قىزغىنلىق
سەپەرۇپ بەندۇك
( نەسر)
قىزغىنلىق - بەخت بۇلىقى ، شادلىق باغچىسى .
ھەرقانداق ئىشقا قارىتا قىزغىنلىق بولمىسا شۇ ئىشنى بىر باشقا چىقارغىلى بولمايدۇ.
قىزغىنلىق- ئىھلام مەنبەسى . قىزغىنلىق بۇلغىنىدا ئىھلام بولىدۇ. ئىھلام بولسا مۈشكۈل مەنزىلنىڭ مۇۋاپپىقىيەت چۇقىسى . مەنزىلنىڭ قانچىلىك ئەگرى- توقاي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىھلام بۇلىقىدىن سۇ ئىچىپ ، قىزغىنلىق ئوچاقتىن قومارغان ناننى يول ئوزۇقى قىلىپ مەنزىلنى داۋاملاشتۇرغىنىدا بەخت ۋە مۇۋاپپىقىيەت پەرىنىڭ سېنى چىن دىلدىن قارشى ئېلىپ ، ساڭا تەبەسسۇم قىلىشى بەش قولىدەك ئايان .
ئوتتەك قىزغىنلىق- ئىشەنج تۈۋرىكى. ئىشەنج قىزغىنلىق ئاساستا بارلىققا كېلىپ ساڭا چەكسىز ئۈمىد بىغىشلىيالايدۇ. بۇ ئۈمىد دەل بىز ئىزدىۋاتقان ھەقىقىي بەخت ، ھەقىقىي يېڭىلىقتۇر!
بارلىق نازۈك سىرلارنىڭمۇ ، يېشىلمەس تىلسىماتلارنىڭمۇ ئانىسى قىزغىنلىق.
قىزغىنلىق بولمىسا كۈلۈشنىڭمۇ ، يىغلاشنىڭمۇ لەززىتى قالمايدۇ.
قىزغىنلىق- ھاياتلىقنى سۆيۈشنىڭ چىن مەناسى . بىز پەقەت ۋە پەقەتلا ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي لەززىتىنى قىزغىنلىقتىن ئىبارەت بو كۆرۈنمەس بايلىقتىن تاپالايمىز.
قىزغىنلىق- گۈزەللىكنىڭ چىمەن پەسلى . بو دۇنيادىكى بارلىق گۈزەللىكلەر قىزغىنلىق ئاساسدا بارلىققا كېلىدۇ ۋە ئۆز ماھايىتىنى تاپىدۇ.
قىزغىنلىق - يېلىنجاش ئالدىدا تۇرغان چوغ. سەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭنى ئوچاق، يۈرىكىڭنى يېقىلغۇ ، ئۆپكەڭنى يەلپۇگۇچ قىلىپ، ئۇنى يەلپۇتسەڭ ئۇ گۈلخان بولۇپ كۆيىدۇ. ئەكسىچە ھورۇنلۇق ، ياسالما قىزغىنلىق بولسا سېنى دوزاخ ئوتىغا باشلاپ كىرگۈچى ئىزىتقۇغا ئايلىنىدۇ.
قىزغىنلىق- مۇھەببەت ۋە نەپرەتنىڭ لىللا گۈۋاچىسى. قىزغىنلىق بولمىسا ئىنتىلىش بولمايدۇ، ئىنتىلىش بولمىسا قىزىقىش بولمايدۇ؛ قىزىقىش بولمىسا مۇھەببەت بولمايدۇ، مۇھەببەت بولمىسا نەپرەت بولمايدۇ، نەپرەت بولمىسا ۋىجداندىن ئىبارەت بۇ سۆزدىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
قىزغىنلىق - ھاياتلىققا ، گۈزەللىككە ئېنتىلىشنىڭ باھار پەسلى. قىزغىنلىق بولمىسا گۈزەللىك بولمايدۇ، گۈزەللىك بولمىسا ياشاشنىڭ نېمە ئەھميىتى ، ئۇنىڭدىن بەھىر ئالىمەن دەپ ھەر تەرەپكە چىپىپ يۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
مەشۇقنىڭ تەبەسسۇمى ئاشىقنىڭ بەختى . قىزغىنلىق بولمىسا كۆكرەك قەپەسدە سوقۇپ تۇرۋاتقان ئوتلۇق يۈرەكنىڭ نېمە كېرىكى؟
قىزغىنلىق - باھار ئاپتىۋى . باھار ئاپتىۋى تەبىئەتكە گۈزەللىك بەخش ئەتكىنىدەك ، قىزغىنلىق قەلب ئېتىزىمىزگە گۈزەلللىك ئورۇغنى چاققۇچى ئىلاھ.
دېمەك، قىزغىنلىق - ئۈمىدكە تولغان گۈزەل ھاياتنىڭ ئەتىكى پارلاق مەنزىلى !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-19 13:57
|