ئە.ناسىرى ئەلۋىدا
ئابلەت مۇھەممەت
قەلەم تۇتقان ئاتتىڭىز ئە.ناسىرى ئەلۋىدا ،
سۆھبەتلەردە ‹باش› تىڭىز ئە.ناسىرى ئەلۋىدا،
ھەر ساھەدە بارتىڭىز ئە.ناسىرى ئەلۋىدا ،
‹باھار› بىلەن ‹ياز› تىڭىز ئە. ناسىرى ئەلۋىدا ،
بەك تۇيۇقسىز ياتتىڭىز ئە.ناسىرى ئەلۋىدا ،
يۇمۇلغاندا كۆزىڭىز ھاردۇق يەتتى دەپتىمىز ،
يۈزىڭىزنى كۆرەلمەي سەل كېچىكىپ كەپتىمىز ،
ئارمانلارغا يېتەلمەي ھەسرەت يۈتۈپ دەرتتىمىز ،
مۇڭلۇق قوشاق ئىلكىدە قول قوشتۇرۇپ سەپتىمىز ،
بىزدىن بالدۇر قايتتىڭىز ئە.ناسىرى ئەلۋىدا.
تەقدىر يىڭنە سانجىدى تىلىمىزغا ‹چىم› قىلىپ ،
خىيال باستى يەلكىنى ئالاماننى ‹جىم ›قىلىپ ،
مۇسىبەتكە قول بەردۇق ئېڭەك تۇتۇپ ‹ئىم› قىلىپ ،
ئەنسىرەيمىز كىملەردىن بېرەلەيمىز ‹نىم› قىلىپ ؟
مۇڭغا سۈكۈت قاتتىڭىز ئە.ناسىرى ئەلۋىدا .
نەپەس ئالسۇن يۇرتىدا زىيالىينىڭ تىنىقى ،
تاۋلاپ تۇرسۇن ئەدىبنى ئانا يۇرتنىڭ سىنىقى ،
شائىر ئۈچۈن مىڭ باھار ھەر بىر كۈننىڭ سېرىقى ،
قەلەم تۇتقان كەسىپنىڭ يېنىپ تۇرسۇن چىرىقى ،
تىنماي جاپا تارتتىڭىز ئە. ناسىرى ئەلۋىدا .
ئىل بويى توقايلىق،ۈتوققۇزتارا توق ئېقىن ،
سۈيدۇڭ، تېكەس، نىلقا ھەم غۇلجا بويلاپ بىر ئېقىن ،
ناخشىلىرى ئۆزگىچە، چاخچاقلىرى شوخ چېقىن ،
يىلتىزىدىن بىلىنمەس كىملەر يىراق كىم يىقىن ،
قامۇس باشلاپ قويدىڭىز ئە.ناسىرى ئەلۋىدا.
ۋارىقىمغا پاتمىدى دىلكەشلەرنى رەتلىسەم ،
ئەسلىمىلىك ئەنجۇمەن پائالىيەت خەتلىسەم ،
ئېچىلمىدى كۆڭۈللەر مىڭلاپ مىسرا بەتلىسەم ،
روھ كۆكلىمەي نە مەنا بۇ جىسمىمنى ئەتلىسەم ،
دىلنى-دىلغا چاتتىڭىز ،ئە.ناسرى ئەلۋىدا.
تىرىكىمىز داستاندۇر ،ئۆلۈم ئاددىي قوشاقكەن ،
ئارىمىزدىن كەتكىنى تولمايدىغان بوشلۇقكەن ،
مەزمۇت ئىدى ئورنىڭىز، خېلى يوغان يوچۇقكەن ،
ۋا دەرىخا، ئۆرتەندى يۈرەك ھەجەپ يۇمشاقكەن ،
بىر ئۈمىدنى ئارتتىڭىز ،ئە.ناسىرى ئەلۋىدا .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-23 01:20