كۆرۈش: 690|ئىنكاس: 14

روزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچىغا تون كەيگۈزۈلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-23 12:29:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
قەشقەردە روزى مۇھەممەد تۇردى ئارتۇچىغا تون كەيگۈزۈلدى
5.png
6.png
7.png
8.png
1.png
2_旋转.png
3.png
4_旋转_旋转.png

8 K, u; q, s7 J; F( z
/ P. Y/ d7 P, H8 l5 v  s  l$ d) p, H/ g( N# a
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى،فۇتۇسى.
2015-يىلى 21-نويابىر چۈشتىن كېيىن قەشقەر شەھىرى دەريا ساھىلى يولىغا يېڭىدىن ئېچىلغان قەسىر تائام تاللا شەھەرچىسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 6-قېتىملىق سۆي كىتاب سۆھبىتى بويىچە روزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچقا ئىلھام بېرىش قەسىر پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت قەشقەر «سۆي كىتاب» جەمىئىيتنىڭ باش كاتىپى ئابلەت جۈمە تۇپراقنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۈچ چوڭ تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. ئالدى بىلەن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرلەش ۋە ئۇنىڭ قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلىرى، ئەقىل- پاراسەت جەۋھەرلىرىدىن ئىلھام ئېلىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان 5-قېتىملىق پائالىيەتنىڭ داۋامى ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدا داڭلىق مائارىپچى، پېداگوك، يازغۇچى ۋە قەشقەر مېھرىبان ئانىلار، ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ھاجى ئاتىكە مىرئەخمەت خانىم ئۆزىنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى تەسىرلىك تىللار ئارقىلىق بايان قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. «يۈرىكىڭدە كىم بار جانانىم» نامىلىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇئەللىپى، قەشقەر شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، «كاشىغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، ئوبزورچى ئابلاجان بوۋاقى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قەشقەر ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، سورۇن ئەھلىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. ئارقىدىنلا خەلق سەنئەتكارى قۇربانجان ئالىمنىڭ شېئىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن «ياق، ياق...» نامىلىق ناخشىنى دۇتار بىلەن ئورۇنداپ، سورۇن كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ئىككىنچى قەدەمدە، كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرى سورۇن ئەھلىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى. قەشقەر ئىسكەندەر قايماقلىق مارۇژنىخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، مائارىپنى چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن، كىتابخۇمار كارخانىچى تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ كىتاب بىلەن ئۆتكەن ھاياتى ۋە كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇق- نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كۆپچىلىكنى قايىل قىلدى. مەركىزىي ئاسىيا مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدئېلى غوپۇر ئەپەندى «كىتاب ئوقۇڭ، ئادىمىيلىكىڭىز تېخىمۇ نۇرلانسۇن!» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ، كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ بەردى. ئاخىرىدا، قەشقەر «سۆي كىتاب جەمئىيتى» نىڭ رەئىسى ئابدۇكېرىم ھامۇق ھاجىم يوپۇرغا ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئېنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى، 2015- يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىش تەشەببۇسچىسى روزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇش تەشەببۇسىنى روياپقا چىقىرىش يولىدا چەككەن جەبىر- جاپالىرى، تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، پائالىيەت ئەھلىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. ئارقىدىنلا، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە روزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچقا قەشقەر «سۆي كىتاب جەمئىيىتى» ۋە يوپۇرغا ناھىيەسىدىن كەلگەن قەلەمكەشلەر نامىدىن تون كىيدۈرۈش، خاتىرە بويۇم تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. تون كىيدۈرۈشكە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم بىلەن ئابدۇكېرىم ھامۇق ھاجىم تەكلىپ قىلىندى. مۇراسىمدىن كېيىن، داڭلىق يازغۇچى، قەشقەر شەھەرلىك 10-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دىلبەر ھامۇت خانىم لىرىك ھېسسىيات، ياڭراق ئاۋازى بىلەن ئوقۇلغان نەسىرى ئارقىلىق، روزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچنىڭ ئاددىي، ئەمما مەنىلىك ھاياتىنى مەدھىيەلىدى. يەنە، بۈگۈنكى پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ئۆزىنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى ۋە قەشقەردە قەرەرلىك ئۆتكۈزۈلىۋاتقان «سۆي كىتاب» كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرسىدىكى كۆز قاراشلىرى ۋە قىممەتلىك پىكىر- تەكلىپلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. بۇ چاغدا، گەرچە ئالىمنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ھەربىر ھەقىقەت دۇردانىلىرى يۇقىرى ئاۋازلىق ياڭراتقۇدىن تاراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بارلىق سورۇن ئەھلى ئۇنى يېقىندىن كۆرۈۋېلىش، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلىۋېلىش ئىستىكىدە، ئۆرە- توپ بولۇشۇپ ئالىمنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، ھاياجانلىق دەقىقىلەرگە شاھىت بولۇشتى. ئالىمنىڭ سۆزى تۈگەپ، رىياسەتچىنىڭ ئۇنىڭغا ئاتاپ ئېيىتقان مەدھىيە، ئالقىش سادالىرى ۋە پائالىيەتنىڭ ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلغاندىن كېيىنلا ئۇلار ئېسىگە كېلىپ ئۆز ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئولتۇرۇشتى. بۈگۈنكى پائالىيەت بارلىق كۈنتەرتىپلەرنى تولۇق ئورۇنداپ، كەچ سائەت 6 دە ئاياغلاشتى. پائالىيەتكە قەشقەردىكى ئوقۇمۇشلۇق جامائەت ئەربابلىرى، يازغۇچى- شائىرلار ۋە كىتابخۇمار ياشلاردىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. «سۆي كىتاب» پائالىيتىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىسى، مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى، قەسىر يېمەك- ئىچمەك سارىيىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوبۇلقاسىم ئەمەت ھاجىم بۈگۈنكى پائالىيەت سورۇنىنى خالىس تەمىنلەپ، ئۆزىنىڭ كىتابقا، ئىلىم- مەرىپەتكە بولغان مېھىر- مۇھەببىتى ۋە جەمىئىيەتكە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايەن قىلدى. جەمىئىيەت ئەزاسى مۇختار ئەمەت پائالىيەتكە كېتەرلىك ماددىي بويۇملارنىڭ چىقىمىنى ئۈستىگە ئالدى. بىز بۇلارغا ۋە پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بارلىق كىشىلەرگە جەمىئىيەت نامىدىن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-23 13:22  
) W2 l# o* X' |9 {0 ?
! [4 @, K' v* H

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-23 13:22:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەتنىڭ ئ‍ەتىسى ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغان ئ‍ەركەكلەرنىڭ ئ‍ىززىتىنى قىلىش كېرەك ، ئ‍اپىرىن سېزگە روزى مۇھەممەد ئ‍ەپەندىم!!!!

ۋاقتى: 2015-11-23 13:27:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئۈچۈن ئەجىر قىلغان ھەم بۇ پائالىيەتكە قەدەم تەشرىپ قىلغان بارلىق زاتى مۇبارەكلەرگە ساقلىق، تىنىچ ئامانلىق يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-11-23 13:48:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ، بەك سۆيۈندۈم. ئىلىم سۆيەرلەرنى، كىشىلەرنى ئىلىم سۆيۈشكە ئۈندىگەنلەرنى خەلق بېشىدا كۆتۈرىدۇ.

ۋاقتى: 2015-11-23 15:13:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

( Y# W# h9 s7 o% w& I* T) T! A
8 e# [" `- M  a5 W1 }, y2 q4 M# p# Y
     بۇ ئىنىمىز ھەقىقەتەن ئەھمىيىتى بار ئىش قىلدى، شۇڭا ھۆرمەت تاپتى، يەنىمۇ تاپقۇسى...

ۋاقتى: 2015-11-23 15:51:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن. تولىمۇ كىچىكىپ كەيدۈرۈلدى بۇ تون سىزگە.

ۋاقتى: 2015-11-23 16:19:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارتۇچ ئەپەندىمگە تون ھەقىقەتەن ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ. مەرىپەت سۆيەر قەشقەر ئاتۇش ئوغلانلىرىغا ئاپىرىن. ئارتۇچ بۇرادەرنىڭ قولىدىكى تۇلپار مۇدىلىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا خۇددىي تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى بىرىلگەندەكلا خۇش بولدۇم.قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئەھمىيىتىدىن ئېتيقاندا ئۇ تۇلپار ماكاپاتى ئېلىشقىمۇ ھەقلىق. ياشاپ كېتىڭ بۇرادەر.

باھا سۆز

كەچۈرىسىز، قەشقەرلىك ئوغلانلار!  ۋاقتى: 2015-11-23 05:21 PM
ۋاقتى: 2015-11-23 16:49:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qongkurqak يوللىغان ۋاقتى  2015-11-23 16:19
1 {  Q6 _# q2 I" `' Lئارتۇچ ئەپەندىمگە تون ھەقىقەتەن ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ. م ...

9 a# `( s+ `/ T+ F+ N# E6 F0 F) X7 P       بۇ يىلىمىز دىيارىمىزدا  ‹‹ كىتاب ئوقۇش يىلى ›› بولۇپ بېكىتىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە
2 [: Q5 o2 v0 y  C" ~ چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.  يەتتە ياشتىن - يەتمىش ياشقىچە ، كىتاب، كىتابخانا، كۈتۈبخانا ۋە ئۇنىڭ ‹‹ ھەقىقى
& V3 z* N; p, }" T مەنىسى ›› نى بىلىپ يەتتى.  مانا بۇ، باش لايىھىلىگۈچى، پىلانلىغۇچى، ئەقىل، ئىدىراكلىق  ئىنىمىز - روزى
7 _7 D0 T" m- D مۇھەممەد تۇردىنىڭ ‹‹ نوبىل›› چە شەرىپىدۇر.  مۇبارەك بولسۇن - روزى مۇھەممەد ئارتۇچ، ئامان بولۇڭ !

ۋاقتى: 2015-11-23 19:06:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روزى مۇھەممەد ئارتۇچ ئەپەندىمىنىڭ بۇ ئېسىل خىسلىتى ھەممىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ ، ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ روناق تاپقاي !

ۋاقتى: 2015-11-23 21:38:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپقا باغلانغان قەلىب .4 W* y7 S4 s8 G- a) k
ئارتۇچ ئەپەندىمگە مۇبارەك!

باھا سۆز

« قەلىب» دېگەن سۆزنى « قەلب » دەپلا يازسىڭىز...  ۋاقتى: 2015-11-24 12:33 PM
ۋاقتى: 2015-11-23 22:27:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئوبدان بوپتۇ، ئارتۇچ مۇئەللىم ئۈچۈن خۇش بولدۇم!

ۋاقتى: 2015-11-24 22:34:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ ئىنىمىز روزىمۇھەممەتجاننىڭ قۇتلۇق ئىشلىرىغا بەرىكەتلەر بولسۇن. مەنمۇ خەۋەر تاپقان بولسام ئىنىمىزنىڭ 2011-يىلدىن بۇيان مەكتىۋىدە يېتىم بالىلار قىرائەتخانىسى تەسىس قىلىپ بالىلارنى تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى، ھەر يىلى كىتاپ ئوقۇش كۈنىنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىنى سورۇن ئەھلىگە تونۇتۇش ئاساسىدا بىر پارچە ماقالە ئوقۇپ روزى مۇھەممەتجانغا كۆڭۈل قويۇپ كېلەركەنمەن.

ۋاقتى: 2015-11-25 00:01:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۇر..........تەشەككۇر..............تەتشەككۇر...........تەشەككۇر  تۈمەنمىڭ   تەشەككۇر

ۋاقتى: 2015-11-25 09:55:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توننى مانا مۇشۇنداق كىشىلەرگە ياپقۇلۇق. قەشقەرگە ئاپىرىن!

ۋاقتى: 2015-11-26 15:35:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئېسىل پائالىيەت بوپتۇ كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن! شۇ يولباشچىلارغا....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش