پىشقەدەم يازغۇچى،ژۇرنالىست،لوپنورشۇناس مۆيدىن سايىت بوستان
ئاكىغا تون كىيدۈرۈلدى
$ S7 Y5 o( L9 m- x# f7 ?; ?" z n7 f* g b; s
; n- p* [. y9 Q+ ]! P
4 w% W+ O9 S9 B( z2 r. Z9 M/ B
, |5 B0 W3 u+ S
9 v/ ~* f5 d: w6 L8 e8 n% r; y+ `$ D
0 U V& q' L/ }2 g8 r. R يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋىغىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان،تەڭرېتغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە ،تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرىقى شىمالىغا جايلاشقان،<<تاھىر-زۆھرە>>نىڭ يۇرتى دەپ نام ئالغان باشئەگىم دىيارىدا شۇنداق بىر ئەزىز،مۆتىۋەر كىشى بار.ئۇ كىشى 80يىللىق شانلىق ئۆمۈر مۇساپىسىدە خەلق ئۈچۈن ھالال ئىشلىگەن،تەمەسىز خىزمەت قىلىپ <<كورلا بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات>>نى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەجىر-تەرىنى تۆككەن.بايىنغولىن ئوبلاستىمىزدا يازغۇچىلار قۇشۇنىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر قەلەم تۇتۇپ،ئۆمرىنى كىتاب ئارىسىدا ئۆتكۈزۈپ نۇرغۇن ياراملىق ئىز-باسار شاگىرتلارنى يېتشىتۈرۈپ چىققان.يازغان ئەدەبىي ئەسەرلىرى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان.ئۇ كىشى يەنە ئىجادىي ھاياتىنى قەدىمىي،سىرلىق،سېھىرلىك ماكان لوپنورغا قارىتىپ،لوپنورشۇناسلىق ھەققىدە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان.دىيارىمىز كورلا ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ناھىيلەردىكى خەلق ئارىسىدا ساقلىنۋاتقان داستان،چۆچەك،خەلق قوشاقلىرىنى بىرمۇ-بىر خاتىرلەپ،<<خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى>>رەتلەپ چىقىشتا زىيالىيلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ،خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشتا زور تۆھپىلەرنى قوشقان.ھازىر بايىنغولىن ئوبلاستىمىزدىن چىقىۋاتقان ئۇيغۇرچە ژۇرنال<<بوستان>>(ھازىرقى كىرۇران)ژۇرنىلىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتە ئەڭ مۇھىم تۈرتكىلىك،ئاۋانگىراتلىق رول ئوينىغان.بۇ كىشى دەل پىشقەدەم يازغۇچى،ژۇرنالىست،لوپنورشۇناس مۆيدىن سايىت بوستان ئاكىدۇر.
1 g8 X: s X: T$ O
2 ], C; c- u# M" A5 @
' g* k- W' T, V" }, d% D( f% j+ M4 l' a& d; |
# @0 R' p" D# N6 @
4 U/ H( I& b2 |' u0 [; g
مۆيدىن سايىت بوستان ئاكىمىز بۇيىل 80ياشقا كىردى.ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيتى،ئەدەبىيات ئىجادىيەت،ئەدەبىي ژۇرنالچىلىق،لوپنور فولكورچىلىقى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى،يازغان يازمىلىرى،باش مۇھەررىرلىك خىزمىتى ... قاتارلىق شانلىق ھايات مۇساپىسى بارلىق ئىلىم ئاشنالىرىغا ئۈلگىلىك بىر سىمانى تىكلەپ بەردى.توغرىسى بىزگە قانداق ياشاشنى ئۆگەتتى.مۆيدىن سايىت بوستان ئاكىمىزنىڭ ئىزدىنىش،تەتقىقات،ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكەن ھاياتىدا، ياش ئەۋلادلارغا نۇرغۇن ئەدەبىي مىراسلارنى قالدۇردى.ئۇنىڭ ئون بەش يىل جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن<<بوستان>>(ھازىرقى كىرۇران)ژۇرنىلى،<<لوپنور خەلق قوشاقلىرى>>(5-كىتاب)،<<باشئەگىم نەزمىلىرى>>،<<ھايات باھارى>>(باشقىلار بىلەن بىرلىكتە)ناملىق شېئىرلار توپلىمى،<<لوپنور ئەسلىمىلىرى>>،<<مىنكۈن باتۇر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى>>،<<لوپنور خەلق داستانلىرى>>،لوپنورشۇناسلىقنىڭ بەدئىي سەمەرىسى بولغان <<كىرۇراندىكى ئىزچىلار>>ناملىق ئىككى قىسىملىق تارىخىي رومانىنى كۆرگەن كۆرگەن چېغىمىزدا، دىيارىمىز كۆنچى ۋادىسىدىكى زېمىن تۇغقان ئەركەكنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن سۆيۈنىمىز،ئىپتىخارلىنىمىز .ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بولغان ئابدىرھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن،ئابدۇللا تالىپ،ئىمىن تۇرسۇن...قاتارلىق مەرھۇم ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى بىلەن زامانداش بوپ ياشىغان مۆيدىن سايىت بوستان ئاكىمىزنىڭ 80ياشقا كىرىشى ھەم بىز بىلەن بىر زاماندا تۇرغىنى بىز ياشلارنىڭ بەختى،ئەلۋەتتە.
/ o2 ^+ u, n4 o* [
/ p9 E3 I4 K6 ~! j% R/ o
# Q* V a% \* j w# Q3 \( f( [# A- ?; _! d/ m0 {& r2 ?
& w6 P5 W% ~* c: y/ Y- j& @ ~; `2 Y* w7 P
2 ^+ V, o4 ?! i/ Y6 `5 A' q3 A; {/ G( G4 f9 v3 n) A2 e
: o7 v' t! c1 o6 U; g$ u- L
ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن يۇرتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن جاپا چەككەن،خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان كىشىلەرنى ئەزىزلەپ،قەدىرلەپ كەلگەن.شۇ ۋەجىدىن 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن،گۈزەل قاراشەھەر ناھىيسىنىڭ <<كىرۇران رېستۇرانى>>دا گۈلباھار ئېزىز،زۆھرەگۈل مەخمۇت ھەدىمىزنىڭ ئەتراپلىق پىلانلاپ تەشكىللىشى بىلەن پىشقەدەم يازغۇچى،ژۇرنالىست،لوپنورشۇناس مۆيدىن سايىت بوستان ئاكىمىزنىڭ 80ياشقا كىرگەن قۇتلۇق تەۋەللۇت يىلىنى تەبرىكلەش،لوپنورشۇناسلىقنىڭ بەدئىي سەمەرىسى بولغان ئىككى قىسىملىق <<كىرۇراندىكى ئىزچىلار>>ناملىق تارىخىي رومانىنى مۇھاكىمە قىلىش،مۆيدىن سايىت ئاكىمىزغا تون كەيدۈرۈش پائالىيتى ئۆتكۈزدى.
, Y+ m* ]' {# p3 M0 T+ h3 W! L& [: A
! @2 ?5 S( w/ A& J5 p5 X
4 F. x! d3 B' X# H. w بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى،ھازىرقى تىنچ، ئىناق ۋەزىيەتنى قەدىرلەش، قاراشەھەر ناھىيسىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش،ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلىدە ئانا بولۇپلا قالماي، مىللەتكە ئۈلگە بولالىغىدەك ئانا قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا يېشىل چىراق يېقىپ بېرىش،دىيارىمىزدىن چىققان پىشقەدەم يازغۇچىلارنى بىۋاستە ئۇچراشتۇرۇپ،گۈزەل قاراشەھەر ناھىيسىنىڭ ئىلىم كەيپىياتىنى ئالغا سۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان.
$ J2 N. _4 n4 s) G
; c- G U9 Q1 P4 u) C4 m {0 k! T8 E+ _2 H
" c. m9 N, s% a2 {0 ^) F. t% i) l" z
قاراشەھەر ناھىيسىدىكى بۇ پائالىيەتنىڭ تۇنجى قېتىملىقى 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى باشلانغان بولۇپ،گۈلباھار ئېزىز،زۆھرەگۈل مەخمۇتنىڭ باش بولۇپ يېتەكلىشى بىلەن <<20قىزلىرىم>>دېگەن نامدا سورۇن ھازىرلىغان. قاراشەھەر ناھىيسىدىن چىققان ئۇيغۇر كارخانىچى،ئۆزى تاپقان ئىقتىسادىي قىممەتنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتاپ كەلگەن، شۇ يۇرتنىڭ سەركىسى ياسىنجان توختى(قايدۇ)غا تون كەيدۈرۈش بىلەن باشلىغان.شۇ ۋاقىتتا مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدىكى مەدەنىيەت ئەربابلىردىن ئىمىن ئەھمىدىي،ئابدۇۋەلى ئەلى ئاژۇنى،ياسىنجان سادىق چوغلانى،ئەسقەر ياسىن،تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللىم پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان.شۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئەزىزلىرىمىز قاراشەھەر ناھىيسىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئائىلە تەربىيسى،پەرزەنت تەربىيسى توغۇرلۇق نۇتۇق سۆزلەپ، ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ھېس قىلدۇرغان.بۈگۈنكى بۇ قۇتلۇق ئەنجۈمەننىڭ تۇنجى پىلتىسى شۇ ئىش بىلەن باشلىنىپ تەرەققىي قىلغان.كىتاب سۆھبىتى،ئىلىم چېيىغا ئىشتىراك قىلدىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سانى ئالدىنقى قېتىمدىنمۇ كۆپ بولغان.
) m9 q( Q% G. j2 W7 m4 U% Z; j; c& z* [6 v" J
k4 a, C3 U) i* Q- S" [7 N. m6 e) }7 o
3 \% n) F. u: @0 @) |
, f. s% f+ r4 ]9 U8 N
: T8 H0 e9 E0 u; R' N& t2 V
پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن يازغۇچى،كەسپىي ئادۇۋكات گۈلباھار ئېزىز رىياسەتچىلىك قىلدى.گۈلباھار ئەزىز ھەدىمىز بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۆيدىن سايىت بوستان ئاكىمىزنىڭ ئىجادىي ھاياتى،80ياشقا كىرگەن قۇتلۇق تەۋەللۇت يىلى،<<كىرۇراندىكى ئىزچىلار>>ناملىق ئىككى قىسىملىق تارىخىي روماننىڭ مۇۋەپىقىيىتى،تون كەيدۈرۈشكە مۇناسىپ بىر كىشى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.كەينىدىن قاراشەھەر ناھىيسىدىكى ئايال ئوقۇرمەنلەر،كورلا دىيارىدىن بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان بايىنغولىن ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىشقەدەم تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى مەريەم قاسىم مۇئەللىم،ئادۇۋكات تۇرسىناي خانىم ئۆزىنىڭ كىتاب ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئۆز ھېسىياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ بايان قىلدى.بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئەھمىيتى توغۇرسىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلىپ ئۆتتى.
9 O0 M" ^% F8 G: R
/ h/ V+ }3 h0 T _: ~% b$ H
+ O1 G8 [; V, S1 S- {/ t9 o
" Z1 O1 e9 b$ S# [8 S5 w+ @& u2 H+ _: X: c# {( Q. s8 ]& G
* Z9 [' f) K! b' i: [
<<كىرۇراندىكى ئىزچىلار>>توغۇرلۇق مۇھاكىمە پائالىيتى ئاياقلاشقاندىن كېيىن،دىيارىمىزدىن چىققان پىشقەدەم تارىخچى،يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلى ئاژۇنى ئاكىمىز بىلەن كارخانىچى ياسىنجان توختى(قايدۇ)مۆيدىن سايىت بوستان ئاكىمىزنىڭ 80يىللىق تەۋەللۇت يىلىنى تەبرىكلەپ مۆيدىن سايىت ئاكىمىزغا تون كەيدۈردى.نەق مەيدانغا ئىشتىراك قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆزى نەمدەلدى. ھايات مۇساپىسىدە نۇرغۇن شانلىق ئىزلارنى قالدۇرغان تەۋەرۈك ئۇستازغا كەيدۈرۈلگەن ھۆرمەت تونى بارچە سورۇن ئەھلىنىڭ قەلبىنى چەكسىز ھاياجانغا تولدۇردى.
1 v1 ?: G3 P6 {4 f4 A) b6 I( S8 f
* V2 \5 t% I& O) ]6 T L& O' r9 u% D6 R8 q( t
- y {; ~% ^/ p
" w7 K/ F1 j: s! ^' `5 d7 d
/ U' j! |& n( X2 G7 j0 m
قاراشەھەر ناھىيسىدىكى بۇ قۇتلۇق پائالىيەتتىن شۇنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىزكى،قاراشەھەردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيتى ھازىرقى ئورۇنسىز قاتار چاي،توي-تۆكۈنلەردە بىھۇدە قىممەتلىك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋاتقان،ھالال ئېرىشكەن مەبلىغىنى بىر-ئىككى سائەتلىك خوشاللىق ئۈچۈن ھارامغا تاشلاپ بەرگەن،ھاياتنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلالماي ياشاۋاتقان كىشىلەرگە ئۈلگىلىك بىر دەرس بولدى .بىزدەك يىگىتلەرگە نىسبەتەن زېمىننىڭ بارلىق كۈچى ئەرلەردە دېگەن سۆز ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى، قۇتلۇق ئىشلارغا شاھىت بولۇپ تۇرساقمۇ،ئەرلىك غورۇرىمىز بويىنچە ئۆلچىسەك، مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى قىلىپ باقمىغانلىقىمىزدىن خىجىل بولدۇق.
, e' |& ?$ ~" Z, \( L
2 T) {- ]' k3 p9 {
& l" Q% [0 f& Z8 |
8 c4 L5 l5 J0 Q! m* m
$ l/ N7 }4 Q3 C5 e o1 t. t" C( k
( @3 H! b D. q- S5 T# }' z2 n
_" Y0 _ e; ^" U) ]% V9 u) L: D+ ?3 j6 y0 j
ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى كەلگۈسىدىكى مىللەتنىڭ ئانىلىرى.ئانىنىڭ بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرىسە،بىر قولىدا دۇنيا تەۋرەيدۇ.دىيارىمىزدىكى بارلىق ئۇيغۇر خانىم -قىزلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتتىن ئۈگۈت ئېلىپ،ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ھېس قىلىپ ياشىيالىشىنى، كىتاب ئوقۇپ مەدەنىيەت-ساپاسىنى،بىلىم-قۇرۇلمىسىنى يېڭىلىشىنى،ئەرلەرگە ۋاپادار ئايال،ئائىلىدە دىيانەتلىك ئايال،جەمىيەتتە ساپالىق ئايال،بالىغا ھەقىقىي ئۇستازلىق سالاھىيىتى بىلەن ئانا بولغۇدەك كىشىلەردىن بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
" i0 J; p+ q' T2 m2 b5 } W5 p u3 m1 g6 L1 ]1 [6 F
( قەلەم تەۋرەتكۈچى:مارشال )
: O4 a. m7 }; ?" @+ N' w7 J
4 P0 k6 q `$ C# h; c7 G بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-25 01:30
% I( ~6 \' z* e* U& J, }& x1 _# E) |3 Q8 c