يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 356|ئىنكاس: 10

مەخەت ئابدۇرېھىم: مەغلۇبىيەتكە مۈدۈرگەن مۇھەببەت (سۆز ئويۇنى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-20 22:34:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

      مەغلۇبىيەتكە مۈدۈرگەن مۇھەببەت

                                  (سۆز ئويۇنى)


                           مەخەت ئابدۇرېھىم

   مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ماھيىتىنى مۇقۇملاشتۇرىدىغان ماددىي مەدەنىيتىمىز مەنىۋىي مەدەنىيەتكە ماسلىشىۋاتقان،مىللى مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار موللىشىۋاتقان مۇشۇنداق مەرتىۋىلىك مەزگىلدە،مەمىلىكىتىمىزنىڭ مەلۇم مەھەللە،مەيدانلىرىدىكى مۇھەببەت مەستانىللىرىنىڭ مەنىسىز مۇھەببىتى مەغلۇبىيەتكە مۈدۈرگەن.مۇھەببەت مەستانىللىرىنىڭ مەغلۇبىيەتكە مۈدۈرگەن مۇھەببىتىنىڭ مەغلۇبىيەت مەسىلىسىنىڭ ماتىرياللىرىنى،مۇستەقىل مىڭەمدە مۇشۇنداق مەنىلىك مۇئەييەنلەشتۈردىمكى:مۇھەببەت مەستانىللىرىنىڭ مۇھەببىتى؛-مال-مۈلۈك،مەنپەئەت،مەرتىۋە-مەنسەپنى مايمۇندەك مارىلاپ ماڭغان مۇھەببەتتۇر.مەغلۇبىيەتكە مۈدۈرۈپ مۈشۈكتەك مىياڭلىغان مەنىسىز مۇھەببتتۇر.
مۇھەببەتداشلار!مۇھەببەتنىڭ مەنىسى؛- مۇھەببەتداشلار مەنىلىك مۇڭدىشىدىغان،مال-
مۈلۈككە مىنگەشمەيدىغان،مەرتىۋە-مەنسەپنى مەڭسىتمەيدىغان،ماركىسزىمنىڭ مۇھەببەت مەنتىقىسىنى مۇستەھكەملەيدىغان مۇقەددەس مىھرى-مۇھەببەتتۇر.
مۇھەببەت مەستانىللىرىغا مىنىڭ مەسلىھەتىم؛مال-مۈلۈك،مەرتىۋە-مەنسەپنى مارىلىغان مىشچان مىجەز، مىڭىسى مەجرۇھ مەشۇقىڭىزغا مۇھەببەت مەيلىڭىزنى مۇقۇملاشتۇرماڭ! مىللى مەدەنىيەتنىڭ مەرىپەت مېغىزىدا مىڭىڭزىنى مايلاپ مۇھەببەتنىڭ ماھيىتىنى مۇقۇملاشتۇرماي مۇھەببەت مەيدانىغا ماڭسىڭىز مۇقەررەركى،ماڭدام-ماڭدامدا مۈشكۈللۈككە،مەغلۇبىيەتكە مۈدىسىز.مۇھەببەت مۇساپىسىدىكى ماتىياللاردىن مەلۇمكى؛ مۇھەببەت مەستانىللىرىدەك مايماق ماڭماي، ماڭقىڭىزدا مەيدىڭىزنى مايلىماي، مايسىز مەشئەلنى مەڭزىڭىزگە مىحلىماي مەدەنىيەتلىك مەردانە ماڭسىڭىز مەڭگۈلۈك مىھرى- مۇھەببەتنى مۇقۇملاشتۇرالايسىز.
مەدەنىيەتلىك مۇھەببەت مۇساپىسىدا مۇنتىزىم ماڭغان مۇھەببەت ماھىرلىرىنى مىللىتىمىزنىڭ مىللى مەدەنىيەت مۇتخەسلىرى ، مۇنبەلەردىكى مۆتىبەرلەر مىھرى-مۇھەببەت ماركىلىق مەھسۇلاتنىڭ مىزلىك مېغىزىدا ماڭىدىعان«مەشئەل»ماركىلىق ماشىنىدا مۇكاپاتلاپ مۇبارەكلەيدۇ.
مۇھەببەتداشلارنىڭ مەدەنىيەتلىك مۇھەببىتىدىن مىللىتىمىزمۇ مىڭ مەرتىۋە مىننەتدار.


مەنبە: مائارىپ مۇنبىرىدە  مۇستەھكەم مېڭىپ، ماددىي،مەنىۋىي مەدەنىيەتنى مارىسقا مۇقەددەس مەشئەلدەك ماڭدۇردىغان  مەخەت مۇئەللىمنىڭ  مىننەتسىز مەھسۇلاتى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-20 23:17  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-20 23:22:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخەتجىنىكامنىڭ مۇنداق ھۈنىرىمۇ بار دەيلى ، مۇبارەك بولسۇن !
سالامەت بولغايلا !!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-20 23:57:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارگۈلى يوللىغان ۋاقتى  2015-11-20 23:22
مەخەتجىنىكامنىڭ مۇنداق ھۈنىرىمۇ بار دەيلى ، مۇبارەك ب ...

قارگۈلىنىڭ قۇندۇزدەك قارا قاشلىرىغا، قاشلىرىنى قىمىرلاتماي قوياشقا قاراۋاتقاندەك قىياپىتىگە قارىسىڭىز قوياشنىڭ قىز قولدىشىدەك قىياس قىلىسىز.

ۋاقتى: 2015-11-20 23:59:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇنبىرىمىز  مەزمۇنلىرىنى مانا مۇشۇنداق مېھنەتلىرىدە موللاشتۇرىۋاتقان مۆھتىرەم مەخەتجان مۇئەللىم:
     «مەغلۇبىيەتكە مۈدۈرگەن مۇھەببەت»نىڭ مەنزىلى مۇقەررەر مەجروھدۇر. مىننەتسىز مېھنەتلىرىدىن مىڭلارچە مىننەتدارمەن، مۇبارەك!
     مۇئەللىم، مۇبادا مەڭگۈ مەغرۇرلانماي مۇنبەرداشلىرىمىز  ماختىغۇدەك  مۇشۇنداق مەھسۇلاتلارنى  مۇستەقىل  مەشغۇلىيەتتە مۇنتىزىم ، مەركەزلىك  مۇجەسسەملەپ مۇۋاپىق ماڭدۇرسىلا،  مېھنەتلىرى مول مېۋىلەيدۇ، مۇنبىرىمىزدىكىلەر   ماقالىلىرىغا  ماگنېتتەك مايىللىشىدۇ. مەسئۇلىيەتچانلىقلىرى مەدھىيەلىنىدۇ،  مۇكاپاتلىنىدۇ.      
                        


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-21 00:24:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARKZAT يوللىغان ۋاقتى  2015-11-20 23:59
مۇنبىرىمىز  مەزمۇنلىرىنى مانا مۇشۇنداق مېھنەتلىرىدە  ...

مىنىڭ مېغىزدەك مەھسۇلاتىمنى ماختاپ مەدىھلەپ ، ماڭا مەدەت ماڭدۇرغان مۇكاپاتلىق مىۋىللىرگە مۇبارەك.

ۋاقتى: 2015-11-21 14:41:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخەتجان مۇئەللىمنى «مەغلۇبىيەتكە مۇدۈرگەن مۇھەببەت»نىڭ مۇۋاپپىقىيىتىدە مۇبارەكلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-11-21 14:50:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخەتجان مۇئەللىمنى «مەغلۇبىيەتكە مۇدۈرگەن مۇھەببەت»نىڭ مۇۋاپپىقىيىتىدە مۇبارەكلەيمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-21 16:21:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىنھانى يوللىغان ۋاقتى  2015-11-21 14:50
مەخەتجان مۇئەللىمنى «مەغلۇبىيەتكە مۇدۈرگەن مۇھەببەت» ...

پىكىرىڭىزنىڭ پاكىزلىكىدىن پەخىرلەندىم پاراسەتلىك پىنھانى،پۇرسەتنىڭ پايدىلىق پەيتىنى پىلانلاپ، پات-پات پىكىرلەشسەك،پاراڭلاشساق پەقىرلەرنى پوخورلاشتۇرۇشقا پايدىلىق،

ۋاقتى: 2015-12-1 13:38:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەتراپلىق، ھەم مەزمۇنلۇق يېزىلىپتۇ. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت مۇئەللىم . قەلىمىڭىزگە يەنىمۇ مەدەت بەرگەي .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-10 12:03:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

« ئەگەر سەن بىر ئوغۇل بالىنى تەربىيلىسەڭ ، سىنىڭ تەربىيلىگىنىڭ بىرلا ئادەم بولىدۇ. ئەگەر سەن بىر قىز بالىنى تەربىيلىسەڭ سىنىڭ تەربىيلىگىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى بولىدۇ.»

                                                                             -روبي مانكان



مائارىپتا باشلانغان ئىسلاھات بورىنىنىڭ چوڭقۇرلىشىشغا ئەگىشىپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتىمۇ ئاسانلىقچە قولغا كەلمەيدىغان تارىخي پۇرسەتكە ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن بىز تەتقىق قىلماقچى بولغان تىمىلارمۇكۆپەيدى. بۇ بىزنىڭ ئوقۇتۇش، تەلىم - تەربىيە ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىپ ئەسىر ھالقىيدىغان ئىز - باسارلارنى كۆپلەپ يېتىشتۇرۇپ چىقىشىمىزدا زور ئەھمىيەتكە ئېگە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن تەلىم - تەربىيەنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۇلى بولغان ئائىلە تەربىيسىنى رۇياپقا چىقىرىش ھەققىدە كۆپلىگەن ئىزدىنىشلەر ئىلىپ بېرىلىپ ،كىشىلەرنى ئائىلە تەربىيىسىنىڭ رولى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر چۇشەنچىگە ئېگە قىلدى. بولۇپمۇ ساپا سېلىشتۇرمىسىدا مىللىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش، تەربىيلەنگۈچىلەرنى يېڭى ئەسىرنىڭ كەسكىن سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن ،ئائىلە ، مەكتەپ ۋە جەمىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ بىر نىيەتتە تىرىشىپ ھەمكارلىشىىشنى قولغا كەلتۇرۇشنىڭ زورۇرلىكى ھەققىدە بىزنى نەزىريىۋى ئاساسقا ئېگە قىلىدى. بۇ جەمىيەت تەقەززا بولىۋاتقان، مائارىپ تارماقلىرى ئىزدىنۋاتقان، مەكتەپلەر ئۈمىت قىلۋاتقان مۇھىم بىر تىما بولۇپ ،بۇ تىمىنىڭ مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشى زور ئەھمىيەتكە ئېگە.

ھازىرقى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى ھالىتىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق ، ئۇلارنىڭ تاپتىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز. ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزى بىنۇرمال قىلقلىرىنى كۆرگەن چېغىمىزدا ،ئىچىمىزدە ئۆكۈنمەكتىن باشقا ئامالىمىز يوق.نىمىلا دېمەيلى ، كىلەچىكى ئادەمىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى كۆپىچە ھاللاردا ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربيسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى تەلىم - تەربىيەنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۇلىنى ئائىلە سالىدۇ. چۈنكى بالىنىڭ ئەخلاقى، ئەقلى ۋە خاراكتىر پىسخىكىسى ئائىلىدە شەكىللىندۇ ۋە تۇراقلىشىدۇ. ئائىلە بالىلارنىڭ پۇتكۈل ھاياتىغا ئاساس سالىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ،مەكتەپ تەربىيسى بولسا ئۇنىڭ داۋامى ۋە تولۇقلىمىسى.

ئۇنداق بولسا ئائىلە تەربيسىنى قانداق قىلغاندا ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئالدىنقى شەرىت ئاتا – ئانىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۇرۇش، ئاتا – ئانىلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا بىر پەرزەنتنى مۇكەممەل ئادىمىيلىك سۈپەتكە ئېگە قىلىپ چىقالىشى ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان ئۇلۈغ توھپىسى ھىسابلىندۇ. بىراق بۇ نەتىجىگە ئېرىشىش بۇنچە ئوڭاي ئەمەس. چۇنكى پەرزەنىت تەربىيسىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ، چوڭقۇر ۋە چەكسىز. بالىلارنى ئەقىللىق ،ئىقتىدارلىق ۋە پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ، ئەتراپلىق بىلىم تەلەپ قىلىدىغان جىددىي ۋە ئالاھىدە مەسئۇليەتلىك خىزمەت.بۇ خىزمەت كۆپىنچە ھاللاردا ئانىنىڭ ئۇستىگە يۈكلەنگەن. <<ئەر كىشى تالانىڭ ئادىمى>> دىگەندەك دادا كۆپىنچە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن سىرتتا يۈرىيدۇ. بالىلىرى بىلەن ئارلىشىدىغان ۋە تەربىيلەيدىغان ۋاقتى ئانىنىڭكىدەك ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا بالىنى تەربىيلەشتە ئانىنىڭ بىلىم قۇرۇلىمىسى ، ساپاسى بەك مۇھىم. مىسىرلىق شائىر ھافىز ئىبراھىم (1871 – 1932) بالا تەربىيسىدىن ئاۋال ئايالنى ئەتراپلىق تەربىيلەش ۋە ئانىلارنىڭ رولى ھەققىدەمۇنداق دېگەن:« ئان بىر ئۇلۇغ مەكتەپ، ئەتراپلىق تەربىيلەنگەن ، يېتىلگەن ئانىنى بارلىققا كەلتۇرگىنىڭ ، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر مىللەتنى بارلىققا كەلتۇرگنىڭ».

ئۇنداقتا ئۆز مەسئۇليىتىنى يۇقىرقى نوقتىلاردىن تونۇپ ئاڭقىرالايدىغان ئانىلار زادى قانچىلىك؟ ھازىرقى رىئال ئەھۋالدىن قارىغاندا جەمئيىتىمىزدە خىېلى كۆپ قىسىم ئانىلار ئويغانغان بولىسىمۇ ، لىكىن تۇغۇپ قويۇشنىلا بىلىپ ،تەربىيلەش بىلەن كارى بولمايدىغان ،مەدەنىيەت سەۋىيېسى ئىنتايىن تۆۋەن ، ئىلىمي پەرزەنىت تەربىيېلەش سەنئىتىدىن خەۋەرسىز ، نادان ئانىلار يەنىلا كۆپ. ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى ئۆزلىرىنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسى بىلەن بەنىت،يەنە بىر قىسىمى ساۋاتسىزلىق تۇپەيلى ياكى ساۋاتلىق بولسىمۇ كىتاپ ماتىريال كۆرمىگىنى ئۈچۈن پەرزەنىتلىرىگە بىرەر ياخشى چۆچەك ئېيتىپ بىرەلمەي بالىلىرنى ،بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك مەنىۋى ئوزۇقتىن بەھرىمەن قىلالمايدۇ. ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن قىزلارغا بولغان تەربيېنى ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ كۈچەيتىش كېرەك. چۈنكى بۈگۈنكى قىزلار ئەتىكى ئانا . شۇنداقلا بىر مىللەتنى تۇغۇپ ئۆستۇرۇپ تەربىيېلەيدىغان ئانا . قىزلارنى تەربىيېلەش مۇنداقچە ئېيىتقاندا بىر ئەۋلادنى ، بىر مىللەتنى تەربيلەشتىن دېرەك بىرىدۇ. قىزلارنى تەربىيېلەش ئائىلە تەربيسىنى ھاياتى كۈچكە ئېگە قىلىشنىڭ خۇرۇچى.


ئەمما بىزنىڭ مائارىپىمىز جۈملىدىن مەكتەپلىرىمىزدە ، قىزلار تەربىيېسىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىدى. مەكتەپلىرىمىزدە قىز ئاياللار تەشكىلاتى خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۇرلۇپ ،ھەقىقى بىر ئىجتىمائىي كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۇلمىدى. ھەتتا بەزىلەر ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قىزلار تەربىيېسىگە كۆپ كۈچەشنىڭ زۆرۇريىتى يوق، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى قىزلار تەربيېسى ئانچىكى ئىش دەپ قاراپ قىز ئاياللار تەربيسى خىزمتىنى تاختىبىشىغا ئېلىپ قويغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. مېنىڭچە مۇنداق قاراش تۇپتىن خاتا. ئوقۇشتىن مەھرۇم قالغان قىز ئاياللارنىڭ نادانلىق ئاسارىتىدە قېلىشنىڭ سەۋەبىنىمۇ يوقسىز، نامراتلىق دېسەك  ، ئوقۇش ۋە تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئېگە بۇ كۆز ئالدىمىزدىكى قىزلىرىمىزنىڭ مەنىۋى بوشلۇقىنى نىمە دەپ چۇشەندۇرمىز؟ ئەسلىدە قىزلار تەربىيېسى بىزنىڭ تەلىم – تەربىيە پائالىيىتىمىزنىڭ ئەمىلى مەزمۇنى قىلنىشى، قىز ئاياللار تەشكىلاتى قىزلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىغا تۇنجى بولۇپ ، ئۆز مىللى مەدەنىيتىنىڭ ئۇلۇغلىقى، گۈزەللىكى ۋەقۇدرىتىدىن ئۇرۇق چېچىشى كېرەك ئىدى . ئەپسۇس مەكتەپلىرىمىز ئۇلارغا كىتابى بىلىملەرنى، مۇقلەقلەشتۇرۋىتىلگەن دەبدەبىلىك نەزىرىيېلەرنى زورقۇپ تېڭىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بەردىيۇ ئۇلارغا يېتەرلىك جاسارەت ئاتا قىلىدىغان، مەنىۋى دۇنياسىنى ئويغۇتىدىغان زۆرۇر تەربىيېلەرنى بىرەلمىدى.يەنى ئۇلاردا ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن مىللەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ،مۇناسىۋىتىنىڭ قۇدرىتى ۋە ماھىيتىنى تونىيالىغۇدەك ئاڭ شەكىللەندۇرەلمىدى. شۇنىڭ بىلە قىز – ئاياللار تەبىئىتى بارا- بارا قورغاقلىشىپ ئەخلاقى چېكىنىش، ئەخلاقى كىرىزىس كېلىپ چىقتى. قىز – ئاياللار تەبىئىتىنىڭ قۇرغاقلىشىشى بىر مىللەت روھىنىڭ قۇرغاقلىشىشى .قىزلار بىزنىڭ ئانىمىز.ئانا دىگەندە نۇرغۇن - نۇرغۇن مەنبە بار. قىزلار ئانا بولالايدىغانلىقى ئۈچۈن مۇقەددەس . ئۇندىن باشقا نۇپۇسنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيشى ، ھازىرقى دۇنيا دۇچ كەلگەن  ئەڭ چوڭ خىرىسلارنىڭ بىرى . ھەمدە 3 –دۇنيا ئەللىرى ئالدىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ تەرەققىياتنى يۈكسەلدۇرۇشتىكى ئەڭ زور قىيىنچىلىقلارنىڭ بىرى. بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچمۇ دەل قىز – ئاياللارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۇرۇش.(ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 94 – يىلى تەرەققى قىلغان ئەللەردە تەربىيلەنمىگەن ئاياللار %6. بالا تۇققان،تەربىيلەنگەن ئاياللار %3.9 بالا تۇققان ) شۇڭا قىزلار تەربىيېسىنى كۈچەيتىش پەرزەنىتلەرنىڭ تەقدىرى بىلەنمۇ ، ئائىلىنىڭ ئىستىقبالى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك زور ئىش. شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلار تەربيېسىنى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ سېسىتمېلىق يولغا قۇيۇپ ئۇلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساپاسىنى ئۆستۇرىشىمىز. ساپانى ئوستۇرۇشتە ئىدىيە – ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۇرۇشنى تۇپ ئاساس، پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى ئوستۇرۇشنى ئاساس قىلىپ ، ئىلمي سۇپەتكە ، گۈزەل ئەخلاقى ساپاغا ئېگە بىر تۇكۈم قىزلارنى يېتىشتۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن:

1. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى قىزلار تەربىيىسى خىزمىتى رەھبەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

2. چارە – ئۇسۇل مۇۋاپىق بولىشى كېرەك. بۇ مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ھالدا قىزلار تەربىيېسى پائالىيتىگە تەشكىللەپ ، قىز – ئاياللار تەشكىلاتى خىزمىتى مەكتەپ تەلىم – تەربىيە سۇپىتىنى ئۆستۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى قىلىشى كېرەك.

3.تۈزۈم شەكىللەندۇرۇش كېرەك. قىزلار تەربىيېسى مۇرەككەپ ھەم ئۇززاق مۇددەتلىك خىزمەت .بۇ خىزمەتكە بىردەم قىزىق، بىردەم سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇشقا بولمايدۇ. ئەكسىچە چۇقۇم ئۇزاققىچە بوشاشماي چىڭ تۇرۇش بولۇپمۇ تۈزۈم جەھەتتە كاپالەتكە ئېگە قىلىش ناھايىتى زورۇر. بولۇپمۇ ئاياللار بىرلەشمىلىرى ،پېلانلىق تۇغۇت ، قىز – ئاياللار تەشكىلاتى قاتارلىق ئالاقىدار فۇنكىتسيەلىك تارماقلار ۋە مەكتەپ مەسئۇلى قاتناشقان بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمىنى ئورنۇتۇپ ۋە ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۇرۇپ،ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىلىرىنى ئايرىم تەربىيېلەپ يېتەكلەش خىزمىتىنى تەڭ تۇتۇپ ، ئورتاق باشقۇرۇشتەك خىزمەت مىخانىزىمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-10 12:09  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-11 18:47:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناخشا ئەزەلدىن شۇنداق بىر ناخشا ،
ئۆلۈكلەر تىرىلىپ يىرتىدۇ ياقا .
تىرىكلەر ئۆلۈمدىن يىراق بىر جايدا ،
تېنىنى سۇندۇرۇپ ئوينايدۇ ساما.


ئۆتسە جەڭ ئاتلىرى دۈپۈرلەپ بىردەم ،
پايانسىز جىملىققا پاتىدۇ گاھ -گاھ .
سۇۋادان تېرەكلەر يىقىلار ھەيۋەت ،
قەبرىلەر يۈگۈرىدۇ قاراپ ھاياتقا .

تاغلارمۇ تىك تۇردى شۇ ناخشا بىلەن ،
باغلارنى ئوغرىلاپ كەتمىدى شامال .
چوڭ قىلدى دۇنيانى باغرىغا بېسىپ ،
شۇ ناخشا يېتىلەپ كەلگەن بىر ئايال !

مەن بەختىيار بىر بالا

مەن بەختىيار بىر بالا ،
تا ئۆلگىچە چوڭ بولمايدىغان .
چۆمۈلگۈم كىلەر قىشتا دەرياغا ،
ئات چاپتۇرغۇم كىلەر سامان يولىدا .
مەيدە تۈكلىرىمنى سىلاتقۇزغۇم كىلەر ،
شاماللارنىڭ ئاپئاق قولىدا .

ئايروپىلان غارقىراپ ئۇچتى ،
پويىز تاراقلاپ ئۆتتى .

ماشىنىلارنىڭ ئالدىراشلىقىدا ،
سېغىندىم مۇلايىم ئېشەكنى .
ئەينەكتىكى مەن
يۇلتۇزلىرى تۈكۈلگەن شەھەر .
رەستىدىكى مەن
ھاسىسى يوق مۇسا پەيغەمبەر .

شېئىردىكى مەن
ئايىغى يوق ئىشىق چۆلىدە
ساپايە سوقۇپ يۈرگەن قەلەندەر .
ساقىلمىنى سىلاپ ئولتۇرۇپ
ئەركىلىسەم ھاياتقا
بالامنىڭ « نان!» دىگەن ئاۋازى
سوقۇلدى روھىمدىكى قاناتقا .

مەن بەختىيار بىر بالا
تا ئۆلگىچە چوڭ بولمايدىغان !


سۇلغۇن ئاي

سۆيگۈسى كەلمەيدۇ ھېچكىمنىڭ مېنى ،
چۈشەنمەي يىگانە يورۇق ھىجراندا .
كۈندۈزگە ئېچىلغان ھەربىر دېرىزە ،
قۇياشتا مىخلانغان گۈللۈك ئايۋاندا .

يالىڭاچ ، يالىڭاچ چەكسىز يالىڭاچ ،
چېكەتكە چىرىلداپ كۈيلەر جىملىقنى .
سالدۇرۇپ تاشلايدۇ كىيىملىرىمنى ،
ئوتۇنچى بوۋاينىڭ قوپال ناخشىسى .

بۇلاققا چۈشمەيمەن پاكمەن تېخىچە ،
قىلىچلار پارقىراپ تۇرىدۇ مەندە .
سۆيگۈم كىلىدۇ ھەممىنى مېنىڭ ،
مەن گوياقاراقچى يۈرگەن كېچىدە .

ئازاب دېڭىزى

تىۋىشسىز قانىسا كېچىنىڭ تېنى ،
ئۆچمەيدۇ دېمىگىن يۇلتۇزنىڭ جېنى .
گۈللەرنى قىزارتسا بۇلبۇلنىڭ قېنى ،
نالىدار كۈيلەردىن ئىزلىگىن مېنى .

تەنھامەن ، يۇلتۇزغا ئايلانغان شەھەر ،
تەنھامەن ، قەلبىمدە سەرگەردان چۆللەر .
يېنىدا ھېچكىم يوق « ئۆزۈم » دىن بۆلەك ،
كۆكسۈمدە يىغلايدۇ داتلاشقان خەنجەر .

ئۆزۈمنى سىلاشقا يەتمەيدۇ قولۇم ،
قۇتقۇز دەپ قولۇمنى سوزسام ھېچكىمگە .
بىر توپ ئات دۈپۈرلەپ چىقىپ كىتىدۇ ،
پايانسىز جىملىقنى تاشلاپ ئىچىمگە .

چالىمەن ئۇستىخان-سۆڭەكلىرىمنى ،
ئەسەبىي كۈي ئىچرە بولاي دەپ گۇمران .
چاچىمەن قېنىمنى يارنىڭ يولىغا ،
قان ئىچرە چېكىگە يەتسۇن دەپ ھىجران .

بىر ئۇلۇغ ئادەمنى ئىزدەيدۇ ھەممە ،
قايغۇلۇق كۈنلەردە ئۈمىدكە تولۇپ .
بىلمەيدۇ ، ھەر ئادەم ئەسلى قەھرىمان ،
جېنىنى تېنىگە ئالغان يوشۇرۇپ .

ھاياتنى سۆيمەسلىك ئەسلى جىنايەت ،
ئۆلۈمنى سۆيمەسلىك چىللار قىيامەت .
شېئىرار قاتىللىق قىلار ئەلۋەتتە ،
ھايات ۋە ئۆلۈمنى باغلار مۇھەببەت .

« تۇيۇقسىز ئۆلدى ! » دەپ تارقالسا خەۋەر ،
مەن مەڭگۈ ھاياتمەن ، ياشمەن كۈنسېرى .
قارىغىن ساناقسىز يۇلتۇز شولىسى ،
شۇنچە كەڭ بىپايان ئازاب دېڭىزى .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش