ئا. جۇدۇن
تارىخ بېتى ئايان بولدى
[ ‹‹ تۆت كىشىلىك گۇرۇھ ›› ئاغدۇرۇلغاندا مۇشۇنداق شېئىرلار يېزىلغان ]
ئېتىلغاندا تۈمەنمىڭ توپ كائىناتنى ياڭرىتىپ،
قالمىدى شۇ چۆپلۈكتىكى رەزگى قۇچقاچلارداجان.
ئاشۇ مىڭ پاتمان ئۇمۇدنى ئۇرغاندا بىز كۈچ بىلەن،
يوقۇلۇپ ‹‹ تۆت زىيانداش ›› تازىلاندى بۇ جاھان.
قارا نىيەت سۇيىقەستچى يۈرىكىنى قاپ قىلىپ-
چىقتى سەكرەپ، ئەل بەختىنى يوقاتماق بوپ ئوغرى ‹‹ ۋاڭ ››
خوجا بولماق بولۇپ ئەلگە، تۆت تەرەپكە قاتىراپ،
قوي گۆشىنى ئېسىپ قويۇپ، ئىت گۆشىگە چالدى داڭ.
‹‹ بەرىكەتلىك تائام›› لارغا ئېغىزىنى چوڭ ئېچىپ،
‹‹ بىر ئاش پىشىم چۈش›› نى كۆرۈپ،گىرەلەشتى قېرى- ‹‹جاڭ››
ئەسكىلىكتە داڭقى چىققان شۇم غەرەزلىك تۈلكىنىڭ -
سۇغا چۈشۈپ دۇمبا يىگەن ئىت نەسلىدىن نەرى كام ؟!
پاخال كىتاب يېزىپ ‹‹ ياۋ ›› مۇ خوجىسىنىڭ كەينىدىن ،
تۆت ئاياغلاپ چاپتى يېمەك بولۇپ شۇندا چوڭ تائام.
ئېلىپ قولغا ‹‹ پاخشە كېسەك ›› چېلىپ داڭنى توختىماي،
سېلىپ يولغا پاياندازنى ھەر تەرەپكە ياقتى شام .
ۋۇزېتىيەننىڭ ‹‹ كۇلاسى ›› نى شۇم بېشىغا راسلىتىپ،
جەبرائىلدەك جاننى ئالماق بولۇپ چىقتى دوغا ‹‹ جياڭ ›› .
مەيلى قىلسۇن بەيگۇجىڭدەك ھېلىگەرلىك قانچىلاپ،
يۇتتى ئۇنى چاك-چېكى يوق ئۆزى قازغان قارا ھاڭ.
يەڭنى تۈرۈپ، نەرە تارتىپ جەڭگە كىرسەك ئاتلىنىپ،
يەر-يۈزىدىن يۈتتى شۇئان، پاسق سۆڭەك جىن-شەيتان.
تارىخ بېتى ئايان بولدى: تۇتسا ئەگەر ئوتنى كىم ،
شۇ كۆيىدۇ، كۈل بولىدۇ، توزۇپ كېتەر ئۇ ھامان.
ئېچىپ كۈننىڭ پەردىسىنى پارلىغاچ ئالتۇن قۇياش،
قىلىپ پەرۋاز قارلىغاچلار، يېتىپ كەلدى گۈل زامان.
1976-يىل 26-دىكابىر
قاراماي
[ ‹‹مايبۇلاق ›› ژۇرنىلىنىڭ 1993-يىلدىكى قوشۇمچە سانىدىن ئېلىندى ]
، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-16 16:55
|