كۆرۈش: 660|ئىنكاس: 14

ئامانگۈل نىياز: خانىم-قىزلارغا ئىككى كەلىمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-17 20:42:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئاياللارغا ئىككى كەلىمە
ئامانگۈل نىياز
1.خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەھەتتىكى تۈرلۈك بېسىملارنى ئۆزىڭىزگە يۈك قىلۋالماڭ،روھىڭىز ساغلام، كەيپىياتىڭىزتۇراقلىق بولسۇن،چېھرىڭىزگە قورۇق چۈشۈپ كېتىشتىن ئەنسىرىمەي ئىچىڭىزدىن چىقىرىپ كۈلۈمسىرەڭ، يەنىلا قەلب گۈزەللىكى ئەڭ مۇھىم .                                            
2. بىلىم ساپايىڭىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىڭ،مەيلى قانچە ياشلىق ئايال بولۇشىڭىزدىن قەتئىنەزەر ئۈمىدۋار،جۇشقۇن ياشاڭ،سومكىڭىزدىن ۋە ياستۇقىڭىز ئاستىدىن  بىر كىتاپ ئايرىلمىسۇن،ئىمكان بار  تېلىفۇن بىلەن ھەپىلەشمەڭ.                                                         
3. كىيىنىش،يۈرۈش -تۇرۇش ۋە لاتاپىتىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي يولدىشىڭىز ،پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كىيىنىشىگىمۇ دىققەت قىلىڭ،ئائىلە رەتلىكلىكىگە ئەھمىيەت بېرىڭ،ئاشخانا ئۆيىڭىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ تاماق ئەتكەچ رادىئو ئاڭلاڭ، ھەر-خىل، مېۋە، كۆكتاتلاردىن پايدىلنىپ ھۆسنىڭىزنى گۈزەللەشتۈرۈڭ.                                             
4. شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ۋە تۈرلۈك خىزمەت كېنىشكىسى بولغاندىن سىرت،  فوندى جەمىئەت،رەسساملار جەمىئىتى ،مېھرىبان ئاتا-ئانىلار جەمىئىتى   قاتارلىق ئىجتىمائى جەمىئەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئەزالىق     كېنىشكىسى بېجىرىپ قويۇڭ.
5. ئەتراپىڭىزدىكىلەر مەيلى كىم بولسۇن ئىللىق باھار ئاپتىپىدەك مېھىر      بېغىشلاڭ، پەرزەنت تەربىيىسىگە سەل قارىماڭ، يولدىشىڭىزنىڭ تۇققانلىرىنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەڭ،مۇھەببەتكە   قارغۇلارچە چوقۇنماڭ ۋە ئۆزىڭىزنى بېغىشلىماڭ،ئۇنى بىر قىممەتلىك بۇيۇم  قاتارىدا كۆرسىڭىز بولىدۇ ،خالاس !
6. باشقىلارغا ئارتۇقچە ھەۋەس قىلماڭ،بەزىلەرنىڭ سىزنى ماختاشلىرىدىن ، ئەرلەرنىڭ  سۆيگۈ ئىزھار قىلىشىدىن ھاياجانلىنىپ كەتمەي بۇنى پاراسىتىڭىز ۋە   پەزىلىتىڭىزنىڭ سىنىلىشى دەپ بىلىڭ.ھېسسىياتىڭىزنىڭ ئەقلىڭىز     ئۈستىدىن غالىپ كېلىشىگە يول قويماڭ.
7. تۈرلۈك سورۇنلارغا ئىمكان بار ئاز بېرىڭ، ھاراق ئىچمەڭ، يۇقۇرى ئاۋازدا  سۆز قىلىپ ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماڭ ،ھەرقاچان ئوبرازىڭىزغا دىققەت قىلىڭ،باشقىلارغا يېقىملىق تۇيغۇ بېرىڭ.
8. زىيادە رومانتىكىلىق قوغلىشىپ كەتمەڭ،ئۆزىڭىزنى ۋە سىزگە ئاتا قىلىنغان بارلىق نەرسىلەرنى قەدىرلەڭ،ئىككى يىلدا بىرەر قېتىم ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە    دوستلىرىڭىز بىلەن ساياھەت قىلىڭ،ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇن ئەر جىنىسلىق دوستىڭىز بىلەن ئايرىم ساياھەتكە چىقماڭ.
9. ئاز دېگەندە يىلدا بىر قېتىم سالامەتلىكىڭىزنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ،بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن كۈتۈنۈش كۇلۇبلىرىغا بېرىپ تۇرۇڭ،   تەبئىي گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىڭكى كۆزنى چاقنىتىپ،ئەقىلنى غەلەت     قىلدىغان ۋاقىتلىق سۈنئىيلىككە مەپتۇن بولماڭ.
10. تېجەشلىك بولۇڭ، مودا قوغلاشماڭ،ئىرادىلىك بولۇڭ بوشاشماڭ،بەختلىك    ئائىلە ئايالنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋاپپىقىيىتى،ئەمما بەختنىڭ بارلىقىنى        ئەرلەرگە باغلاپ چۈشەنمەڭ،كەسپتە ئۇتۇق قازىنىشقا سەل قارىماڭ.
11. ھاياتلىق سەپىرىڭىزدە ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ،ئۇ ھەرگىزمۇ         يوقىتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ،خاراكتىرىڭىزگە ماس كەلمىگەن ھەرقانداق     نەرسىنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر قەيسەرلىك بىلەن ۋاز كېچىڭ.
12. سىزگە سۈيقەست قىلغان،يۈرىكىڭىزنى تىلغىغان ئەشەددىي دۈشمىنىڭىز   نىمۇ كەچۈرۈپ،دوستقا ئايلاندۇرغۇدەك ئالىجاناپ قەلب بىلەن ياشاڭ،بىتەلەيلىكىڭىزدىن ئاغرىنىپ ئازاپلارغا قۇل بولماڭ،قىسقىغىنە ھاياتتىكى  بارلىق    بەخت ۋە گۈزەللىكتىن تولۇق  ھۇزۇر ئېلىڭ.
13. دوستلۇق ئىنسان ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدۇ،سىزنى چۈشىنىدىغان   ھەم بېشىڭىزغا كۈن چۈشسە ئەسقاتىدىغان بىرقانچە يېقىن دوستلىرىڭىز      بولسۇن(ئىشەنچلىك يات جىنىسلىق بولسىمۇ بولىدۇ).
14.ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىر جەڭ،ئۇلۇغۋار ئارمانلىرىڭىز ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىڭ،ئۈستى-ئۈستىلەپ كەلگەن ئوڭۇشسىزلىقلار ئالدىدا ھۇشىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ،قەھرىتاننىڭ ئارقىسىدىنلا باھار كېلىدىغانلىغىغا ئىشىنىڭ .   
مەنبە: «ئاقسۇ گېزىتى»2015-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈندىكى سانى
   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-18 00:01  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-18 10:01:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئامانگۈل خانىمنىڭ ئاياللارغا  قالدۇرغان «ئىككى كەلىمە سۆز»ى تولىمۇ ئورۇنلۇق، ئەمەلىي بوپتۇ. بۇلار نۆۋەتتىكى تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن ئاياللار دۇچ كېلىدىغان ھەم ئۇلارنىڭ يول تېپىشىغا كېرەكلىك بولغان نۇقتىلاردۇر... خانىمنىڭ قەلىمى توختاپ قالمىغاي!

باھا سۆز

رەھمەت ئۇستاز !  ۋاقتى: 2015-11-19 12:04 AM
ۋاقتى: 2015-11-18 10:21:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقۇل، ئامانگۈل ھەممىمىز دىققەت قىلايلى. مۇھىمى مەن تېزرەك دوختۇرخانىغا بىر بارسام بولغۇدەك جۇمۇ!
     ئەپسۇس، بىز ئاياللار مۇشۇ مۇھەببەت، ھېسسىيات مەسىلىسىدە ھەرقانچە سوغۇققان بولايلى دەپ تۇرساقمۇ يەنىلا ساپ ۋە سۈزۈك قەلبىمىزنى ئايان قىلىپ قويىمىز.
   رومانتىك بولماڭ، لېكىن قايسىبىر ئايال رومانتىك تۇيغۇلارنى، رومانتىك تۇرمۇشنى رەت قىلسۇن! ماقۇل، بۇنىڭغىمۇ ماقۇل!
    ۋاز كېچىش- بۇ ئاسانمۇ؟!  توغرا ئىنسان بۇ ھاياتتا ۋاز كېچەلمىگۈدەك نېمە بار. سەن ۋاز  كەچمىسەڭمۇ تەغدىر ساڭا شۇنداق بىر قىسمەتنى سۇنغىنىدا نېمىلەردىن كېچىپ، نېمىلەرنى تۇتۇپ قالغىنىڭنى بىلمەيلا قالىسەن. دەپ شىۋىرلىغان بىر چاغدا قەلبىم ماڭا!  

ۋاقتى: 2015-11-18 10:28:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئاياللارغائىككى كەلىمە»نى ئوقۇپ ئەڭ يېقىن دوستۇم بىلەن مۇڭدىشىۋالغاندەك روھىم كۆتۈرلۈپ قالدى.  ئامانگۈل خانىمنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-11-18 10:41:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانگۈلنىڭ خانىم قىزلارغا سۇنغان كەلىمىلىرىنى ئوقۇپ، سەھەردە كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپلا قالدى.
بەرىكەتلىك بولۇڭ ئامانگۈل، بۇنداق  ئېسىل دۇردانىلەرنى تېخىمۇ كۆپرەك يوللاپ تۇرغايسىز  .

باھا سۆز

بولىدۇ مېھرىم ،سىزگە يارىغانلا بولسا .....  ۋاقتى: 2015-11-19 12:05 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-18 11:02:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەرگىس يوللىغان ۋاقتى  2015-11-18 10:21
ماقۇل، ئامانگۈل ھەممىمىز دىققەت قىلايلى. مۇھىمى مەن تې ...

ھەجەپ سەمىمىي يېزىپسىلە  بۇ ئىنكاسنى .....،سىلىگە دوختۇر كەتمەيدۇ دوستۇم ، ئۆزەڭلا ئەڭ ئۇستا پىسخىك دوختۇر ، رومانتىكلىك قوغلىشىش ئاخىرىدا ئازاپ  ئېلىپ كېلىدۇ خالاس !
مۇھەببەتنى قانداق  چۈشىنىش ۋە قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەركىمنىڭ  ھېسسىيات ۋە ئادىمىيلىك  ساپاسىغا باغلىق ئىش ئىكەن ، شۇڭا بەك ئۇلۇغلاپ كەتمىگەن تۈزۈك.
ۋاز كېچىش  مەسلىسىگە كەلسەك  تەقدىرگە قاراپ تۇرماي ، ھېسسىياتنى رەھىمسىزلىك بىلەن  باستۇرۇپ،قان يىغلاپ ۋاز كېچىدىغان ئىشلار بولۇپ قالدىكەن ......

ۋاقتى: 2015-11-18 11:37:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانگۈلنىڭ سۈزۈك قەلبىدىن تۆكۈلگەن دىل بايانلىرىدىن ھوزۇرلاندىم، تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولۇڭ!

باھا سۆز

رەھمەت !  ۋاقتى: 2015-11-19 12:05 AM
ۋاقتى: 2015-11-18 12:10:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانگۈل ئەسكەرتكەن بۇ نۇقتىلارغا راستىنلا دىققەت قىلساق بولغىدەك. روھىي دۇنيارىمىزنى ساپلاشتۇرىدىغان مۇشۇنداق ئېسىل كەلىمىلىرىڭىزنى دائىم ھوزۇرىمىزغا سۇنۇپ تۇرغايسىز

ۋاقتى: 2015-11-18 15:56:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار ئۈچۈن ياخشى بىر دەرسلىك بوپتۇ، تېخمۇ بەركەتلىك بولۇڭ ھەدە

باھا سۆز

رەھمەت ئىنىم !  ۋاقتى: 2015-11-19 12:06 AM
ۋاقتى: 2015-11-18 16:18:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئوقۇپ، مەنمۇ سۆيۈنۈپ قالدىم. سەمىمىي تەشەببۇسلار جايىنى تېپىپتۇ. ئاياللىق قەلب پەردازسىز ئىپادىلىنىپتۇ. مۇشۇنداق سۈزۈك تۇيغۇلىرىڭىزنى ئوقۇرمەنلىرىڭىز ھوزۇرىغا سۇنۇپ تۇرغايسىز.

باھا سۆز

ئىلھاملىرىڭىزغا رەھمەت ! تىرىشىمەن .....  ۋاقتى: 2015-11-19 12:07 AM
ۋاقتى: 2015-11-18 16:39:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئامانگۈل !
ئاياللار ئۈچۈن سۇنغان دۇردانىلىرىڭىزدىن ئۈزۈمگە ماس كېلىدىغان بىر ئۈلىچىنى قەلبىمگە چۈشۈرۋالدىم . سىزگە سالامىم يەتكەي! ئىھتىرام بىلەن ئوڭ قولۇمنى سول كۆكسۈمنىڭ ئۈستىگە قويدۇم .

ۋاقتى: 2015-11-18 18:57:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزلەرگە يوقمۇ   بىرەر كەلىمىڭىز؟.......

باھا سۆز

ئىزلەنمەڭ، ئىزدىنىڭ!  ۋاقتى: 2015-11-19 12:55 AM
راست ،ئىزلىنىپ باقاي ....  ۋاقتى: 2015-11-19 12:04 AM
ۋاقتى: 2015-11-18 23:45:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەمىمى كۆڭۈلدىن تۆكۈلگەن ئىسىل كەلىمىلەر ئۆكسۈپ قالمىغاي.  ئامانگۈلگىمۇ ئىسەنلىك تىلەيمەن.

1348734238.jpg
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-18 23:49  


باھا سۆز

پاھ ! نېمانچە چىرايلىق گۈل بۇ؟! رەھمەت بۇزوھرە !  ۋاقتى: 2015-11-19 12:08 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-19 00:12:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇر ئېلياس يوللىغان ۋاقتى  2015-11-18 16:39
رەھمەت ئامانگۈل !
ئاياللار ئۈچۈن سۇنغان دۇردانىلىرىڭى ...

ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنۈپ تۇرۇپ سەمىمىي سالامىڭىزنى چىن يۈرىكىمدىن قوبۇل قىلدىم قەلبىنۇر ، تېنىڭىزگە ئېسەنلىك ، ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت يار بولغاي !!

ۋاقتى: 2015-11-20 00:04:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئامانگۈل، بۇ ئېسىل دۇردانىلەرنى كۆرۈپ بەك سۆيۈندۈم. ھارمىغايلا، دۇردانىلەر ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش