يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 436|ئىنكاس: 10

مەخەت ئابدۇرېھىم:ياشلارغا تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-13 11:55:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

ياشلارغا تەكلىپ

مەخەت ئابدۇرېھىم

ياشلار،ئۆز كۈچىمىزغا تاينىپ ياشاش ئادىتىنى ۋە ماھارىتىنى يىتىلدۈرشىمىز كىرەك.چۈنكى؛
ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يوپۇرماق...
+ +
ئادم سەن ھەرقاچان ئادەمدەك ياشا،
قوياشتەك ئالەمنى ئايلان كەڭ تاشا.
پوق بۇراپ خالادا ياتقان چىۋىدىن،
ياخشىدۇر تەستەك يەپ ئۆلگەن شۇ پاشا.-----دىگەن
ھىكمەتلەرنىڭ مەنىسىنى ياخشى چۈشىنىشىمىز لازىم.شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ياشلىق مەزگىلىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى مەردانىلىق بىلەن ئۈستىمىزگە ئېلىپ ئۆز ئەمىلىيتىمىزدە ئىپادىلىشىمىز كىرەك.
ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى بالىلىق مەزگىل -يۇلتۇزغا،ياشلىق -مەزگىل قوياشقا،قېرىلىق مەزگىل -ئايغا ئوخشايدۇ.شۇڭا؛ياشلار قوياشنىڭ رولىنى ئېلىش لازىم،يەنى قوياش ئالەم ئور بىتىسىدا
توختاۋسىز ئايلىنىپ،كائىناتنى ۋە كائىناتتىكى بارلىق ماۋجۇداتلارنى ھەم ئىسسىغلىق ھەم يورۇغلۇق بىلەن تەمىللىگەنگە ئوخشاش،ياشلارمۇ ئىنسانلارنى شۇ مەزگىلدە ئىھتىياجلىق بولغان
ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلۇق بىلەن تەمىللەشكە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
ياشلار،ئۆز كۈچىمىزگە تاينىپ ياشاش ئادىتىنى ۋە ماھارىتىنى ساغلام يىتىلدۈرش ئۈچۈن
قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟!
ئەڭ موھىم مەسىلە شۇكى؛ھەممە ئىشتا باشقىلارغا،ئاتا-ئانىلارغا يۆلىنىۋالىدىغان ئادەتنى،
مۇستەقىل ياشايدىغان ئادەتكە ئۆزگەرتىشى كىرەك.بولۇپمۇ ھازىرقىدەك تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتى
تىز ،ياشاش شارائىتىنى ياخشىلاش تەلىپى يۇقۇرى بولىۋاتقان ۋەزىيەتتە،ياشلار ئۆزىدە ھەر جەھەتتىن مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ۋە موھىت شارائىتىنى يىتلدۈرشى شەرت.
نۇرغۇن ياشلار ياشاشقا بولغان تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ،باشقىلارغا بېقىنىپ ياشاش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ،ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ،يېڭىلىق ياراتماقتا.يەنە بەزى ياشلىرىمىز قۇللۇق تونىنى يېپىنچاقلاپ، غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتا.
شۇڭا بارلىق ياشلار ئۆز ئالدىغا تۇرمۇش كۆچۈرۈشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بەخىت-سائادەت،
ھوزور-ھالاۋەت،ئۆمۈرلۈك راھەت ئىكەنلىكىنى تونوپ يىتىشى كىرەك.شۇنداقلا ئىنسانلار دۇنياسىنى توختاۋسىز ئايلىنىپ، ئىنسانلار دۇنياسىغا ئەقىل پاراسىتىمىزدىن قوياشتەك نۇر چېچىپ،ماھارەت ۋە جاسارىتىمىزدىن داغدام يول ئېچىپ،ياشلىق ھاياتىمىزدا ئۆچمەس
ئىز قالدۇرشىمىز كىرەك.

مەنبە؛ئۆز تەسىراتىم.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-13 11:59  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-13 16:32:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بەك ياخشى تەكلىپ بولۇپتۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-15 14:42:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنجان ھەسەن
جەلب قىلىش كۈچى-كىشىلەرنىڭ نىشانى ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كەلسە ھەمدە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولسا بۇ بەلگىلىك جەلب قىلىش كۈچىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل كۈچ ھاسىل بولغان ھامان كىشىلەرنى نىشانغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشقا جەلب قىلىدۇ. مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش، مۇكاپات پۇلى، شان-شەرەپنىڭ ھەممىسى بىر خىل جەلب قىلىش كۈچى ھېسابلىنىدۇ. خەلقنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، گۈلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، خەلق زارى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشتا مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.  مەكتەپ-بىر خىل ئالاھىدە مۇھىت بولۇپ، ياش-ئۆسمۈر بالىلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. ئۇ، پەننىي قائىدىلەر ئاساسىدا مەقسەتلىك، پىلانلىق، تەشكىللىك تۈردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى، تۇرمۇش پائالىيەتلىرى ۋە ھاياتلىق ئەمىلىيىتى جەريانىدا توپلىغان مول ئىلمىي تەجرىبىلىرىنى ئەۋلاتلارغا ئۆگىتىدىغان، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالىدىغان ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك تېخىنىكا تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان، كەلگۈسىنڭ يارملىق ئىزباسارلىرى ۋە قۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغان مۇھىم بازا
  مەكتەپ-تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئەۋلاتلارنى جامئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشىنى ئاساسىي نىشان قىلىدۇ. مەكتەپ مەخسۇس تەربىيەلەيدىغان ئورگان. مەكتەپنىڭ بارلىق مۇھىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئكسۈپ يېتىلىشىگە بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.


  مەكتەپ-بىر خىل ئالاھىدە مۇھىت بولۇپ، ياش-ئۆسمۈر بالىلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. ئۇ، پەننىي قائىدىلەر ئاساسىدا مەقسەتلىك، پىلانلىق، تەشكىللىك تۈردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى، تۇرمۇش پائالىيەتلىرى ۋە ھاياتلىق ئەمىلىيىتى جەريانىدا توپلىغان مول ئىلمىي تەجرىبىلىرىنى ئەۋلاتلارغا ئۆگىتىدىغان، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالىدىغان ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك تېخىنىكا تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان، كەلگۈسىنڭ يارملىق ئىزباسارلىرى ۋە قۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغان مۇھىم بازا.  قابىل مەكتەپ مۇدىرى-مۇقىم، توغرا سىياسى يۆلۈنۈشتە چىڭ تۇرىدىغان، پېداگوگىلىق قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرىدىغان، ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىدىغان، ئوقۇتۇشنى مەزكەز قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغان، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرىدىغان، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىغان، ئوقۇتۇشنى ئاكتىپ ئىسلاھ قىلىدىغان، ئوقۇتۇشقا بولغان تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشنى، ئوقۇتۇشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى بىلىدىغان، ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇن قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتىدىغان، ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەكتەپ شارائىتىنى تىرىشىپ ياخشىلايدىغان، مەكتەپتىكى ھەر قايسى تەشكىلى ئاپپاراتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرالايدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يوقۇرى كۆتۈرەلەيدىغان، تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ مەكتەپنىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتەلەيدىغان، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ ساپاسىنى يوقۇرى كۆتۈرەلەيدىغان، مەكتەپتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىيالايدىغان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا،ئىلغار تەجرىبىلەرنى توپلاشقا ماھىر، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان، ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكىتى، مىجەز-خۇلقى، تۇرمۇش ئىستىلى، يۈرۈش-تۇرۇشى، ئۆزىنى مەكتەپ خىزمىتىگە بېغىشلاش روھى كۈچلۈك بولغان كەسپىي-مەمۇرى خادىم ھېسابلىنىدۇ.
  مەكتەپ باشقۇرۇش بىلىمدىن ئايرىلالمايدۇ، مەكتەپ مۇدىرى كەڭ بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئادەتتە بىلىم ساپاسى تۈۋەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەكتەپ ئىچىدە ئىناۋىتى بولمايدۇ. ئىناۋىتى بولمىغان مەكتەپ مۇدىرى باشقۇرغان مەكتەپنىڭ قانداقمۇ ئىناۋىتى بولسۇن! بىلىم ئىنسانلارنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنيانى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىشنىڭ روھى جۇغلانمىسى، شۇنداقلا رەھبەرلىك قىلىش، باشقۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە بۇلىقى. مەدەنىيەت بىلىمى رەھبەرلىك قىلغۇچى، باشقۇرغۇچىنىڭ ساپا قۇرۇلمىسىنىڭ مۇھىم تەشكىلى قىسىمى.  مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئاساسەن مەكتەپنىڭ ھەر خىل تەلىم-تەربىيە پائالىيەتلىرىنى، ئوقۇتۇشنى ھەمدە مەكتەپكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق خىزمەت ۋە پائالىيەتلەرنى يولغا قۇيۇش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيىسى، ساپاسى شۇ مەكتەپنىڭ تەقدىرىنى بىۋاستە بەلگىلەيدىغان ئامىل. بىر دۆلەتتىكى مەكتەپ مۇدىرلار قۇشۇنىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، باشقۇرۇش سەۋىيىسى شۇ دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەقدىرىگە، ۋاستىلىق ھالدا پۈتكۈل دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ياكى مائارىپنىڭ خارابلىشىشغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئامىلدۇر. شۇڭا، قابىل مەكتەپ مۇدىرىنى بىر مەكتەپكە، بىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات سىمۋۇلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دېسەك تامامەن خاتا بولمايدۇ.r




8
  2. مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچى-كۈچلۈك مەكتەپ رەھبەرلىك كوللېكتىپىدا ئىپادىلىنىدۇ.  مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش-بولماسلىقى كۆپىنچە ھاللاردا ئىتتىپاقلاشقان، جەڭگىۋار بىر ياخشى مەكتەپ رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ بولۇش-بولماسلىقىغا باغلىق بولىدۇ. مەكتەپ رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋۇجۇتقا كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى تەشكىللەش، ئۇيۇشتۇرۇش، كۈچەيتىش، باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. مەكتەپ رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئالدى بىلەن توغرا بولغان مەكتەپ باشقۇرۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇشى، مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، مەكتەپنىڭ تەلىم- تەربىيە ئىشلىرىغا مائارىپنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، مەكتەپنى، ئۆز خىزمىتىنى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيىدىغان، بارلىق ئىشلاردا ئاممىغا ئۈلگە بولىدىغان، ھەر ۋاقىت مەكتەپنى روناق تاپقۇزۇشنى ئويلايدىغان، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىپ ئىشلايدىغان، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، ئومۇملۇق كۆزلەيدىغان، ھەممىگە باراۋەر، سەمىمىي، قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان ئېسىل پەزىلەتلەرنى جارى قىلدۈرۈشى، ئايرىملارنى يانغا تارتىپ، بىر قىسىملارنى چەتكە قاقىدىغان، ئايرىم يېتەرسىزلىكلارنىلا كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى كۆرمەيدىغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جانىجان مەنپئىەتىگە تاقىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە لىللا بولمايدىغان ناچار ئىللەتلەردىن ساقلىنىشى لازىم.  كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى-مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان، جەمىئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، زامانىۋى مەدەنىيەتنى تارقىتىدىغان، سىياسى مەيدانى مۇستەھكەم، ئىتتىپاقلاشقان، ھەمكارلاشقان، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى كۈچلۈك، جىددى مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ياخشىلىيالايدىغان، مەسئۇلىيەت، ھۇقۇق دائىرىسى ئېنىق ئايرىلغان، خادىملار ۋە تارماقلارنىڭ رولى ۋە ئالاھىدىلىكى يوقۇرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇلغان، تۈرلۈك باشقۇرۇش پائالىيەتلىرى تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، ئىلمىيلىشىش ئىزىغا سېلىنغان، ئىستىلى ياخشى، ئىش بىجىرىشى ئۈنۈملۈك بولغان، خەلق مەنپئىئەتنى ئەلا بىلىدىغان، شەخشىي مەنپئىەتنى ئومۇمىي مەنپىئەتكە بويسۇندۇرالايدىغان، گۇرۇھۋازلىق، مەزھەپچىلىك قىلمايدىغان، خىزمەتلەرگە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، ئۆزئارا بىر-بىرىنى قوللايدىغان، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان،ئاممىنى رازى قىلىشنى مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ تۈپ نىشانى قىلالايدىغان كوللېكتىپ رەھبەرلىك ئاپپاراتى. شۇڭا، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ زۈرۈر.


  ئوقۇتقۇچىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى-ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ئوقۇتۇپ، ئۇلارغا تۇرمۇش بىلىملىرىنى، ياشاش ماھارىتىنى، ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرۈپ، ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ كەسپىي مەدەنىيەت سەۋىيىسيىنى ئاشۇرۇش، دەرسلىكنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش، پۇختا دەرس تەييارلاش، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈمنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش، بىلىم بېرىش بىلەن تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەم بىلىم بېرىش ھەم ئادەم تەربىيەلەش مەقسىتىگە يېتىش، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈش، ئۇلارنى ئاسراش، ئۇلارغا تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىك، ھاقارەتلىمەسلىك، كىشىلىك غۇرۇرىغا تەگمەسلىك، باراۋار، ئادىل مۇئامىلە قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، ئۇلارغا توغرا ئۆگىنىش مەقسىتى، توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى توغرىسىدا تەربىيە بېرىش، ئۆگىنىش سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش، نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل باھالاپ بېكىتىش، قەرەرلىك ھالدا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش، تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش، ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، جاپاغا چىداپ ئۆگىنىش روھىنى يېتىلدۈرۈش، مەشقلەندۈرۈشكە، چېنىقتۇرۇشقا، ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرۇشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئەخلاقىي ساپاسىنى ياخشىلاپ ئۇلاردا ئىلمىي دۇنيا قاراش، توغرا دۇنيا قاراش ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تۇرغۇزۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەرەققىي قىلدۈرۈش، كۆتۈرۈش ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش، ئۇلارنىڭ مەشغۇلات تەرتىبىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش بىلەن ئارام ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، قاتتىق تەلەپ قۇيۇش بىلەن بىللە ئارام ئېلىشىغا دىققەت قىلىش، ئاتۇقچە يۈكىنى يەڭگىلىتىش، بەدەن سۈپىتى تەرەققىياتىنى ئىگىرى سۈرۈش شۇنداقلا تۈرلۈك ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش، ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىدا مەلۇم تېما ئۈستىدە تەقىقات ئېلىپ بېرىش، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەش، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ سىياسى، كەسپىي ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش.ئوقۇتقۇچىلارنى سىياسى، كەسپىي، ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيەلەپ ئۇلارنىڭ ساپاسىنى ئومۇمىيۈزلۈك يوقۇرى كۆتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپ قۇرۇلمىسىنى سەر خىللاشتۇرۇش-يوقۇرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم تەلىپى. سىياسى ئاڭ ۋە ئەخلاقىي ساپا بىر ئادەمنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنىڭ يادروسى. ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، كەسپىي قابىلىيەت، كەسپىي ساپا ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى تەربىيەلەش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي ساپاسى تەربىيەنگۈچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسى جەھەتتىن، ئەخلاقىي جەھەتتىن، مەدەنىيەت جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە يېتىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسى ساپاسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى پەزىلىتىنىڭ يېتىلىشىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.


8 سائەت ئالدىدا چىقىرىش
  مەكتەپلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، يەر كۆلىمى، مەكتەپ ھويلىسىنىڭ پىلانلىنىشى، ئۆي-ئىمارەت، ئەسۋاپ-ئۈسكۈنىلىرى مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىشىدىكى ماددىي ئاساس بولۇپ، مەكتەپنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
  مەكتەپلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، يەر كۆلىمى-مەكتەپنىڭ تەرەققىياتى، ئوقۇتۇشى، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، ئوڭۈشلۇق، راۋان بولۇشى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ تىنىچلىقى، خاتىرجەملىكىگە مۇناسىۋەتلىك زور ئش بولۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلار مەكتەپنىڭ شارائىتى ۋە ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.
  مەكتەپنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، كۆلىمى، جايلىشىشى، مەكتەپ ھويلىسى، ئوقۇتۇش بىناسى، تەجرىبىخانا، زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى، كۈتۈپخانا، ياتاقخانا قاتارلىقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇلۇشى مەكتەپتىكى يارقىن نوقتىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى مەكتەپنىڭ پۈتۈن ئۈسكۈنىلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭغا ئالدى بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپنىڭ ئاساسلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى-پارتا، ئورۇندۇق، دوسكا ۋە سىنىپتىكى باشقا ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى، زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى، تەجرىبە سايمانلىرى، ئەۋرىشكە، مودېل، دئىاگرامما، خەرىتە، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت، مۇزىكا ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ بۇلارنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپپىق ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ۋە رولىنىڭ تولۇق جارى قىلدۈرۈلۈشى مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش زۈرۈركى، ئاساسىي مائارىپتا قابىل مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ جايىغا قۇيۇلماسلىقى، ئەرزىمەس سەۋەپلەر بىلەن باشقا ئورۇنلارغا يۆتكىتىۋىتىلىشى؛ مەكتەپ رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ چېچىلاڭغۇ، باشباشتاق، تەرتىپسىز، قالايمىقان، گۇرۇھۋاز بولۇشى؛ ئوقۇتۇش ئۈسكىنە-ئەسلىھەلىرى تولۇق سەپلەنگەن بولسىمۇ رولىنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇلماسلىقى، ھەتتا تاشلىنىپ قېلىشى، ھەقسىز تارقىتىلغان كىتاپ-ماتېرىياللارنىڭ قەدىرلەنمەسلىكى، كۈتۈپخانا، تەجرىبىخانىلارنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇلماسلىقى، ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرى، ئاشخانىلىرىنىڭ ياخشى باشقۇرۇلماسلىقى قاتارلىقلارغا كۆرە، جاپالىق خىزمەت شارائىتى، ناچار تۇرمۇش مۇھىتى، ئېغىر خىزمەت بېسىمى ئاستىدا ئىشلەۋاتقان پىداكار ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىۋاتقان مېھنەت ئىگىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئەجىر-مېھنىتىسىز مائارىپنىڭ تەرەققىيات پەللىسىنى قىياس قىلماق تولىمۇ مۈشكۈل ئىش ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-15 14:50  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-16 09:43:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانىيەتنىڭ پەن- مەدەنىيەت، ئەدەبىيات- سەنئەت، پەلسەپە، قانۇن ۋە مەنىۋى تەرەققىيات مۇساپىسىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن 100 مەشھۇر ئەسەر تونۇشتۇرۇلغان «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2007-يىلى 5- ئايدا، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتو سۈرەت نەشرىياتى، شىنجاڭ ئېلېكترون ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن 2014- يىلى 12- ئايدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب» تىكى ئۆزىگە زۆرۈر بولغان ئەسەرلەرنى تاللاپ ئوقۇشىغا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن مەزكۇر كىتابتىكى 100 مەشھۇر ئەسەرنىڭ تىزىمىنى ئوقۇرمەنلەر ھۇزۇرىغا سۇنىمىز.
1. « غايىۋى دۆلەت »، ئەپلاتون ( يۇنان )  
2. « سىياسەتشۇناسلىق »، ئارىستوتېل ( يۇنان )
3. « مەنۇ قانۇنى » («مانى قانۇنى»)،   ( ھىندىستان )
4. « مۇھاكىمەتۇل شاھ »، ماكياۋېللى ( ئىتالىيە )
5. « يېڭى قورال »، بېكون ( ئەنگىلىيە )
6. « ئىلىم- پەننىڭ قىممىتى »، پوئىنكارې ( فرانسىيە )
7. « ھۆكۈمەت توغرىسىدا »، جون لوك ( ئەنگىلىيە )
8. « قانۇننىڭ روھى توغرىسىدا »، مونتىسكيۇ ( فىرانسىيە )
9. « ئىجتىمائىي ئەھدىنامە »، روسسو ( شىۋېتسارىيە )  
10. « ناپولېئون قانۇنى »، (ناپولېئون تۈزۈشكە قاتناشقان) ( فىرانسىيە )  
11. « ئۇرۇش نەزەرىيىسى »، كارل ۋون ( گېرمانىيە )
12. « ئامېرىكا دېموكراتىيىسى توغرىسىدا »، شار.ئا.د. توكۋىل ( فىرانسىيە )
13. « مەدەنىيەتلىك ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات »، فوكوساۋا بوكسى ( ياپونىيە )
14. « ئوپېنخېي خەلقئارا قانۇنى »، فىرانسىس لاۋرېنس ئوپېنخېي ( گېرمانىيە )
15. «دېڭىزدىكى ئەمەلىي كۈچنىڭ تارىخقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى»، ئالفرېد تايېر ماخان (ئامېرىكا)
16. « مېنىڭ كۈرىشىم »، ئادولف گېتلېر ( گېرمانىيە )
17. « تارىخ »، ھېرودوت ( يۇنان )
18. « پېلوپېننىس ئۇرۇشى تارىخى »، توكيدېس ( يۇنان )
19. « ئۇزۇن سەپەر خاتىرىسى »، شېنوفون ( يۇنان )
20. « يىلنامە »، تاسىتو ( قەدىمكى رىم )
21. « رىم تارىخى »، ئاپپىيانۇس ( قەدىمكى رىم )
22. « ماركوپولو ساياھەت خاتىرىسى »، ماركوپولو ( ئىتالىيە )
23. « يېڭى پەن »، ۋېيكو ( ئىتالىيە )
24. « فىرانسىيە ئىنقىلابى تارىخى »، مىگنېت ( فىرانسىيە )
25. « پاپا تارىخى »، رەنكې ( گېرمانىيە )
26. « دۇنيا تارىخى تىزىسى »، ۋېللىس ( ئەنگىلىيە )
27. « تارىخ تەتقىقاتى »، توينبې ( ئەنگىلىيە )
28. « مېتافىزىكا »، ئارىستوتېل ( يۇنان )
29. « ماددا خاراكېرى تەلىماتى »، لۇكرېتئۇس ( قەدىمكى رىم )
30. « پەلسەپە لۇغىتى »، ۋولتېر ( فىرانسىيە )
31. « ئىنسان تەبىئىتى نەزەرىيىسى »، خۇمې ( ئەنگىلىيە )
32. « قامۇس »، دىدېرو ( فىرانسىيە )
33. « كەلگۈسى مېتافىزىكا مۇقەددىمىسى »، كانت ( گېرمانىيە )
34. « روھ فېنومېنولوگىيىسى »، گېگېل ( گېرمانىيە )
35. « ئىرادە ۋە تەسەۋۋۇر ھېسابلانغان دۇنيا »، شوپېنخاۋېر ( گېرمانىيە )
36. « خرىستىئان دىنىنىڭ ماھىيىتى »، فېييېرباخ ( گېرمانىيە )
37. « زوروئاستر شۇنداق دەيدۇ »، نېتچې ( گېرمانىيە )
38. « روھىي ئانالىز يېتەكچىسى »، فرېئۇد ( ئاۋستىرىيە )
39. « پروتېستانت دىنى ئەخلاقى ۋە كاپىتالىزم روھى »، ماكس ۋېبېر ( گېرمانىيە )
40. « غەرب پەلسەپە تارىخى »،رۇسسېل ( ئەنگىلىيە )
41. « ئىلمىي پەلسەپە »، فىلىپ فرانك ( ئاۋسترىيە )
42. « مەۋجۇدىيەت ۋە زامان »، ھېيدېگېر ( گېرمانىيە )
43. « ئىنجىل »، (ئىبراي كاھىنلىرى تۈزگەن)
44. « قۇرئان كەرىم »، ( ئەرەب يېرىم ئارىلى )
45. «مىللىي بايلىقنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبلىرى ھەققىدە تەتقىقات»، ئادام سمىت (ئەنگىلىيە)
46. «سىياسىي ئىقتىساد ۋە ئۇنىڭ باج-سېلىق پرىنسىپى»، رىكاردو ( ئەنگىلىيە )
47. «سىياسىي ئىقتىساد پىرىنسىپى»، يوھان مىل (ئەنگىلىيە )
48. « كاپىتال »، ماركس (گېرمانىيە)
49. «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆسۈم ۋە پۇل ئوبروتى توغرىسىدا»، كېينېس (ئەنگىلىيە )
50. « ئىقتىسادشۇناسلىق »، سامۇئېلسون ( ئامېرىكا )
51. « ئىلئادا »، ھومېر ( يۇنان )
52 . « مىڭ بىر كېچە »، (ئەرەب يېرىم ئارىلى )
53. « ئىزوپ مەسەللىرى »، ئىزوپ (قەدىمكى يۇنان )
54. « تەڭرى كومېدىيىسى »، دانتى ( ئىتالىيە )
55 . « ئون كۈنلۈك سۆھبەت »، بوككاچيۇ ( ئىتالىيە )
56. « دونكىخوت »، سېرۋانتېس ( ئىسپانىيە )
57. « ھاملېت »، شېكېسپېر ( ئەنگىلىيە )
58. « دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كرۇزو »، دانېل دېفو ( ئەنگىلىيە )
59. « ياش ۋېرتىرنىڭ دەردى »، گېيوتى ( گېرمانىيە )
60. « ئازاد بولغان پرومېتىئۇس »، شېللېي ( ئەنگىلىيە )
61. « يېۋگېنې گراندې »، بالزاك ( فىرانسىيە )
62. « خارلانغانلار »، ھيوگو ( فىرانسىيە )
63. « قوش شەھەر خاتىرىسى »، دىككېنس ( ئەنگىلىيە )
64. « ئاتا ۋە بالا »، تۇرگېنىف ( رۇسىيە )
65. « ئۇرۇش ۋە تىنچلىق »، لېف تولستوي ( رۇسىيە )
66. « چۇغلۇق قىز »، كىچىك دىيۇما ( فىرانسىيە )
67. « قونچاقلار ئائىلىسى »، ئىبسېن ( نورۋېگىيە )
68. « تام سۇيئېرنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى »، مارك تۋېن ( ئامېرىكا )
69. « تام تاغىنىڭ كەپىسى »، ستوۋ خانىم ( ئامېرىكا )
70. « قەھرلىك ئۈزۈم »، يوھان ستېنبېك ( ئامېرىكا )
71. « ماتەم قوڭغۇرىقى كىم ئۈچۈن چېلىندى »، ھېمىڭۋاي ( ئامېرىكا )
72. «سىز بىلەمسىز؟― ھازىرقى زامان ئىلىم-پەندىكى 100 مەسىلە»، ئىساك ئاسىموۋ ( ئامېرىكا )
73. «پرۇكانىڭ مېڭىسى― ئىلىم- پەندىكى ئاجايىباتلار توغرىسىدىكى ئويلىنىش»، كارل ساگان ( ئامېرىكا )
74. « ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن »، مارگارىت مىچېل(ئايال) ( ئامېرىكا )
75. « ئاسمان جىسىملىرى ھەرىكەت نەزەرىيىسى »، كوپېرنىك ( پولشا )
76. « ئىككى خىل يېڭى پەن »، گالىلېي ( ئىتالىيە )
77. « يۈرەك قان ھەركىتى نەزەرىيىسى »، خارۋې ( ئەنگىلىيە )
78. « تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى »، دارۋىن ( ئەنگىلىيە )
79. « ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى »، رىچارد لېكېي ( كېنىيە )
80. « قەدىمكى جەمئىيەت »، مورگان ( ئامېرىكا )
81. « ئىنسانشۇناسلىق تارىخى »، خاددون ( ئەنگىلىيە )
82. « پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق ئاساسى »، نيۇتون ( ئەنگىلىيە )
83. « ئۆسۈملۈكلەرنى شالغۇتلاشتۇرۇش تەجرىبىسى »، مېندېل ( ئاۋسترىيە )
84. « 20- ئەسىردىكى ھاياتلىق ئىلمى »، ئاللېن ( ئامېرىكا )
85. « ئادەتتىن تاشقىرى دەۋرىي قىلىش نەزەرىيىسى »، ئېيگېن ( گېرمانىيە )
86. « تىمتاس باھار »، راچېل كارسون ( ئامېرىكا )
87. «كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قىياس― روھ توغرىسىدىكى ئىلمىي ئىزدىنىش»، فىرانسىس كرىك ( ئەنگىلىيە )
88. «كەڭ مەنىدىكى ۋە تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيەسىگە قىسقىچە ئىزاھ»، ئېينىشتېيىن ( گېرمانىيە )
89. « ماتېرىك ۋە دېڭىز- ئوكيانلارنىڭ شەكىللىنىشى »، ۋېگېنېر ( گېرمانىيە )
90. « تەجىرىبە پىسىخولوگىيەسى تارىخى »، پاۋلىن ( ئامېرىكا )
91. « جۇڭگۇ پەن- تېخنىكا تارىخى »، جوزېف لى ( ئەنگىلىيە )
92. « تىل نەزەرىيىسى »، برونفېلد ( ئامېرىكا )
93. « شېكىسپېر،نيۇتون ۋە بېتخوۋېن »، چاندراسېكھار ( ئامېرىكا )
94. « ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى »، خاۋكىڭ ( ئەنگىلىيە )
95. « ھاياتلىق دېگەن نېمە »، ئېرۋىن شرۇدىنگېر  ( ئاۋىسترىيە )
96. « بىرىتانىيە قامۇسى »، ( ئەنگىلىيە )
97. « ئۇرۇش بىلەن خوشلىشىش: بىزنىڭ كەلگۈسى تەسەۋۋۇرىمىز »، پاۋلىنگ (ئامېرىكا )
98. « كەلگۈسىنىڭ زەربىسى »، توفلېر ( ئامېرىكا )
99. « ئومۇمىي ساۋات »، توماس پەيىن ( ئەنگىلىيە )
100. « سودا- سېتىق سىستېمىسى توغرىسىدا »، ساينت سىمون ( فىرانسىيە )

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى 2007-يىلى 5- ئايدا نەشىر قىلىنغان «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب»قا ئاساسەن تەييارلاندى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-20 09:54:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قۇرئان كەرىم» ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى. قەيەردە مۇسۇلمانلار بولىدىكەن شۇ يەردە «قۇرئان كەرىم» بولىدۇ.
      قارا خانىيلار خانلىقى (850 — 1212)نىڭ مەشھۇر خانى سۇتۇق بۇغراخان (888 — 956) مىلادىيە 915 – يىلى (910 – يىلى دېگۈچىلەرمۇ بار) كاشىغەر شەھىرىدە خانلىقنىڭ سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاۋام خەلقنى ئىسلام دىنىنىڭ يولىنى تۇتۇشقا دەۋەت قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان. «قۇرئان كەرىم»نى دەسلەپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئەسلىدىكى ئەرەب تىلىدىكى نۇسخا بويىچە ئوقۇغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەينى زاماندىن باشلاپ قۇرئان ئايەتلىرىنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈش قولغا ئېلىنىپ، ھەرقايسى دەۋرلەردە تۈركۈم – تۈركۈملەپ شەھشۇناسلار يېتىشىپ چىققان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ دەسلەپكى شەرھشۇناسلاردىن ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف كاشغەرىنىڭ ئۇستازى، قارا خانىيلار خانلىقىنىڭ بىرقانچە ئەۋلاد خانلىرىنىڭ مەنىۋى داھىيسى، مۇددەرىس ئىدى. ئۇ ئۆمرىدە 200 رىسالىدىن ئارتۇق كىتاب يازغان. ئۇنىڭ بىرقانچە پارچە شەرھسى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تە نەقىل ئېلىنغان. بۇ مەشھۇر شەرھشۇناس ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى «قۇرئان كەرىم»نى شەرھلەش بىلەن ئۆتكۈزگەن.
     ئۇيغۇرلار «قۇرئان كەرىم»نى شەرھ ئارقىلىق چۈشىنىپ كەلگەندىن باشقا يەنە تەرجىمىسى ئارقىلىقمۇ چۈشەنگەن. «قۇرئان كەرىم» قارا خانىيلار خانلىقى زامانىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن، يەنى 12 – ئەسىردىن باشلاپ 14 – ئەسىرگىچە ئىلگىرى – كېيىن ئالتە قېتىم ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر تۈركىي تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەرجىمە نۇسخىسى 12 -، 13 – ئەسىردىكى قوليازما نۇسخا بولۇپ، بۇنى مۇھەممەد ئىبىن ھاجى دۆلەتشاھ ھىجرىيە 734 – يىلى (مىلادىيە 1333 — 1334 – يىلى) ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدە نەپىس ئەرەب يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈپ چىققان. جەمئىي 902 – بەت، ھەربىر بېتىدە توققۇز قۇر خەت بار، مەزمۇنى تولۇق، ئەرەب تىلىدىكى ئايەتلەرنىڭ ئاستىدا قىزىل سىياھ بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل تەرجىمىسى يېزىلغان، تەرجىمان ئەسلىگە سادىق بولغان ئاساستا مېھنەت سىڭدۈرگەن. بۇ تىپىك ئۇدۇل تەرجىمە نۇسخا ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى تۈرك ۋە ئىسلام ئەسەرلىرى مۇزېيىدا ساقلانماقتا. ئەپسۇسكى، بۇ تەۋەررۈك نۇسخىنى كىم، قەيەردە، قاچان تەرجىمە قىلغانلىقى توغرۇلۇق ئۇچۇر پىنھان بولماقتا. ئۇنىڭدىن كېيىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلارنىڭمۇ تەرجىمانلىرى ئېنىق ئەمەس. بۇلار ھازىر لوندون ۋە تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلەردىكى مۇزېيلاردا ساقلانماقتا.
     «قۇرئان كەرىم» 17 – ئەسىردىن 20 – ئەسىرگىچە يەنە كۆپ قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. مەسىلەن، ياركەنت ھۆكۈمدارى خوجا ياقۇپ (ئەدەبىي تەخەللۇسى ئەرشى، 1685 — 1756 – يىللىرى ياشىغان، 1735 – يىلىدىن 1756 – يىلىغىچە ھۆكۈمدار بولغان) دىۋان خىراجىتى بىلەن «تەفسىرى قۇرئان»نى ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەتكۈزگەن. بۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد سادىق كاشىغەرى (1725 — 1849) مۇ «قۇرئان كەرىم» تەفسىرى»نى ئىشلەپ تۈگەتكەن. ئەمما ئالىمنىڭ بۇ خىزمىتى قانچىنچى يىلى تاماملانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.
     قاغىلىقتا ئۆتكەن داڭلىق ئۆلىما ھۈسەيىنخان تەجەللى (1856 — 1925) 1910 – يىلى ئۇيغۇرچە قۇرئان تەفسىرى)نى ئىشلىگەن. تەجەللىنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئابلىكىم مەخسۇم ھاجى «تەجەللى – مۇجەللى» ناملىق كىتابى (بۇ كىتاب قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1984 – يىلى نەشر قىلىنغان)دا ئېيتىشىچە، تەجەللى ھەزرەتلىرى بۇ تەفسىرنى ئابدۇقادىر داموللام (1869 — 1924)، شەمسىدىن داموللام (1882 — 1936 – يىلى ۋاپات بولغان)، ھۈسەين باي ھاجى ۋە باھاۋۇدۇن باي قاتارلىق قەشقەر كاتتىلىرىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن يېزىپ چىققان. يەنە شۇ 1910 – يىلى چۆچەكتىكى روزى ئاخۇننىڭ تەشەببۇس قىلىشى ۋە قوللىشى بىلەن يۈسۈپ داموللا «قۇرئان كەرىم تەفسىرى»نى تاللاپ تەرجىمە قىلىپ چىققان.
      شەمسىدىن داموللام بۇرادىرى تەجەللى ھەزرەتلىرىنىڭ تەرجىمىسىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئاممىباب، چۈشىنىشلىك قىلىپ «قۇرئان كەرىم تەفسىرى»نى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا نام چىقارغان.
     «روشەن بايان – تۈركىي تەفسىرۇل قۇرئان» دېگەن نامدىكى ئۇيغۇرچە تەفسىر سابىت داموللام (1883 — 1942) شىڭ شىسەي تۈرمىسىدە 1937 – يىلىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان) ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىشلەپ چىققان قىممەتلىك ئەمگەك. تەرجىمان بۇ تەرجىمە «مۇقەددىمە»سىدە: «ھەر سائادەتنىڭ يۇلتۇزى، ھەر شاراپەتنىڭ يىلتىزى، ھەر ئىلىم – مەرىپەتنىڭ دېڭىزى، ھېكمەت ۋە ئادالەتنىڭ تارازىسى شەكسىز قۇرئان ھېكىمدۇر. بۇ قۇرئان ھېكىم خۇدانىڭ كالامى بولغاچ بەندىنىڭ ئۇنى بايان قىلمىقى پەۋقۇلئاددە قىيىن ئىدى ... كەمىنە بۇ مەيدان كىشىلىرىدىن بولمىساممۇ ۋە مېنىڭ ئىشىم ئاجىزلىق ۋە كەمچىلىكتىن ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدەك بولمىسىمۇ، لېكىن ھەر كىشىگە ئۆز قۇدرىتىگە بېقىپ دىن – مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلماق بەك زۆرۈر بولغان سەۋەبتىن قۇرئان ھېكىمنى نازىرلار (ئوقۇرمەنلەر) مالال بولغۇدەك ئۇزۇن قىلماي ۋە مەنىسىگە دەخلى بەرگۈدەك قىسقا قىلماي، ئوتتۇراھال بىر تەفسىر قىلسام دەپ كۆپ زاماندىن بېرى خىيال قىلىپ، ئۇزۇن – قىسقا تەفسىرلەرنى توپلاپ ئۇنىڭدىن ئىستىفادە قىلغانىدىم (پايدىلانغانىدىم)، ھەمدۇ سانانىڭ ئىگىسىگە چەكسىز ھەمدۇ سانا بولسۇنكى، خۇدانىڭ لۇتفى ئىنايىتى بىلەن ۋە تەۋپىق ھىدايىتى بىلەن ھىممەتلىك نازىرلارنىڭ كۆڭۈللىرى خۇرسەن بولغۇدەك زىبا بىر كىتاب بولدى» دەپ يازغان. بۇ تەرجىمە – تەفسىرنىڭ 30 – پارىسى 1948 – يىلى غۇلجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلغان. بۇ تەفسىرنىڭ قوليازما نۇسخىسىنى سابىت داموللامنىڭ غۇلجىدا ئولتۇرۇشلۇق ئوغلى ھاجى ئابدۇللا 1961 – يىلى ش ئۇ ئا ر مىللەت تەتقىقاتى ئورنىغا ھەدىيە قىلغان.
     يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن داموللا مۇھەممەد زىرىپ قارى ھاجى (1858 — 1956) 1955 – يىلى غۇلجىدا «قۇرئان كەرىم تەفسىرى»نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان.
      مۇھەممەد سالىھ داموللا تەرجىمە قىلىپ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەرجىمىسى ئىشەنچلىكلىكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئالاھىدىلىكى بويىچە چۈشىنىشلىك، توغرا ئىشلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن شىنجاڭدىكى بىر قاتار مىللەتلەر ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپلا قالماستىن، بەلكى چەت ئەللەردىمۇ نام چىقاردى.
    دېمەك، «قۇرئان كەرىم» ئۆز زامانىسىدىن باشلاپلا ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنىۋى مىراسىغا ئايلىنىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن مىڭ يىل مۇقەددەم ئۇيغۇرلار «قۇرئان كەرىم» بىلەن ئۇچراشقان، ئېتىقاد ۋە مەنىۋى ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشتا، مەنتىقى، ئەقلىي ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئۇنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. تارىختا ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى ئىچىدە ئەرەب تىلىنى بىلىدىغانلىرى «قۇرئان كەرىم»دىن بىۋاسىتە پايدىلانغان بولسا، بىر قىسىم مەرىپەتپەرۋەر ئۆلىمالار كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئوبدان قاندۇرۇش ئۈچۈن تەرجىمە – تەفسىر ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ئۇلۇغ كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەپ ئاممىغا تەقدىم قىلغان. قۇرئانشۇناسلىق دۇنياۋى ئىلىم بولۇپ شەكىللىنىش جەريانىدا ھەرقايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوبۇل قىلغان. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە خېلىلا مۇھىم تۆھپە قوشقان مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

   <<جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى >>ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىلى 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-20 09:57:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرئانى كەرىمدىكى چۈمۈلە قىسسەسىگە نەزەر




قۇرئان كەرىم «نەمل» سۈرىسى، 18-ئايەتتىكى سۇلايمان ئەلەيھىسسالام بىلەن چۈمۈلىلەر ھەققىدە كەلگەن قىسسە ئادەمنى جەلپ قىلىدۇ:
[ئۇلار (شامدىكى بىر) چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بىر چۈمۈلە ئېيىتتى:«ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلرىڭلاغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنجىۋەتمىسۇن»]
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ۋە قوشۇنلىرى يۈرۈش قىلىپ ماڭغىندا قەۋمىگە كەلگەن خەتەرنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان چۈمۈلە بار ئاۋازى بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ توۋلىدى:«خەتەر كېلىۋاتىدۇ، ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار! سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنجىۋەتمىسۇن!»…
خەتەر كېلىشىتن ئىلگىرى ھېس قىلالىغان، مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇيالىغان، مىللىتىنىڭ غېمىنى ئۆز غېمى دەپ چۈشىنەلىگەن، شۇڭا قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ «خەتەر كېلىۋاتىدۇ، ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىڭلار» دىيەلىگەن بۇ چۈمۈلە نىمە دىگەن مەردانە ھە؟!
بۇ چۈمۈلە قېچىپ كەتمىدى، خەتەرنى سەزگىنىدە ئۆزىنىىلا قۇتقۇزمىدى…«بۇ زور قوشۇننىڭ ئالدىدا يالغۇز جېنىمدا نىمە قىلالايىتتىم؟» دىمىدى بەلكى، ئۆزىنى قەۋمىنىڭ ئالدىدا بۇرچ ئېگىسى، قوغدىغۇچىسى دەپ بىلىپ چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن ئۇلارغا بىرەر يامانلىقنىڭ يېتىشىنى راۋا كۆرمىدى. شۇنداق، ئۇ ئۆزىنى قېرىنداشلىرىنىڭ خەتەردىن قوتۇلۇشى ئۈچۈن پىدا قىلدى…
نۆۋەتتە ئۈممىتىمىزگە كېلىۋاتقان تەھىدىتلەر سۇلايمان ئەلەيھىسسالام چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا ئېلىپ كەلگەن تەھدىتلەردىن زور ھەم كۆپ. ئىچىمىزدە ئەشۇ چۈمۈلىدەك ھېس-تۇيغۇدا بولۇپ، ئۈممىتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۈچەيدىغان ، ھاياتىنى تەقدىم قىلىدىغانلار بارمىدۇ؟ ئىچىمىزدىكى كىم ھەممە تەرەپتىن كىرزىسقا پېتىپ قالغان بۇ مىللەتنىڭ غېمىنى ئۈستىگە ئېلىپ تۇرۇپ بىخىرامان ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرەلەيدۇ؟ بۇ كىرزىسلار پەقەت بىرلا بولماستىن بەلكى قاتمۇقات ھەممە تەرەپتىن بىزنى قورشاپ كەلمەكتە…
بۇ قىسەنىڭ بىر تەرىپى، يەنە بىر تەرىپى: «چۈمۈلە» دىگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە ئېنىقسىز ھالەتتە كەلگەن. دىمەك ئۇ ھېچبىرى تونۇمايدىغان ناتونۇش چۈمۈلە. ئۇ مۇشۇ كەڭ كەتكەن ۋادىدىكى بىر چۈمۈلە خالاس. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ ئۆزىنى تۆۋەن سانىمىدى… ئەمما بىز بولساق دائىم «پالانى چوڭام نىمە ئىش قىلىپ بەردى؟ توختام ۋە كېلىشىملەر بىزگە نىمە ئېلىپ كەلدى؟» دەپ مەسئۇلىيەت، گۇناھ ۋە خاتالىقلارنى باشقىلارنىڭ گەدىنىگە ئارتىپ قويۇپ ئۆزىمىزنى ئۈممەتكە يېتىۋاتقان ئەھۋاللار بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىمىز…
بىر چۈمۈلە بىر خەلىقنى قۇتقۇزدى… ئۇ ھېچنىمىگە تەڭ ئەمەس ناتونۇش بىر چۈمۈلە ئىدى… ئۇ ئۈممەت غېمىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ خاتىرجەملىك يورۇقلۇقىغا چىقارغان چۈمۈلە ئىدى… مانا مۇشۇ غەم، ھېس تۇيغۇ ئۆز خەلقىگە مەسئۇل بولۇش بىلەن تويۇنغان ئىدى. ئۇ ئىلاھى رەھمەتنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان، خەلقىدىن بالا-قازانى كۆتۈرىۋەتكەن ئاددى چۈمۈلە ئىدى.
قىسسەدىكى يەنە بىر نۇقتىغا يۆتكەلسەك: ئۇ چۈمۈلە بەزى كىشىلەر باشقىلارنىڭ نىيىتى تەھلىل قىلىپ گەپ ساتقىنىدەك سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ نىيىتىنى تەھلىل قىلىپ ئولتۇردىمۇ؟ «سۇلايمان سىلەرنى كۆزگە ئىلمايدۇ، سىلەر ئاجىز قوشۇن، ئۇ سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ.» دېدىمۇ؟ ئۇ ۋە قەۋمى بىر-بىرىدىن سوراپ ئولتۇردىمۇ؟ ياق. ئۇلار سۈكۈت ئىچىدە ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى. ئۇ سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ۋە قوشۇنىنى نىمە دەپ ئاقلىدى؟ ئۇ «مەن ئۇلارنىڭ سىلەرنى كۇكۇم تالقان قىلىپ ئۆلتۈرۈپ سىلەرگە ھۆكۈمران بولىدىغان نىيەتلىرى بارلىقىنى بىلمەيمەن. لىكىن «ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنجىۋەتمىسۇن!» ديىش بىلەن كۇپايىلەندى.
چۈمۈلىلەر ئۇنىڭدىن«سەن بۇ گېپىڭ بىلەن سۇلتان بولماقچىمۇ؟ مەرتىۋە ئالماقچىمۇ ياكى شۆھرەتمۇ؟» دەپ سوراپ ئولتۇرماستىن ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ تۇرالغۇلىرىغا كىرىپ كەتتى. ئۇلار بۇ كىچىك چۈمۈلىنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئامان قالدى.
تىرىشچان ۋە چىدامچان بولۇش چۈمۈلىنىڭ يەنە بىر خۇسۇسىيىتىدۇر. ئۇ ئۆي سالىدۇ، ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. يەنە بىر قېتىم سېلىشقا تۇتۇنىدۇ، يەنە ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. ئۇ ئۈچىنجى ۋە تۆتىنجى قېتىملاردىمۇ قاتا-قايتا ئۇرۇنۇپ ئۆيىنى مۇستەھكەم بىنا قىلىۋالمىغۇچە توختىمايدۇ.
تارىخچىلارنىڭ بايان قىلىشچە مەشھۇر قوماندان تۆمۈرلەڭ جەڭ مەيدانلىرىدىن بىرىدە مەغلۇپ بولۇپ قوشۇنى پارچىلىنىپ ئەسكەرلىرى چېچىلىپ كېتىپتۇ. ئۇ قاتتىق غەم تارتىپ ئەلەم چېكىپتۇ… ئۇ، ئۆڭكۈرلەرنىڭ بىرىگە بېرىپ قوشۇنلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئويلاپ غەمگە چۆكۈپ ئولتۇرغىنىدا سىلىق تاشقا يامىشىپ چىقالمايۋاتقان، چۈشۈپ كەتسە يەنە چىقىشقا ئۇرۇنىۋاتقان چۈمۈلىنى كۆرۈپ قاپتۇ. چۈمۈلە ھەر قېتىم تاش ئۈستىگە چىقىشقا ئۇرۇنغاندا سىيرىلىپ چۈشۈپ كېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چۈمۈلىنى كۆزىتىشكە باشلاپتۇ… چۈمۈلىنىڭ 17-قېتىم يامىشىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ«يا ئاللاھ، ئەجەبلىنەرلىك!…» دەپ ۋارقىراپ تاشلاپتۇ. «چۈمۈلە جېنىدا يىگىرمە قېتىمغا يېقىن چىقىشقا ئۇرۇندى. مەن ۋە قوشۇنۇم تۇنجى قېتىمدىلا مەغلۇپ بولدۇق. بىز نىمانداق ئاجىز، نىمانداق ئۆزىمىزنى تۆۋەن چاغلايمىز» دىگىنىچە ئۆڭكۈردىن چىقىپ مەغلۇپ بولغان قوشۇننى يىغىپ جەڭگە كىرىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر ئەسكىرى قالغۇچە يانماي ئۇرۇش قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. چۈمۈلىنىڭ سىماسى كۆز ئالدىدا نامايان بولۇپ ئۇنىڭغا كۈچ بېغىشلاپتۇ…

ئۇ قول ئاستىدىكىلەرنى يىغىپ ئەڭ ئاخىرقى بىر جەڭچى قالسىمۇ جەڭدىن قايىتماسلىققا ئەھدىلىشىپ جەڭگە ئاتلىنىپتۇ. ئۇلار بۇ نىيەت-ئىرادە بىلەن جەڭگە كىرىپ نۇسرەت قازىنىپتۇ.
بىئولوگىيە ئالىملىرى چۈمۈلىنىڭ مەخلۇقاتلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەستايىدىل ۋە ئىرادىلىك مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ھۆرمەتلىك كىتاپخان، سىز كۈنلەردىن بىرىدە يولدا ئۇخلاۋاتقان چۈمۈلىنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ ياكى يولدا جىم تۇرۇپ ئوزۇق ئىزدەۋاتقىنىنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز ئۇنىڭ توختىماستىن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ھەربىر ھەرىكىتىدە تىرىشچانلىق بىلەن مىدىرلاۋاتقانلىقىنىلا كۆرەلەيسىز.
بىز ئىلىم ئۈگىنىش، خىزمەتلىرىمىز ۋە ۋەزىپىلىرىمىزدە شۇنداقلا ھاياتتىكى ھەممە ئىشلىرىمىزدا مانا مۇشۇ خىل تىرىشچانلىققا مۇھتاجمىز…
ئۆز ئارا ياردەم بېرىش ۋە ئۆملۈك چۈمۈلىنىڭ يەنە بىر سۈپىتىدۇر. سىلەر بىر توپ چۈمۈلىنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا بىرسىنىڭ يالغۇز مېڭىۋاتقانلىقىنى ياكى باشقا لىنىيەگە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقتىڭلارمۇ؟ يىگىرمە ياكى ئوتتۇز چۈمۈلىنىڭ بىر نىشاندا بىرلىكتە ماڭغىنىنىلا كۆرەلەيسىلەر…

سۇندۇرۇلماس بىرلەشسە گەر بىر باغلام يا ئوق،

   ئايرىلسا بىرى توپ ئىچىدىن ئۇنىڭغا كۈن يوق.



بۇ ۋەقە پايدىلىنىدىغانغا دەرىس بولالامدىكەن؟! ئىبرەت ئالغۇچىلار بارمۇ؟




بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى: ھەسسان شەمسى پاشا

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسلىمبەگ



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-20 12:54 AM  



مائارىپتا مەغلۇب بولغان مىللەت مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ -مەرىپەت ئوغلى

ۋاقتى: 2015-11-20 10:54:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرخىل مەزمۇنلار بىلەن روھىمىزغا سىڭىپ كىرىۋاتقان دوستلارغا ئېھھتىرام بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتىمىز بار، دەپ قارايمەن، سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن، ئەزىزلەر!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-20 15:12:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-نويابىر ئاتۇش خەۋىرى: (مۇخبىرلىرىمىز ئادىل ئابلەت، گۈلرىز سۈرئەتلەر خەۋەر قىلىدۇ)

11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتى ئۈچۈن تەنتەنىلىك كۈن بولدى. يەنى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى دۇنياغا كەلگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۈستۈن ئاتۇش ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپى ئۆزىنىڭ 130 يىللىق قۇتلۇق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى.

ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپى 1885-يىلى كۈزدە مەرىپەتپەرۋەر بايلاردىن مۇساباي ھاجىمنىڭ تەشەببۇسى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن ھۈسەنباي ۋە باھاۋۇدۇن بايلارنىڭ مەبلەغ ۋە ئوقۇتقۇچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئاساسىدا قۇرۇلغان، دەسلەپتە ھۈسەينىيە مەكتىپى دەپ ئاتالغان، بۇ دەل بۈگۈن تەنتەنىلىك توي خاتىرىسى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ دەسلەپكى ئاساسى. ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپى شۇ دەۋردە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق يېڭى پەن مەدەنىيەت بىلىملىرىنى دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىپ، كونا قالاق مائارىپ تۈزۈلمىسىگە زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن130 يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئىختىساس ئىگىلىرى بۇ مەكتەپتە يېتىشىپ چىققان.

پائالىيەت ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا باشلاندى، 130 يىللىق توي مەرىكىگە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار، ئاتۇشتىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، يىراق يېقىندىن ئاڭلاپ كەلگەن يۇرتداشلار بولۇپ ئون مىڭغا يېقىن كىشى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى، پائالىيەت مەكتەپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن مەكتەپ مۇدىرى مەمەتئىمىن جېلىل مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. مەكتەپنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 66177 كۋادرات مېتىر، 39 ئوقۇتقۇچى، 401 ئوقۇغۇچىسى بار بولغان ئالتە يىللىق تۈزۈمدىكى مۇنتىزىم باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى بويىچە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %100، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %100، مەكتەپنىڭ قوش تىللىق بالىلار باغچىسىدا 156 ئوقۇغۇچى ھەقسىز يەسلى مائارىپىدىن بەھرىمان بولۇۋاتىدۇ.

پائالىيەتتە يەنە مېھمانلار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، ئاتۇشنىڭ جۈملىدىن شىنجاڭ مائارىپىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچ ئۈمىدلىرىنى بىلدۈردى، مېھمانلار ئىچىدە تومرىز مۇسابايۋا مۇسابايوفلارغا ۋەكالىتەن سۆز قىلدى.

پائالىيەت ئىككى يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلدى، پائالىيەتتە ھەرقايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى، دېھقانلار ۋەكىللىرى، پۇتبۇل ئەترىتى، مەشئەل ئەترىتى قاتارلىقلار پاراتتىن ئۆتتى ھەمدە ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇندىلىپ، مەرىكىنىڭ كەيپىياتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مەكتەپداشلار، يۇرتداشلار، مۇسابايوفلار ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپىگە ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن 2012-يىلى تۆت مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 2756 كۋادرات مېتىرلىق ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسى مەكتەپ قورۇسىدا قەد كۆتۈردى، 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ بىر پۇتبول باغچىسى قۇرۇلدى.

1985-يىلى 11-ئايدا ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقى ئىكساقتا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەر ئون يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى مەرىكىدە تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن باشقا يەنە «مەشئەل» ناملىق كىتاب نەشىر قىلدۇرۇلدى.

ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ يەنە بىر تۆھپىسى ئۇيغۇر پۇتبولچىلىق ھەرىكىتىگە ئاساس سېلىپ، بۈگۈنكى كۈندە ئىكساق پۈتۈن جۇڭگوغا «پۇتبول كەنتى» بولۇپ تونۇلدى. 2006-يىلى مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى 4-قانىلىدا «يۈز يىللىق پۇتبول كەنتى-ئىكساق» ئىشلىنىپ، ئىكساق پۇتبولچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى.

مائارىپ-تەربىيەلەنگۈچىلەرنى يۇقىرى ساپاغا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان مەڭگۈلۈك كاتىگورىيە. ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش شىنجاڭنىڭ مائارىپى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاۋاتقان مائارىپچىلار شانلىق تارىختىن پەخىرلىنىش بىلەن بىرگە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ئەلۋەتتە.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-25 21:55:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشىما




              ( مۇخەممەس )




       ئەكبەر جاپپار دەردى




ئەجداد ياققان مەشئەلنى ياقالمىساڭ ياشىما ،
ئىجادىڭدىن تاشقا مىخ قاقالمىساڭ ياشىما ،
بەيگىلەردە تۇلپار بوپ چاپالمىساڭ ياشىما ،
ئەل ئىچىدە « چىن ئەر » دەپ ئاتالمىساڭ ياشىما ،
ۋىجدانىڭنى بۇلغىماي ياشالمىساڭ ياشىما .

ھەر قىسمەتلەر كېلىدۇ ئادەملەرنىڭ بېشىغا ،
ئەر بولساڭ گەر يېشىڭنى قوشقىن ئەلنىڭ يېشىغا ،
پۇرسەت كۈتۈپ ئۆزگىنىڭ توپا سالما ئېشىغا ،
پاك ياشىساڭ بۇلغانماي بارىسەن يار قېشىغا ،
ئىززىتىنى ئۆزۈڭنىڭ تاپالمىساڭ ياشىما .

ياخشىلارنى كۆرەلمەي ھەسەت بىلەن كوسۇلداپ ،
نوقسان ئىزدەپ كۇنۇ - تۇن لالما بولۇپ سوكۇلداپ ،
ئىشقا ئاشسا مەقسىتىڭ خۇشال بولۇپ چېلىپ داپ  ...
سېسىپ ئەلنىڭ ئىچىدە يۈرگىچە سەن مىچىلداپ ،
شۇنچە كەڭرى جاھانغا پاتالمىساڭ ياشىما .

لۆمۈلدىگەك قۇرۇتتەك بىرەر قىردىن ئاشالماي ،
شۈكۈر قىلىپ ھەممىگە قايناپ يا بىر تاشالماي ،
يۈرەكلىك بىر قەدەمنى  چەبدەسكىنە باسالماي ،
توخۇ ئۈچۈن ئاددىسى كاتەكنىمۇ ياسالماي ،
ئۆز كەشىڭنى پۇتۇڭغا ساپالمىساڭ ياشىما .

تىرىكچىلىك ياشاش ئۇ ، تىرىشمىساڭ نانمۇ يوق ،
خىيال قىلىپ ئولتۇرساڭ كەچ كۈزدە بىر دانمۇ يوق ،
روھىڭ سۇلغۇن، رەڭگىڭ ئاق، چىرايىڭدا قانمۇ يوق ،
شۇ سەۋەبدىن ئۈنلۈكرەك توۋلاشقا كۈچ -جانمۇ يوق ،
ئەگەر مۇشكىل داۋاندىن ئاشالمىساڭ ياشىما .

مېھماندۇرسەن كېتىشىڭ ھەق بۇنى بىل ،
بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەت ئارىسىغا سىغماس قىل ،
بەك نومۇسقۇ دىل زەھەر، ھەسەل بولۇش ئاشۇ تىل ،
كۆكسى - قارنىڭ كەڭ بولسا راھەتلىنىپ يايرار دىل ،
بۇ ئالەمدە پۇت سۇنۇپ ياتالمىساڭ ياشىما .

قۇلاقچىلىك ئەمەلگە غادىيىسەن تاياقتەك ،
بوپ كېتىدۇ ھەم ئاغزىڭ ماختىنىپلا يالاقتەك ،
تۆھپەڭ زادى كۆرۈنمەس ئاددىسى بىر ياماقتەك ،
ئېگىلىسەن، ھە دېسە بىراۋلارغا قىياقتەك ،
بىلىم، تەدبىر قەنتىنى چاقالمىساڭ ياشىما .

ساختىپەزلەر بىر مەھەل سەمرىپ كەتتى ، تىقىلدى ،
              ئادەم تۈگۈل لاتىمۇ ساختا بولۇپ توقۇلدى ،
ساختىلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ جانلار چوقۇلدى ،
قارغىش تەگكۇر ساختىغا كۆپ لەنەتلەر ئوقۇلدى ،
ساختىپەزنىڭ مېزىنى تىتالمىساڭ ياشىما .

                       2001 - يىلى 10 - ئاي




   نەسىھەت

( مۇخەممەس )



                ئادەم تولا جاھاندا چىن ئىنساننى تونوپ قوي ،
                تاپقىنىڭدا ئۇلارنى مەڭلىيىگە سۆيۈپ قوي ،
                ئەجداد ماڭغان يولنى تاپ ، ئۇنى كۈندە كۆرۈپ قوي ،
                گەر ئۇچرىسا شۇمبۇيا رەھىم قىلماي يۇلۇپ قوي ،
                پاك قەلىڭنى ئەۋلادقا تامغا  قىلىپ ئويۇپ قوي .
               
                ھايات قىسقا ھەم قىممەت ئۇنى ئەرزان ساتمىغىن ،
                يۈگەن سىلىپشاشلىققا ھەم نىشانسىز چاپمىغىن ،
                قەدىرىگە يەت ياشلىقنى تاۋكالارغا ئاتمىغىن ،
                گۈللەر ئۈنسۇن ئىزىدڭدىن سېسىپ ، پىخسىپ ياتمىغىن ،
                ئۇخلاۋەرمەي غەپلەتتە ، بولدى ئەمدى  تۇرۇپ قوي .

                 ئويون ، مەنسەپ ، نەپنى دەپ كىكەچ قىلما تىلىڭنى ،
                 تاقىۋەتكىن ھارامغا كۆنوپ قالغان گىلىڭنى ،
                 ياشاپ باققىن غورۇرلۇق ئىگىۋەرمەي بىلىڭنى ،
                 بەكمۇ نومۇس ئويلىساڭ يالغۇز بىرلا جىنىڭنى ،
                 ياشاپ سەنمۇ ئادەمدەك مەغرۇرلىنىپ كۈلۈپ قوي .

                 چىلىم چېكىپ ، مەي ئىچىپ ، زەھەرلىمە تېنىڭنى ،  
                  يىگىت بولساڭ كەيىپتىن ئۇزىۋەتكىن قولۇڭنى ،
               قاچقىن نېرى ئۇنىڭدىن ئاسراپ ئېزىزى جىنىڭنى ،
               كەيىپ دېگەن بۇلغايدۇ بىلسەڭ بىلسەڭ شۇ پاك قېنىڭنى ،
               يېنىپ چىققىن قاۋاقتىن تاشلا جامنى قويوپ قوي .

                ئالداپ دائىم يۇقىرنى دوكىلات قىلىپ ساقتىنى ،
                سىرلاپ يېڭى قىلغۇچە ئەسكى كۆتەك تاختىنى ،
                بارنى بار دە يۈرەكلىك ئېچىېىتىپ ياپقۇنى ،
                ھەقىقەتتۇر ئۆلمەيدۇ ، ئەل كەتمىنى چاپقىنى ،
                ئاۋام ئۈچۈن پاك سۇغا سەنمۇ پات - پات چۆمۈپ قوي .

                 ئاتا - ئانا ئىنسانچۈن بىرلا قېتىم بۇنى بىل ،
                 بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەت ئارىسىغا سىغماس قىل ،
                 بىلسەڭ ئۇلار سەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بىر تال گۈل ،
                 گەر ئۇلاردىن ئايرىلساڭ بۇرۇنقىدەك كۈلمەس دىل ،
                 تاشلىۋەتمەي ئۇلارنى پات - پات بىرگە قونۇپ قوي .

                  ئۆز نەپسىڭچۈن ئاۋامنىڭ ياش ئاقتۇرما كۆزىدىن ،
                  چىن ئەر دېگەن يانمايدۇ قىلغان ۋەدە سۆزىدىن ،
                  مېڭىپ قالما ئالدامچى كاززاپلارنىڭ ئىزىدىن ،
                  ئىنسان ئۈچۈن بەك نومۇس ئايرىلىش شۇ يۈزىدىن ،
                  ھالاللىق ئۇ بەك بۈيۈك ، سەن ئۇنىڭغا كۆنۇپ قوي .

                  بىلىم بولسا قورساقتا ئاداشمايسەن يولۇڭدىن ،
                  ئۈزەلەيسەن تېترىمەي شۇ خالىغان گۈلۈڭدىن ،
                  ئورۇن بەرمە ئەر بولساڭ خۇراپاتقا  يېنىڭدىن ،
                  ئۆز يولۇڭنى تىپىپ ماڭ ئايرىلساڭمۇ جىنىڭدىن ،
                   نادانلىقنى ئەمدى سەن يەت تىگىگە كۆمۈپ قوي .

                   پۇل ، ئەمەلنى پەش قىلىپ ھاكاۋۇرلۇق قىلمىغىن ،
                   تەڭ كۆزدە كۆر ھەممىنى ، نىيىتىڭنى خىللىغىن ،
                   ئەل كۈلگەندە تەڭ كۈلۈپ ، يىغلىغاندا يىغلىغىن ،
                   سەن ئۆزۈڭنى نوقسانلار ئارىسىدى  ئىلغىغىن ،
                   غادايغاننى كۆرگەندە بىقىنىغا يونۇپ قوي .





 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-9 18:47:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخشىتىمىز بىز ئۇنى شامغا،
ئۆزى ئەمما ھەممىدىن ئۇلۇغ.
ئۇ بولمىسا داھىي،ئېنژىنىر،
دېگەنلىرىڭ ھەممىسى قۇرۇق.

ئۇ بولغاچقا جاھان گۈللىنەر،
ئۇ  بولمىسا باسار جاھالەت.
ئۇبولغاچقا تۇرمۇش پاراۋان،
ئۇ بولمىسا قاراڭغۇ-زۇلمەت.

ئاتېۋەتكەن پۈتۈن مېھرىنى،
ئالدىدىكى ياش بوغۇنلارغا.
ئۇنتۇمايدۇ مەسئۇلىيتىنى،
ئۇچرىسىمۇ سوغ-جۇدۇنلارغا.

ھەر كۆرگەندە ياش بوغۇنلارنى،
ئۇنتۇلىدۇ جىمىي خاپىلىق.
ياش بوغۇنلار بىلەن سېردىشىش،
بىغىشلايدۇ ئاڭا خۇشاللىق.

جەمىيەتتە ئانچە ئورنى يوق،
تۇرمۇشىمۇ ئەمەس باياشات.
تونۇمايدۇ شۇڭا كۆپ ئادەم،
شۇ تەرېزدە ئۆتىدۇ ھايات.

ئەمما ئۇنىڭ پۇشايمانى يوق،
چۈنكى سۆيەر ئۇشبۇ كەسپىنى.
بۇ كەسىپكە باغلانغاچ رېشتە،
ئويلىمايدۇ ئۇندىن باشقىنى.

ئوي-خىيالى ياش بوغۇنلارغا،
پەن-مەرىپەت ،بېلىم بىلدۈرۈش.
بۇ ئارقىلىق ۋەتەن ،مىللەتنى،
خەق قاتارى قەد كۆتۈرگۈزۈش.

بور-توزاندا ئۆتىدۇ ئۆمرى،
ئەۋلاد ئۈچۈن سوقار يۈرىكى.
روناق تاپسا ۋەتەن ۋەمىللەت،
يوقتۇر باشقا ئارزۇ-تېلىكى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-9 19:27:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەش بارمىقىڭ تەڭ ئەمەس
                ئادەملەردىن رەنجىمە، بەش بارمىقىڭ تەڭ ئەمەس،
ئۆز يولۇڭنى توغرا ماڭ، ئاداشمىساڭ بولدى بەس.

بىخەستىلىك قىلمىغىن، ماغدۇرۇڭ بار چېغىڭدا،
ئارزۇلىرىڭ بولمىسۇن ئەمەلدە يوق خام ھەۋەس.

سەن ماڭغان شۇ چىغىردا ئوغلۇڭ يۈرەر بىر كۈنى،
ئەگرى-بۈگرى، كاتاڭغا ئېيتالامسەن «―دەسسىمەس؟!»

تېرىغىنىڭ گۈلمۇ يا ئازغان، تىكەن، شۇمبۇيا،
پەرزەنتىڭنىڭ پۇتىغا سانچىلمىسۇن، بول پەخەس.

تېرىغاننىڭ ئۆزىنى ئورۇيدىغان جاھان بۇ،
چىنىقمايلا قېرىغان تۇرالايدۇ نەدە دەس؟

سەن ياسىغان داۋانلار غۇلاتمىسۇن بالاڭنى،
بولۇپ قالما ئىشەنچسىز، غۇرۇرى يوق، پۇلپەرەس.

سەن كىرگەن شۇ «تار كوچا» چاقىرماسمۇ قىزىڭنى،
چوغدىل ئېيتار: ―ئىللەتنىڭ قۇيرۇقىنى ئەمدى كەس!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-9 19:27  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش