كۆرۈش: 348|ئىنكاس: 11

ئەلتۇغ: كىتاب، سەن-نېمىتىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-22 18:12:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

                                                  كىتاب، سەن-نېمىتىڭ


                                           ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ


   بەزىلەر مەلۇم سورۇنلاردا كىتاب ئوقۇش ھەققىدە گەپ بولغاندا بەكمۇ ئوڭايسىزلىنىدۇ، گەپ تەشكۈچىنىڭ تۆت ئېغىز دەككىسىنى بەرمەكچى بولىدۇيۇ، مۇۋاپىق گەپ تاپالماي ئىچى ئاچچىق بولىدۇ،  ۋە ياكى ئۆزىنىڭ كىتاب ئوقۇمايدىغانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئەپچىل باھانە ئىزدەپ تولىمۇ بىئارام بولىدۇ. شۇڭا، مۇشۇنداق بىئارام بولۇپ كېتىۋاتقانلارغا تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك ئۇسۇلنى سوۋغا قىلاي. بۇ ئۇسۇللاردىن بىرەرسى ئەپچىل بىر جايدا ئەسقېتىپ قالسا ئىشلەتكۈچىنىڭ چوقۇم مېنى ئەسلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
1.خىزمەت ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىڭ. بۇنداق بولغاندا، قارشى تەرەپ سىزنىڭ ئالدى بىلەن ئۆيدە كىتاب بولمىسىمۇ، ھامان بىر ۋاق غىزانىڭ غېمىنى قىلىش ئۈچۈن سىزنىڭ جان تىكىپ ئىشلەۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ، سىزگە ھېسداشلىق قىلىش بىلەن بىرگە، كىتاب ئوقۇمىغانلىقىڭىزنى توغرا چۈشىنىدۇ ھەم سىزنىڭ ھامان بىر كۈنى كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى جەزملەشتۈرىدۇ. مىڭنى قىلسا، كىتاب ئوقۇغانغا قورساق تويمايدۇ-دە! بۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ كىتاب ئوقۇمايدىكەن دېگەن بەدنامىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشقا خېلى ياردىمى بولىدۇ.
2.مەلۇم كىتابنىڭ يامان گېپىنى قىلىڭ.
ئىلگىرى ئېزىپ - تېزىپ ئوقۇپ قالغان بىرەر پارچە كىتابنىڭ قايسى جايلىرىنىڭ سىزگە يارىماي سىزنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىڭىزنى سوۋۇتۇۋەتكەنلىكىنى، قايسى  بىر چاغدا دەرس ۋاقتىدا پارتىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ كىتاب ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا مۇئەللىمنىڭ قۇلىقىڭىزنى سوزۇپ سىزنى تازا تەنقىد قىلىپ سىزنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىڭىزغا سوغۇق سۇ سەپكەنلىكىنى، ياكى قەيەردىندۇر ئاڭلىۋالغان مەلۇم كىتاب توغرىسىدىكى تېتىقسىز ئۇچۇر، شۇ كىتاب تەنقىد قىلىنغان ئوبزۇرنى دەستەك قىلىۋېلىپ، سورۇندىكىلەرنى كىتاب ئوقۇشقا ئۈندىگەن كىشىنىڭ ئېغىزىغا تىقىپ بېرىڭ. مۇنداق قىلسىڭىز ئۇ غىڭ قىلالماي قالىدۇ.
3.مەلۇم يازغۇچى ياكى شائىرنىڭ قايسىدۇر بىر ئەسەرنى قايسىدۇر بىرسىنىڭ ئەسىرىگە تەقلىد قىلغانلىقى ياكى قايسىدۇر بىر يېرىنى قايسى كىتابتىن كۆچۈرۈۋالغانلىقىنى، مۇنداق قىلىشنىڭ تولىمۇ ئەخلاقسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى، يازغۇچى - شائىرلارنىڭ كۆچۈرمىكەشلىك قىلىدىغانلىقىغا دائىر جىڭغا توختىغۇدەك پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىپ قويسىڭىز، سىزگە نەسىھەت قىلماقچى بولغان ئاقىلنىڭ ئېغىزى تۇتۇلۇپلا قالىدۇ. زۆرۈر تېپىلسا، «ئىشەنمىسەڭلار پالانچىنى پالانچىم مۇنداق دەپ كالتەكلىگەن!» دەپ بىرەر پاكىتنى ئوتتۇرىغا تاشلىسىڭىز، ئىشىنىمەنكى، چوقۇم قاقاقلاپ كۈلگەن ئىللىق بىر سورۇن مەنزىرىسى بارلىققا كېلىدۇ.
4. كىتابلارنىڭ قايتا نەشرىنىڭ يامان گېپىنى قىلىۋېرىڭ.
بۇ خىل ئۇسۇلدا، قارىسىغىلا «بۇ كىتابنىڭ 1-نەشرى بەك ئېسىل يېزىلىپتىكەن، كىيىنكى قېتىم نەشر قىلغان چاغدا بەزى جايلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ» دەۋېرىڭ. بۇنداق چاغدا سىزگە كىتاب ھەققىدە گەپ ئاچقان ھېلىقى كىتاب خالتىسى سىزنى قايىل قىلغۇدەك گەپ تاپالماي ئاۋارە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇمۇ ئوخشاش كىتابنىڭ ئىككى خىل نەشرىنى سېلىشتۇرۇپ باققان بولۇشى ناتايىن. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۇنى مات قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنى ئوخشاش كىتابنىڭ ئىككى قېتىملىق نەشرىنى قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇپ چىقىشتەك ئاۋارىچىلققا دۇچار قىلالايسىز.
5.ئامالنىڭ بارىچە چەتئەل تىلىدىكى كىتابلارنى ماختاڭ.
بۇ خىل ئۇسۇلدا، سىز مەيلى كىتاب ئوقۇڭ ياكى ئوقۇماڭ، مەلۇم بىر چەتئەلچە كىتابنىڭ دۇنياۋىي سەۋىيەدە يېزىلغانلىقىنى، ئۆز تىلىمىزدا ئەسەر يېزىۋاتقانلارنىڭ مەھەللىۋىي دائىرىدىن ھالقىپ كېتەلمەي، دۇنياۋىي سەۋىيەگە لايىق ئەسەر يازالمايۋاتقانلىقىنى تازا مەسخىرە قىلىڭ. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ پايدىلىق يېرى شۇكى، ھېچكىم ئۆزىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى دۇنياۋىي سەۋىيەگە يەتتى دەپ كېسىپ ھۆكۈم قىلالمايدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئون مىليون كىشىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس بىر دۇنيا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمىغان بولسا تېخىمۇ ياخشى، ئۇنىڭغا دوق قىلىپ، بىر پۈتۈن كىتابلىرىمىزنى ئاسانلا ئىنكار قىلىپ، قورساق كۆپىكىڭىزنى چىقىرىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.
6.ئۈندىدار، چ چ چاپلاقلىرى ۋە قىسقا ئۇچۇر خاراكتېرلىك نەرسىلەردىكى مەزمۇنلارنىڭ توم - توم كىتابلاردىكى مەزمۇنلاردىن ئېسىل ھەم ئوقۇشقا قۇلاي ئىكەنلىكى توغرىسىدا پاكىت كەلتۈرۈڭ.
  بۇ خىل ئۇسۇلدا، ئۈندىدار، چ چ چاپلاقلىرى ۋە قىسقا ئۇچۇر خاراكتېرلىك يازمىلارنىڭ ئۆزى قىسقا، مەزمۇنى سەرخىل، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى يۇقىرى، ئوقۇش ۋە كۆرۈش، تارقىتىش قۇلاي ئىكەنلىكىنى، يانفۇنىڭىزدا بىر كۈندە مۇنداق نەرسىلەردىن كەم دېگەندەك ئون - يىگىرمىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىڭىزنى، خالىسىڭىز ھەتتا دوستلار چەمبىرىكى ۋە ئۈندىدار، چ چ بوشلۇقلىرىغا قويغىلى بولىدىغانلىقى، ئۈندىدار، چچ توپلىرىدا تارقاتقىلى بولىدىغانلىقىدەك ئارتۇقچىلىقىنى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈپ، كىتابلارنىڭ ھەجىمىنىڭ چوڭ، ۋەقەلىكلىرىنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى، ھەتتا بەزى مەنزىرە تەسۋىرى، بايانلارنىڭ ئادەمنى زېرىكتۈرۈدىغانلىقىنى، ھە دېسىلا ئۇنى بىللە ئېلىپ يۈرۈشنىڭ قۇلايسىز ئىكەنلىكىنى، مۇنداق ئۇزۇن يازمىلارنى ئوقۇشنىڭ ۋاقىتنى تولىمۇ ئىسراپ قىلىدىغانلىقىنى ئەزۋەيلەڭ. ئاندىن سوئال سورىغۇچىدىن ئىشەنمىسە يانفۇنىنى كۆرۈپ بېقىشنى ئېيتىڭ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ يانفۇنىدىمۇ مۇنداق قىسقا يازما، ئەقلىيە سۆز ۋە رەسىملىك شېئىرلاردىن كەم دېگەندىمۇ 20 نى تېپىپ، ئۇنى خېلىلى تەرلىتەلەيسىز.
   7. مەلۇم بىر يازغۇچى-شائىرنىڭ غەيۋىتىنى تارتىنماي قىلىڭ.
بۇ خىل ئۇسۇلدا، مەلۇم بىر يازغۇچى ياكى شائىرنىڭ يازغىنى بىلەن قىلغىنىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ قايسىدۇر بىر چاغدا سورۇندا تازا ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ، ئۆيىنى تاپالماي كوچىدا يېتىپ قالغانلىقىنى، قايسى بىر ئەدىبنىڭ ئۆز نامىنى ساقلىماي تاكسىنى قىممەت كۆرۈپ كوچا ئاپتوبۇسىغا چىقىپ يۈرگەنلىكىنى، قايسى بىر ئوبزورچىنىڭ كىملەرنىڭدۇر بىر قاچا تامىقى ئۈچۈن ناچار كىتابلارنى تازا ماختاپ، يالغاندىن كۆككە ئۇچۇرغانلىقىنى، كىتابىغا تىراژ توپلايمەن، كىتاب چىقىرىمەن دەپ كىملەرگىدۇر يالۋۇرۇپ قانداق خۇشامەت قىلغانلىقىنى، تېخى كىتابىنى ساتىمەن دەپ نەمۇ نە مۇناسىۋەت ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى... تارتىنماي دەۋېرىڭ. بۇ خىل ئۇچۇرلارنى ئاڭلىماي دېسىڭىزمۇ، بىرەر تور بەت ياكى مۇنبەرگە كىرىپلا قالسىڭىز، ھەممىلا جايدىن ئاسانلا ئېرىشەلەيسىز. يازغۇچىنىڭ ئىسمىنى ۋە ھېلىقى ۋەقەلىكنىڭ قىسقىچە جەريانىنى بىلىۋالسىڭىزلا كۇپايە. قېنى، سىزنى كىتاب ئوقۇشقا زورلىغان ھېلىقى ئاقىل نېمە دەيدىكىن؟
8. كېنو كۆرۈشنى قولدىن بەرمەڭ.
بەزى مەشھۇر ئەسەرلەر، داڭلىق كىتابلار سىنارىيەلەشتۈرۈلۈپ، كىنو قىلىپ ئىشلىنىۋاتىدۇ. ئۆيدە سافاغا يانپاشلاپ ياتقىنىڭىزچە، د ۋ د، ۋ غ د لاردا شۇ كېنولارنى كۆرۈش ئارقىلىقمۇ كىتابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىن، ۋەقەلىكىدىن خەۋەر تاپالايسىز. بۇ يەردە شۇ ئەسەرنىڭ تىلىدىكى گۈزەللىكى، ئاپتورنىڭ بايان قىلىش ماھارىتى دېگەنلەردىن زوقلىنىمەن دەپ ئارتۇق ئاۋارە بولۇپمۇ يۈرمەيسىز. زۆرۈر تېپىلغاندا، سورۇنلاردا بۇ كېنو ھەققىدە گەپ بولغاندا، ئىككىلەنمەي 4-5 ئېغىز گەپ قاتالايسىز. ھەتتا، «كىتابىدىن كېنوسى ئېسىل ئىشلىنىپتۇ» دېسىڭىزمۇ، رەت قىلغۇدەك ئادەم ئۇچراپ يۈرمەيدۇ.
9. ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلىدىم دەڭ.
ھازىر نۇرغۇنلىغان داڭلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى چىقىپ بولدى. سىز ماشىنىڭىزنى ھەيدىگەچ ياكى كومپىيۇتېردا ئويۇن ئوينىغاچ مەلۇم ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى قويۇپ ئاڭلاپ قويۇڭ. بىر ياقتىن ئاڭلىغاچ، بىر ياقتىن ئەسەرنىڭ مەلۇم بۆلەكلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقالايسىز. بۇ كىتاب ئوقۇغاندىن كۆپ قۇلاي. بولۇپمۇ، بۇ يەردە كىتابنى قاتلاپ قويۇپ ئويلىنىش، مەلۇم بىر يېرىگە سىزىۋېلىش، مەلۇم بىر ۋەقەلىكنى ئىچىڭىزگە ئېلىپ كېتىپ بىرەر - يېرىم دەم بىئارام بولۇش ياكى قاتتىق ھاياجانلىنىپ، كىتابنى يۈزىڭىزگە يېپىپ بىر دەم تۇرۇۋېلىش... دېگەندەك ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كېلىپمۇ يۈرمەيسىز.  ۋاقتى كەلسە سورۇنلاردا ئەسەرنىڭ ئۇ يەر - بۇ يېرىدىن تۇتۇۋالغان پارچە - پۇرات يەرلىرىدىن بولسىمۇ گەپ تېشىپ، ھەر ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ يامان ئەمەس بىر كىتابخۇمار ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈش مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز.
10. ھېچكىم چۈشەنمەيدىغان ۋە ئىشەنمەيدىغان بىرەر ئېقىمنى بولۇشىغا ماختاڭ.
بۇ خىل ئۇسۇلدا ھازىر چىقىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ ئىنساننىڭ ئەڭ ئىچكى ماھىيىتىنى يورۇتۇپ بېرەلمەيۋاتقانلىقىنى، سىزگە يارىغۇدەك ئەسەرلەرنىڭ چىقمايۋاتقانلىقىنى، مەزمۇنىنىڭ پۇچەك، ۋەقەلىكىنىڭ بەكلا ئاددىي، تىلىنىڭ كونا ھەم قېلىپلىشىپ قالغانلىقىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، بىر نەچچە غەلىتە ئىسمى بار نامالۇم چەتئەللىكلەرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھازىر دۇنيادا تولىمۇ قارشى ئېلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىپ كىرىدىغان بولسا بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قاتتىق ھەسرەتلىنىپ، يازمىلىرىدىن قاتتىق نومۇس قىلىپ ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە ئانچە - مۇنچە گەپ تەييارلىۋېلىڭ. بۇنداق ئۇچۇرلارنىمۇ مۇنبەر ئارىلىسىڭىز خېلى ئۇچرىتىپ قالىسىز. ئەلۋەتتە، مۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىڭىزگە دوست تارتىشىپ بېرىدىغان يېقىن بۇرادەرلىرىڭىز چىقماي قالمايدۇ. زۆرۈر تېپىلسا، ئۇلارغا بىر –ئىككى رومكا «خوش كەتتى!» قىلىسىز ياكى تەخسىسىگە بىر-ئىككى چوكا قورۇما سېلىپ قويسىز. ئىشىنىمەنكى، بۇنىڭ چوقۇم ئۈنۈمى بولىدۇ، سىز ھەرگىزمۇ يالغۇز قالمايسىز...
11. يېڭى سېتىۋالماقچى بولغان ئۆيىڭىزگە مەخسۇس كۇتۇپخانا ياسايدىغانلىقىڭىزنىمۇ قوشۇپ قويۇڭ.
  بۇ خىل ئۇسۇلدا، ھازىرقى ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىڭىزنىڭ سەل تارچىلىقىنى،  ئىلگىرى ئۆي بېزىگەن چاغدا كۇتۇپخانا چىقىرىشقا قۇلايسىز بولغانلىقىنى، بالىلىرىڭىز كىچىك بولغاچقا كىتابلارنى قالايمىقان يىرتىپ ئارام بەرمىگەنلىكىنى، شۇڭا پات ئارىدا چوڭ ھەم يوغان بىر يۈرۈش بىنا ئۆي ياكى داچا  سېتىۋېلىپ، مەخسۇس بىر ئېغىز ئۆينى كۇتۇپخانا قىلىپ بېزەيدىغانلىقىڭىزنى تارتىنماي دەۋېرىڭ. بىر يۈرۈش ئۆينى ئالماق ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچكىمنىڭ سىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق.  كۆرسەتكەن بۇ باھانىڭىزغا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئادەم قايىل بولىدۇ ھەم ھېچكىممۇ سىزنىڭ يېڭى ئۆينى قاچان ئالىدىغانلىقىڭىزنى سۈيلەپ يۈرمەيدۇ. بۇ خىل باھانە 10-20 يىل ئەسقاتىدۇ. سىزمۇ كۇرسىڭىزدىن چۈشۈپ يۈرمەيسىز...
   يۇقىرىقى ئۇسۇللارنىڭ تولۇق بولۇشى ناتايىن. يەنە ئۆزىڭىز ئەمەلىيىتىڭىزدە چىقىش قىلىپ تەييارلىغان ئۆزگىچە ئېسىل ئۇسۇللارمۇ بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئۇسۇللارنى مۇۋاپىق گىرەلەشتۈرۈپ قوللانسىڭىزمۇ، ئايرىم-ئايرىم قوللانسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنىلا سۆزلەيدىغان مۇھىت ۋە ئوبيېكىتنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، ئامال بار پاساھەتلىكراق، كىتابىي تىل بىلەن سۆزلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى، سىزدەك كىتابخۇمار، زىيالىي، ئىلىم - مەرىپەتلىك كۆرۈنمەكچى بولغان ئادەمگە قاراپاي ئاۋام تىلى ئىشلىتىش تازا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ- دە!

                  2015-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى. يەكەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-23 12:11  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-22 23:06:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب ئۇقۇمايدىغانلارغا باھانە دىگەننى رەت ـ رېتى بىلەن تىزىپ بىرىپ بەكمۇ ياخشى قىلىپسىز !

ۋاقتى: 2015-11-23 01:27:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹ قىزىم ساڭا ئېيتاي،كېلىنىم سەن ئاڭلا›› دېگەندەك،ساتىرىك(ھەجۋى)جەھەتتە خېلىلا  ئۇتۇغلۇق چىقىپتۇ. ئەلتۇغ قېرىندىشىمنىڭ قەلىمىگە كۆز تەگمىگەي!

ۋاقتى: 2015-11-23 03:10:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇيدىغانغا باھانە يوقمىدۇ ؟

ۋاقتى: 2015-11-23 09:47:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابنى قەدىرلەش كېرەك.

ۋاقتى: 2015-11-23 10:17:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۇغ ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسىنى ئوقۇپ ، رېئالىقىمىز ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم. دېمىسىمۇ كىتاب ئوقۇمايدىغانلارغا باھايى-سەۋەپ تېپىلىپ تۇرىدۇ.....

ۋاقتى: 2015-11-23 11:40:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان يېزىپسىز بۇرادەر، بىر چاغدا ئۇستازىمىز ياسىنجان سادىق چوغلانمۇ يازغۇچىنىڭ ۋاقتى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق توختالغان، مۇشۇ كۇنلەردە ئالدىراشلىقنىڭ ھېچنېمىگە باھانە بولالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىۋاتىمەن، ئالدىراش بولغانسىرى ۋاقىتنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىدىكەنمىز.

ۋاقتى: 2015-11-23 13:13:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەتراپلىق ئىزدىنىپسىز، ئىزدىنىشلىرىڭىزگەتېخىمۇ زور ئوتۇقلارنىڭ يار بولۇشىغا تىلەكداشمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-23 15:09  


ۋاقتى: 2015-11-23 14:05:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق  ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئوتۇقلار يار بولسۇن .

ۋاقتى: 2015-11-23 17:17:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاپتورنىڭ مەقسىتىنى باشقىچە چۈشەندىم .
مەسىلەن :ئاپتورنىڭ يۇقىردىكى باھانىلىرىنى قىلالىغان كىشى كىتاپ ئوقۇمايدىغانلاردىن ئەمەس .ھىچ بولمىسا مۇشۇ باھانىلەر ئۈچۈن ئۇ كىشى ئىزدىنىدۇ .دىمەك ئازراق كىتاپ ئوقۇيدۇ ،ئاۋازلىق ئەسەر تىڭشايدۇ ،يازغۇچى توغرىسىدا پىكىر بېرىدۇ ،ئەدەبىيات -سەنئەت توغرىسىدا ئازراق بىلىم ئىگىلەيدۇ ......ئاپتورنىڭ ئۇستىلىق بىلەن كۆرسەتكەن ئۇسۇللىرى ئەمەلىيەتتە شۇنداق كىشىلەرنى كىتاپ ئوقۇشقا باشقىچە تىل بىلەن يېتەكلىگىنى خالاس ......
ئاپتورغا رەھمەت .تەپەككۇردىكى ئۆزگىچىلىككە رەھمەت .

ۋاقتى: 2015-11-23 19:27:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىرە يوللىغان ۋاقتى  2015-11-23 03:10
ئوقۇيدىغانغا باھانە يوقمىدۇ ؟

ئوقۇيدىغانلارغا باھانە كەتمەيدۇ.

ۋاقتى: 2015-11-25 00:26:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[b]كىتاپ ئوقۇمايدىغان ئادەمنى ھەرقانداق  ناچار نەرسىگە ئوخشۇتۇشقا بولاۋېرىدۇ.چۈنكى  كىتاپ ئوقۇماي بولغان ھالىمىز شۇ بىزنىڭ ؟
ئەلتۇغ ئىنىم مۇبارەك بولسۇن سىزگە،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش