ئىككى غەزەل
ئەھەدى
(1)
بىلىپ ئوتقا ئۆزىن ئۇرغان گويا پەرۋانىدۇر كۆڭلۈم ،
ساماۋى بىر گۈزەل قىسسە ۋەيا ئەپسانىدۇر كۆڭلۈم.
توسۇن ئاتتەك تۇتۇق بەرمەي چېپىپ ھەريانە - ھەريانە ،
ئۆزى تاپقان بالالارغا ھامان ھەيرانىدۇر كۆڭلۈم .
قولۇلە قارنىدا پىنھان ياتارمىش ئۈنچە - مەرۋايىت ،
دېمەڭكىم سىرتىدىن داشقال ، ئىچى دۇردانىدۇر كۆڭلۈم .
كىيىپ جەندە كۇلاھ، چالسام ساپايى كۆپ ئەيىپ ئەتمەڭ ،
جۇدالىق دەشتىدە سەرسان، غېرىپ دىۋانىدۇر كۆڭلۈم .
پايانسىز كەڭرى بىر ئالەم ، سىغار ئالەمگە مىڭ ئالەم ،
بىراق، ئارتۇق ئازار سىغماس كىچىك بىر خانەدۇر كۆڭلۈم .
ئىكەنمەن ئاق كۆڭۈل، ساددا نېتەي قالسام يامان ئاتقا ،
ئۆزۈمدەك ئۆزگىنى چاغلاپ ئەجەپ ۋەيرانىدۇر كۆڭلۈم .
ئاۋايلاڭ ، تەلۋە نىمجاننىڭ جانان پىيالەسى نازۇك ،
ئۇنى چۇل-چۇل قېلىۋەرمەڭ،ئاران بىر دانەدۇر كۆڭلۈم!
(2)
بۇرادەر، سەن مېنى مەيلى گاداي يا خانغا ئوخشاتقىن،
نى پەرۋايىم، بىراق ئەۋۋەل تىرىك ئىنسانغا ئوخشاتقىن .
ياشاي دەپ زاتى ئىنساندەك ئۆزەمگە مىڭ پىچاق ئۇردۇم،
غەلەت بولسا مەگەر لەۋزىم مېنى ھايۋانغا ئوخشاتقىن .
ھاياتلىق ئالىمى چەكلىك، كېلىپ كەتمەك ئىكەن قىسمەت ،
شۇ قىسمەتنى ئۆمۈر ئاتلىق ئەزىز مىھمانغا ئوخشاتقىن .
يۇمۇپ كۆز ئاچقىچە ئەللىك باھار، كۈز ئۆتتى ئالدىمدىن ،
بىراق سولغان گۈلۈمنى يۈز ۋەيا توقسانغا ئوخشاتقىن .
كۆڭۈل كۆكسۈمدە بىر ئوت بار ۋەتەن-ئەل ئىشقىدا يانغان ،
ئۇنى مەھشەرگىچە ئۆچمەس لاۋا- گۈلخانغا ئوخشاتقىن .
ۋۇجۇد مۈلكۈم ھامان قاقشال ئوتۇندەك كۆيسىمۇ ئەمما ،
قوقاسنىڭ تىگىدە چوغ بار ،ئۇنى ۋىجدانغا ئوخشاتقىن .
كىشىدە بولمىسا ۋىجدان، غۇرۇر، ئىنسانى ھېس-تۇيغۇ ،
ئۇنى لاي بۇت ۋەيا ئۈنمەس پىچەك بىر دانغا ئوخشاتقىن .
مۇبادا كۆز يۇمۇپ قەبرەم تىگىدىن بىر سادا كەلسە ،
مۇراتقا يەتمىگەن ئىزگۈ-تىلەك، ئارمانغا ئوخشاتقىن .
قاچانكى دەشتى ھىجراندا تىرىك مەجنۇننى ئۇچراتساڭ،
ئەھەدى ئاشىقى سەرسان كەبى نىمجانغا ئوخشاتقىن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەھەدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-14 22:09