يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 714|ئىنكاس: 6

ئىلھام مۇھەممەد : دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-15 15:27:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب
تەييارلىغۇچى: ئىلھام مۇھەممەد
  
  ئىنسانىيەتنىڭ پەن- مەدەنىيەت، ئەدەبىيات- سەنئەت، پەلسەپە، قانۇن ۋە مەنىۋى تەرەققىيات مۇساپىسىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن 100 مەشھۇر ئەسەر تونۇشتۇرۇلغان «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2007-يىلى 5- ئايدا، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتو سۈرەت نەشرىياتى، شىنجاڭ ئېلېكترون ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن 2014- يىلى 12- ئايدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب» تىكى ئۆزىگە زۆرۈر بولغان ئەسەرلەرنى تاللاپ ئوقۇشىغا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن مەزكۇر كىتابتىكى 100 مەشھۇر ئەسەرنىڭ تىزىمىنى ئوقۇرمەنلەر ھۇزۇرىغا سۇنىمىز.
1. « غايىۋى دۆلەت »، ئەپلاتون ( يۇنان )  
2. « سىياسەتشۇناسلىق »، ئارىستوتېل ( يۇنان )
3. « مەنۇ قانۇنى » («مانى قانۇنى»)،   ( ھىندىستان )
4. « مۇھاكىمەتۇل شاھ »، ماكياۋېللى ( ئىتالىيە )
5. « يېڭى قورال »، بېكون ( ئەنگىلىيە )
6. « ئىلىم- پەننىڭ قىممىتى »، پوئىنكارې ( فرانسىيە )
7. « ھۆكۈمەت توغرىسىدا »، جون لوك ( ئەنگىلىيە )
8. « قانۇننىڭ روھى توغرىسىدا »، مونتىسكيۇ ( فىرانسىيە )
9. « ئىجتىمائىي ئەھدىنامە »، روسسو ( شىۋېتسارىيە )  
10. « ناپولېئون قانۇنى »، (ناپولېئون تۈزۈشكە قاتناشقان) ( فىرانسىيە )  
11. « ئۇرۇش نەزەرىيىسى »، كارل ۋون ( گېرمانىيە )
12. « ئامېرىكا دېموكراتىيىسى توغرىسىدا »، شار.ئا.د. توكۋىل ( فىرانسىيە )
13. « مەدەنىيەتلىك ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات »، فوكوساۋا بوكسى ( ياپونىيە )
14. « ئوپېنخېي خەلقئارا قانۇنى »، فىرانسىس لاۋرېنس ئوپېنخېي ( گېرمانىيە )
15. «دېڭىزدىكى ئەمەلىي كۈچنىڭ تارىخقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى»، ئالفرېد تايېر ماخان (ئامېرىكا)
16. « مېنىڭ كۈرىشىم »، ئادولف گېتلېر ( گېرمانىيە )
17. « تارىخ »، ھېرودوت ( يۇنان )
18. « پېلوپېننىس ئۇرۇشى تارىخى »، توكيدېس ( يۇنان )
19. « ئۇزۇن سەپەر خاتىرىسى »، شېنوفون ( يۇنان )
20. « يىلنامە »، تاسىتو ( قەدىمكى رىم )
21. « رىم تارىخى »، ئاپپىيانۇس ( قەدىمكى رىم )
22. « ماركوپولو ساياھەت خاتىرىسى »، ماركوپولو ( ئىتالىيە )
23. « يېڭى پەن »، ۋېيكو ( ئىتالىيە )
24. « فىرانسىيە ئىنقىلابى تارىخى »، مىگنېت ( فىرانسىيە )
25. « پاپا تارىخى »، رەنكې ( گېرمانىيە )
26. « دۇنيا تارىخى تىزىسى »، ۋېللىس ( ئەنگىلىيە )
27. « تارىخ تەتقىقاتى »، توينبې ( ئەنگىلىيە )
28. « مېتافىزىكا »، ئارىستوتېل ( يۇنان )
29. « ماددا خاراكېرى تەلىماتى »، لۇكرېتئۇس ( قەدىمكى رىم )
30. « پەلسەپە لۇغىتى »، ۋولتېر ( فىرانسىيە )
31. « ئىنسان تەبىئىتى نەزەرىيىسى »، خۇمې ( ئەنگىلىيە )
32. « قامۇس »، دىدېرو ( فىرانسىيە )
33. « كەلگۈسى مېتافىزىكا مۇقەددىمىسى »، كانت ( گېرمانىيە )
34. « روھ فېنومېنولوگىيىسى »، گېگېل ( گېرمانىيە )
35. « ئىرادە ۋە تەسەۋۋۇر ھېسابلانغان دۇنيا »، شوپېنخاۋېر ( گېرمانىيە )
36. « خرىستىئان دىنىنىڭ ماھىيىتى »، فېييېرباخ ( گېرمانىيە )
37. « زوروئاستر شۇنداق دەيدۇ »، نېتچې ( گېرمانىيە )
38. « روھىي ئانالىز يېتەكچىسى »، فرېئۇد ( ئاۋستىرىيە )
39. « پروتېستانت دىنى ئەخلاقى ۋە كاپىتالىزم روھى »، ماكس ۋېبېر ( گېرمانىيە )
40. « غەرب پەلسەپە تارىخى »،رۇسسېل ( ئەنگىلىيە )
41. « ئىلمىي پەلسەپە »، فىلىپ فرانك ( ئاۋسترىيە )
42. « مەۋجۇدىيەت ۋە زامان »، ھېيدېگېر ( گېرمانىيە )
43. « ئىنجىل »، (ئىبراي كاھىنلىرى تۈزگەن)
44. « قۇرئان كەرىم »، ( ئەرەب يېرىم ئارىلى )
45. «مىللىي بايلىقنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبلىرى ھەققىدە تەتقىقات»، ئادام سمىت (ئەنگىلىيە)
46. «سىياسىي ئىقتىساد ۋە ئۇنىڭ باج-سېلىق پرىنسىپى»، رىكاردو ( ئەنگىلىيە )
47. «سىياسىي ئىقتىساد پىرىنسىپى»، يوھان مىل (ئەنگىلىيە )
48. « كاپىتال »، ماركس (گېرمانىيە)
49. «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆسۈم ۋە پۇل ئوبروتى توغرىسىدا»، كېينېس (ئەنگىلىيە )
50. « ئىقتىسادشۇناسلىق »، سامۇئېلسون ( ئامېرىكا )
51. « ئىلئادا »، ھومېر ( يۇنان )
52 . « مىڭ بىر كېچە »، (ئەرەب يېرىم ئارىلى )
53. « ئىزوپ مەسەللىرى »، ئىزوپ (قەدىمكى يۇنان )
54. « تەڭرى كومېدىيىسى »، دانتى ( ئىتالىيە )
55 . « ئون كۈنلۈك سۆھبەت »، بوككاچيۇ ( ئىتالىيە )
56. « دونكىخوت »، سېرۋانتېس ( ئىسپانىيە )
57. « ھاملېت »، شېكېسپېر ( ئەنگىلىيە )
58. « دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كرۇزو »، دانېل دېفو ( ئەنگىلىيە )
59. « ياش ۋېرتىرنىڭ دەردى »، گېيوتى ( گېرمانىيە )
60. « ئازاد بولغان پرومېتىئۇس »، شېللېي ( ئەنگىلىيە )
61. « يېۋگېنې گراندې »، بالزاك ( فىرانسىيە )
62. « خارلانغانلار »، ھيوگو ( فىرانسىيە )
63. « قوش شەھەر خاتىرىسى »، دىككېنس ( ئەنگىلىيە )
64. « ئاتا ۋە بالا »، تۇرگېنىف ( رۇسىيە )
65. « ئۇرۇش ۋە تىنچلىق »، لېف تولستوي ( رۇسىيە )
66. « چۇغلۇق قىز »، كىچىك دىيۇما ( فىرانسىيە )
67. « قونچاقلار ئائىلىسى »، ئىبسېن ( نورۋېگىيە )
68. « تام سۇيئېرنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى »، مارك تۋېن ( ئامېرىكا )
69. « تام تاغىنىڭ كەپىسى »، ستوۋ خانىم ( ئامېرىكا )
70. « قەھرلىك ئۈزۈم »، يوھان ستېنبېك ( ئامېرىكا )
71. « ماتەم قوڭغۇرىقى كىم ئۈچۈن چېلىندى »، ھېمىڭۋاي ( ئامېرىكا )
72. «سىز بىلەمسىز؟― ھازىرقى زامان ئىلىم-پەندىكى 100 مەسىلە»، ئىساك ئاسىموۋ ( ئامېرىكا )
73. «پرۇكانىڭ مېڭىسى― ئىلىم- پەندىكى ئاجايىباتلار توغرىسىدىكى ئويلىنىش»، كارل ساگان ( ئامېرىكا )
74. « ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن »، مارگارىت مىچېل(ئايال) ( ئامېرىكا )
75. « ئاسمان جىسىملىرى ھەرىكەت نەزەرىيىسى »، كوپېرنىك ( پولشا )
76. « ئىككى خىل يېڭى پەن »، گالىلېي ( ئىتالىيە )
77. « يۈرەك قان ھەركىتى نەزەرىيىسى »، خارۋې ( ئەنگىلىيە )
78. « تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى »، دارۋىن ( ئەنگىلىيە )
79. « ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى »، رىچارد لېكېي ( كېنىيە )
80. « قەدىمكى جەمئىيەت »، مورگان ( ئامېرىكا )
81. « ئىنسانشۇناسلىق تارىخى »، خاددون ( ئەنگىلىيە )
82. « پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق ئاساسى »، نيۇتون ( ئەنگىلىيە )
83. « ئۆسۈملۈكلەرنى شالغۇتلاشتۇرۇش تەجرىبىسى »، مېندېل ( ئاۋسترىيە )
84. « 20- ئەسىردىكى ھاياتلىق ئىلمى »، ئاللېن ( ئامېرىكا )
85. « ئادەتتىن تاشقىرى دەۋرىي قىلىش نەزەرىيىسى »، ئېيگېن ( گېرمانىيە )
86. « تىمتاس باھار »، راچېل كارسون ( ئامېرىكا )
87. «كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قىياس― روھ توغرىسىدىكى ئىلمىي ئىزدىنىش»، فىرانسىس كرىك ( ئەنگىلىيە )
88. «كەڭ مەنىدىكى ۋە تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيەسىگە قىسقىچە ئىزاھ»، ئېينىشتېيىن ( گېرمانىيە )
89. « ماتېرىك ۋە دېڭىز- ئوكيانلارنىڭ شەكىللىنىشى »، ۋېگېنېر ( گېرمانىيە )
90. « تەجىرىبە پىسىخولوگىيەسى تارىخى »، پاۋلىن ( ئامېرىكا )
91. « جۇڭگۇ پەن- تېخنىكا تارىخى »، جوزېف لى ( ئەنگىلىيە )
92. « تىل نەزەرىيىسى »، برونفېلد ( ئامېرىكا )
93. « شېكىسپېر،نيۇتون ۋە بېتخوۋېن »، چاندراسېكھار ( ئامېرىكا )
94. « ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى »، خاۋكىڭ ( ئەنگىلىيە )
95. « ھاياتلىق دېگەن نېمە »، ئېرۋىن شرۇدىنگېر  ( ئاۋىسترىيە )
96. « بىرىتانىيە قامۇسى »، ( ئەنگىلىيە )
97. « ئۇرۇش بىلەن خوشلىشىش: بىزنىڭ كەلگۈسى تەسەۋۋۇرىمىز »، پاۋلىنگ (ئامېرىكا )
98. « كەلگۈسىنىڭ زەربىسى »، توفلېر ( ئامېرىكا )
99. « ئومۇمىي ساۋات »، توماس پەيىن ( ئەنگىلىيە )
100. « سودا- سېتىق سىستېمىسى توغرىسىدا »، ساينت سىمون ( فىرانسىيە )

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى 2007-يىلى 5- ئايدا نەشىر قىلىنغان «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب»قا ئاساسەن تەييارلاندى.
تەييارلىغۇچى: ئىلھام مۇھەممەد (چەرچەن ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى)


باھا سۆز

نېمە تەكرارلىق بۇ، ۋاقىت ئىسىراپچىلىقى.  ۋاقتى: 2015-11-16 11:44 AM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-15 21:22:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىپ قويغۇچىلىكى بار مەزمۇنلاركەن.

ۋاقتى: 2015-11-15 21:23:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2007-يىلى 5- ئايدا، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتو سۈرەت نەشرىياتى، شىنجاڭ ئېلېكترون ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن 2014- يىلى 12- ئايدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان
بىر كىتاپ ئىككى قېتىمدا ئىككى نەشىرىياتتىن بېسىلدىما؟ مەندە بۇرۇنقى كىتاپ بار ئىدى.

ۋاقتى: 2015-11-15 21:46:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ ھەقىقەتەن ياخشى كىتاب.بۇنىڭدىن نۇرغۇنلىرىنىڭ تەرجىمە نەشىرى بارغۇ دەيمەن. يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت...

ۋاقتى: 2015-11-15 21:46:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ ھەقىقەتەن ياخشى كىتاب.بۇنىڭدىن نۇرغۇنلىرىنىڭ تەرجىمە نەشىرى بارغۇ دەيمەن. يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت...

ۋاقتى: 2015-11-15 21:55:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
37. « زوروئاستر شۇنداق دەيدۇ »، نېتچې ( گېرمانىيە )
52 . « مىڭ بىر كېچە »، (ئەرەب يېرىم ئارىلى )
53. « ئىزوپ مەسەللىرى »، ئىزوپ (قەدىمكى يۇنان )
55 . « ئون كۈنلۈك سۆھبەت »، بوككاچيۇ ( ئىتالىيە )
56. « دونكىخوت »، سېرۋانتېس ( ئىسپانىيە )
57. « ھاملېت »، شېكېسپېر ( ئەنگىلىيە )
58. « دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كرۇزو »، دانېل دېفو ( ئەنگىلىيە )
59. « ياش ۋېرتىرنىڭ دەردى »، گېيوتى ( گېرمانىيە )  
61. « يېۋگېنې گراندې »، بالزاك ( فىرانسىيە )
62. « خارلانغانلار »، ھيوگو ( فىرانسىيە )'
65. « ئۇرۇش ۋە تىنچلىق »، لېف تولستوي ( رۇسىيە )
66. « چۇغلۇق قىز »، كىچىك دىيۇما ( فىرانسىيە )
70. « قەھرلىك ئۈزۈم »، يوھان ستېنبېك ( ئامېرىكا )
بۇ ئەسەرگە ئاساسەن ئىشلەنگەن كىنونى كۆرۈپتىمەن.
74. « ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن »، مارگارىت مىچېل(ئايال) ( ئامېرىكا )


ياش نەۋقىران ۋاقتىمدا مۇشۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇپتىمەن.

ۋاقتى: 2015-11-17 20:08:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەجرىڭلارغا تەشەككۈر...................

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش