سۈكۈتتىكى غۇرۇر
تۇرسۇنگۈل مۇھەممەت تەرجىمىسى
كېكەچلەپ سۆزلىگەننىڭ ئۈستىگە، سۇجۇ شېۋىسى كۈچلۈك بولغاچقىمۇ،كۆپىنچە كىىشىلەر گۇجىگاڭىنىڭ گېپىنى ئېنىق ئاڭقىرالمايتى.
ئاشۇ يىلى گۇجىگاڭ كېسەل سەۋەبىدىن بېيجىڭ ئۇنۋىرسىتىدىكى ئۇقۇشتىن ۋاقتىچە توختاپ، ئائىلىسىگە قايتىشقا مەجبۇر بولدى ، ياتاقداشلىرى يولنىڭ يىراقلىقىغا قارىماي، ئۇنىڭغا ھەمرا بۇلۇپ يولغا چىقتى، ئۇنىڭ كېسىلدىن ئەندىشە قىلغاچقىمۇ، ھەممەيلەننىڭ كەيپىياتى توۋەن بۇلۇپ، كۆزىنى يۇمۇپ جىمغىنە ئولتۇراتتى، ۋاگۇننى قاپلىغان بۇ خىل بۇرۇقتۇملىقتىن ئىچى سىقىلغان گۇجىگاڭ بىرەيلەن بىلەن پاراڭلىشىپ، كەيپىياتنى كۆتىرىشكە ئۇرۇندى،-دە، يېنىدا ئولتۇرغان يىگىتتىن ئەھۋال سورىدى:
- ياخشىمۇ سىز، سىز......سىزمۇ سۇجۇغا بارامسىز؟
يىگىت ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭىشتى.
- ئۇقۇش...ئۇقۇشقا ماڭدىڭىزمۇ؟
يىگىت ئاۋالقىدەكلا كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭىشتتى-يۇ، گەپ قىلمىدى،سۆھبەت ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۇشۇپ قالدى.
سىز قايسى......قايسى...... بېكەتتە چۇشىسىز؟،-گۇجىگاڭ ئۇنىڭ سوغاققانلىقىغا چىدىماي يەنە گەپ سورىدى.
يىگىت يەنىلا سۈكۈتتە ئىدى، سەل نېرىدا ئولتۇردىغان ياتاقدىشى ئاچچىلانغان ھالدا يىگىتنى ئەيىپلىدى:
- نىمانداق قىلسىز ؟ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدىڭىزما؟
يىگىت يەنىلا پەرۋا قىلماستىن، كۈلۈمسىرەپ قويدى. گۇجىگاڭ ياتاقدىشىغا قارشى تەرەپنى ئوڭايسىزلاندۇرماسلىقنى ئىشارە قىلغاندىن كېيىن، ياتاقدىشى باش لىڭىشتىش، كۈلۈمسىرەشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بۇ «ياغاچ مۇردا» دىن بىزار بولغان ھالدا ، گۇجىگاڭ بىلەن پاراڭغا چۇشۇپ كەتتى.
شاڭخەي ۋاگزۇلىدا چۈشمەكچى بولغاندا، گۇجىگاڭ ئۇ يىگىتنىڭ قاچانلاردىدۇر مېۋە-چېۋە تەخسىسىنىڭ ئاستىغا بىر باغاقچە قىستۇرۇپ كىتىپ قالغانلىقىنى بايقىدى:
بۇرادەر،ئىسمىم فىڭ يوۋ لەن، بايا قىلغانلىرىمنى ئەپۇ قىلىڭ، مەنمۇ كېكەچلەپ سۆزلەيمەن، يەنە كىلىپ ھۇدۇققانسىرى تېخىمۇ گىپىمنى تاپالماي قالىمەن، سىز بىلەن پاراڭلاشسام، مەسخىرە قىلۋاتىدۇ دىگەن خاتا چۈشەنچىنى بېرىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەپ گەپ قىلالمىدىم،-دەپ يىزىلغان ئىدى.
( «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 12-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-25 13:20
|