كۆرۈش: 268|ئىنكاس: 2

تۇرسۇنگۇل(ت): ئۆچمەنلىك بىلەن خوشلىشىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-23 15:41:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                     
                                             ئۆچمەنلىك بىلەن خوشلىشىش   
                                       
                                                 تۇرسۇنگۈل مۇھەممەت تەرجىمىسى

1994-يىلى ماندىلا ئۇڭۇشلۇق ھالدا جەنۇبىي ئافىرىقىنىڭ زۇڭتۇڭلىقىغا سايلاندى، شۇنىڭدىن باشلاپ جورىيانىڭ ئەنسىزلىككە تولغان كۈنلىرى باشلاندى، چۈنكى ماندىلا ئۇ 27 يىل نازارەت قىلغان مەھبۇس ئىدى.
  جورىيا ماندىلاغا زۇلۇم سالغان ئاشۇ چاغلىرىنى ئەسكە ئالدى، روبىن ئارىلى بىر قاقاسلىق بۇلۇپ، يىلپىز، زەھەرلىك يىلان ۋە باشقا خەتەرلىك ھايۋانلار قەدەمدە بىر ئۈچراپ تۇردىغان جاي ئىدى، ماندىلا شۇ ئارالدىكى بىر قەلەي ئۆيگە قامالغان بۇلۇپ، كۈندۇزى تاش تېرەتتى ياكى مۇزدەك دېڭىز سۇيىدىن لامنارىيە سۇزەتتى، كەچتە بارلىق ئەركىنلىكى چەكلەنگەن ھالدا سولىناتتى، مۇھىم سىياسىي جىنايەتچى بولغاچقىمۇ، جورىيا ۋە ئۇنىڭ ئىككى خىزمەتدىشى دائىم ئۇنى  خورلاپ، ھەدىسلا گۇرجەك بىلەن قاتتىق ئۇراتتى، ھەتتا تامىقىغا يۇندىنى چېچىپ، يىيىشكە زورلايتى.
  دەرۋەقە 5-ئايدا جورىيا ماندىلا ئۆزى ئىمزا قويغان ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىنىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۋالدى، ئەندىشە قىلغان كۈن ئاخىرى يىتىپ كەلگەن ئىدى، مۇراسىمىدا ماندىلا چۇقۇم ئۇنى قاتتىق ھاقارەتلەپ، قوڭىغا تەپكىنىچە تۇرمىغا قامايدۇ، دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ ھېلقى ئىككى خىزمەتدىشىمۇ تەكلىپنامىنى تاپشۇرۋېلىپ، ھۇلۇققىنىچە ئۇنى ئىزدەپ كەلدى،ئۇلار بىرلىكتە ئامال تاپماقچى بولدى،-يۇ، ئاخىرىدا يەنىلا جاننى ئالقانغا ئېلىپ تۇرۇپ مۇراسىمىغا قاتنىشىشتىن باشقا يول يوقلىقىنى ھىس قىلدى.
  مۇراسىم باشلاندى، ياشىنىپ قالغان ماندىلا تەبىرىك سۆزىنى سۆزلەپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مۇراسىمغا قاتنىشىشقا كەلگەن ئەربابلارنى قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۇرگەندىن كىيىن :
بۇنچە كۆپ ئەزىز مىھمانلارنى كۈتۈۋالغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھىس قىلىمەن، بۇلۇپمۇ ئەينى يىللاردا روبىن ئارىلىدا ماڭا ھەمرا بۇلۇپ، مۈشكۈل كۈنلەرنى ئوتكۈزگەن ئۈچ تۇرمە ساقچىسىنىڭ كەلگىنىدىن بەكلا خوش بولدۇم،- دىگنىچە، ئۈچەيلەن بىلەن بىر-بىرلەپ قۇچاقلىشىپ كۈرۈشتى ھەمدە كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرۇپ:
  ياش چاغلىرىمدا مىجەزىم ئىتىك، ئوسال ئىدى، دەل مۇشۇ ئۇچەيلەننىڭ ياردىمىدە، ئۆزەمنى كونتىرول قىلىشنى ئوگەنگەنمەن...،-دىدى، كۈتمىگەن بۇ گەپتىن ئۈچەيلەن ئۆزىنى قويارغا جاي تاپالمايلا قالدى، يىغىن ئەھلى بولسا ھۆرمەت ئىچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ گۇلدىراس ئالقىش ساداسىنى ياڭراتتى.
  مۇراسىم ئاياقلاشقاندا، ماندىلاجورىيانىڭ يېنىغا بېرىپ:   
قاماقخانىدىن چىقىپ، ئەركىنلىكنىڭ بۇسۇغىسىغا قەدەم ئالغان ئاشۇ دەققىدە، بارلىق ئازاپ-ئۇقۇبەت، ئۆچمەنلىكلەرنى پاكپاكىزە ئۇنتۇشىمنىڭ زۇرۇرلىكىنى چۈشنىپ يەتكەن ئىدىم، مۇبادا ئۇنداق قىلالمىسام، يەنىلا تۇرمىدە تۇرغانغا ئوخشاش ئەمەسمۇ؟،- دىدى ئاستاغىنە.
  يۈزى ياشتىن يۇيۇلغان شۇ دەققىدە جورىيا ئۆچمەنلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى -كەڭ قورساقلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتى.

     داڭدار شەخىسلەر ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 11-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-23 19:30  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-23 21:29:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ھېكايىكەن.بىر ئىبرەت ۋە بىر ھەقىقەت باركەن.رەھمەت سىزگە

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-24 10:36:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بىلەن بۇ تېمام ئارقىلىق تۈنۈشۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، «مۇھەببەت يېنىڭزدا»، «قۇم چۆگۈن» دىگەن كىتاۋىڭىزنى يېقىندا ئۇقۇپ، سىزگە قايىل بولغان ئىدىم،رەسمىڭىزگە قارىسام تەڭ قۇرداش ئوخشايمىز،پىكىرلىشىپ تۇرايلى نۇرگۈل بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىزھار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-24 10:38  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش