يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 767|ئىنكاس: 9

فىردەۋس ئەمەر: چۈچۈك تۇيغۇلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-23 17:01:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                            چۈچۈك تۇيغۇلار

                                                            فىردەۋس ئەمەر


* بىر ئادەمدىكى زۇلمەت ئۆزىنىڭ ياۋا نىيتىدىن باشلانسا، بىر مىللەتتىكى زۇلمەت قارا دەرسخانىدىكى بىلىمسىز ئوقۇتقۇچىدىن باشلىنىدۇ.
* ئاتا-ئانىمىزنىڭ يەلكىسى ئاللىبۇرۇن ئائىلىنىڭ يۈكى تۈپەيلى ئىگىلدى. ئۇلارغا يەنە يۈك قوشماي، يۈكىنى كۆتۈرۈشۈپ بىرەيلى. چۈنكى ئۇلار بىزنى يۈكۈمگە يۈك بولسۇن دەپ ئەمەس، بەلكى يۈكۈمنى يىنىكلىتەرمىكىن دەپ باققان.
* ھايات مۇساپىمىز سۇغا ئوخشايدۇ؛ ئۇ ئاخىرى شەربەت بۇلاققا بارامدۇ، ياكى زەيلىكتىكى پاسكىنا سۇدەك بۇلامدۇ؟-ھەممىسى ئۆزىمىزگە باغلىق.
*ئەسلىدە «ئۈچ قۇلاق»لارنىڭ ئاڭلايدىغىنى، «ئىككى قۇلاق»لىقلاردىن كۆپ بۇلاتتى. لىكىن، زامانىمىزدا «ئۈچ قۇلاق»لىقلار بىنورمال سانىلىپ، «بىر قۇلاق»لىقلار ھۆرمەت تاپىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس.
*مىننەت قىلغانغا بىر نەرسە كەلگەن بولسا، جەمئىيىتىمىز ئاللىبۇرۇن تەرەققى قىلغان بۇلاتتى.
* بەش بارماق نېمە ئۈچۈن تەڭ ئەمەس؟  ئۆزىدىن تۈۋەنلەرگە قاراپ شۈكىرى قانائەت قىلىشىنى، ئۆزىدىن ئىلغارلارغا قاراپ ئالغا ئىنتىلىشچان  بولۇشنى ئۆگەنسۇن دەپ شۇنداق يارتىلغان.
* ئەمىلىيەتتە ئادەم قانچە ئىشچان بولسا. مىننەت قىلش، قاقشاش ۋە غەيۋەت شۇنچە ئاز بولىدىكەن.
*ئىنسانلار سائەتنى ۋاقىتنى قەدىرلەپ تىجەش ئۈچۈن ياسىغان. لىكىن ھازىر سائەت ۋاقت ئالغۇچى ئەسۋاپ بولۇپ قالدى.
*  مەنپەتپەرەسلەرگە ھەيرانمەن؛ ئۆزىگە پايدىلىق ئىشلار بولسا، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ قىلغان بولسىمۇ ئۆز ئالدىغا تارتىدىكەن. ئۆزىگە زىيانلىق ئىشلار بولسا، ئۆزى شەخسى قىلغان بولسىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن باشقىلارغا تېڭىشقا ئۇرنىدىكەن.
*باھانىلەنمەڭلار، باھادىرلىنىڭلار.
* بەزىلەر، يولدا كىتاب كۆرۈپ ماڭسا ئۆرەككە چۈشۈپ كىتىشىدىن قورقىدىكەنيۇ، كىتاب كۆرمەي نادانلىقتا قېلىپ ھاڭغا چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقمايدىكەن.
* ئەگەر سىز بىردەملىك راھەتنى تاللىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بىر ئۆمۈرلۈك جاپاغا يول ئاپسىز.


               (ئاپتور: مەكىت ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى )



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-23 17:30  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-23 20:32:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىنىمىزنىڭ چۈچۈك تۇيغۇلىرىغا ئاپىرىن.

ۋاقتى: 2015-11-23 21:16:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىمىز تىرىشسابولغىدەك
بىراق ، بىر مىللەتتىكى زۇلمەت قارا دەرسخانىدىكى بىلىمسىز ئوقۇتقۇچىدىن باشلىنىدۇ. دەپكەتكىلىمۇ بولمىغىدەك
چۈنكى «سەركە ھۇشيار بولسا پادا ئاداشمايدۇ،  ئەقىلسىزباشنىڭ دەردىنى پۇت تارتىدۇ» ئىكەن ئەمەسمۇ؟

ۋاقتى: 2015-11-24 11:19:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېزىز مۇئەللىم، ئىنىمىزنىڭ قىزغىنلىقى، تىرىشچانلىقى ھەققىدە كۆپ ئاڭلىغان، يازغانلىرىنى بۈگۈن كۆرۈپتىمەن، مۇشۇنداق ياشتىكى قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان بالىلار تېخىمۇ كۆپ يىتەكلەشكە، رىغبەتكە مۇھتاج، بىزنىڭمۇ شۇنداق چاغلىرىمىز بولغان.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-8 16:11:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى شاتلاندۇرغىنى ئەمدىلا 8-يىللىققا چىققان بۇ ئوقۇغۇچىمنىڭ تەپەككۈر قىلىپ ياشاشقا كۈنۈككىنى!

ۋاقتى: 2015-12-9 11:06:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلانغۇچ مەكتەپتە خەنزۇچە ئوقۇپ ئۇيغۇرچە ساۋادىنى ئەمدى چىقارغان بۇ نوتىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تەپەككۇر ئويغاقلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم.

ۋاقتى: 2015-12-9 14:56:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qongkurqak يوللىغان ۋاقتى  2015-12-9 11:06
باشلانغۇچ مەكتەپتە خەنزۇچە ئوقۇپ ئۇيغۇرچە ساۋادىنى ئە ...

شۇڭا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچىمۇ ئەمەس، خەنزۇچىمۇ ئەمەس يازىدىكەن-دە؟

ۋاقتى: 2015-12-9 15:37:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارال يوللىغان ۋاقتى  2015-12-9 14:56
شۇڭا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچىمۇ ئەمەس، خەنزۇچىمۇ ئ ...


شۇنداق، سىزچە قانداق يازسا توغرا بولاتتى ؟ دۆلىتىمىزنىڭ قايسى قانۇنىدا «ئەمەر» دېگەن ئىسىم چەكلىنىپتىكەن؟ ئۆزىڭىز نېمە يېزىپ باقتىڭىز؟ ھېچكىمنىڭ يازغىنىنى ياراتمىغۇدەك؟ سىز شۇ بالىنىڭ يېشىدىكى چېغىڭىزدىلا قالتىس تازغۇچى-شائىر بولۇپ تونۇلۇپ بولغانمۇ؟ تېخى بۇلتۇرغىچە خەنزۇچە ئوقۇغان بالا ئەمدى ئۇيغۇرچە ساۋادىنى چىقىرىپ يەنە ئۇيغۇرچە ئەسەر يازالايدىغان بوپتۇ، سىز قالتىس يېزىۋەتكەنلىرىڭىزنى كۆرسىتىپ بىزگە ئۆگىتىپ قويىڭە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-9 15:46  


ۋاقتى: 2015-12-9 18:03:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qongkurqak يوللىغان ۋاقتى  2015-12-9 15:37
شۇنداق، سىزچە قانداق يازسا توغرا بولاتتى ؟ دۆلىتىمىز ...

ھە، شۇنداقمۇ؟!...

ۋاقتى: 2015-12-9 18:33:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارال يوللىغان ۋاقتى  2015-12-9 18:03
ھە، شۇنداقمۇ؟!...


مەن گەپنى مۇجىمەل قىلىپ قويدۇممىكىن بىلمىدىم، ئەمما مېنى سۆيۈندۈرگىنى باشلانغۇچنى خەنزۇچە ئوقۇپ ئۇيغۇرچە ساۋادىنى ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن چىقارغان، ساۋادىنى چىقىرىپلا ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىغان كىچىككىنە بىر نوتا ئۇ، بىز ئۇ ياشتىكى چاغدا دەرسلىكلەردىن باشقا كىتابلارغىمۇ قىزىقمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن. 13 ياشتا ساۋادىنى چىقىرىپ 14ياشتا ئوقۇشتىن ھالقىپ يېزىشقا يۈزلەنگىنى ئۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس.مۇمكىن بولسا يىتەكلەشكە، رىغبەتلەندۈرۈشكە مۇھتاج ئۇنداق ئۈمۈدلۈك مايسىلارنى قوللايلى، مەدەت بىرەيلى.كەمچىلىكلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن كۆرسىتىپ بىرەيلى، قەلىمى پىشقانلارغا قويۇلىدىغان تەلەپنى ھازىرچە كۆتۈرەلمەيدۇ، بەلكىم كېيىنچە ئوبدان يازىدىغانمۇ بولار.دېمەكچى بولغۇنۇم مۇشۇ، باشقا مەقسىدىم يوق. ئارىمىزدا ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالمىسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-9 18:42  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش