دادا ھەققىدىكى بايانلاردىن كۆزلىرىم ياشقا تۇلۇپ تۈۋەندىكى سۆزلەرنى ئۈزەمگە پىچىرلاپ سالدىم.
دادامدىن بەكمۇ تۇيۇقسىز ئايرىلىپ قالدىم. 2015- يىلى نۇيابىرنىڭ 4- كۈنى سەھەر سائەت 3 يېرىمدا توۋلىغان تىلىفۇن ئاۋازى جىمىكى كۈلكىلىرىمنى يۇتۇپ كەتتى. ۋارقىراپ يىغلىغىنىمنى بىلىمەن. مىنى ئالغىلى كەلگەن ماشىنىغا قانداق چىققىنىم، ئىڭىكى چېتىلغان دادامنىڭ ئالدىدا قانداق تىزلىنىپ قالغىنىم ئىسىمدە قالماپتۇ. دادام رەھمەتلىك سۇغۇقتىن تۇلىمۇ قورقاتتى. 10- ئاي كىرە- كىرمەي مەشنى قۇيۇۋېلىپ گۆرۈلدىتىپ ئوت يېقىشقا ئامراق ئىدى. ئەمما بىز ئۇنى سۇغۇق ھۇشقىرتىپ تۇرغان تۇپا ئاستىغا كۈمۈپ قويدۇق. ۋاقىت بىر كۈن كەينىگە يانغان بولسىدى، دادام ئەڭ ئامراق ئوتنى ئۈزۈم يېقىپ كىلىڭ دادا، مۇنۇ ئوتنى سىز ئۈچۈن مەن ياقتىم، راھەتقىنا ئولتۇرۇپ بىر پىيالە چاي ئىچىۋېلىڭ دىمەسمىدىم. ئەمدى دىيەلمەيمەن. دادام كىتىپ قالدى، ئامراق بالىلىرىغا قىيالماي تۇپراق قوينىغا سىڭىپ كەتتى. ئىككى قىز، ئىككى ئۇغۇل بۇيۇن قىسىپ قالدۇق. ھەر قېتىم ئۆيگە بارغىنىمدا بالام، سىز تاۋۇزغا بەك ئامراق ئىدىڭىز، سىزنى كەلسە تىلىپ بىرەمەن دەپ ئاتايىن بازارغا كىرگەنتىم دەيدىغان دادام ئەمدى يوق. ئىچكەركى ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ سول تەرىپىگە قۇيۇلغان كارىۋاتتا يېتىپ، ئىشىكتىن كۆز ئۈزمەيدىغان دادامنىڭ سىماسى تۇمانلار قوينىدا غايىپ بۇلۇپ كەتتى. بىلەمسىز دادا، ئەمدى تۆت ياشتىن ھالقىغان ئامراق نەۋرىڭىز سىزنىڭ گىپىڭىز چىقسىلا يىغلاپ، ھەممىڭ ئاغزىڭنى يۇم دەپ توۋلايدۇ. سىز يۈلەنگەن تاملارغا قاراپ ئۇزۇنغىچە جىمىپ كىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۇيۇنچۇق ماشىنىلىرى سىز بولمىغىنىڭىز ئۇچۇن غېرىپسىنىپ قالدى. ئاچام، سىڭلىم، ئاكاملار بىر يەرگە كەلسەك يىغلاپ بىر- بىرىمىزنىڭ ئازابىنى كۈچەيتىۋېتىشتىن قورقۇپ زورىغا گەپنىڭ تىمىسىنى يۆتكەيمىز. بىراق ئىچىمىزدە بىر ئوت كۈيىدۇ. ئانامنىڭ چاچلىرى بىر ھەسسە ئاقىرىپ كەتتى. قالغان ئىشلارنى بىلمەيلا قۇيۇڭ دادا. چۈنكى سىز ئازاپلىنىپ قەبرىڭىزدە تىك ئولتۇرىسىز ۋە ئەزەلدىن شۇنداق ئولتۇرۇپ كەلگەن ئىدىڭىز. ئەمدى مەڭگۈلۈك ئارامىڭىزنى بۇزۇشقا بىزنىڭ ھەددىمىز يوق. ھەر كۈنى قەبرىڭىزنى يوقلاۋېتىپ دېرىزىسى يوق ئۈيىڭىزگە شام يېقىپ قويغۇم بولسىمۇ ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدىم. بۇرۇندىن ئۇيقىڭىز ئاز ئىدى. سىزنى قېنىپ ئۇخلىۋالسۇن دىدىم. بىزدىن ئەنسىرىمەڭ، ئاكام ئىككىمىز ئامراق قىزلىرىڭىزنى، ئامراق نەۋرىلىرىڭىزنى ياتلارنىڭ ئالدىدا ھەرگىز بۇيۇن قىستۇرمايمىز. بىزدىن رازى بولسىڭىزلا بولدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ibrahim1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-19 12:15