كۆرۈش: 334|ئىنكاس: 5

بۇژغۇن: بالىلار ئۈچۈن دەستە گۈل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-19 22:45:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بالىلار ئۈچۈن دەستە گۈل


ۋەتىنىمنى كۈيلەيمەن


ۋەتىنىمنى كۈيلەيمەن،
كۈندىن-كۈنگە ئۆرلەيمەن.
ئەجداتلىرىم ئىز سالغان،
بۇ ماكاندا كۆكلەيمەن.

گۈزەل ئانا ۋەتەننىڭ،
باغرى ئاتەش-گۇلخاندۇر.
ۋەتەن سۆيگەن ئەجدادنىڭ،
مېھرى گويا-ۋولقاندۇر.

ئانا ۋەتەن مېھرىدە،
ساغلام-تېمەن ياشنايمەن.
ياخشى ئوقۇپ ئەجدادنىڭ،
ئۈمىدىنى ئاقلايمەن.

خىسلەتلىك بۈگۈن
خاسىيەتلىك،خىسلەتلىك بۈگۈن،
مەن دۇنياغا كەلگەن كۈن.
ئاپام بىلەن قەدىرلىك دادام،
بەختلىك بولسۇن دەپ،
قۇد تىلەپ،
كىرپىك قاقماي ئۆتۈشكەن كۈن-تۈن...!

ۋادەرىخا..!
ئۇنتۇپ كەتتى بۈگۈننى،
ئەستىن چىقماس شۇ كۈننى.
ئازاپلىرى قارچۇقتا قاتتى،
شاماللىرى...........
ئېلىپ كېلەرمۇ ئەشۇ كۆڭۈلنى؟

ۋايسىمايمەن...!
ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەردىم كۆزۈمنى،
ئازاپلىرىم ئۈچۈن،
ياشلىمايمەن كۆزۈمنى...!
كۆڭۈلدىكى سىرلىق تۈگۈننى...
يۈك دېمەيمەن...
ئۇ بۈيۈك بىر ئابىدە.....
ئەلگە سۇندۇم...
چىن ئىشەنچ بىلەن.
كۆڭلۈمدىكى ئەشۇ سۆزۈمنى...!
ئەسكەرتىمەن....
ئەلگە سىرداش،ھەمنەپەس بولغان...
خاسىيەتلىك مېھمان-بۈگۈننى...!

ياز كەلدى
ياز كەلدى دوستلار،
كۆكەردى جاھان.
يازنىڭ كۆركىدە،
ياشنىدى ھەر جان.

ياز كەلدى دوستلار،
گۈللەر ئېچىلدى.
قۇشلار كۈيىدىن،
مېھىر چېچىلدى.

ياز كەلدى دوستلار،
ئوينايلى شاد بىز.
ئىلىم-ھېكمەتتىن،
قالدۇرايلى ئىز...!


يۇرتۇم باھارى
(1)
دىللار ھوزۇرى،
يۇرتۇم باھارى.
شادلىق كۈيچىسى،
بۈيۈك يەر شارى.

باھارنى باشلاپ،
كېلەر تۇرنىلار.
بۇغدايزارلىقتا،
ئوينار تىرنىلار.

باھار كۈنلىرى،
ئويناپ مۈكۈشمەك.
ھەممە ئۆم-ئېناق،
ياردۇر كۈلۈشمەك.
(2)
ئېتىزلىقتا دېھقاننىڭ،
باھار كۈيى ياڭرايدۇ.
پوتلا بولغان دەرەخنىڭ،
بۇلبۇللىرى سايرايدۇ.

دىلغا زەپمۇ يېقىشلىق،
باش باھارنىڭ ھاۋاسى.
يۇرت باغرىدا قاينايدۇ،
ئىشچانلارنىڭ ناۋاسى.

ئېرىقلاردا شىلدىرلاپ،
ئاقتى ئەگىز سۇلىرى.
گۈل-چېچەككە پۈركەندى،
ئانا يۇرتۇم بويلىرى...!

سالام غۈنچە
ئانا ۋەتەن قوينىدا،
ئالتۇن قۇياش نۇرىدا.
باغۋەن ئەجىر سىڭدۈرگەن،
نازۇك،ساغلام غۈنچە بىز.

باغۋەن سۆيۈپ ئۆستۈرگەن،
قەددىمىزنى كۆتۈرگەن.
ئەلمۇ سۆيۈپ ياقتۇرغان،
نازۇك،ساغلام غۈنچە بىز.

كۈن نۇرىغا تويۇنغان،
مېھىرلەردىن سۆيۈنگەن.
ئەلگە ئامەت بەلگىسى،
نازۇك،ساغلام غۈنچە بىز...!

چولپىنىم سەن بايرىقىم...
ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئارتىپ،
كۈرەش قىلدى ئەجدات قان كېچىپ.
مۈشكۈللەرگە باش ئەگمەي ئۇلار،
ئىلگىرلىدى داغدام يول ئېچىپ.

سەككىز دۆلەت نومۇس قىلىشماي،
بېسىپ كىردى «بۈيۈك جۇڭگۇغا.»
غالجىرلىقتا ھەددىدىن ئېشىپ،
ئوق ياغدۇردى سۇجۇ-خاڭجۇغا...!

ئۇلۇغ بوۋام بۈيۈك ماۋزېدوڭ،
قوشۇن تارتىپ جەڭگە ئاتلاندى.
ۋەتەن ئۈچۈن تۆكۈلگەن قاندىن،
ئەۋلاد كۆڭلى قەۋەت شادلاندى...!

قارا تۇمان كەتتى كەلمەسكە،
سائادەتكە باش قويدى يۇرتۇم.
ئەجدادلارنىڭ چىن ئەجرى بىلەن،
رەڭ تۈزۈشتى ھەم قارا-قۇرۇم...!

جەۋلان قىلدى قىپ قىزىل بايراق،
يۇرت باغرىدا تۇرمۇشمۇ قايناق.
ئەجداد ئاچقان ئەشۇ يوللاردا،
ئىشچانلارنىڭ ئاۋازى ياڭراق...!

ئىناقلىققا سەن ئۇيۇلتاشسەن،
«ئۈچ خىل كۈچ»كە سەن تاش،توقماقسەن.
ئەل بەختىگە سادىق يولباشسەن،
چولپان كەبى نۇرلۇق بايرىقىم...!

دەستە گۈل
يۇرت ھۆسنىگە ئەجرىمدىن،
تىكتىم خۇشبۇي دەستە گۈل.
خۇشپۇراقلىق بولسۇن دەپ،
كارۋان مېھىر چاچقان يول...!

دەستە گۈلدە جىلۋىلىك،
ئۆم-ئىناقلىق ناخشىسى.
كولدۇرلىما توختاۋسىز،
كۈي قاتىدۇ كېچىسى...!

دەستە گۈل-كۆڭۈل كۆزى،
چىن بەختلىك ھەم ئۆزى.
ئىتتىپاقلىق-بۈيۈكلۈك،
دانىش بوۋامنىڭ سۆزى...!

دەستە گۈلدە جىلۋىلىك،
ئۆم-ئىناقلىق ناخشىسى.
كولدۇرلىما توختاۋسىز،
كۈي قاتىدۇ كېچىسى...!

سۇنۇپ ئەلگە دەستە گۈل،
ياشناپ كەتسۇن ھەر كۆڭۈل...!

قىش پەسلى
كۈز پەسلى كېتىپ،
قىش پەسلى كەلدى.
بارچە مەۋجۇدات،
ئاق لىباس كەيدى.

كۈز پەسلى كېتىپ،
قىش پەسلى كەلدى.
دېھقانغا بۇ چاغ،
ئاراملىق بەردى.

كۈز پەسلى كېتىپ،
قىش پەسلى كەلدى.
جاپاكەش ئانام،
مەشكە ئوت ياقتى...!

كۈز پەسلى كېتىپ،
قىش پەسلى كەلدى.
كىرپە-تىيىنلار،
ئۆچەككە كىردى...!

كۈز پەسلى كېتىپ،
قىش پەسلى كەلدى.
بارچە دەل-دەرەخ،
قىشلىق تون كەيدى.

كۈز پەسلى كېتىپ،
قىش پەسلى كەلدى.
دەريا ھەم كۆللەر،
قىلىن مۇز تۇتتى...!

كۈز پەسلى كېتىپ،
قىش پەسلى كەلدى.
ئوماق بالىلار،
چانا تىيىلىشتى...!

يۇرتۇمنىڭ خىسلەتلىرى
يۇلغۇنلارنى ياخشى كۆرىمەن،
مەن يۇلغۇنلۇق تۇپراقتا ئۆسكەن.
يۇلغۇنلارنىڭ خۇش پۇراقلىرى،
ۋۇجۇدۇمغا سېڭىشىپ كەتكەن.

زەپمۇ كۆركەم،چىرايلىق ماكان،
ئانا يۇرتۇم شۇ تەكتىماكان.
مەن يۇرتۇمنى ياخشى كۆرىمەن،
چۈنكى بولماس ئۇنىڭسىز ماكان...!

يۇرتۇمدىكى ھەر بىر تامچە سۇ،
يۈرىكىمگە سېڭىشىپ كەتكەن.
يۇرتۇمنىڭ شۇ تاغ-دەريالىرى،
تومۇرۇمغا تۇتۇشۇپ كەتكەن...!

2015-يىلى   ئۈرۈمچى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-19 22:57  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-19 23:10:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىرىنداش

قىرىندىشىم-قىرىنداش،
ماڭا ھەمراھ قىرىنداش.
پىشكەنلىككە ئۇچرىسام،
ياردەم قىلار قىرىنداش.

خاتا ماڭغان قەدەمنى،
تۈزىتەركەن قىرىنداش.
ئازاپ چەكسە يۈرىكىم،
خۇش قىلاركەن قىرىنداش.

ئاغرىپ قالسام ناۋادا،
غەم قىلاركەن قىرىنداش.
ساقىيىپ قالسا تەنلىرىم،
خۇش بولاركەن قىرىنداش.


2015-يىلى 11-ئاي ئۈرۈمچى


كۈز پەسلى

ئالتۇن كۈز كەلدى،
مېۋىلەر پىشتى.
جاپاكەش باغۋەن،
مېۋىسىنى ئۈزدى.

ئالتۇن كۈز كەلدى،
كىۋەز ئېچىلدى.
دېھقان خوش بولۇپ،
مول-ھوسۇل ئالدى.

ئالتۇن كۈز كەلدى،
يوپۇرماق چۈشتى.
نازۇك يوپۇرماق،
ھەر يانغا ئۇچتى...!

ئالتۇن كۈز كەلدى،
دەرەخ سارغايدى.
بارچە مەۋجۇدات،
ئالتۇن تۈس ئالدى...

2015-يىلى 10-ئاي ئۈرۈمچى

ۋاقتى: 2015-11-20 09:55:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارخوش بولۇپ كىتىدىغان بولدى
ئوبدان سوغا بولۇپتۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-20 12:16:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئابدۇكەرەمجان....!

ۋاقتى: 2015-11-20 12:21:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گۈل- دەستىلەر بىر-بىرىدىن ياخشى چىقىپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بالىلار ئۈچۈن مۇشۇنداق تېتىملىق گۈل-دەستىلەرنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-23 15:14:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت....!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش