«يېشىل دولقۇن»ناملىق پوۋېست-ھېكايىلەر توپلىمى نەشردىن چىقتى
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى تۇرغۇن مىجىتنىڭ «يېشىل دولقۇن» ناملىق پوۋېست-ھېكايىلەر توپلىمى 2015-يىلى 11-ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن رەسمىي نەشىردىن چىقتى. بۇ توپلام ئاپتورنىڭ «سېرىق ئاپتاپ» ۋە «ئاق كۆلەڭگە»دىن كېيىنكى ئۈچىنچى توپلامى بولۇپ، توپلامغا جەمئىي ئۈچ پارچە پوۋېست ۋە تۆت پارچە ھېكايە كىرگۈزۈلگەن. توپلامدىكى ئەسەرلەرنىڭ تىلى يەڭگىل، ۋەقەلىكى تەسىرلىك، پەلسەپىۋىيلىكى كۈچلۈك بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە ھەقىقىي ئىستېتىك زوق ئاتا قىلالايدۇ . ئىجادىيەتتە تىرىشچان ۋە ئۈمىدلىك بۇ يازغۇچىنىڭ «يېشىل دولقۇن»ناملىق پوۋېست-ھېكايىلەر توپلىمىنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى چىن دىلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز ۋە ئاپتورنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-21 01:14