11-25 15:38:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    رىشتىمىز ئۈزۈلمەيدۇ، ئەدىبىي ژورناللارغا بولغان ئىشتىياقىمىز  كۈنسېرى ئېشىپ بارىدۇ، ئەلۋەتتە مۇشتەرى بولۇپ بولدۇم، ئەمىلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق قوللايمەن سىلەرنى ئەزىزلەر !

ۋاقتى: 2015-11-25 17:56:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىشتىمىز  ئۈزۈلمەيدۇ، ئەھدىمىز بۇزۇلمايدۇ. «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنى يېقىندىن قوللايمىز.

ۋاقتى: 2015-11-25 18:34:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ،  ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى›› ژورنىلىدىكى بارلىق ئۇستازلار ، قەلەمكەشلەرگە مەندىن ئالىي ئېھتىرام!!!

ۋاقتى: 2015-11-25 18:36:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئانا ژورنالنىڭ ھەر بىر يېڭئى سانى مەندە ئۆزگىچە خۇشاللىق پەيدا قىلىدۇ، بۇ ژورنالنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!

ۋاقتى: 2015-11-25 19:05:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
. w3 Y0 x- f& T/ w# B- l  \/ f
7 R8 H9 ^' F4 |* p. j+ p, ^
8 N. p) m) r# j
       لەۋزىدە تۇرۇش ئوغۇل بالىنىڭ ئىشى...

ۋاقتى: 2015-11-25 19:47:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ژورنالغا مۇشتەرى بولاي دېگەنتىم. پۇلىنى قانداق تاپشۇرىمەن؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-26 12:02:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلخەت ئادىرىسىنى سورىغانلارغا:( [* }/ P1 R& E/ }. ~
163@.com15899374575

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-26 12:04:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما كومپيوتىردىكى مەسلىمۇ قانداق،  ئاۋۇ ئىلخەت ئادىرىسى توغرا چىققىلى ئۇنىمىدى. ئاۋۋال ئاۋۇ تېلفۇن نۇمۇرى، ئاندىن @، ئۇنىڭدىن كېيىن 163 چىكىت كوم

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-26 12:05:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇردۇنى ئەپەندى، پوچتىخانىغا بېرىپ 47-58 دېگەن نومۇرنى دەپ، 32 يۈەننى بەرسىڭىزلا پۈتۈن بىر يىللىق مۇشتىرى بولالايسىز ئەمەسمۇ!

ۋاقتى: 2015-11-27 16:36:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوسلار ھەممەيلەن شارائىت يار بەرسە بۇ ژۈرنالغا مۇشتىرى بۇلايلى؟، ژۈرنىلىمىزنى ھەر تەرەپتىن قوللايلى!.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش