سەن تۇرغان بۇ يەردە
شەۋكەت ئىبراھىم
سەن تۇرغان بۇ يەردە
كېچە چىچىنى تارىغان .
سۇغا قاراپ
سۇنىڭ يىراقتىكى روھىنى ،
جاندىن جانغا
قۇملۇقلاردىن ئىزلار سوراپ ،
يالغۇز ئاپارغان .
‹‹ ھەي ... ي ›› دېگەن ئاۋازدىكى
مەنا ئۆزى بىلەن تەڭ
ئاسمانغا سېڭىپ كەتكەن .
بۇ ئاسماننىڭ بەلكىم سېخىلىقى ،
ھېچكىم تېخى
ھېس قىلىپ يەتمىگەن ...
بىز تالاي كەمتۇكلۈك ئىچىدىكى
تولۇق پىشمىغان ۋاقىت .
پىشقان ئەر ،
ئاياللارنىڭ پۈتۈن دۇنياسى ...
ئىشلار - ئۆزىنى ئۆزى
سۆزلەيدۇ تاشتەك چوڭقۇر ،
ئازابنىڭ جىمجىتلىقى
بۇ ھاياتنىڭ ساقايماس يارىسى .
مەن ساقلاپ باقتىم
سەن تۇرغان بۇ يەردە ،
بۇ ساقايماس يارىنىڭ شېرىنلىكىدە .
بەلكىم ، مەن ئەبلەختۇرمەن ،
لېكىن ، ئاشۇ شېرىن يارا
كېچىلىرىمنى ،
ئالدى چوڭقۇر ئىلكىگە .
سەن تۇرغان بۇ يەردە ،
ھېچكىم سەندەك تۇرالماس .
يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى
ۋاقىت شېخىدا سەندەك
ھېچ بىرى تۇرغۇزۇپ بولالماس .
2015 – يىلى 17 – مارت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-24 18:19
|