كۆرۈش: 1078|ئىنكاس: 15

تەسەللىدىن تۇغۇلغان ئىلھام

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

  تەسەللىدىن تۇغۇلغان ئىلھام
                    
ئابدۇرېھىم زۇنۇن


    يېقىندا، «شېئىرىيەتتە قىسمەن تىنىش بەلگىسى» ناملىق ماقالەم ئۈستىدە جىددىي ئىشلەپ ئولتۇراتتىم. ئالدىمدىكى تېلېفون خۇددى گال پىچاقتا بوغۇزلانغان قېرى كالىدەك ھۆركىرەپ قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى. تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قولۇمغا ئالدىم-دە:
ــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! دېدىم.
ــ ئابدۇرېھىم زۇنۇنما ؟
ــ ھەئە، مەن شۇ.
ــ ئىشىڭىز ئالدىراشما؟
ــ ھەئە، ئىش بارمىدى؟
ــ دەرھالx   رېستورانىغا كېلىڭ!
قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقىنى مائارىپ سېپىدە 40 يىلدىن ئارتۇق، مەكتەپ رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئىچىدە مۇئاۋىن مۇدىر، مۇئاۋىن شۇجى، مۇدىر بولۇپ 20 يىلغا يېقىن ئىشلەپ، 2006-يىلى 2-ئايدا 65 يېشىدا شەرەپ بىلەن دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم مائارىپچى ئابلەت قۇرباننىڭ تونۇش ئاۋازى ئىدى.
راستىنى ئېيتسام، ئۇ چاقىرغان جايغا قەتئىي بارغۇم يوق ئىدى. بارمىسام، ئۇ: «دەم ئېلىشقا چىقمىغان بولسام كېلەتتى، ھازىر مۇدىر بولمىغانلىقىم ئۈچۈن كەلمىدى»، دەپ مەندىن رەنجىشى تەبىئىي ئىدى. ئەگەر بارسام، كاللامدىكى پىكىرلەرنىڭ «قۇيرۇقى كېسىلىپ» كېتەتتى. ئىدىيەمدە بىر پەس كۈرەش بولغاندىن كېيىن، بۇ پېشقەدەم رەھبىرىمنىڭ ياخشى كۆڭلىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن، ئەزمىلىك بىلەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ھېلىقى رېستورانغا باردىم.
رېستوراننىڭ ئايرىم خانىسىدا سابىق مۇدىرىمىز بىلەن يەنە ئىككى خىزمەتدىشىم ئولتۇراتتى. پېشقەدەم مۇدىر ئىززەت-ئىكرام بىلەن ئالدىمغا بىر پىيالە چاينى ئاۋايلاپ قويدى-دە، گەپ باشلىدى:
ــ سىزنىڭ ئالدىراشلىقىڭىزنى بىلگەچكە، بىز كېلىپ تاماق، قورۇمىلارنى بۇيرۇتۇپ تەق قىلىپ تۇردۇق، قېنى تاماققا بېقىڭ!
مەن قولۇمغا چوكا ئېلىپ بولغۇچە، ئۇ يەنە گەپ باشلىدى:
ــ ئايالىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟
ــ خېلى ياخشى.
ــ ھازىر نەدە؟
ــ «ئېھسانىيە دوختۇرخانىسى»دا.
ــ بۈگۈنكى بۇ سورۇن مېنىڭ. بۇ ئاددىي سورۇننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مۇددىئايىم كۆڭلۈمدىكى كىشىلەر بىلەن مۇڭداشقاچ، سىزگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي قىلىپ، كۆڭلىڭىزنى ئاۋۇندۇرۇش، كۆپ جاپا چەكتىڭىز... ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا روشەنگۈل (ئايالىنى دېمەكچى) بىلەن سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلىشىپ قالدۇق. روشەنگۈل سىزنى: «ئۇلى چىڭ، قەيسەر ئادەم ئىكەن، ئاشقازان راكى بىلەن ئاغرىپ قالغان ئايالىنى ئۈچ يىلدىن بېرى ئۈرۈمچىگە ئون نەچچە قېتىم ئېلىپ بېرىپ داۋالاتتى، ئىككى قېتىم چوڭ ئوپېراتسىيە قىلدۇردى. خوتەندىمۇ تېۋىپمۇ تېۋىپ، دوختۇرخانىمۇ دوختۇرخانا يۆتكەپ كۆرسىتىپ، كۆز كۆرگەن، قۇلاق ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، جىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئىككى ئوغلىغا ھەم ئانا، ھەم ئاتا بولۇپ، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، چوڭ ئوغلىنى يۇقىرى ئوقۇش ھەققى تۆلەپ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتىۋاتىدۇ. يەنە تېخى مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى كۆردۈم. يەنە ئۇنىڭ مەسئۇللۇقىدا يىلىغا 12 سان «خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلىمىي ژۇرنىلى» (ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە) ۋە 10 سان «خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى گېزىتى» ۋاقتى -قەرەلىدە چىقىۋاتىدۇ. ئاڭلىسام، ئۇ تېخى ھەپتىسىگە 10-12 سائەت دەرس ئۆتىدىكەن...» دېۋىدى، مەنمۇ ئويلىنىپ قالدىم. راست، سىز ھەقىقەتەن قەيسەر ئادەم ئىكەنسىز. شۇڭا، بۈگۈن ئارام ئالغاچ مۇڭدىشايلى، دەپ...
ئۇنىڭ كېيىنكى سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرسىمۇ، ئەمما ئاڭلاش سېزىمىمنى غىدىقلىيالمىدى. كۆزلىرىمدىن تۆكۈلۈۋاتقان ئاچچىق ياشلىرىم بىلەن ئالدىمدىكى پىيالە لىقلىنىپ باراتتى. كونىلارنىڭ: «ياخشى سۆز تاشنى ئېرىتىدۇ» دېگىنى راست ئوخشايدۇ.
ئايالىم يېڭىدا يېتىپ قالغان چاغلاردا ئۇنىڭ كۈنلىرى ئاساسەن دوختۇرخانىلاردا ئۆتەتتى. مەن بولسام، ئۆي، ئىشخانا ۋە دوختۇرخانا ئارىلىقىدا خۇددى بابكارنىڭ موكىسىدەك قاتراپ ھالىم قالمايتتى. بالىلىرىم كىچىك ئىدى. ئۇلار ئانىسىنىڭ كېسىلىنى بىلىپ قالسا، مەندىنمۇ بەكرەك ئازابلىنىشى، سەبىي قەلبى بەرھەم يەپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر يېتىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. شۇڭا، بالىلار بىلەن بىللە بولغان چاغلاردا، ئىلاجى بار ئۆزۈمنى ئەركىن، تەمكىن تۇتۇشقا، بالىلارغا بىلدۈرمەسلىككە تىرىشاتتىم. لېكىن، ئىچىمدە نەچچە مىڭ چاشقان يۈگۈرۈپ يۈرگەندەك ئارامسىزلىناتتىم. شۇڭا، كېچىسى بالىلار ئۇيقۇغا كەتكەن چاغدا، مېنىڭ ئازابلىق مىنۇتلىرىم باشلىناتتى. كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈپ، ياستۇقنى نەمدەيتتى. بەزىدە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي خۇددى بوتىلاقتەك بوزلاپ كېتەتتىم. شۇ كۈنلەرنىڭ بىر كېچىسى (ئۇ ئۈرۈمچىدە ئىدى)  ئورنۇمدىن تۇرۇپ، بارلىق ھېسسىياتىمنى قەلەمگە جەم قىلىپ مۇنۇ شېئىرنى يازغانىدىم:


زەنجىرلەنگەن شىرغا ئايلاندىم

ئېلىشقىنى ئەزرائىل بىلەن
كەتتىڭ يىراق جەڭگاھقا بۇدەم؛
كۆزۈمدە قان، دىلىمدا ھىجران،
قالدى ماڭا تالاي تەشۋىش، غەم...

سەن يوق، بويۇن قىستى بالىلار،
بوران سوققان يۇمران گىياھتەك.
ئۇلار ئۈچۈن كۆيىمەن ھەر دەم،
كۆيمەسلىكىم چەكسىز  گۇناھتەك.

ئۇلار كىچىك، ھالىمغا يەتمەس،
كىمگە ئېيتاي قىرتاق دەردىمنى.
ئەخلەتمۇ يا گۆھەر، تۇتىيا،
كىم بىلىدۇ سەندەك قەدرىمنى ؟

سۇ بەر دېسەم، سۇناتتىڭ شەربەت،
ئاپئاق ئىدى ھەر دائىم ياقام.
يۈرگىنىڭدە پەرىشتە سىياق،
ئىدى ماڭا كۈندە ھېيت-بايرام.

قۇتلۇق كۈنلەر كەچسە ئېسىمدىن،
ئېتىلىمەن سالغا تېشىدەك.
كۆز يېشىمغا زورلايمەن ھامان،
باغرى يۇمشاق مەزلۇم كىشىدەك.

ئىكەنمەن كۆپ قەرزدار ساڭا،
بىلدىم ئۆتۈپ قازان بېشىغا.
بۇرۇن يولاپ باقماپتىكەنمەن،
كىرئالغۇ ۋە دەزمال قېشىغا...

ئۈن سېلىپ بىر يىغلىۋالغۇم بار،
بوغۇلىمەن نومۇس كۈچىدىن.
روھىم قۇشى بەند ئۆي ـــ  قەپەسكە،
كىرەلمەيتتىم بۇرۇن كوچىدىن...

ھارام بولدى ماڭا خۇشاللىق،
تۇرار دائىم ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ.
قىسمەت تەتۈر چۈشتى بېشىمغا،
ئويلىمىغان يەردىن چۆرۈلۈپ...

نەيرەڭلىرى كۆپكەن ھاياتنىڭ،
بولۇپ قالدىم تۆت كۈندە چالدەك.
قەدەملىرىم يۆتكىلەر ئېغىر،
ئاي، كۈنلىرى توشقان ئايالدەك.

ساڭا كېسەل تەگدى، سولاشتىڭ
شاختىن ئۈزۈپ تاشلانغان گۈلدەك.
زەنجىرلەنگەن شىرغا ئايلاندىم،
بەختىم مېنىڭ سورۇلدى كۈلدەك.
.......................
مېنى قىستاپ يامان پەرەزلەر،
بىر دەقىقە بەرمەيدۇ ئارام.
نېرۋىلىرىم كېتەر چۇۋۇلۇپ،
سېنى ئويلاپ، ئاغرىپ دىل يارام...

سەنسىز ياشاش ئۆلۈمدىن يامان،
تېۋىنىمەن ھەر قاچان ساڭا.
مۇمكىن بولسا، سۆيگۈ ئىلاھى
كېسىلىڭنى ئېپ بەرسۇن ماڭا !...


   ئۇ، «يېڭى قاشتېشى»نىڭ 2005-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ شېئىرىمنى كۆرۈپ، قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى ئېيتىپ، سورۇن ئۇيۇشتۇرۇپ، ماڭا تەسەللىي قىلغانىدى. بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلدى. بىلىمەن، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى، مېنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كىتاب-ژۇرنالنى، ئەسەرلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئىدى...
تولا يىغلاپ كۆزۈمنىڭ ياشلىرى قۇرۇپ كەتتىمۇ ياكى يۈرىكىم قېتىپ قالدىمۇ، ئەيتاۋۇر بۈگۈنگە كەلگەندە، ياش تۆكمەس بولۇپ قالغان، قىسقىسى، «ئەلھۆكمۇللا...» دېگەنىدىم.  بۈگۈن بۇ پېشقەدەم مۇدىرنىڭ سۆزلىرى يەنە بىر قېتىم يۈرەك يارامنى تاتىلاپ ياش تۆككۈزدى. راست، «بىرەرى ئايالىڭغا ياخشى قارىمىدىڭ، بالىلىرىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسەتمىدىڭ، ۋەھاكازا...» دەپ دوق قىلغان بولسا ئىدى، چوقۇم جەھلىم قېتىپ، ياش تۆكۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، چۈجە خورازدەك ئۇنىڭغا ھۈرپەيگەن بولاتتىم. بۈگۈن تەرىپلەنگەن، مەدھىييەلەنگىم ئۈچۈن ياش تۆكتۈم...
بىزنىڭ بۇ پېشقەدەم مۇدىرىمىز ئەر-ئايال ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى بولسىمۇ، مۇشتەرى بولۇش، سېتىۋېلىش، مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدىن ئارىيەت ئېلىش ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە چىقىدىغان بارلىق گېزىت-ژۇرناللارنى قالدۇرماي كۆرەتتى. بۇ كىشى خىزمەتتىكى ۋاقتىدا پات-پات ئۆزى كۆرگەن ئەسەرلەر ھەققىدە بىر قىسىم قەلەمكەشلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ، ئاغزاكى ئوبزورمۇ قىلىپ قوياتتى.
يۇقىرىقى گەپلىرىدىن ئايان بولدىكى، ھازىرمۇ گېزىت-ژۇرنال كۆرۈپ تۇرىۋېتىپتۇ. 15-20 يۈەن خەجلەپ بىرەر ژۇرنالغا مۇشتەرى بولمايدىغان، ھەتتا يېڭى كەلگەن ژۇرناللىرىمىزنى ئىش ئۈستىلىگە قەستەن تاشلاپ قويساقمۇ، قولىغا ئېلىپ ۋاراقلاپ باقمايدىغان «كەسىپداشلىرىمىز» ھە دەپ كۆپىيىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ، يەنە كېلىپ 65 ياشقا كىرىپ قالغان بىر ئادەمنىڭ ۋاقىتلىرىنى بىكار ئۆتكۈزمەي، كىتاب كۆرۈشلىرى مېنى قاتتىق بىر سىلكىپ ئۆتتى. ئۇ گەپ ئارىلىقىدا، مېنىڭ «جۇڭگو مىللەتلىرى»نىڭ 2006-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر تىلى» ناملىق شېئىرىمنى ئېغىزغا ئېلىپ، ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپمۇ ئۈلگۈردى. مەن:
ــ مۇدىر، ھازىرمۇ گېزىت-ژۇرنال كۆرۈپ تۇرامدىلا ؟ – دېدىم ئۇنىڭ ئېغىزىغا تىكىلىپ.
ــ كۆرىمەن، مەن چۆچەكتە تۇغۇلغان، ئۇ يەردە زىيالىيلار ، كىتاب ئوقۇيدىغانلار، كىتابلار كۆپ ئىدى. 5-6 ياش ۋاقىتلىرىمدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا سلاۋىيان يېزىقىدا چىقىدىغان كىتابلارنى كۆرۈشكە باشلىغان، مانا ھېسابلاپ كۆرسەم، ئازغىنە كەم 60 يىل كىتاب كۆرۈپتىمەن، ئۆزۈمگە تەسەللىي تېپىپتىمەن. ھازىر ئۆيدە بىكار بولغاچقا، تېخىمۇ كۆپ كۆرۈدىغان بولدۇم. كىتاب ئادەمگە ھايات ھەقىقەتلىرىنى تونۇتىدۇ، ئاق-قارىنى پەرق ئېتىشنى ئۆگىتىدۇ. مەن كىتاب كۆرۈشكە ئامراق بولمىغان بولسام، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا تۈگىشىپ كېتەتتىم. بۇ ئۆمرۈمدە بېشىمغا نۇرغۇن بالا-قازالار كەلگەن، يالا-تۆھمەتلەرگە ئۇچرىغان بولساممۇ، ھەممىنى كىتابقا ھېرىسمەنلىكم تۈپەيلىدىن ئارقامغا تاشلاپ، يەڭگەن. بۇ يىلمۇ ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە چىقىدىغان بارلىق ئەدەبىي ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولدۇم، – دېدى ئۇ. بۇ چاغدا مۇنۇ ئىش ئېسىمدىن كەچتى:
بۇندىن ئالتە يىل مۇقەددەم داڭلىق يازغۇچى، مەرھۇم زورىدىن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانى نەشر قىلىنىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەۋرىنىش پەيدا قىلدى. رومان نەشر قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتىپىمىزنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى بۇ رومان ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، باغاق تارقاتتى. ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ پېشقەدەم مۇدىر ئەنۋەر ھوشۇر (تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇ) بىلەن ئىككىمىزنى تېلېفون ئارقىلىق ئىشخانىسىغا چاقىرتتى. بىز كىرسەك، مەزكۇر فاكۇلتېتنىڭ مەسئۇللىرى بار ئىكەن. مۇدىر بىزدىن:
– «ئانا يۇرت»نى ئوقۇدۇڭلارمۇ؟ – دەپ سورىدى. بىز تەڭلا:
– ئوقۇدۇق، – دەپ جاۋاب بەردۇق.
ئاندىن ئۇلاردىن سورىدى. ئۇلار جىم ئولتۇرۇپ قالدى ۋە يۈزلىرىگە بىر خىل قىزىللىق تەپكەندەك بولدى. «مەن ئوقۇدۇم، رومان ھەققىدە يېزىلغان ئوبزورلارنىمۇ كۆردۈم. ئوبزورچىلار بۇ روماننىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ‹تىنچ دون›غا تەڭلەشتۈرىۋاتىدۇ. ‹«تىنچ دون›نىغۇ ئوقۇغان بولغىيتتىڭلار؟» ئۇلاردىن يەنە سادا چىقمىدى. مۇدىر بىر پەس ئۈنسىز ئولتۇرغاندىن كېيىن كەسكىن تەلەپپۇزدا: «سىلەر روماننى ئوقۇماپسىلەر، ئۇنداقتا مۇھاكىمە يىغىنىنى قانداق ئۆتكۈزىسىلەر، ئوقۇغۇچىلارنى قانداق يېتەكلەيسىلەر، ئۇلار سوئال سوراپ قالسا قانداق جاۋاب بېرىسىلەر؟ مېنىڭ پىكىرىم: ھازىرچە شارائىتىڭلار پىشىپ يېتىلمەپتۇ. شۇڭا، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنى ۋاقتىنچە ئۆتكۈزمەڭلار!» دەپ ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى...
راست، كىتاب ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلايدۇ، جەمئىيەتنى تونۇتىدۇ، ھەقىقىي ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىدۇ، دەرد-ئەلەمنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
مەن ئايالىم يېتىپ قالغان 40 ئايدىن بۇيان مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ بىر تىرىلدىم. بۇ يۇرتقا مۇساپىر بولغانلىقىم، ماڭا يار-يۆلەك بولىدىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم يېنىمدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچىگە بېرىشقا توغرا كېلىپ قالغاندا، بالىلىرىمنىڭ تامىقىنى ئاشخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، كۆزۈمنى يۇمۇپلا مېڭىۋېرەتتىم. ئۆي، بالا، خىزمەت... دەپ قايتىپ كەلگەن چاغلىرىمدا بولسا، ئايالىمنىڭ قېشىدا تۇرالمىغانلىقىم، ھالىدىن خەۋەر ئالالماي ئاتا-ئانىسىغا تاشلاپ قويغىنىمدىن ئۆكۈنۈپ، پىغانىم ئۆرلەيتتى. كېچىلىرى خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇپ، مەشئۇم خىياللار ئىلكىدە قوقاسقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ ئۇيقۇم قاچقان چاغلاردا دەردىمنى كىتابلاردىن ئالدىم، يەنى ئوقۇدۇم، مۇتىئالىيە قىلدىم، يازدىم؛ مانا ئاخىر ئۆز-ئۆزۈمنى تاۋلىدىم. مۇشۇ 40 ئاي جەريانىدا ھەجىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان «رۇبائىي توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە» قاتارلىق 17 پارچە ئىلىمىي ماقالە، 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يېزىپ، كۆپىنچىسىنى ئېلان قىلدىم. مەلۇم قەلەم ھەققىگىمۇ ئېرىشىپ، دەردىمگە دەرمان قىلدىم...
پېشقەدەم مۇدىرىمىز ئېيتقاندەك، كىتاب ئادەمنى تاۋلايدىكەن؛ ئادەم تاۋلانغانسېرى ھەقىقەتلەرنى تونۇپ يېتىدىكەن، ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەنسېرى ئىلمىيلىشىپ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىدىكەن. كىتاب كۆرمىگەن ئادەملەرنىڭ ئەقلىنى توپا بېسىپ،  گاللىشىپ ۋە گالۋاڭلىشىپ، ئاق-قارىنى، ھەق-ناھەقنى، ياخشى-ياماننى پەرق ئېتەلمەس بولۇپ قالىدىكەن.
«بىكارچىنىڭ چولىسى يوق» دېگەندەك، بىزنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرىمىز بىكارچىلىقتا قىلغىلى ئىش تاپالماي غەيۋەت-شىكايەت قىلىشىدۇ ياكى كۈنلەپ-كۈنلەپ قۇرۇق پاراڭ سوقۇپ، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە تەسەللىي تېپىپ، قاغجىراپ كەتكەن كۆڭۈل تەشنالىقىنى قاندۇرىدۇ. كەچلىرى بولسا، كورېيەنىڭ ھۇرۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسىدەك ئۇزۇن مۇھەببەت فىلىملىرىنى كۆرۈش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئەتىسى «بىر بىكار ئوننى بىكار قىپتۇ» دېگەندەك، ئىشخانىدا تالاش-تارتىش قىلىشىپ ئىش ئاقتۇرمايدۇ.
ماكسىم گوركىي : «ھەر بىر كىتاب مەن ئۈچۈن بىر شوتا، مەن ئاشۇ شوتىلار ئارقىلىق يۇقىرى ئۆرلىدىم » دېسە، تورا : «ۋاقتىڭنىڭ بارىدا شاھانە كىتابلارنى ئوقۇۋال، ئەكسىچە، كېيىن بۇنىڭغا ئۈلگۈرەلمەيسەن» دېگەنىكەن.
دېمەك، كىتاب ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلايدۇ، ئالغا ئىنتىلدۈرىدۇ، نېرۋىلىرىنى چاقلاپ، ئەقىل كۆزلىرىنى «روشەن»لەشتۈرىدۇ. «ۋاقىت يوق» دېگۈچىلەر مەڭگۈ ۋاقىت تاپالمايدۇ. ئادەم ۋاقىت-پۇرسەتنى ئانارنى سىقىپ سۈيىنى چىقارغاندەك، ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن چىقىرىشى، ئۆزىنى ئۆزى داۋاملىق دالالەت قىلىپ، نوقۇپ تۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، كىتاب كۆرۈشنى كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش تېخىمۇ زۆرۈر. شۇندىلا، ئۆزىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ ۋە ياش ئەۋلادلارغا ئۈلگە-ئۆرنەك بولالايدۇ.
قېرىنداشلىرىم، كىتاب ئوقۇيلى، كىتاب ئادەمنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ، دۇنيانى، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىلەرنى تونۇشقا، چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ!

                              2006 -يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، خوتەن

                          («يېڭى قاشتېشى» 2007 - يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-8 13:25  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +10 يىغىش سەۋەبى
بالقىشى + 10 بەك تەسىرلەندىم !

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-6-8 12:38:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش











ئاپىرىن مۇئەلىم!!!  راسلا قەيسەر ئېكەنسىز....
  خۇددى ئۆز كەچمىشىمدەك تەسەۋۇر قىلىپ   يىغلاپ ئولتۇرۇپ ئوقۇپ تۈگەتتىم، مەنمۇ بىر چاغلاردا ئاي-ئايلاپ كېسەل كارۋېتىدا ئەجىلىمنى كۈتۈپ ياتقان، تۆت قىتىملىق كۈچلىك ناركوستىن ھوشۇمغا كىلەلمەي ئانامنىڭ يىتىپ قىلىشىغا سەۋەپچى بولغان ئېدىم،  شۇ كۈنلىرىمنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز  تارام-تارام توكىلگەن ياشلىرىمغا سەۋەپچى بوپ قالدىڭىز...ئەرىزىم بار...





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-8 12:40  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-6-8 13:26:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن ھېچنېمىنى كۆرەلمىدىم، شۇڭا چوڭايتىپ قويدۇم، باشقۇرغۇچى ئەزىزلەر، كەچۈرۈڭلار!

ۋاقتى: 2012-6-8 14:27:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى كۈرۈپ ناھايتى بىئارام بولدوم، قەيسرانە روھىنى ئۆزىگە مۇجەسەملەشتۈرگەن بۇ ئۇستازىمزنىڭ ئىزدىنىش روھىغا يەنمۇ بەك قايىل بولدوم،
مۇئەللىم قەيسرانە خاراكتىرىڭىزنى يۇقاتماڭ، يالغۇزلوق ھېس قىلماڭ، جاھاننىڭ قوينى كەڭ!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-6-8 16:50:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنەۋۋەر ئابدۇق يوللىغان ۋاقتى  2012-6-8 12:38
ئاپىرىن مۇئەلىم!!!  راسلا قەيسەر ئېكەنسىز....  خۇدد ...


  سىڭلىم مۇنەۋۋەر، سىزلا ئەمەس، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى ۋە رەھمەتلىكنىڭ تارتقان ئازابلىرىنى ھەر بىر ئويلىسام، ئۆپكەم ئۆرۈلىدۇ.
   ئاللا ھېچقانداق بەندىسىگە بۇ مەزەر كېسەلىنى سالمىسۇن!
   سالامەت بولۇڭ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-8 20:49  


ۋاقتى: 2012-6-9 10:20:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىمنىڭ جاسارىتىگە ھەقىقەتەن قول قويىمەن . ئاشۇ كۈنلەردە ئايالىغا قاراش بىلەن ئالدىراش يۈرىۋاتقان مۇئەللىم شېئىرنىمۇ تاشلىمىغان . بېشىغا كەلگەن ئاشۇ ئازاپلارنى شېئىر ئارقىلىق يېڭىپ چىققان . مانا بۇ ھەقىقىي بىر ئەركەكنىڭ روھىدۇر .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-6-11 15:36:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەتجان يوللىغان ۋاقتى  2012-6-8 14:27
بۇ ماقالىنى كۈرۈپ ناھايتى بىئارام بولدوم، قەيسرانە رو ...

ئۇكام ئەمەتجان، قانداق قىلىمىز. «باشقا كەلگەندە باتۇر بولۇپتۇ» دېگەن شۇ ئىكەن. تەسەللى قىلغىنىڭىزغا رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-6-13 09:28:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىرئەھمەد مامۇت يوللىغان ۋاقتى  2012-6-9 10:20
مۇئەللىمنىڭ جاسارىتىگە ھەقىقەتەن قول قويىمەن . ئاشۇ كۈ ...

   ئۇكام مىرئەھمەد، بېشىمغا كەلگەندە باتۇر بولغىنىم راست. رەھمەت!

ۋاقتى: 2012-6-13 09:51:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بو ماقالىنى ئوقۇپ سىزگە بولغان ھۆرمىتىم تېخىمو ئاشتى ،كۆز ياشلېرىمنى پەقەتلا توختىتالمېدىم. بالىلىرىڭىزنى تەتىلدە ئېلىپ كېلىڭ مېنىڭ بالىلىرىم بىلەن تۇنۇشسۇن ،سىز بىلەن تۇققان بولوپ ئۆتكۇم بار.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-6-13 18:40:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىنە يوللىغان ۋاقتى  2012-6-13 09:51
بو ماقالىنى ئوقۇپ سىزگە بولغان ھۆرمىتىم تېخىمو ئاشتى ، ...


   ئامىنە خانىم، بولىدۇ. ئاللا خالىسا چوقۇم يۇرتقا بارىمەن، شۇ چاغدا سىز تەرەپكە ئۆتەي، بالىلىرىمىزنىمۇ ئۇچراشتۇرۇپ قويايلى. رەھمەت!
    سىزگە خاتىرجەملىك ۋە قۇت يار بولسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-13 20:09  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-26 12:13:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەكرار كەتكەن ئەسەر ئۆچۈرۈلدى.

.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-23 12:32  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-23 12:30:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كەلگەنمىش ئەڭ ئاۋۋال ۋەھى «ئوقۇ» دەپ،
تېگىدۇ تىرىشىپ ئوقۇغانغا نەپ.
ئوقۇشتىن ئۇلغىيار ئەقلى ئىنساننىڭ،
ئوقۇيلى، ئوقۇتۇپ ئەۋلاد غېمىن يەپ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-17 16:12:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


    پەقەت كۆتـۈرۈشنىلا مەقسەت قىلدىم.

ۋاقتى: 2015-9-17 16:29:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2015-9-17 16:12
پەقەت كۆتـۈرۈشنىلا مەقسەت قىلدىم.

رەھمەت . كۆتەرمىگەن بولسىلا مەندەك ‹‹ يېڭى كەلداخۇن ›› لار كۆرەلمىگەن بۇلاتتۇق .

بىر پارچە تۇرمۇش رومانى ئوقۇپ چىققاندەك بولدۇم . ھەقىقەتەن قەيسەر ئىكەنلا .
سالامەتلىك يار بولغاي .

ۋاقتى: 2015-9-18 14:12:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەلىك ۋە جەسۇرلۇق يار بولغاي !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش