«ئاباي ھېكمەتلىك سۆزلىرى» نىڭ قازاقچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئۈچ خىل تىلدىكى ئاۋازلىق نەشرىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
ئۆز مۇخبىرىمىز ئايگۈل ئابدۇللا (تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇخبىرى) خەۋىرى، فوتوسى:ھازىرقى زامان قازاق ئەدەبىياتى ۋە ئىدىيەۋى تەپەككۇرىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى شائىر،يازغۇچى، مۇتەپەككۇر ئاباي قونانباي دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 170 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «ئاباي ھېكمەتلىك سۆزلىرى»نىڭ قازاقچە، ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە ئۈچ خىل تىلدىكى ئاۋازلىق نەشرىنى تارقىتىش مۇراسىمى 20–نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئالىي مېھمانخانىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، مىللەتلەر ئۈن–سىن نەشرىياتى بىلەن ئۈرۈمچى ئېرپان ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، پائالىيەتكە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخ–مەدەنىيەت سارىيىنىڭ باشلىقى ئارسلان ئابدۇللا، مائارىپ كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى سۇلتان جانبولات، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جاقىپ مىرزاقان، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق باشلىقى مەنسۇر، جۇڭگو يازغۇچىلار نەشرىيات گۇرۇھى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، «جۇڭگو يازغۇچىلىرى»نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى ئەكبەر مىجىت، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەركىن قادىر، «غەربىي دىيار» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى شېن ۋېي، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى شەرىپقان ئابدال، ئۈرۈمچى ئېرپان ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇللا ئۆمەر قاتارلىقلار ۋە خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە موڭغۇل مىللىتىدىن بولغان ھەر ساھە زاتلار قاتناشتى.
ئاباي قونانباي قازاق خەلقىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇرى،دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ئۇلۇغ زات.ئۇنىڭ سۆزلىرى پىكىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن ئاللىقاچان ئاتىلار سۆزىگە ۋە ھېكمەتلىك ئەقلىيە سۆزلىرىگە ئايلانغان. يىغىن ئەھلى يىغىن باشلىنىشى بىلەن بەس–بەستە بۇ ئەزىز زات سۆزىنىڭ مەخسۇس دىكلاماتسىيە نۇسخىسى ئىشلىنىپ، خەلق ئاممىسىغا تەقدىم قىلىنغانلىقىنىڭ گۈل ئۈستىگە گۈل چەككەندەك قالتىس بىر ئىش بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان سۆز قىلماقتا
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ئاباي قونانباي يېقىنقى زامان ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە ئۇلۇغ زات، ئۇنىڭ شېئىرلىرى،سۆزلىرى چوڭقۇر مەنالىرى بىلەن ئەجداد ۋە ئەۋلادنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا سىڭىپ كەتكەن، ئۇنىڭ شانلىق ئوبرازى قازاقىستان كىشىلىرىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىشلىرى،مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدىكى ئوبراز ۋەكىلىگە ۋە ئەڭ جەلپكار ماركىسىغا ئايلانغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90–يىللىرىدا «ئاباي ھېكمەتلىرى» ئۇيغۇر تىلىدا كىتاب قىلىپ نەشر قىلىنغاندا مەن ئۇنىڭ ئەقلىگە ئاپىرىن ئوقۇپ، چوڭقۇر تەسىرلەنگەنىدىم.بۇ تەسىرات مەن بالا ۋاقىتلىرىمدا ۋە ياش چاغلىرىمدا ئوقۇغان «ئاباي ۋە ئاباي رومانلىرى» دىن ئېرىشكەن ئاباي تەسىراتلىرىمنى تېخىمۇ يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرىۋەتكەنىدى. مانا بۈگۈن «ئاباي ھېكمەتلىرى» نىڭ دېكلاماتسىيە نۇسخىسى چىقتى،بۇ بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن زور ئالقىشلاشقا تېگىشلىك كاتتا ئىش.
ئارقىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر ساھەلىرىن كەلگەن زاتلار سۆز قىلدى.
جۇڭگو يازغۇچىلار نەشرىيات گۇرۇھى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، «جۇڭگو يازغۇچىلىرى»ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، ئەكبەر مىجىت سۆز قىلماقتا
بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەركىن قادىر سۆز قىلماقتا
ئاباي قونانباينىڭ ئۆچمەس ئەسىرى «ئاباي ھېكمەتلىرى» دۇنيا مىللەتلەر مەدەنىيىتى خەزىنىسىدىكى مۇھىم ئەسەر. بۇ ئەسەر ئاباي19–ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى قازاق جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مائارىپ،مەدەنىيەت، ئېتىكا ۋە ئۆرپ–ئادەتلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە يۈرگۈزگەن تەپەككۇرىنىڭ جەۋھەرلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرغان قىممەتلىك بىر مەدەنىيەت مىراسىدۇر. ئۇنىڭ پىكىرلىرى ئۇ ھايات چېغىندا دەۋرداشلىرىغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بۇ تەسىر دەۋر ۋە مىللەت ھالقىپ تېخىمۇ زورايماقتا، شۇنداقلا ئابايدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ شان–شۆھرىتى تېخىمۇ ئاشماقتا.
ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئاباي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 1995–يىلىنى «ئاباي يىلى» قىلىپ بېكىتتى، شۇنداقلا جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئاباي ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ۋە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ،ئالمائاتا، مۇسكىۋا، بېشكەك، بېيجىڭ، ئىستانبۇل، يېڭى دېھلى قاتارلىق شەھەرلەردە ئاباينىڭ ھەيكىلى تۇرغۇزۇلدى؛ قازاقىستان بىلەن رۇسىيە 2003–يىلىنى «ئاباي يىلى»ۋە «پۇشكىن يىلى» قىلىپ بېكىتتى.
ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى ئابدۇقەييۇم ئىمىن ئاباينىڭ ھېكمەتلىك سۆزىنى دېكلاماتسىيە قىلماقتا
پائالىيەتنىڭ يەنە بىر كۈنتەرتىپى بويىچە، «ئاباي ھېكمەتلىرى»نىڭ ئاۋازلىق نەشرىدىكى خەنزۇچىسىغا ئاۋاز بەرگەن داڭلىق دىكتور ياۋكې، ئۇيغۇرچە نۇسخىسىغا ئاۋاز بەرگەن ئابدۇقەييۇم ئىمىن، قازاقچە نۇسخىسىغا ئاۋاز بەرگەن سېرىك قاتارلىقلار لېنتىدىكى بىر بۆلەك ھېكمەتلىك سۆزلەرنى پائالىيەت ئەھلىگە دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.
پائالىيەت ئاخىرىدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان يەنە بىر كۆرۈنۈش بولدى: ئۈرۈمچى ئېرپان ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئابدۇللا ئۆمەر ناھايىتى كەمتەرلىك بىلەن سۆزىنى قىسقىچە تاماملاپ سەھنىدىن چۈشمەكچى بولغاندا ھەر ساھە قازاق ئامما ئۇنى سەھنىدىن چۈشكىلى قويمىدى، بىر پېشقەدەم قازاق بوۋاي بىر قولى بىلەن ئابدۇللانى تۇتۇۋېلىپ، يەنە بىر قولىغا مىكروفوننى ئېلىپ پائالىيەت ئەھلىگە: «قېرىندىشىمىز ئابدۇللا گەرچە بۈگۈن ئەڭ ئاز سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تۆھپىسى كىچىك ئەمەس. ئۇ بۇ دۇنياۋى ئەسەرئۈچۈن، قازاقلار ئۈچۈن، ھەر مىللەت ئۈچۈن كاتتا ئىش قىلىپ بەردى، شۇڭا، بىز قازاقلار ئۇنىڭغا تون كىيدۈرمىسەك بولمايدۇ!» دېدى. گۈلدۈراس ئالقىشلار ئىچىدە ئابدۇللانىڭ بېشىغا قازاقچە تۇماق، ئۇچىسىغا قازاقچە تون كىيدۈرۈلدى. بىردەمدىلا سەھنە ھەر مىللەت كىشىلىرى بىلەن توشۇپ، پۇت قويغۇدەك يەر قالمىدى، كىشىلەر بۇ كەمتەر، تىرىشچان يىگىتكە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتتى.
ئەسلى مەنبە:
http://uy.ts.cn/