غازاڭ بولۇپ چۈشمەكتە كېچىلەرنىڭ كىرپىكى
ئابلەت مۇھەممەت
بىخ سۈرىدۇ كېچىلەر ئۆمۈچۈكنىڭ پۇتىدا ،
ئۈندەرىگەن چىۋىنچاق يوتقىنىنى تاپالماس .
ئېشەكقۇرۇت تاملارنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلار ،
تەشتەكتىكى سازاڭلار ئچى قىززىپ ياتالماس .
ھويلىلارنىڭ ئالقىنى سىقىمدايدۇ ئۈمۈدنى ،
ئاددىي -ساددا تېرەكلەر قورساق سالار ئەتىگە .
بىلجىرلىغاچ جان ئۈزەر تاز خىيالنىڭ سايىسى ،
ساۋادى يوق تىڭىرقاش يامىشىدۇ كۆرپىگە .
زەرەتلىنەر يوپۇرماق يۇلتۇزلارنىڭ نۇرىدا
ھاردۇق يەتكەن غۇنچىلار تېلىفۇننى تاقىدى .
ئۆز تەمىدىن كەتكەچكە كۆڭۈللەرنىڭ چۆرىسى ،
ئارىمىزدىن تۇيۇقسىز ۋاقىت ئاستا ساقىدى .
ساپما كەشتە تولۇنئاي شىپىرلايدۇ ئاسماندا ،
غازاڭ بولۇپ چۈشمەكتە كېچىلەرنىڭ كىرپىكى .
ئىشىكىمدە ئوقۇيدۇ مۇڭلۇق غەزەل ئەتىلەر ،
ياستۇقىمغا ياش تۆكەر تۆنۈگۈننىڭ شۆپىكى .
تۆت بۇلۇڭغا قايتماقتا كېچە سۆيگەن سوئاللار ،
تەقدىر قىزىل قەلەمدە چىمچىقلىتار كۆزىنى .
گۇناھ ئەمەس ئاۋاقلىق دەسلەپ قىلىپ ئاڭلايلى ،
توپا چاڭغا مىلىمەي رىئالللىقنىڭ سۆزىنى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-23 08:31
|