«ئىلىم-پەن» ئۇخلاتمايدۇ
تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە (بىلگەجان)
ئالاھەزەل 12 يىل بۇرۇنقى 11-ئاينىڭ قار ياغقان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن مەكتەپ ھويلىسىدا بىر توپ ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچىلار تاڭ يورۇماستا ئۆزئارا بەسلىشىپ بىر نىشانغا قاراپ تېز-تېز قەدەم ئالاتتى. ئۇلارنىڭ سوغۇققا قارىماي تاڭ سەھەردە ئالدىراش بولۇپ كېتىشىدە پەقەت بىرلا سەۋەب بار ئىدى ، ئۇ بولسىمۇ شۇ كۈنى ئەتىگەندە يوغان زالدا ئۆتۈلىدىغان ئالىي ماتېماتىكا دەرسىدە ئالدىنقى رەتتىكى ئورۇنغا ئىگە بولۇش. ئەنە شۇ مەن بىلەن ئورۇن تالىشىدىغان ئالدىراش قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە سېرىق چاچلىق ساۋاقدىشىم گۈلمىرەمۇ بار ئىدى. ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەنلا گۈلدۈرلەپ يۈگۈرۈشۈپ يوغان زالغا كىرەتتۇق-دە، قولىمىزدىكى دەپتەرلەرنى تۇنجى رەتتىكى ئورۇنلارغا ئۇچۇرتۇپ ئاتاتتۇق. ئانا مەكتىپىمنىڭ قايناق ئۆگىنىش كەيپىياتىغا تولغان شۇ مەنزىرىسىنى كۆرۈش نېسىپ بولمىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۇنچە كۆپ مۇنەۋۋەر بىلىم ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىنىڭ ھەقىقىي تېگىگە يېتەلمىگەن بولاتتىم. ئىشىنىمەنكى، بىز ئانا مەكتەپتە تىرىشچانلىقنىڭ ئىزنالىرىنى قالدۇرغانلارنىڭ تۇنجىسى ئەمەس ئىدۇق، ئاخىرقىسىمۇ ھەم ئەمەسمىز.
يىللار ئۆتۈپ يەنە بىر 11-ئاي كەلگەندە، ئۆز ۋاقتىدا مەن بىلەن بىللە بىيولوگىيە فاكۇلتىتىمىزدا «يامان ئىككى سېرىق» دېگەن نامغا ئېرىشكەن ساۋاقدىشىم گۈلمىرەنىڭ گېرمانىيەدىن كەلگەن خۇش خەۋىرى مېنى ئالەمچە شاتلاندۇردى. ساۋاقدىشىمنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ دۇنيادىكى ئەڭ زور ئابرۇيغا ئىگە ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ بىرى بولغان «ئىلىم-پەن» (Science) ژۇرنىلىدا تۇنجى ئاپتورلۇقتا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىلمىي بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىق خەۋىرى قەلبىمنى لەرزىگە سالدى ۋە مېنى چەكسىز پەخىرلەندۈردى. ئۈندىداردا بىر قۇر ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، ھەپتە ئاخىرىنىڭ تېزراق يېتىپ كېلىشىنى ساقلاپ تۈنۈگۈن سەھەردە ئاخىرى گۈلمىرە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ ئۇنى يەنە بىر مۇبارەكلىدىم ۋە ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئۈستىدە ناھايىتى قىزغىن پىكىر ئالماشتۇردۇم. مەلۇم بولدىكى، ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق بايقىشى بىز كىتابلاردا ئوقۇيدىغان داڭلىق ئالىملارنىڭ زور بايقاشلىرىنىڭ ۋۇجۇقا كېلىش جەريانىغا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. بىر دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىنىڭ «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا تۇنجى ئاپتورلۇقتا ماقالە ئېلان قىلىشى تېخى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش بولۇپ، بۇ دەۋرىمىزدىكى يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىللە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا، «ئورۇن تالىشىش جېڭى» گە قاتنىشىدىغان ساۋاقداشلار تەبىئىيلا چىقىشىپ كەتتۇق ۋە كېيىنچە بىر-بىرىمىزگە ئورۇن ئېلىپ قويىدىغان بولدۇق. گۈلمىرە دەرسلەردە تىرىشچان بولغاندىن باشقا، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگىمۇ ناھايىتى ئاكتىپ قاتنىشىدىغان خۇشخۇي قىز ئىدى. بىر قېتىم مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن فاكۇلتېتىمىز ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر تاتارچە ئۇسۇل ئىشلىدىم ۋە ئورۇنلاشقا ئادەم تاپالماي تازا قېينالغىنىمدا گۈلمىرە قاتارلىق سىنىپداشلىرىم ئاكتىپلىق بىلەن سەپكە قوشۇلغان ئىدى. مەن ئۇلارغا ئۇسۇل ئۆگەتتىم، ئۇلار ماڭا دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگەتتى. ئاخىرىدا بىز مەكتەپ بويىچە ئۇتۇپ چىقتۇق ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ۋەكىل بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق كۆرەكلەرگە قاتناشقان ئىدۇق. گۈلمىرە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپلا ئۆزىگە ناھايىتى ئىشىنىدىغان خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئۆزى قىلىشنى ئويلايدىغان ئىشلاردىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەيتتى. ئۇنىڭ بۇ خىل خاراكتېرى ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كېلىشىدە ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن. 2006-يىلى تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، گۈلمىرە گېرمانىيە مائارىپىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكى ۋە ئوقۇش پۇرسەتلىرىنىڭ كۆپلىكىنى بىلىپ ئۆزى قىزىققان مىكروبىيولوگىيە كەسپىدە گېرمانىيەگە بېرىپ يۇقىرىلاپ ئوقۇشنى نىشانلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شاڭخەي توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ بىر يىل نېمىس تىلى ئۆگەنگەندىن كېيىن، چەتئەللىكلەردىن ئېلىنىدىغان نېمىس تىلى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دەرھال گېرمانىيە مەكتەپلىرىنى ئۇقۇشۇشقا باشلايدۇ.
گېرمانىيە مەكتەپلىرىدە دىپلوما (Diploma) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل مائارىپ شەكلى بار بولۇپ، دىپلوما ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەر باشقا دۆلەتلەردىكى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىنىدىكەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ خۇددى تولۇق كۇرس بىلەن ماگىستىرلىقنىڭ بىرلەشمىسىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىپ 2008-يىلى 3-ئايدا گېرمانىيەگە بېرىپ يېنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل كۇرسىغا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. ئەمما بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ نېمىس تىلى ئىمتىھانىدىكى نەتىجىسى چىقىدۇ ۋە ناھايىتى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكتىن مەكتەپ ئۇنىڭ تىل تەييارلىق ئوقۇشىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ ۋە مىكرو بىيولوگىيە كەسپىنىڭ دىپلوما ئوقۇشىغا 2-باسقۇچتىن باشلاپ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىدۇ (چۈنكى جۇڭگودا تولۇق كۇرستا نۇرغۇن دەرسلەرنى ئەلا نەتىجىدە ئوقۇپ بولغان). گۈلمىرە ئەزەلدىن ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى خېمىيىسى ۋە ئۆسۈملۈك پاتالوگىيىسى (كېسەل كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن)گە زور ئىشتىياقى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىككى كەسىپنىمۇ قوشۇپ ئۆگەنمەكچى بولىدۇ. ئەمما بۇ كەسىپلەردە 10-ئايدا ئاندىن ئوقۇش باشلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن گۈلمىرە يېرىم يىل ساقلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. گەرچە گېرمانىيە ئۇنىۋېرستېتلىرىدا ئوقۇش ھەققى ئېلىنمىسىمۇ، تۇرمۇش چىقىمى ناھايىتى قىممەت بولغاچقا، ئۇ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشقا ئىرادە باغلاپ ئۇنىۋېرستېت تەجىرىبخانىلىرىدا ۋاقىتلىق تەتقىقات ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلەش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ جاپالىق ئىشلەش بەدىلىگە نۇرغۇن تەجرىبە ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىۋالىدۇ ھەمدە 2008-يىلى 10-ئايدا ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا تەجىرىبخانا ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
«دەرستىن چۈشۈپ ساۋاقداشلىرىم ئۆيگە قايتقاندا، مەن ئۆيگە ئەمەس، تەجىرىبىخانىغا ئالدىرايتتىم» دەيدۇ گۈلمىرە.
«تەجرىبىلىرىم تۈگىمىگەچ نۇرغۇن ۋاقىتلاردا يېرىم كېچىدىن ئاشقۇچە تەجىرىبىخانىدا بولاتتىم ھەم تۇنجى مەۋسۇم دەرس تەييارلاشقا ۋاقتىم كۆپ بولمىغاچقا دەرسلەردە كېيىن قالدىم. بەزىدە ئۆزۈمنى دۆتتەك سېزەتتىم، شۇنداقتىمۇ بەل قويۇۋەتمەي كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ باقتىم.»
شۇنداق قىلىپ، مەيلى نېمىس تىلى ئانا تىلى ئەمەسكەن، ياكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىكەن دەپ ھېچقانداق ئېتىبار بېرىلمەيدىغان گېرمانىيە مائارىپى گۈلمىرەنى تاۋلاپ چىقىدۇ. ياخشى يېرى ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي ھەممە دەرسلەردە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ ۋە شۇ فاكۇلتېت بويىچە 3-ئورۇندا مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ. گۈلمىرە غۇلجىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇيدۇ. گېرمانىيەدە يەنە بىر يېڭى تىل - نېمىس تىلىدا ئوقۇپ، يەنىلا ئەلا نەتىجە بىلەن گېرمانىيەنىڭ دىپلوما ئوقۇشىنى تاماملىشى چەتئەللەردە مۇنەۋۋەر ئوقۇپ پۈتتۈرگەن بارلىق ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرىغا ئوخشاش ھەممە كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ. ئۇنىڭ ئەلا دەرس نەتىجىلىرىگە تەجىرىبىخانىدا ئىشلەش تەجرىبىسى قوشۇلۇپ، 2012-يىلى 6-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، گۈلمىرە شۇ ئۇنىۋېرستېتنىڭ بىيو-مولىكۇلا خىمىيەسى فاكۇلتېتىدىكى داڭلىق پىروفېسسور ھېرۋېكنىڭ تەجرىبىخانىسىدا دوكتورلۇق ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ ھازىر دوكتورلۇق ئوقۇشىنىڭ 3-يىلىنى تاماملاپ 4-يىلىغا قەدەم قويغان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«دوكتورلۇق ئوقۇشىدا گېرمانىيەدە دەرس ئوقۇش تەلەپ قىلىنمىغان بىلەن، دەرس ئۆتۈشكە ياردەملىشىش تەلەپ قىلىنىدىكەن. مېنىڭ بويۇم پاكار، جۇغۇم كىچىكرەك بولغاچ تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچىلارغا دەرس تەكرارلاپ بېرىشكە سىنىپقا كىرسەم، ئۇلار مېنى ئانچە كۆزگە ئىلمىدى، ئەمما بىر نەچچىسىدىن بىر قانچە قېيىن سوئال سورىۋىدىم، دەرھال ئۆزىنى بىلىپ جىم بولۇشتى.»
شۇنداق، كىشىلەر بەزىدە سىزنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىڭىزگە قاراپ بىپەرۋا مۇئامىلىدە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سىزنىڭ ئۇلاردىن كۆپ بىلىملىك ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلغىنىدا تەبىئىيلا سىزگە ھۆرمەت بىلدۈرمەي قالمايدۇ. گېرمانىيەدە دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا تەتقىقات دوكلاتلىرى ۋە كەسىپداشلار ئارىسىدىكى ئالاقىلەر ئىنگلىز تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، گۈلمىرە ئۆتكەن 3-4 يىلدا ئىنگلىز تىلىدىمۇ زور دەرىجىدە ئىلگىرىلەيدۇ. گۈلمىرەمۇ بارلىق دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش تەتقىقات تېمىسىنى تاللاشتا كۆپ قېينىلىققا دۇچ كېلىدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇ يۈكسەك يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بىر قالتىس ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن تەتقىقات تەجرىبىلىرى ھەتتا ئۇنىڭ پىروفېسسورىنىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ ۋە قايىل قىلىدۇ.
«ماڭا ئەسلىدە ئىككى خىل باكتېرىيەنىڭ ئېلان قىلىنغان گېن مەلۇماتلىرى ئاساسىدا، يېڭى بىر تەتقىقات تۈرى تېپىپ چىقىش ۋەزىپىسى بېرىلگەن ئىدى. ئەمما مەن بۇ ئىككى باكتېرىيەنىڭ بىرەر ئالاھىدە خۇسۇسىيىتىنى ياكى ئۇلارنىڭ بىرەر ئالاھىدە گېنلىرىنى بايقىمىغاچ، ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئۆسۈملۈكتە كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قانداق باكتېرىيەلەر باردۇ دەپ قىزىقسىنىپ ئۇچۇر ئاختۇرۇش جەريانىدا Clostridium puniceum دەپ ئاتىلىدىغان بىر باكتېرىيەگە دىققەت قىلىپ قالدىم. بۇ خىل باكتېرىيەنىڭ بەرەڭگە (ياڭيۇ) نى يۇقۇملاندۇرۇپ كېسەل پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە 1981-يىلى يېزىلغان بىر قىسقا ئىلمىي ماقالىدىن باشقا ئاساسەن ھېچقانداق ئۇچۇر يوقكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن مەخپىي ھالدا شۇ خىل باكتېرىيەنى ۋە كېرەكلىك دورىلارنى بۇيرۇتۇپ بۇ باكتېرىيەنىڭ زادى قانداق باكتېرىيە ئىكەنلىكىنى سىناق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتىم.»
ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ مانا بۇ «قاپيۈرەك» ئوقۇغۇچى ئۇستازىدىن ئوغرىلىقچە تەجرىبە ئىشلەپ، بىر زور بايقاشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بىۋاسىتە سەۋەب بولىدۇ. ئۇ بۇ «مەخپىي ۋەزىپە»نى ئورۇنداش ئۈچۈن، بەزى كېچىلىرى تەجىرىبىخانىدا تۈنەيدۇ. تەلىيىگە يارىشا، گۈلمىرە بۇ خىل باكتېرىيە ئارقىلىق بەرەڭگىنى يۇقۇملاندۇرغاندا بىر خىل ئاچ قىزىل رەڭلىك توكسىن (زەھەرلىك ماددا) ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ ۋە بۇ ماددىنىڭ خىمىيەلىك تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. يەنە بىر قىزىق يېرى، گۈلمىرە پەقەت ئوكسىگېنسىز شارائىتتىلا ھايات قالىدۇ دەپ قارالغان بۇ باكتېرىيەنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوكسېگېنلىق شارائىتتىمۇ ئۆسەلەيدىغانلىقى ۋە بەرەڭگىنى يۇقۇملاندۇرغاندا تېخىمۇ قېنىق رەڭلىك توكسىن بەلبېغى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ بۇ قىزىقارلىق بايقىشىنى يېتەكچى ئۇستازىغا ئېيتىدۇ. ئۆزى ئەزەلدىن تەتقىق قىلىپ باقمىغان بىر باكتېرىيە ئۈستىدىكى بۇ يېڭى بايقاشلاردىن ھاياجانلانغان ئۇستازى گۈلمىرەگە كۈچلۈك ئىلھام بېرىدۇ ۋە بۇ تەتقىقاتنىڭ قىممىتىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنى جىددىي ھالدا بۇ باكتېرىيە ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ «ئوغرىلىقچە باشباشتاقلىق قىلىش» تىن باشلانغان ۋەزىپىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ئىنتايىن يېڭى، زور بايقاشلار ۋە دۇنياغا داڭلىق «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىش بىلەن تۈگەللىنىدۇ. 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى گۈلمىرە تۇنجى ئاپتورلۇقتا ئېلان قىلغان بۇ ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى تۆۋەندىكىدەك چۈشىنىشكە بولىدۇ:
ئالدى بىلەن، گۈلمىرە ۋە ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسىدىكىلەر Clostridium puniceum باكتېرىيەسىنىڭ ئوكسىگېنسىز باكتېرىيە تۈرىگە خاتا ئايرىلغانلىقىنى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىققاندىن باشقا، مۇھىمى بۇ باكتېرىيەنىڭ يۇقۇملاندۇرۇش كۈچى ۋە ھايات قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان بىر خىل clostrubin دەپ ئاتىلىدىغان ئانتىبىيوتىك ماددىنىڭ ئىنسانلاردا كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان MRSA ۋە VRE دەپ ئاتىلىدىغان باكتېرىيەلەرنىمۇ ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ خىل ئانتىبىيوتىك ماددا بەرەڭگە ئىچىدىكى باشقا باكتېرىيەلەرنى (دۈشمەننى) ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق، مىكرو مۇھىتتىكى ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن ئۆزى يالغۇز تولۇق پايدىلىنىپ ھايات قالىدۇ ۋە كۆپىيىدۇ. ئۇلار تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ بۇ باكتېرىيەنىڭ بەرەڭگىدىن باشقا سەۋزە، تاتلىق بەرەڭگە قاتارلىق باشقا بىر قانچە مۇھىم ئاشلىق ھېسابلىنىدىغان زىرائەتلەرنىمۇ يۇقۇملاندۇرىدىغانلىقىنى ۋە گېنتىكىلىق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ كېسەل پەيدا قىلىش مېخانىزمنى ئۈجۈر-بۇجۇرىگىچە ئىنچىكىلەپ ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. شۇنداقلا، Clostrubin سېنتىزلىگۈچى ئېنىزىمىنىڭ گېن تەرتىپلىرىنى تۇنجى قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇپ چىقىپ، بۇ باكتېرىيەنىڭ شۇ خىل ئېنىزىمنى نىشان قىلىپ تۇرۇپ دورا ياساش ئارقىلىق ئىنسانلارنى يۇقۇملاندۇرىدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈمگە ئېرىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇ تەتقىقاتنى خۇلاسىلەيدۇ.
ئامېرىكىدىن چىقىدىغان «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردىن بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ «تەبىئەت» ژۇرنىلى ۋە ئامېرىكىنىڭ «ھۈجەيرە» ژۇرنىلى بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى ئۈچ ئەڭ داڭلىق ژۇرنال دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل يۇقىرى تەسىر كۆرسەتكۈچىگە ئىگە نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىش دۇنيادىكى بارلىق ئالىملارنىڭ ئورتاق نىشانى ۋە ئارزۇسى دېسىمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ، ئەمما پەقەت ناھايىتى ئاز نىسبەتتىكى ئالىملارلا بۇ خىل ژۇرناللاردا گۈلمىرەگە ئوخشاش تۇنجى ئاپتورلۇقتا ماقالە ئېلان قىلىش شەرىپىگە ئېرىشەلەيدۇ.
بۇ ھەقتە ئامېرىكا يۇتاھ ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور رەيھان بەكتۇر مۇنداق دەيدۇ:
«بىراۋنىڭ ئېرىشكەن ئىلمىي نەتىجىسىنىڭ مۇھىملىقى ۋە يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى باھالاشتا، ئىلىم-پەن ۋە ئىنژېنېرلىق ساھەلىرىدە بىر نەچچە خىل ئۇسۇل بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىدىن ئۆتىدىغان ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ سۈپىتىدۇر. "مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىدىن ئۆتىدىغان» دېگەنلىك بىر ئىلمىي ئەمگەكنىڭ ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن شۇ ساھەدىكى كەسىپداش ئالىملارنىڭ باھالىشىدىن ئۆتۈپ ئاندىن ئېلان قىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ساھەلەردە پەقەت مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ماقالە ئېلان قىلغان كىشىلەرلا ئالىم ياكى ئالىم بولۇش يولىدىكى كىشى دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ بىر نومۇر كۆرسەتكۈچى بولۇپ، بۇ نومۇرنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى شۇ ژۇرنالنىڭ شۇ كەسىپ ساھەسىدە مۇھىملىق دەرىجىسىنى بېكىتىشتە ئۆلچەم قىلىنىدۇ. «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇرى كۆرسەتكۈچكە ئىگە ژۇرنالنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنداق داڭلىق ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلىشتا ئۆلچەم ئىنتايىن قاتتىق بولىدۇ. ئالدى بىلەن ماقالە تاپشۇرۋېلىنغاندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىغا تاپشۇرۇلماي تۇرۇپ، ماقالىلەر ئاۋۋال تەھرىرنىڭ دەسلەپكى باھالىشىدىن ئۆتۈشى كېرەك. نۇرغۇن ماقالىلەر بۇ باسقۇچتىن ئۆتەلمەيلا رەت قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىنىڭ ئوقۇرى ئەڭ ئېگىز دېيىشكە بولىدۇ. بۇ باسقۇچتىن ئۆتكەندىن كېيىن، تەھرىر ئاندىن ماقالىنى 3 ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ مۇتەخەسسىس-ئالىملارنىڭ باھالىشىغا تاپشۇرىدۇ. بۇنداق داڭلىق ژۇرناللارنىڭ باھالىغۇچى مۇتەخەسىسلىرىمۇ تەبىئىيلا دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىملاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ھەر بىر ئالىم ئۆز باھاسىنى بەرگەندىن كېيىن بىر دوكلات يازىدىغان بولۇپ، ئادەتتە نۇرغۇن سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە ماقالىنىڭ سۈپىتىگە ئاساسەن ياكى رەت قىلىشنى قارار قىلىدۇ ۋە ياكى ماقالىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. تەھرىر بارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھاسىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ماقالىنى رەت قىلىش ياكى تۈزەتكۈزۈش ھەققىدە قارار چىقىرىدۇ. بۇ باسقۇچتا رەت قىلمىغان تەقدىردىمۇ، داڭلىق ژۇرناللار ئادەتتە ماقالىنى كەمىدە بىرەر قېتىم ئاپتورلارنىڭ تۈزىتىشىگە ئەۋەتىپ، بارلىق سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىلگۈچە ئېلان قىلمايدۇ. «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىغا ئوخشاش ژۇرناللار، ھەتتا ئەتراپلىق تۈزىتىلگەندىن كېيىنمۇ، ئەگەر يېتەرلىك دەرىجىدە يېڭىلىققا ئىگە دەپ قارىمىغان ماقالىلەرنى يەنىلا رەت قىلىشى مۇمكىن. دېمەك، «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىش ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ئىش بولۇپ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نۇرغۇن ئالىملار مۇشۇ ژۇرنالدا ئەڭ مۇھىم بايقاشلىرىنى ئېلان قىلغان.»
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئىلىم-پەن»، «تەبىئەت» قاتارلىق داڭلىق ژۇرناللاردا ئىلگىرى بىر قىسىم كىشىلەر ماقالە ئېلان قىلىپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ھېچكىم تۇنجى ئاپتورلۇقتا بۇنداق داڭلىق ژۇرناللاردا تېخى ماقالە ئېلان قىلىپ باقمىغان بولۇپ، گۈلمىرە قولغا كەلتۈرگەن بۇ نەتىجە ھەقىقەتەن قالتىس چوڭ نەتىجە، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، «ئىلىم-پەن» دە ماقالە ئېلان قىلىشنىڭ ئۆزى بىر مۇكاپات بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى نۇرغۇن مۇكاپاتلاردىنمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن. گۈلمىرەنىڭ تېخى ئەمدىلا 30 ياشتىن ھالقىغان ياش ئىكەنلىكى ۋە تېخى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى پۈتتۈرمىگەن ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالغاندا بۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئىش. تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىدىغان ئىلمىي ماقالىلەر ئادەتتە كەمدىن-كەم پەقەت بىر كىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، ئاپتورلارنىڭ ماقالىدىكى رەت تەرتىپى ئۇلارنىڭ قوشقان تۆھپىسىگە باغلىق بولۇپ، تۇنجى ئاپتور ۋە ئاخىرقى ئاپتورلارنى ماقالىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇ سەۋەب ئاكادېمىيە (ئۇنىۋېرستېت بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەن سۆز) ساھەسىدىكى بىر قىسىم باھالاشلاردا ئوتتۇرا ئاپتورلۇقتىكى ماقالىلەر كۆپ نەزەرگە ئېلىنمايدۇ. بۇ ھەقتە دوكتور رەيھان بەكتۇر مۇنداق دەيدۇ:
«ئادەتتە، كۆپ ئاپتورلۇق ماقالىلەردىكى ئەڭ مۇھىم كىشى ماقالىنىڭ تۇنجى ئاپتورىدۇر. تۇنجى ئاپتور ماقالىدىكى يېڭىلىقنى تاپقۇچى ۋە ماقالىنى يېزىشقا ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۆپىنچە، ماقالىنىڭ تۇنجى ئاپتورى بىر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى، بىر تەتقىقاتچى ياكى پوستدوكتور بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، تەتقىقات مەبلىغى ۋە يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۇستاز ياكى ئاساسلىق ئالىم ماقالىنىڭ ئاخىرقى ئاپتورى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ماقالىنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى ئاپتورى ئىلمىي ماقالىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىككى كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرىدىكى ئاپتورلار بولسا تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ شۇ تەتقىقاتقا مەلۇم ھەسسە قوشقان ياردەمچىلىرى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، قىسمەن بۇنىڭغا چۈشمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇشى مۇمكىن، لېكىن تۇنجى ئاپتورنىڭ بولغۇچىنىڭ ئەڭ مۇھىم كىشى ئىكەنلىكى ئىلىم-پەن دۇنياسىدا ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان.»
گۈلمىرەنىڭ بۇ نەتىجىسى ئالدىنقى 2-3 كۈندىن بۇيان خەۋەر سۈپىتىدە ئۇيغۇر تور ۋە ئۈندىدار قاتارلىق ۋاسىتىلەردە كەڭ تارالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قانچىلىك زور ئىش ئىكەنلىكىنى بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر تولۇق ھېس قىلىپ بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن. يۇقىرىقى بايانلار بىزگە بۇ نەتىجىنىڭ قانچىلىك بەدەل بىلەن كېلىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىسىمۇ، ھەر ھالدا بەزى چۈشەنچىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، دەپ ئويلايمەن.
كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، گۈلمىرە تەبىئىي پەن ساھەسىدە ئۇيغۇرلارغا يېڭى ئۈلگە تىكلەپ بەردى ۋە ئۇنىڭ بۇ زور نەتىجىسى كۆڭلىگە ئۇلۇغۋار ئارزۇلارنى پۈككەن ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۈچۈن غايەت زور مەدەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ. ئۇنىڭ شۇنچە ياش تۇرۇپ دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدە بۇ قەدەر زور نەتىجىگە ئېرىشىشى ھەرگىز ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس. ئۆزى قىزىققان كەسىپتە دۇنيا ئىلىم-پېنىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ئىلمىي ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلغۇچە، گۈلمىرە ياشلىق باھارىنى ئىلىم-پەنگە بېغىشلىدى ۋە بۇ يولدا ساناقسىز كۈنلەر ۋە ئۇيقۇسىز تۈنلەرنى تەجرىبىخانىلار ۋە كۇتۇپخانىلاردا ئۆتكۈزدى. ئۇنچىلىك داڭلىق ژۇرنالدا، نورمال نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىش ئۈچۈنمۇ قانچىلىك زور ئەجىر كېتىدىغانلىقى ماڭا ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قېرىنداشلارغا ئايان. ئۇ ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار كىچىك ئەمەس ئىدى، ئەمما ئۇ غەيرەت-شىجائىتى بىلەن بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى ۋە شۇنىڭغا يارىشا دۇنيادىكى ھەر قانداق ئالىمنى قايىل قىلغۇدەك قالتىس نەتىجە ياراتتى.
ساۋاقدىشىم، كەسىپدىشىم گۈلمىرە بىلەن گەرچە ئۇزۇندىن بۇيان ئۈندىدار ۋە ئېلخەتلەر ئارقىلىق كۆرۈشۈپ تۇرغان بولساقمۇ، ئەمما ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلى يىللاردىن بىرى ئۇزۇنراق سۆزلىشىش پۇرسىتى بولماي كەلگەن ئىدى. گۈلمىرە بىلەن گېرمانىيە ۋاقتى يەكشەنبە ئەتىگەندە كۆرۈشەرمەن دېگەن ئىدىم، ئەمما مۇمكىن بولماي قالدى چۈنكى ئۇ ئالدىنقى كېچىسى سەھەر سائەت بەشكىچە تەجرىبىخانىدا ئىشلىگەن ئىكەن. ئۇ «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىش ئۈچۈن تالاي كېچىلەر ئۇخلىماي تەجرىبە ئىشلىگەن بولسا، ئەمدىلىكتە «ئىلىم-پەن»ئۇنى يەنىلا ئۇخلاتمىغان ئىدى. ئاخىرى يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن ئۇ ئازراق ئۇخلاپ ئويغىنىپ يەنە تەجرىبخانىغا بېرىپ قايتىپ كەلگەندە، ئامېرىكىدا يەكشەنبە ئەتىگەن ۋاقتى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ «ھازىر پاراڭلىشامدۇق؟» دېگەن ئۇچۇرىنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خۇش بولدۇم. ئۆيۈمدە بىر ئىستاكان قەھۋەنى دەملىۋېلىپ ئالدىراپ ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇردۇم ۋە ئۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلىق، ساۋاقداشلىق مېھرىمىز، كەسىپداشلىق تىل ئورتاقلىقىمىز بىلەن ھايات كەچۈرمىشلىرىمىز ۋە تەتقىقات تەجرىبىلىرىمىز ئۈستىدە ئاجايىپ مەنىلىك پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنچە ئىككى سائەتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيلا قاپتىمەن. گۈلمىرەنىڭ ھېكايىسى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ يېتەكچىسىنىڭ ياردىمىسىز ئۆز ئالدىغا يېڭى بىر تەتقىقات تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانداق قىلىپ شۇنچە زور بايقاشلارنى روياپقا چىقارغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلىرى مېنى ھاياجانلاندۇردى، ھەتتا خۇشاللىقتىن كۆزۈمگە ياش كەلدى. ئۇنىڭ كىچىك پېئىل، خۇشخۇيلۇقى يەنە شۇ پىتى. گۈلمىرە تېخى ماڭا ئەزەلدىن قايىل ئىكەنلىكىنى، مەندىن كۆپ ئىلھاملانغانلىقىنى ئېيتقىنىدا بۇ خىل كەمتەرلىكتىن يۈزۈم قىزاردى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى. ئۇنىڭ نەتىجىسى ماڭا يېڭى ئىلھام بېغىشلىدى ۋە بۇ ئىلھامنى ئىز بېسىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى، ياشلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ يۈرەك بېغىشىغا تەگكۈزۈش ئۈچۈن قولۇمغا قەلەم ئالدىم. ئۇ ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى ۋە مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى، بارلىق پېشقەدەملەرنى ئىپتىخارلاندۇردى ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇرنى سۆيۈندۈردى. مېنىڭچە، ئۇيغۇردىن چىققان مۇشۇنداق ھەقىقىي تالانت ئىگىلىرىنى، قالتىس ئالىملارنى قانچىلىك ماختىساق ئارتۇقلۇق قىلماس. گۈلمىرە دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ باشقىلاردەك زور ئىلمىي بايقاشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىنسانىيەتكە زور تۆھپە قوشۇپ ياشايدىغان ئەقىللىك مىللەتلەر قاتارىدىن ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەمەلىي نەتىجىسى بىلەن جاكارلىدى.
گۈلمىرە نەتىجە قازانغان بۈگۈنكى كۈندە يەنە ئۆزىنىڭ بۈگۈنگە ئۇلىشىشىغا ياردەمدە بولغان قەدىردان كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدى.
«مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان جاپاكەش ئاتا-ئانامغا چىن دىلىمدىن ئەڭ چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۈزۈلمەس قوللاشلىرى نەتىجىلىرىمنىڭ ئاساسىدۇر. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بارلىق ئۇستازلىرىم مېنى مۇشۇنداق يېتىشتۈرۈپ چىققىنى ئۈچۈن ئۇلارغا ھۆرمەت ۋە چوڭقۇر تەشەككۈرلىرىمنى يوللايمەن. مېنى ئۇزۇندىن بۇيان قوللاپ كەلگەن ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ دائىم مېنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرغىنىغا رەھمەت ئېيتىمەن. قەدىردان ئىنىم مەردان مېنى شۇنچىلىك قوللىدى، بەزىدە تاماق ئېتىپ ياكى بەزىدە مەن كەچ قالسام مېنى تەجرىبىخانىغا ئاپىرىپ-ئەكېلىپ دېگەندەك تىل بىلەن ئىپادىلەپ بولالمايدىغان دەرىجىدە مېنى قوللاپ كەلدى، ئۇنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسام مېنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىلىرىممۇ بولمىغان بولاتتى، شۇڭا سۆيۈملۈك ئىنىمغا چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.»
ھازىر گۈلمىرە سابىرغا ئوخشاش نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى بىلىم ئىلىش يولىدا ۋەتەندىن ئايرىلىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇھىم تەتقىقات مەركەزلىرىدە دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانماقتا. قوشۇنىمىز تېخى چوڭ ئەمەس، ئەمما بۇ بىر تۈركۈم ياشلىقىنى ئىلىم-پەنگە ئاتىغان كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمىدلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى، قان-تەرلىرى بىلەن «ئىلىم-پەن» دەپ بەيگىگە چۈشىدۇ. بۈيۈك بىر مەدەنىيەتنىڭ قوينىدا ئۆسكەن ئۇيغۇر ئوغلانلىرى ئاللىقاچان ئويغىنىپ كەتكەن، ئۇلار ئەمدى «ئىلىم-پەن» ئۈچۈن ئات چاپتۇرىدۇ. ئۇيغۇر قىزلىرى ئىچىدىن بۇنداق چولپان پەقەت گۈلمىرەلا ئەمەس، بەلكى «ئىلىم-پەن چولپانلىرى» تېخىمۇ كۆپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئېنىقكى، «ئىلىم-پەن» يولى يەتكىلى بولىدىغان يول، ئەمما ئۇ بىر ئۇزاق يول. بۇ يولدا مېڭىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقان ياشلار گۈلمىرەنىڭ سىلەرگە سۇنغان يۈرەك سۆزىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار:
« غايە ۋە ئىشەنچ بولىدىكەن بىر نىشاننى بويلاپ جاپاغا چىداپ تىرىشسىلا ئاددىي ئادەملەرمۇ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.»
گۈلمىرەنىڭ ھېكايىسى مۇشۇ يەردە تۈگەيدۇ. ئەمما «ئىلىم-پەن» ئەمدى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئۇخلاتمايدۇ. ئىشىنىمەنكى، پات ئارىدا «تەبىئەت» تە تۇنجى ئاپتورلۇقتا ماقالە ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلايمىز. «ئىلىم-پەن» ئەسلى ماڭىمۇ تېخى تۈنۈگۈنلا يەتكىلى بولمايدىغان مەنزىلدەك كۆرۈنەتتى، مانا ئەمدى بۇ يول تۇيۇقسىز قىسقىراپ قالغاندەك بىلىنمەكتە... ئەنە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ ھويلىسىدا قار ياغقان كۈنلەردە ئورۇن تالىشىپ يۈگرۈشىۋاتقان ئوت يۈرەك ئىنى-سىڭىللىرىم، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەجرىبىخانىلاردا تۈنەۋاتقان، «ئۇخلىمايدىغان» كەلگۈسىنىڭ ئالىملىرى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىلاردا كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئۇنتۇپ كىتاب كۆرۈۋاتقان كەلگۈسىدىكى ئىنسانىيەتنىڭ داڭلىق دوختۇرلىرى... ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىلىم يۇرتلىرىدا يۇرت سېغىنىشلىرىنى بېسىپ ئارزۇلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان سۆيۈملۈك بىلىم ئاشنىلىرى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە كۆڭلىگە يۈكسەك غايىلەرنى پۈكۈپ قىيىنچىلىقلاردىن قورقماي تىرىشىۋاتقان ئۈمىدۋار ياشلارنىڭ ھەممىسى «ئىلىم-پەن» ئۈچۈن ھۇررا دېگەندەك كۆز ئالدىمدا نامايان بولماقتا...«ئىلىم-پەن» ئەمدى ئۇلارنى ئۇخلاتمايدۇ !
2015-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى (تېكساس، ئامېرىكا)
قوشۇمچە:
گۈلمىرەنىڭ «ئىلىم-پەن»، يەنى «Science» تىكى ماقالىسىنىڭ ئەسلى تېكىستىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
گۈلمىرە پايدىلانغان 1981-يىلىدىكى ماقالىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
ئۇيغۇر قىزى گۈلمىرە سابىر
گۈلمىرە تەجىرىبخانىدا ئىشلىمەكتە
گۈلمىرە ئاپىسى ۋە ئىنىسى بىلەن بىللە
گۈلمىرە ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە
گۈلمىرە ۋە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئاپىسى
2006-يىلى گۈلمىرە (ئوڭدىن 1-كىشى)، مەن (ئارقا سەپ ئوڭدىن 2-ك ...
گۈلمىرە ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار بىلەن بىرلىكتە ئ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kiwirhemit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-13 18:37