‹‹باي تارىخ ماتېرىياللىرى››مەجمۇئەسىنىڭ 8-تومى ئۇقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان مولنىياز خەۋەر قىلىدۇ:جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى باي ناھىيەلىك كومتېتى مەسئۇل بولۇپ تۈزگەن «باي تارىخ ماتېرياللىرى» مەجمۇئەسىنىڭ ئۇيغۇرچە 8-تومى يېقىندا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئاخبارات –نەشىريات ئىدارىسنىڭ ئىچكى ماتېرياللارنى بېسىشقا رۇقسەت قىلىش ئىجازەتنامىسى (2015-يىل 204–نۇمۇرلۇق)بىلەن باسمىدىن چىقىپ، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سۇنۇلغان سوۋغا سۈپتىدە ئۇقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
بۇ توپلامغا ئاساسلىقى باي ناھىيەسىنىڭ تارىخ تەرەققىياتى، قېزىلما بايلىقلىرى، مەدەنىيەت مىراسلىرى، تەبىئىي مەنزىرسى، يەر ناملىرى، تارىخىي شەخسلەر ھەمدە باي ناھىيەسىنىڭ ھازىرقى تارىخىي تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە باي ناھىيەسى بىلەن ئاراتۈرۈك ناھىيە باي يېزىسىنىڭ تارىخىي باغلىنىشى توغرىسىدىكى ماتېرياللار ۋە بىر قىسىم فوتو سۈرەتلەر كىرگۈزۈلدى. كىتابتىكى مەزمۇنلار كۆپچىلىكنىڭ باي ناھىيەسىنى بىلىشى ۋە چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. شۇنداقلا، تارىخىي ماتېرياللارنى ساقلاش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش جەھەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باي ناھىيەسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى تۈپ مەقسەت قىلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-20 11:32