كۆرۈش: 2465|ئىنكاس: 0

ﺯﻭﺭﺩﯗﻥ ﺳﺎﺑﯩﺮ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
QQ截图20120616170054.jpg




      زوردۇن سابىر 1937- يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ بايتوقاي يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى ساۋاتىنى ئۆز يېزىسىدا چىقىرىپ، كېيىن شەھەرگە كىرىپ ئوقۇغان. 1957-يىلى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىنىنى پۈتكۈزۈپ ، «ئىلى گېزىتى»ئىدارىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان؛ 1958-يىلى لەنجۇغا بېرىپ، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتوتىدا بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغان.؛ 1964-يىلى غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1979-يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتىدا ئىشلىگەن. 1981-يىلىدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان. 1989-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغان. 1998- يىلى قازا قىلغان.

زوردۇن سابىر زامانداشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئەسەر يازغان، يۇقۇرى ئۇتۇق قازانغان داڭلىق يازغۇچى.
زوردۇن سابىر ئەدەبىيات ساھەسىگە 1961-يىلىدىن باشلاپ كىرىپ كەلگەن. 1980-يىللاردا «قەرزدار»، «قوبۇلخانىدا»، «قوشنىلار»، «جىگدىلەر پىچىرلايدۇ»، «ئېھ، توپىلىق يول»، «ئۇنتۇمايمەن، گۈلسارە»، «دولان ياشلىرى» قاتارلىق ھېكايىلەرنى؛ « سۈبھى»، «خەيىرلىك ئىش»، ئارچا ياپرىقى» قاتارلىق پوۋېتسلارنى؛ «ئابرال شاماللىرى»، «ئىزدىنىش»،« ئانا» قاتارلىق رومانلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان پروزىچىلىقىنى يېڭىچە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشتا ۋە ئۇنىڭ تەرەقىياتىدا زور رول ئوينىغان. ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ياۋروپانى ساياھەت قىلغاندىن كېيىن يازغان «ياۋروپاغا سەپەر»، «ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا»ناملىق ئەدەبىي خاتىرىلىرى ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا زور قىزىقىش قوزغىغان. شۇنىڭ تەسىرىدە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «ساياھەت ئەدەبىياتى» رەسمىي شەكىللىنىشكە باشلىغان.
   زوردۇن سابىرنىڭ نەشىر قىلىنغان ھېكايە-پوۋېست توپلاملىرى ئون نەچچە پارچىدىن ئاشىدۇ. رومانى تۆت پارچە بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ تەسىرى ناھايىتى زور. بۇ روماننى زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر رومان دەپ ئېيتىشقا ، شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقى ساھەسىدىكى ئەڭ نادىر نامايەندە دەپ تونۇشقا بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 14:21  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش