يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 371|ئىنكاس: 2

ئەلتۇغ(ت): فۇرقەت رەھىموۋ شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-21 17:57:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

فۇرقەت رەھىموۋ شېئىرلىرى


فۇرقەت رەھىموۋ ئابدۇساتتار ئوغلى 1987-يىلى 22-ئاپرېلدا نەمەنگان ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. ھازىر ئۆزبېكىستان مىللىي ئۇنىۋېرىسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئىجادىيەتلىرى بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. مۇھەممەد يۈسۈف، شەۋكەت راھمان، ئوسمان ئەزىم، ئەركىن ۋاھىدوۋ، ئىقبال مىرزا، ئۆتكۈر ھاشىموف، سەئىد ئەخمەد ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ناھايىتى قىزىقىش بىلەن مۇتالىئە قىلغان. ئەڭ كاتتا ئارزۇسى – خەلقنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتىگە ئايلىنىش.

ئارزۇ

ياپراقتەك تۆكۈلسەم يولۇڭغا،
كۆكسۈمدە قالدۇرساڭ ئىزىمنى.
يېتەتتىم ئەڭ گۈزەل تىلەككە،
بىر كۆرسەم بولاتتى كۆزۈڭنى.


شاماللار تارتقۇشلاپ-تارتقۇشلاپ،
چاچلىرىڭ توسمىسا يۈزۈڭنى.
گۈل ئۆمرۈم كۈل بولسۇن يولۇڭدا
بىر كۆرسەم بولاتتى كۆزۈڭنى...

رەيھانىم، بولسىدى ئىمكانىم،
ھىدلىسام مۇئەتتەر ھىدىڭنى.
قالماستى زەررىچە ئارمىنىم،
بىر كۆرسەم بولاتتى كۆزۈڭنى...

ئۆتەرسەن نازلىنىپ، جىمىرلاپ،
كۆزۈڭگە يوشۇرۇپ ئۆزۈڭنى.
كەتسەممۇ مەيلىتتى ئەگىشىپ،
بىر كۆرسەم بولاتتى كۆزۈڭنى...

قانداق ياخشى

قانداق ياخشى بىپايان قىردا،
ئاۋازىڭنىڭ بارىچە كۈيلەش.
نىگاھىڭنى تىكىپ ئاسمانغا،
ئۆتكەن كۈنلەر ھەققىدە ئويلاش.

قانداق ياخشى ساپ تۇيغۇلارنى،
تۇتماق ئۈچۈن راھەتتىن كەچمەك.
شىلدىر-شىلدىر ئاققان سۇلارنى،
مېھرى ئوتلۇق قەدەھتە ئىچمەك.

قانداق ياخشى ھېچكىم بولمىسا،
قىينالمىساڭ باغرىڭ ئېزىلىپ.
پەقەت ساڭا قوشاقلار ئېيتسا،
قاشقالداقلار قېشى سۈزۈلۈپ...

قانداق ياخشى كۆڭلۈڭ تولدۇرۇپ،
ئويلىرىڭدىن مەنزىلنى كۆزلەش.
يا ھەممىدىن يوشۇرغان سىرىڭ،
ياخشى كۆرگەن قىزىڭنى ئەسلەس...

قانداق ياخشى جەننەتتەك باغدا،
يارىڭ بىلەن ئاھ، سەيلى قىلىش.
ئۆمۈر شامىڭ تۈگىگەن چاغدا،
قىينالماستىن جاندىن ئايرىلىش...
قانداق ياخشى...

ھەممىسى باشقىچە بولاتتى

گەرچە ھالىمىزدىن يالماۋۇز،
چىشلىرىنى كۆرسىتىپ كۈلىدۇ.
ئاخىر ئۇ بىلمەيدۇ، بىلمەيسىز،
ھەممىسى باشقىچە بولىدۇ...

زامانە جار سالار دۇنياغا،
يامغۇر ھەم شىۋىرلاپ قالىدۇ.
سىغمايمىز يەرگە يا ساماغا،
ھەممىسى باشقىچە بولىدۇ...

ياشايدۇ ئويلىنىپ، ئەنسىرەپ،
ئادەملەر نېمىنى بىلىدۇ؟
كۆرەرسىز بىزلەرنى كۈن تۇغار،
ھەممىسى باشقىچە بولىدۇ...

كىملەردۇر قارايدۇ ھومىيىپ،
ئەلەمدىن چېچىنى يۇلىدۇ.
بەس! بىر رەت قويسىڭىز جىلمىيىپ،
ھەممىسى باشقىچە بولىدۇ...

ئۆزبېكچىدىن ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ ئۇيغۇرچىلاشتۇردى
2015-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى. يەكەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-22 18:21  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-21 19:58:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرلارنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم. كۆپراق تەرجىمە قىلىپ يوللاپ تۇرۇڭ ئاكا.

ۋاقتى: 2015-11-22 22:20:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ دوستۇم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش