يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 412|ئىنكاس: 3

تۇردى قۇتلۇق : ئۇيغۇر ماقال تەمسىللىرىدىن تۇرمۇشىمىزغا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-13 02:14:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرىدن تۇرمۇشىمىزغا نەزەر …

تۇردى قۇتلۇق

ھەممىمىزگە ئايان ئۇيغۇر  خەلىق ماقال تەمسىللىرى مەزمۇنىنىڭ چۇڭقۇرلىغى ،تىلىنىڭ ئىخچاملىغى ،تۇرمۇشچىللىقلىغى بىلەن بىزلەرگە بەزەن جەھەتتىن ئىھتىياتچان بۇلۇشنى ئەسكەرتسە،بەزەن جەھەتتىن ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى بارلىغىنى ئارقىغا سۇزماسلىقنى ئەسكەرتىدۇ.بەزەن جەھەتتىن ئۆز يۇرتىنى سۈيىشنى ئەسكەرتىدۇ ، بىر جەھەتتىن پاكىزلىقنى گۈزەللىكنى سۈيىشنىڭ ئىسىل پەزىلەتلىگىنى ئەسكەرتىدۇ  ،قارىماققا شۇنداقلام ئېيتىلغاندەك قىلسىمۇ بىر ماقال تەمسىلنى تەپسىلى چۈشەندىرىپ يازساق بىرەر داستان پۈتىدۇ . . . . . . .
دىمەچىمەنكى ئۇيغۇر ماقال تەمسىللىرى ئاتا بۇۋىللىرىمىز ئۇزاق تارىخلاردىن بۇيان يەكۈنلىگەن ھۈكىمدۇر ، ئۇنى چۈشنىپ ئەمەل قىلساق ھاياتتا ھىچبىر ئارمانسىز ياشايمىز ۋە خاتىرجەم كىتىمىز . . . . . . .   
مەسىلەن ،<< ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم >> دىيىىش ئارقىلىق كىشلەرنىڭ ئۆز ئارا مىھرى مۇھەببەت بىلەن ياشاپ بىر بىرى بىلەن ئىناق ئىتتىپاق ئۈتۈشنىڭ لازىملىغىنى بۇ ھاياتتا ئادەملەر بىر بىرىنىڭ قوللىشىغا ياردىمىگە مۇھتاج بۇلۇپ ياشايدىغانلىغىنى ئەسكەرتىدۇ .
<< ئاتا ئانىنىڭ ئەجرىگە يۈدۈپ ھەرەمگە يەتتە ئاپارسا ئاتا ئانىنىڭ ئەجرى تۈگىمەيدۇ >> دىيىش ئارقىلىق ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئاتا ئانسىنى ھۆرمەت قىلىشىنىڭ لازىملىغىنى ،بالا ئاتا ئانا ئۈچۈن بۇ دۇنيادا بىر ئۈمۈر خىزمەت قىلسىمۇ قەرزىنىڭ تۈگىمەيدىغانلىغىنى، ئەسكەرتىش ئارقىلىق بالىنىڭ ئاتا ئانىغا مەنگۈ ۋاپادار بۇلشىنى ئەسكەرتىدۇ .
<< جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق >> ، << جاپانىڭ كەينى راھەت >> دىيىش ئارقىلىق ھەرقانداق بىر ياخشى كۈنلەرنىڭ ، ھەرقانداق بىر گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ، ھەرقانداق بىر ئارزۇ تىلەكنىڭ ئۆزلىگىدىن كەلمەيدىغانلىقىنى ،ئۆز بەختىنى تىرشىپ تاپمىسا ئاسماندىن توككىنام چۈشمەيدىغانلىغىنى ،پەقەت ئۆزى ئەجىر قىلىپ مەقسەتلەردە جاپا تارتسا تىرىشسا ئەجرىگە ماس راھات پاراغەتتە ياشايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ .
<< ئايرىلغاننى ئېيىق يەپتۇ بۈلۈنگەننى بۈرە >> ،<< يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس >> دىيىش ئارقىلىق ئىتتىپاغلىق ئۆملۈك ھەمكارلىقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىغىنى ئىتتىپاغلىق ئۆملۈك بولمىسا باشقىلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندىغانلىغىنى ، ئىتىپاغلىق ئۆملۈك بولمىسا باشقىلار ئالدىدا باش كۈتىرىپ چىققىلى بولمايدىغانلىغىنى ،ئۆز بېشىمچىلىق شەخسىيەتچىلىك قىلغانلارنىڭ ھامان مەغلۇپ بۇلىدىغانلىغىنى ،پەقەت بۈيۈك بىرلىشىش ئىتتىپاقلىق بولغاندىلام قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوقلىغىنى ئەسكەرتىدۇ .
<< ئاناڭنى داداڭغا بىپەداز كۆرسەتمە >> دىيىش ئارقىلىق پاكىزلىقنىڭ گۈزەللىكنىڭ نەقەدەر مۇھىملىغىنى ،ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئۈزىنى پاكىز تۇتىشى بىلەن كىينىش تارنىشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ ھەر ۋاقىت پاكىزە گۈزەل كۈرنىشكە ئەھمىيەت بىرىشنى تەكىتلەپ ئايال بولغۇچىنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشتا ھەر كۈنى ھەر دائىم يولدىشى ئالدىدا ئۈزىنىڭ گۈزەللىگىنى ساقلاشنىڭ لازىملىغىنى ئەسكەرتىدۇ .دىمەك ئۇيغۇر خەلقىمىز خېلى بۇرۇنلام گۈزەللىك قارشى تۇرغىزىپ بولغان .
<< كىشىنىڭ شەھرىدە سۇلتان بولغىچە ئۈزەڭنىڭ يۇرتىدا ئۇلتام بول >> دىيىش ئارقىلىق ھەرقانداق بىر ئادەمگە ئۈزىنىڭ ئىلى ،ئۈزىنىڭ يۇرتىنىڭ يەنى كىندىك قېنى تۈكۈلگەن يۇرتىنى سۈيىشنىڭ قەدىرلەشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىغىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ،كىشنىڭ يۇرتىدا يەنى يات ئەلدە ھۇقۇق تۇتقاندىن ئۆز يۇرتىڭدا ئىلىڭنىڭ غېمىنى يەيدىغان پۇخرا بولغان ئەۋزەل ،ئۆز ۋەتىننى سۈيۈش ۋە ۋەتەنگە سادىقلىقنىڭ مۇھىملىغىنى بۇرۇنلام تۇنۇپ يەتكەن .
<< ئۆلمەيدىغاندەك ھەركەت قىل ،ھىلى ئۈلىدىغاندەك ئىبادەت قىل >> دىيىش ئارقىلىق بۇ ئالەمگە كەلگەن ئىكەنسەن ئۆز مەخسەت ئارمانلارغا يىتىش ۋە تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن توختاۋسىز ھەركەت قىلىشنىڭ ۋە تىرشىشنىڭ مۇھىملىغىنى پەقەت تىرششى تىرمىشىش ئارقىلىق ئۈزىنىڭ مەقسەتلىرىگە يەتكىلى بۇلىدىغانلىغىنى ئەسكەرتسە يەنە بىر تەرەپتىن ھەر ۋاقىت ھەر دائىم ئاللاھنى ياد ئىتىپ ئاللاھ  يۇلىدا ياخشىلىقلارنى قىلىش ،ياماندىن نېرى تۇرۇش ،يامانلىق قىلماسلىق ، قەلبى گۈزەل بۇلۇش ،باشقىلارنى تەۋەن كۆرمەسلىك ،باشقىلارنى بۇزەك قىلماسلىق ،ھەممە ئادەم بۇ ئالەمگە كەلگەن ئىكەن باراۋەر ، ئىتتىپاق ئۈتۈش ،ئادىل ھەققانى بۇلۇش ۋە ئامال بار ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىشنىڭ ھەر دائىم مۇھىملىغنى ئەسكەرتىپ،ئادىمىيلىكنى ساقلاپ ياششقا تەشەببۇس قىلىدۇ . مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ياششاش مەنتىقىسى ۋە ياشاش يۇلىدۇر .
<< يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس >> دىيىش ئارقىلىق ھەرقانداق بىر ئىش قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ توغرۇلۇق قاتتىق ئويلۇنۇش ،ۋە ئۇ ئىشنىڭ پايدا زىينى ،ئەمىليەتكە ئۇيغۇنمۇ يوق ، خەلىققە پايدىلىقمۇ يوق ، خەلىق ياختۇرامدۇ يوق ؟ ،شەرىئەتكە ئۇيغۇنمۇ يوق ؟،قانۇنغا خىلاپمۇ يوق ؟ ،دىگەندەك جەھەتلەردىن ياخشى ئويلۇنۇپ ،قايتا قايتا ئويلۇنۇپ ئىش قىلىشنىڭ مۇھىملىغىنى ئاللا بۇرۇنلام تۇنۇپ يەتكەن ۋە شانداق قىلىشنىڭ لازىملىغنى ئوتتۇرغا قويغان .
<< يوتقانغا قاراپ پۇت ئۇزات>>  دىيىش ئارقىلىق ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىرەر ئىش قىلىشتا ئۆز ئەملىيتىگە قاراپ ئىش قىلىشنىڭ مۇھىملىغىنى ۋە ئۈزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۈرۈپ ھەرگىز قۇربىتى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق ، ئۈزى قىلالىغىدەك ئىشلارنى قىلىش ،نام ئابروي قوغلىشىپ قەرىزدار بولىدىغان ،ھەسرەتتە قالىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقنىڭ لازىملىغىنى ئاللابۇرۇنلام تۇنۇپ يەتكەن ۋە شۇنداق قىلىشنىڭ لازىملىغىنى ئوتتۇرغا قويغان .
<< ئالىم بولساڭ ئالەم سىنىڭكى >> دىيىش ئارقىلىق ئىلىم ھۈنەر ئىگەللەشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىغىنى تۇنۇپ يەتكەن شۇنداقلام ئىلىم ھۈنەر ئىگەللەپ كامالەتكە يەتسە ئاندىن ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ ئىشقا ئاشىدىغانلىغىنى ، ئىلىم ھۈنەردە كەشپىيات ياراتسا ھەتتا ئالەمنىڭمۇ ئىگىسى بولغىنى بۇلىدىغانلىغىنى ئەسكەرتكەن .شۇنداقلام << ئىلىم يېنىپ تۇرغان چىراق ، ھۈنەر ئېقىپ تۇرغان بۇلاق >> دەپ بىلىم ھۈنەر ئىگەللەشنىڭ مۇھىملىغىنى تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرگەن .
<< تامغان تامچە تاشنى تىشەر >> دىيىش ئارقىلىق ئالەمدە پەقەت ئىرادىلام بولسا نەرسىنىڭ كىچىگى يوق ، ئىشنىڭ كىچىگى يوق ،ئادەمنىڭ ئازلىقى ئۇنىڭ مەغلۇبىيتىىنىڭ ئاساسى ئەمەسلىگىنى ،پەقەت ئۆزلىكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلام ئالەمدە قىلغىلى بولمايدىغان ئىشنىڭ يوقلىغىنى تۇنۇپ يەتكەن ۋە شۇنداق قىلىشنىڭ ئادەمنى غەلبىگە باشلايدىغانلىغىنى ئەسكەرتكەن .
<< ئاتالمىغان ئەردىن ئاتالغان دۆڭ ياخشى >> دىيىش ئارقىلىق ئەر كىشىنىڭ ئۈزىنىڭ ئەرلىك مەجبۇرىيتنى ئادا قىلىشنىڭ لازىملىغى تەكىتلىنىپ ئەرلىك بىرلام تۇرمۇشتا ئائىلىدە ئەرلىكىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە شۇ يۇرتتا ۋە ئۆز ئىلىدە ئەرلەر قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ نام بىلەن كىتىش كىرەكلىگىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئەر بولغۇچىنىڭ ۋاختى كەلگەندە چۇقۇم ئۈزىنىڭ تىگىشلىك مەجبۇرىيتنى ئادا قىلىش كىرەك دەپ ئوتتۇرغا قۇيۇلغان .
<< قەھرى يوق ئەر ئەر ئەمەس >> دىيىش ئارقىلىق ئەر كىشنىڭ غەزەپ نەپرىتى ئېنىق بۇلىشى كىرەكلىگى ،ئەر دىگەن ۋاختى كەلگەندە قەھرىنى قۇيالايدىغان بۇلىشى ئېنىق ئوتتۇرغا قۇيۇلغان .
<< پادىشانىڭ ئەمرى ۋاجىپ >> دىيىش ئارقىلىق پادىشانىڭ بۇيرۇقىنى بىجا كەلتۈرۈپ بىھۇدە جاپا ۋە قايغۇدىن ساقلىنىشنىڭ زۈرۈرلىگخنى ئەسكەرتىپ خاننىڭ بۇيرۇقىنى بىجا كەلتۇرۈشنى ئوتتۇرغا قويغان .
<< تۇيۇقسىز كەلگەن سەلگە ،قىستاپ كەلگەن يەلگە ،قوزغالغان ئەلگە ئامال يوق >> دىيىش ئارقىلىق تۇيۇقسىز سەل (سەلەپ سۇ ) كەلسە ئۇنىڭغا ھىچ ئامال قىلىپ ئۈلگىرگىلى بولماس ،قىستاپ كەلگەن يەلەىمۇ قويۋەتمەي ئامال يوق ،ئەل قوزغالسا ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق دىيلگەن .
يۇقىرىقىلار بىزگە شۇنى چۈشەندىرىپ بىرىدۇكى خەلقىمىز ئۇزاق زامانلاردىن بىرى ئۈزىگە ئىلىم ھۈنەرنى ھەمرا قىلغان مەدىنيەتلىق خەلىق ئىكەنلىگى ئېنىق ،لىكىن ئالەممۇ بۇران چاپقۇندىن مۇستەسنا بولمىغىندەك خەلقىمىزمۇ ئۇنىڭ سىرتىدا قالمىغان .
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك سەن، بۇ ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرىنى بىزگە يېزىپ چۈشەندىرىپ بەرمىسەڭمۇ ئاللابۇرۇن كىتاپقا بېسىلىپ ئەل ئارىسىغا تارالغان يەنە سىنىڭ ۋەز ئېيتىشىڭنىڭ زۈرۈرىيتى يوق دىيشىڭلار مۇمكىن . بەرھەق ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرى ئاتا بۇۋىللىرىمىز ئۆز باشلىرىدىن ئۆتكەن تەجىربە ساۋاقلارغا ئاساسەن ناھاتيىتى ئۇزاق زامانلاردىن بىرى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۈچۈپ ئەل ئارىسىغا تارىلىپ شۇ ئاساستا كىتاپچە بۇلۇپ شەكىللەندى . لىكىن بۇنىڭ ھەقىقى مەنىسىگە يىتىپ شۇ بۇيىنچە ئىش كۈرىدىغانلار بەك ئازمىز ،شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇمكىن قەدەر ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرىنى ئۇقۇپ ۋە شۇ ئاساستا ئاتا بۇۋىللىرىمىزنىڭ بۇ ئىسىل تەجىربىللىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ياشاش بىلەن بىرگە << پەقەت ئىلىم ھۈنەردە شۆھرەت قازانغاندىكى بۈيۈك ئىتتىپاغلىق غالىپ يۇلىغا باشلايدۇ >> ،<< نادان قەۋىمنىڭ ھالى خەتەر >> دىگەن ئىبارىلەرگە ئىتۋار بىلەن قاراپ ھازىرىقى ياخشى ئۇقۇتۇش شارائىتىدىن ياخشى پايدىلنىپ << ئاتا ئانا جاپا تارتساقمۇ باللىرىمىز ئىقتىساسلىقلاردىن بولسۇن >> دىگەن ئىددىيە بىلەن باللىرىمىزنى ئىلىم ھۈنەردە يىتىشتۈرۈپ كەلگۈسىنىڭ ئىز باسارلىرىنى قابىليەتلىك قىلىپ تەربىيەلەپ،ئىلگىرىكى تەجىربىلەردىن ساۋاق ئېلىپ مۇتەسسىپ ئىددىيەلەرگە قەتئى ئۇرۇن بەرمەيلى . چۈنكى ئابدىقادىر داموللامدەك ئىلغار ئىددىيدىكى مەرىپەتپەرلىرىمىز ئەلنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۈتىرىش ئۈچۈن مەكتەپ ئېچىش يۇلىدا شۇ زامانىسىدىكى ھۈكۈمدارلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى بىلەن بۇ دۇنيادىن بالدۇر خوشلاشتى . ھازىر ھۈكىمىتىمىز ئۇقۇتۇش شارائىتلىرىنى شۇنداق ياخشىلاپ بىلىم ئېلىۋال دەۋاتسا ، كىتاپ ماتىرياللار ھەقسىز تارقىتىلىپ تامىقىمۇ بىرلىۋاتسا بۇنداق پۇرسەتنى قەدىرلىمىسەك بۇ بەك ئەخماغلىق بولمامدۇ ؟ ! ! ! ! ! ! ! !
بالىلارنى تەربىيەلەش مەسىلىسىگە باشقا ھىچقانداق ئىددىينى ۋە مەنپەتنى ھەرگىز ئارلاشتۇرىۋېلىشقا قەتئى بولمايدۇ . بالىلارنى بىلىملىك ھۈنەرلىك قىلىپ تەربىيەلەش ئاتا ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتى . بىز بۇ مەسىلىدە كەتكۈزىپ قويساق بالىلارنىڭ كىلىچىگى ۋە كەلگۈسىمىزنىڭ جاۋاپكار جىنايەتچىسى بۇلۇپ قالمامدۇق ؟ ! .... ...
يولداشلار ، قېرىنداشلار ، بۇلۇپمۇ يېزىدىكى قېرىنداشلار كاللىمىزنى قاتتىق سىلكىينى ؟ ! ! ! ! ! ! !
بىز ھازىر قانچە جاپا چەكسەكمۇ كامىننا ۋاقتىدىكى جاپانىڭ نەچچىدىن بىرىنى چەكمەيمىز ، ھەم ھازىرقى ئېتىز ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنىڭ كۈپىنچىسى ماشىنلاشتى بالىلارنى مەكتەپكە بىرىپ ئېتىز ئېرىق ئىشلىرىنى ئۈزىمىز قىلساقمۇ بىز قىلىپ بۇلالمىغۇدەك ئىش يوق .
شۇڭا بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلار بۇلۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار ھەرقانداق مەنپەت ۋە ئىددىينى بالىلارنىڭ مائارىپىدىن ئايرىپ تاشلاپ كەلگۈسىمىزنىڭ ئىگىللىرىنى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ياخشىليالايدىغان ئىقتىساسلىق ئىز باسارلاردىن قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئاخىرىقى نەپسىمىزگىچە تىرشايلى ! ! ! ! ! ! ! .
بىزدە پەقەت تەن سالامەتلام بۇلىدىكەن بالىلارنى ئۇقۇتايلى ! ! ! ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە كۈڭىل بۆلگەنلىك ئۈزىمىزنىڭ ئەتىسىگە كۈڭىل بۆلگەنلىك ، ئۈزىمىزنىڭ تۇرمىشىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغانلىق بولۇدۇ . . . . . . .
قېرىندىشىم . . . . . . . سىز قانداق ئويلاۋاتىسىز ؟ ! ! ! سىز قانداق قىلماقچى ؟ ! ! ! ! ! ! !
پېقىرنىڭ گۈدەگلىك قىلىپ قىلغان سۆزلىرىمنىڭ ئارتۇق كەتكەن تەرەپلىرى بولسا تەنقىدى پىكىرلەرنى بىرىشىنى ئۈتىنىمەن . . . . . . .

2014- يىل 4- نۇيابىر

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-13 12:36:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك توغرا تەكلىپ-پىكىرلەرنى بىرىپسىز،چنكى:

تىل كۆركى -سۆز،يۈز كۆركى-كۆز.
ئەر كۆركى-ساقال،سۆز كۆركى-ماقال.

ۋاقتى: 2015-11-13 12:40:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا گەپنى قويۇپ تۇرۇپ، ماۋزۇدىكى ماۋۇ « ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرىدن تۇرمۇشىمىزغا نەزەر …» دىكى « ماقال-تەمسىللىرى »، « خەلق »...دېگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسىدىكى مەسىلىنى توغرىلاڭ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-13 15:02:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياردەم تەكلىپ بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت. توردىكى چىقىپ بولغان مەزمۇننى قانداق ئۆزگەرتىشنى بىلمەيدىكەنمەن، ياردىمىڭىزگە مۇھتاجمەن.ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز. سىزگە كۆپ رەھمەت .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش