پاتقاققا پاتقان پارخورلار
مەخەت ئابدۇرېھىم
(سۆز ئويۇنى)
پۇرۇلتارىياتنىڭ پەحىرلىك، پاراسەتلىك پارتىيسى پىداكار پالۋانلاردىن پايدىلىنىپ، فىئۇدالىزىمنڭ پۇرۇلتارىياتنى پەقىرلاشتۇرۇپ، پۇرۇلتارىياتنىڭ پۇقرالىق پوسمىسىنى پەللەكمۇ-پەللەك پەسەيتىۋاتقان فىئۇداللىق پەشتاقلارنى پاچاقلاپ،پۇرۇلتارىياتقا پايدىلىق پىروگىراممىلارنى پىلانلاپ پۇقرالارنى پايدىلاندۇرۋاتقاندا،پاسكىنا-پاكىزنى پەرقلەدۈرەلمەيدىغان، پادىشاھنىڭ پاقالچىقىدا پاقادەك پوكولداپ ،پايپىقىنى پاكىزلەيدىغان پەسكەش پارخورلار،پادىشاھنىڭ پشانسىدە پەرۋانىدەك پىقىراپ،پارخورلارغا پايدىلىق،پۇقرارلارغا پايدىسىز پەتىۋا-پەشتاقلارنى پىلانلاپ،پۇقرارلارنىڭ پاكىز پۇللىرىنى پوكىنىغا پوملىۋالدى.
پارخورلارنىڭ پوكىنىدىكى پۇقرارلارنىڭ پۇللىرى پەشتاقمۇ- پەشتاق،پەللەكمۇ-پەللەك پوملىشىۋەرگەچكە،پەشتاقنىڭ پەستىكىللىرى پوق پۇراپ پىشانىسىنى پاشىدەك پىقىراتتى،پۇتىنى پاتقاققا پاتۇردى.
پارخورلار پۇقرارلارنىڭ پۇلىنى پوملايدىغان،پەدازلانغان پاسكىنا پەلسەپىسنى پاكىزلىمىسە،پاتقاققا پېتىۋىرىپ پوق پونكىتىدىكى پاقىلار پاراۋانلىقىغا پاخالدەك پالىنىدۇ.
پارخورلارنىڭ پوسمسىدىكى پۇللار پىيازنىڭ پوستىدەك پاكىزلىنىپ،پەيلاسوپنىڭ پىكىرىدەك پاكىتلىنىپ پۇقرارلارنىڭ پىشانىسىدە پار-پۇر پىيالىدەك پاقىرمىسا،پارتىيمىزنىڭ پايەن-پايەنلەردىكى پەخىرلىك،پاساھەتلىك پالۋانلىرى پارخورلارنىڭ پاقالچىقىدىن-پىشانىسىگىچە، پوق پۇرايدىغان پوكىنىدىن،پوخورلاشقان پوسمىسىغىچە، پايپاقلىرىدىن پەلتۇلىرىغىچە پوجاڭدەك پارتىلىۋىتىدۇ.
پارخورلار!پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پاكىزلىنىۋىلىڭلار.پاكىزلەنمىسەڭلار پاتقاققا پاتقىنىڭلار-پاتقان.پوق پونكىتىغا پالانغىنىڭلار-پالانغان.
مەنبە؛ ئۆزەمنىڭ ئىجادىيتى،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-13 22:52