كۆرۈش: 305|ئىنكاس: 3

پەرھات ئەمەت: قانغۇچە يىغلىۋالغىن توققۇزتارالىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-21 13:24:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
قانغۇچە يېغىلىۋال توققۇزتارالىق!

پەرھات ئەمەت

ئەنۋەر ناسىرىنى چوڭقۇر سېغىنش بىلەن ئەسلەيمىز

2015-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى بىز ئۈچۈن بىر ماتەم كۈنى بولدى ،
كىشلەر سەھەردىلا ئۇندىداردا ۋاپات بولدى دېگەن ئۇچۇرنى كۆرۇپ تېڭىرىقاپ قېلىشىتى، نېمشقا ؟،شۇنچە تېزمۇ.ياش ئىدىغۇ؟دېگەن سۆزلەر بىلەن ئەپسۇسلانغان تالاي كشىلەرئارقىدىن سۈكۈت بىلەن ئەلەكمۇلىللا ،ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن ئامىن!دەپ دۇئا بىلەن يۈزلىرىنى سىيپاشتى.بۇ كىشى دەل ناھىيىمىزدىكى ئەمدىلا 47 ياشقا كىرگەن ياش يازغۇچى ،شائىر ئەنۋەر ناسىرى ئاكا بولۇپ،ئۇ تۇيۇقسىز يۈرەك ۋە قان بېسىم كېسلى تۈپەيلىدىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولدى. مەن مەرھۇمنىڭ نامىزغا ئاران ئۈلگۈرۈپ بارالىدىم،مەرھۇمنىڭ نامىزى ئۆزى توققۇزتارا سەيدۇي مەسجىتتە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ ھەر نىمە بولسا ناماز باشلنىپ كەتمىگەن ئىكەن. ئالدى تەرەپتە ناھىيلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى پەرھات ئاكا مەرھۇمغا ئاتالغان تەزىيەنامىنى ئۈنلۈك ئوقۇۋاتقان ئىكەن،مەن ئالدىنىقى رەتتىكى توپ توپ ئادەملەر ئارىسغا قسىتلىپ كىردىم. تىمتاسلىقتا قايغۇغا چۆمگەن جامائەت قول قوشتۇرغانچە تەزىيەنامىنى ئاڭلاۋاتقان ئىدى،سەپ ئۇزۇن بولغاچقا يىراقتكىلەر ئاۋازنى تولۇق ئاڭلىيالماي باشلىرنى سوزۇپ تۇراتتى.،ئىلى ھەتتا پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كىشلەرنى زور قايغۇغا سېلىپ بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان مۇشۇنداق ئەدبىنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلگەن مىنۇتلارنى ئىختىيارسىز سۈرەتكە تارتىۋىلىش ئويىغا كەلدىم دە يانفۇنىمنى  قولغا ئالدىم. ئاڭغىچە ناماز ۋاقتى باشلنىپ كەتكەنلىكى ھەم تېلفوننىڭ توكى تۈگۈپ پەقەپ ئىككى ئۈچ پارچە رەسمگە تارتىۋىلىشقا ئۈلگۈردۇم.
ئىمامنىڭ نامازغا تۇرۇشى بىلەن كىشلەر ئىچىدە ئايەتلەرنى پىچىرلىغانچە ئوقۇشقا باشلىدى.
.شۇنداق، ياش يازغۇچى ئەنۋەر ئاكىنىڭ مېىيت نامىزى ئوقۇلماقتا ئىدى....
بۇ مۇسىبەت ماڭا ئالدىنقى يىللاردىكى خەلق قىززىقچسى مەرھۇم تۇداخۇن ئاكىمىزنىڭ ۋاپاتىنى ئەسلەتتى.چۈنكى تۇداخۇن ئاكا ۋاپات بولغاندىمۇ ھەممە ئادەمنى قايغۇغا سالغان ئىدى. ئۇنىڭ تېتملىق چاقچاقلىرى ئۆز نۆۋىتىدە بىر ئىجادىيەت بولۇپ ئۇزۇن يىللار كىشلەرگە مەنىۋى زوق،كۈلكە بېرىپ كەلگەن ئىدى.ئۇنىڭ كىچىككىنا جۇغى كىشلەرگە شۇ قەدەر سۆيۈملۈك ئىدى .  قازايى قەدەر  بىر دە بويى پاكاردىن ئايرىسا مانا ئەمدى بىرى بويى ئېگىز ئاكىمىزدىن ئايرىلدۇق.ھەر ئىككىلسىلا ئۆز يولىدا خەلقىمىزنىڭ قەلىب تۆرىدە ئىدى.  .ئۇنىڭ كەمتەرلىكى ۋە باشقا ئېسل خسلەتلىرىنى ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن يېزىلغان مەرسىيە ،شېئىرلارنى ئوقۇش جەريانىدا چوڭقۇر ھېس قىلماقتا ئىدىم. ئۇنىڭ ۋاپاتى داغدۇغا ئىچىدە ئەمەس ئاددىيلىق ،تىمتاسلىق ئىچىدە ئېىلىپ بېرىلدى.لىكىن نۇرغۇن قەلىبلەر ئۈنىڭ ئۈچۈن ئۈن تىنسىز تىتىرىدى.كۆزلەر نەملەندى.قەلەمكەشلەر قەلەملىرىدىن مەرسىيلىك قۇرلار تۆكۈلدى.
شۇنداق ئادەمنىڭ ھاياتى ھامان چەكلىك بولىدۇ،شۇ چەكلىك ھايات ھەممەيلەننى ئۇنى قەدىرلەشكە،ياخشى مەنلىك ئۆتكۈزۈشكە ئۈندەيدۇ. ھاياتنى قىزغىن سۆيمەيدىغان ئادەم بولغىندەك ئۇنىڭدىن ئايرىلمايدىغان ۋاقتسىز خوشلاشمايدىغان ئادەم يوق.دۇنيادا ئۆتكەن نۇرغۇن پەيلاسوپ،ئالىملار ياشاشنىڭ قىممىتى ھەم ھېكىمتى ئۈستىدە نۇرغۇن پەلسەپىلەرنى ،ھېكمەتلىك بايانلارنى قالدۇرۇپ دۇنيادىن خوشلاشقان ئىدى،ئۇلۇغ بۇۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۈيۈك ئەسىرى قۇتادغۇبىلىك يېزىپ بىزگە بىلىمنىڭ مۇھىملىقنى بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئاۋۋال تەكتىلگەن ئىدى ئۇ :‹بىل بىلىم مەنىسنى بىلىم نېمە دەر،بىلىم ئۇ ساقايتۇر كېسەل بولسا ئەر›.‹  ئەقىللىق ئۇقار ئۇ بىلىملىك بىلۇر،بىلىملىك ،ئەقىللىق تىلەككە يېتۈر،›،دەپ بىلمنىڭ رولىغا چوڭ تەبىر بەرگەن.ئەرەبلەر دە ‹بىر ئالىمنىڭ ۋاپات بولۇشى بىر چوڭ كۈتۈپخانىنىڭ كۆيدۈرلگەنلىكى بىلەن باراۋەر› دېگەن ئەقىليە سۆز بار ئىكەن،يازغۇچى ئەنۋەر ناسىرى  بىلىمگە ھېرسىمەن،ئۆزى ياراتقان نەتىجلەردىن قانائەت ھاسىل قىلماي ئۈزلۈكسىز ئىزدىندىغان ياش يازغۇچى زىيالىلىرمىزنىڭ بىرىسى ئىدى.
توققۇزتارا ناھىيسى كىچىك بىر يۇرۇت بولسىمۇ ئۇنىڭدا خىلى داڭىلىق بىلىملىك كىشلەر مەيدانغا كەلگەن ۋە كەلمەكتە.يازغۇچىلاردىن ئالساق ئىلگىرىكى پىشقەدەملەرنى تازا ئېنىق بىلمەيمەن ،بىلشمچە، يازغۇچىلاردىن ئەنۋەر ناسىرى،ماخمۇت يولۋاس، ئەسئەت ئابدۇرشىت،سەيپىدىن تۇراق،ئابدۇخېلىل مىرخىلىل ،تۇرسۇنئاي سۇلتان، ياشلاردىن ئابلەت زەپەرى،دىلمۇھەممەت جەفەرى قاتارلىقلار بار.مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن يازغۇچى شائىرلار بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قازغۇچىلىرى،كۈيچىسى، دۇنياغا تونۇتقۇچسى قوغدىغۇچلىرىدۇر.گەرچە يازغۇچىلار ئۆزلىرنىڭ تالانتى ئارقىلىق ئىجتىمائى تۇرمۇشنى ،ئۇنىڭدىكى ھەقىقەتلەرنى يورۇتۇپ بەرسىمۇ بۇ ئايلنىپ كېلىپ يەنىلا ئۆزى تەۋە بولغان ئېتنىك تۈركۈمنىڭ تەقدىرى،ھايات داستانلىرى،سەرگۈزەشتلىرى،دەردى ئەلەملىرى ۋە بەخىت سائادەتلىرنى ئىپادىلەيدۇ.شۇنداق بولغاچقا يازغۇچى شائىرلارنى دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر ئالاھىدە چوڭ بىلىدۇ.ئۇلارنى خالىس تۆھپە قوشقۇچىلار دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك تاۋارلاشقان،
ئىقتسادى مەنپەئەت ئۈچۈن ئادەملەر ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقان ئۆزلىردىن يىراقلىشۋاتقان بىر دەۋرىدە يازغۇچى شائىرلار ئىنسانلارغا ئۆز ئۆزىنى ئېسگە سېلىپ تۇرغۇچىلاردۇر.ئۇلار بىزگە ئۆز ئۆزىمىزنى تونۇتۇپ توغرا ياشاشقا يېتەكلەيدۇ.
مېنىڭ قارىشىمدا، بىر مىللەتنىڭ ئالىمى بولمسمۇ مەيلى ئەمما چوقۇم يازغۇچسى بولۇشى كېرەك.چۈنكى كونىلاردا بىر گەپ بارغۇ«ئالىم بولماقتىن ئادەم بولماق تەس»دەپ بىز غەربنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر سالساقمۇ ئۇنىڭ پەقەت ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنشى دەۋردىن كېينلا ھەقىقى مەدەنىيلىك دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى بىلەلەيمىز،دۆلىتىمىز جوڭگودىمۇ يېڭى جوڭگونىڭ بارلىققا كېلىشىدە لۈشۈن ،لىياڭ چىچاۋ قاتارلىق نۇرغۇن ئىلغار پىكىرلىك يازغۇچىلارنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋتى بار.يازغۇچىلارنىڭ رولى ئۇنىڭ ئادەمنى ئۆزىگە تونۇتقانلىقى ۋە جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلالىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
خىياللىرىم يەنە ئۆز يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدى،كۆز ئالدىمدا نامازدىن پارىخ بولغان كىشلەر جىنازاىنى مۈرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماشىنغا سالماقتا ئىدى.ماشىنا كەتتى،، ئەمدى ئۇ كەلمەسكە كەتتى!  
ئىچىمدە بىر يازغۇچى بىلەن ئەسرالالىشالمىغان ئاددى بىر ئوقۇرمەننىڭ ئىچكى ھېسياتى ئۇرغۇشقا باشلىدى.مەن ئەنۋەر ئاكىمىزنىڭ ‹غايىپ بولغان يازغۇچى،›‹ئەنسىز ئادەم ›قاتارلىق ھىكايلىرىنى  نەچچە يىللار ئىلگىرى ئوقۇغان ئىدىم.ئۇنىڭ يېزىقچلىق ئۇسلۇبىغا قول قويۇشقا توغرا كېلەتى،ئۇ ياراتقان ئوبرازلار ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ كىشنى بىر كۆرۇش ئارزۇسى بار ئىدى.لىكىن بىر قېتىم كىتابخانىدا تاسادىپى كۆرۇپ قالغاندىن باشقا كۆرۇپ باقمىغان ئىدىم. يازغۇچىلارنى ھۆرمەتلەشتە ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ يازغان ئەسەرلىرنى ھۆرمەتلەش، ئۇلار بىلەن سىردىشش ئۈچۈن پەقەت ئۇلارنىڭ كىتابلىرنى قولىمىزغا ئېلىپ ئوقۇپ چىقىشمىز  كېرەك.ئۇيغۇرلاردا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن2015-يىلى كىتاب يىلى قىلايلى دەپ توۋلاۋاتقان سادالارغا جۆربولۇپ ناھىيمىزدە بىر شەخسى كىتابخانا ئېچىش ئويۇمنى ئۆيدىكلەرگە،ئەتراپتىكى تونوش بىلىش،ئاغىنە بۇرادەرلەرگە ئېيتىپ باقتىم.ـــ كاللاڭ ساقتۇ،بىر ئوبدان تىجارىتىڭىنى قىلماي ،كىتاب ساتىمەن دەمسىنا؟دېدى ئوقۇقلا يۈزۈمگە بىرى، ـــ ئاھاي،ھازىرقى زاماندا كىم كىتاب ئوقۇيدۇ،ھەممە خەق كىنو،تور،ئۇندىداردا كۆرۋاتسا،ئوقسىمۇ توققۇزتارادا كىتاب ئوقۇيىدىغان ،سېىتىۋالدىغانلار ئاز.دېدى،بەزى گەپلەرگە چىدىغۇچىلىقىم قالمىغاچقا
ـــ كىم بىزنى كىتاب ئوقۇمايدۇ دەيدۇ دېدىم چىچاڭشىپ ،كىتابخانىلاردا سېتىلىۋاتقان  كىتابلارنى،خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىراشلىقىنى كۆرمەمسلەر،كىتابمۇ بىر تاۋار
ئۇنىڭدىنمۇ پايدا قالىدۇ،سىلەرگە پۇل بولسىلا بولدىمۇ؟ دېدىم.
كىشلەر نەق پايدنى كۆزلەيدىغان،ئىقتسادى كىرىم بولمسا يېقىن يولىمايدىغان ئاجايىپ بىر دەۋردە تۇرۋاتقاندەك ھېس قىلدىم.ئېھتىمال كىشلىرىمىز ئۇزۇقتىن بۇيان نامراتلىقنىڭ دەردىنى بەك تارتىپ كەتكەچكە شۇنداق بولۇپ قالغاندۇ،ئىشىكنىڭ سىرتقا ئېچىلىشى بىلەن ئىقتساد ھەممىدىن مۇھىم بولۇپ قالدى. بۇنداق دۇنيا ۋەسۋەسىى ئەسلىدىلا مەنىۋى قۇرۇلمىسى،مەدەنىيەت ئاساسى پۇختابولمىغان خەلقىمىزدە ئاسانلا ئۇ قۇتۇپتىن بۇ قۇتۇبقا ئېغىپ كېتىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ بىر مەھەل ئىلىم پەن ئۆگىنىش، بىلملىكلەرنى قەدىرلەش،يازغۇچى ئالىم دېگەنلەر بىلەن ھەپسلى قالمىدى...2010-يىللاردىن كيېن ئىقتىسادى جەھەتتىن ئاز تولا تويۇنغان كىشلىرىمىز دۇنيانى كۆرۇپ،تەرەققى قىلغان ئەللەرنى كۆرۇپ،زامانىۋىلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكنى ئاڭقىرىشقا باشلىدى دە ئۆزلىرىدە نېمنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكنى،نېمنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكنى بارا بارا ھېس قىلىپ يەتتى،،گەرچە كېچىككەن بولسىمۇ بارلىق تىرشچانلىق بىلەن ئىلىم -پەنگە يۈرۈش قىلىش،ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قايتا كۆتۈرۈلدى،زىيالىلارمۇ دەۋرگە ماسلىشىپ كىشلەرگە يېقىنلاشىتى. بىر مەزگىل ناخشا مۇزىكىغا دۈم چۈشكەن كشلەر زىيالىلارنىڭ قەدىرگە يەتتى.مانا ھازىر زىيالىلارنىڭ ئۇتۇقلىرى ،شان شەرەپلىرى ،ئۇلارنى  مۇكاپاتلاش،رىغبەتلەندۇرۇش،ھۆرمەتلەش بارلىققا كېلىپ ،كىشلەرمۇ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقنى ئاشۇرماقتا.
شۇنداق دەۋىر بىزگە بىلىمنىڭ قەدىرنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ،بىزنىڭ توققۇزتارادىن ئىبارەت بۇ ئەزىز يۇرتىمىزدىمۇ كىشلەر كىتابلارنى كۆپلەپ ئوقۇيدىغان بولىدۇ،مانا ئەنۋەر ناسىىرى ئاكىنىڭ ۋاپاتى بىلەن نۇرغۇن كىشلەر مەيلى ئوقۇغان بولسۇن ئوقۇمىغان بولسۇن نامىزىغا ھۆرمەت بىلەن ئالدىرشىپ كېلىشتى.ئۇلارنىڭ ئاغزىدا «يازغۇچى »دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ تۇردۇم.شۇنداق ،ئەنۋەر ناسىىر ئاكا قالدۇرغان ئەسەرلەر خەلقىمىزنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا،بىلىم ئېلشىغا،ئۇنى ئائىلىلەردە ،كىتاب جازىلىرىدا ساقلاشقا تېگشلىك.
بۈگۈنكىدەك ماتەم كۈنىدە خۇددى توققۇزتارا ئاسمىنىدا توختماستىن سىم- سىم يامغۇر ياغقاندەك ھەمىمىزنىڭ قەلبىدە ھەسىرەت،كۆزلىرىدە نەمخۇش كۆز ياشلار ئېقىپ تۇرماقتا.شۇنداق  بىزگە كىتابنىڭ ،بىلمنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ ئەنۋەر ئاكا  كىتىپ قالدى، ئەمدى بىزدە پەقەت يىغا قالدى.ھېلىقى《 كىتابخانا ئېچىلسا ھېچكىم كىتاب ئالمايدۇ،،بۇيەردە كىتاب سېتىۋالدىغانلار يوق ,,,》دەيدىغان توققۇزتارالىق دوستلىرىم قېنى كېلىڭلارچۇ، قانغۇچە بىر يىغلايلى!
شۇنداق بىز  كىتابلارنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەنۋەر ئاكىغا،كىتاب ئوقۇمايدىغان ئۆزىمىزگە بىر يىغايلى!
ئەنۋەر ناسىرى ئاكنىڭ يۈرەك تىۋشىلىرى نېمە بولغىتتى؟ئۇ بىزگە قانداق ئەسەرلەرنى ،نىملەرنى يازماقچى بولغيتتى ؟ شۇنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەسكى ئۇمۇ خەلقىمىزنى كۆپلەپ كىتاب ئوقۇسا،ئۆز ئۆزىنى تەربىيلىسە،ماددى جەھەتتىن ئەمەس مەنىۋى جەھەتتىكى نامراتلىقتىن بالدۇراق قۇتۇلسا دەپ ئارمان قىلغان بولسا كېرەك ھەم شۇ سەۋەبتىن قولغا قەلەم ئېلىپ يۈرەككە تەككۈدەك ئېسل ئىسل ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان بولسا كېرەك. 、ئەلۋىدا يازعۇچى ئەنۋەر ناسىرى ياتقان جايىڭىز جەننەتلەردە بولسۇن!

2015.11.20



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-21 18:15  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-22 20:19:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋىدا يازعۇچى ئەنۋەر ناسىرى ياتقان جايىڭىز جەننەتتە بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-11-23 12:32:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توققۇزتارادا  سىز قەلەمگە ئېلىشقا ئەرزۇگۇدەك ئەدەبىي ۋە تارىخي ،
قىزىقارلىق ۋە ئېچىنىشلىق سىرلار تېخى كۆپ ئىدى ئەنۋەر ناسىرى!
‹‹ھەتتىگىنەي!›› دەپ قالدۇق مانا!






 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-2 10:55:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىناۋا يوللىغان ۋاقتى  2015-11-23 12:32
توققۇزتارادا  سىز قەلەمگە ئېلىشقا ئەرزۇگۇدەك ئەدەبىي  ...

كاشكى شۇلارنى  تېزراق بىلەلىسەم،يېزىپ سىلەرگە تەقدىم ئەتكەن  بولاتتىم. بولسا ئاز تولا ئۇچۇرنى بېرەسلەر ،دوسلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش