كۆرۈش: 359|ئىنكاس: 8

ياسىنجان توخنىياز توغراق: مېھمان سۈت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-12 13:46:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مېھمان سۈت
(ھېكايە)
ياسىنجان توخنىياز توغراق


ئاكام بىر ئاي ئەتىراپىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئاغىرىپ قالغان بولسىمۇ، خىزمىتىمنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن ۋاقتىدا يوقلاپ بارالماي،  ئاكام دوختۇرخانىدىن چىقىپ ھەپتە  ئۆتكەندە ئۇنى ئۆيىگە  يوقلاپ باردىم.  ئاكام كېسەل ئازابىنى خېلى تاتقان بولۇپ، پۈۋلەپ قويغاندەك سېمىز ئادەم قوۋزىلىرى ساڭگىلاپ، گاللىرىدا قورۇقلار كۆپۈيۈپ بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئىدى. ئاناردەك قان يۈگۈرۈپ تۇرىدىغان قىزىل مەڭزى ساماندەك سارغايغان. ئېسى يادىمنى بىلگەندىن بويان ئاكامنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغىنىنى بىلمەيتتىم، ئۇ ھەقىقەتەن بەك چىڭ ئاغىرىپ قاپتۇ.  
مەن ئاكامنىڭ ئۆيىدە بىر ئاخشام ياتقاندىن كېيىن، ئەتىسى ئايالىم  بىلەن بالىلىرىمنى ئېلىپ يولغا چىقتىم. ماڭاشىمدا ئاكامنىڭ ئايالى ئىككى قاپلىق سۈتنى كۆتۈرۈپ چىقىپ :
- تۇرسۇنجان، بۇ ئىككى قاپ سۈت باشقىلار ئاكىڭىزنى يوقلاپ كىرگەن سۈت ئىدى، ئۆيدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ئىچكىرىدە ئوقۇشتا بولغاچقا بىزدىنمۇ ئاشىدىكەن،-دەپ قولۇمغا تۇتقازدى.
مەن سۈتنى قايتۇرۋېتەي دەپ بولغىچە، كەپسىز بالىلىرىم  كاپپىدە قىلىپ قوللۇرۇمدىن سۈتنى ئېلىۋالدى.  ئۇزۇتۇپ قويۇشقا ئاكاممۇ بىرگە چىققان بولۇپ،  مەن ئۇلارغا گەپ قىلاي دېۋىدىم،  ئاكام قولۇمنى تۇتۇپ :
- باللىرىڭ ئىچىۋەتسۇن،-دېدى.
- ئۇنداق قىلمىسىڭىزمۇ بولاتتى،-دېدىممەن خىجىل بولغان ھالدا.
مەن ئاكام بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ماشىنىنى ھايدىدىم. ماشىنىنىڭ يېنىدىكى كۆرۈش ئەينىكىدىن ئاكام خېلى بىر مەزگىلگىچە كۆرۈنۈپ تۇراتتى.بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇ كىشى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بىر سىزىققا ئاندىن چېكىتكە ئايلاندى. دۈشەنبە كۈنىسى مەكتىپىمىزدە ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى ۋىلايەتتىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋالىدىغانلىقى سەۋەبلىك بىر كۈن ئارام ئالغاچقا بۈگۈن ماڭمىسام ئەتىلىك خىزمەتكە كېچىكىپ قالاتتىم.
  ئاكام بىلەن ئىككىمىز جاپالىق مەزگىلدە چوڭ بولغان بولۇپ، ئۇ ماڭا بەكلا ئامراق ئىدى. مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتۈپ ئوقۇشقا ماڭغىنىمدا ئاكام خوشال بولۇپ، ئائىلىمزدىن كادىر چىقىدىغان بولدى، كېيىنچە بىزنى باقىدىغان ئادەم چىقتى دەپ خوشال بولغان ئىدى. كادىرنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق تۇرمۇش يولى بولىدىكەن، ئازراق يىققان پۇلغا قوشۇپ،  ئايالىمنىڭ ئىش ھەققىدىن  ئايدا مىڭ  يۈئەن تۇتۇپ بېرىدىغانغا بانكىغا ئون يىللىق قەرز بولۇپ، ئۆي ئىشىنى ھەل قىلسام، دوست-دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىدا پىيادە يۈرگۈم كەلمىدى. شۇنىڭ  بىلەن ئاكامغا پۇل بېرىشتىن تۈگۈل ئۇنىڭدىن 30 مىڭ يۈئەن ئېلىپ،  قالغىنىغا  ئايدا ئايالىمنىڭ ئىش ھەققىدىن  ئايدا مىڭ يۈئەن تۇتۇپ بېرىدىغانغا بانكىغا ئون يىللىق قەرز بولۇپ قولۇمدىكى بۇ ماشىننى ئالدىم. بانكىنىڭ قەرزىنى قاچان تۆلەپ، ئاكامنىڭ پۇلىسىنى قاچان بېرىمەنكىن، بۇنى تېخى بىلمەيمەن. ئۇنى بېقىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمغا ھېچ بىر كۆزۈم يەتمەيدۇ.
ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن، مەن ماشىنىنى توختۇتۇپ كىرىپ بولغەچە بالىلار قاپنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ سۈتنى ئىچىشكە ئالدىرىشىۋاتاتتى. مەن ئۇلارغا :
- بالىلىرىم، سۈتنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش ۋاقتىغا قاراپ ئىچىڭلا! ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا زەھەرلەپ قويمىسۇن،-دېدىم.
قاپلىق سۈتلەرنىڭ ئۈستى قىسىمىغا زاۋۇتتىن چىققان ۋاقتى ۋە پايدىلىنىش مۆھلىتى ئېنىق يېزىپ قويۇلىدىغان بولۇپ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن سۈت ئادەمنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشتىن يانمايتتى. ئادەتتە قاپلىق سۈتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋاقتى 45 كۈن ئەتىراپىدا بولاتتى.  كىچىك بالىلارغا دائىم ئەسكەرتىپ تۇرمىسا،  ئالدىراقسانلىق تۈپەيلىدىن ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن سۈتلەرنى ئىچىپ زەھەرلىنىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆپ ئىدى.
بالىلار قاپنىڭ يان تەرىپىدىن سۈتنىڭ زاۋۇتتىن چىققان ۋاقتىنى ئىزدەشكە باشلىدى.
- دادا، مېنىڭ سۈتۈمنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپتۇ،-دېدى كىچىك ئوغلۇم قولىدىكى قاپنىڭ ۋاقتىنى ماڭا كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ.
تەستە كەلگەن بۇ ئولجىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا كۆزى قىيمىغان  كىچىك ئوغلۇم،  بەكلا شۈكلەپ كەتكەن ئىدى.
- مېنىڭ يەنە 20 كۈنلۈك ۋاقتى بار ئىكەن،-دېدى چوڭ ئوغلۇم قاپنى ماڭا كۆرسۈتۈپ.
مەن ئوغۇللۇرۇمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە سۈتلەرنىڭ زاۋۇتتىكى چىقىش ۋاقتىغا كۆز يۈگۈرتتۈم. كىچىك ئوغلۇمنىڭ قولىدىكى سۈتكە ئىككى ئاي بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ دېگىنىدەك ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. چوڭ ئوغۇلۇمنىڭ قولىدىكى سۈتكە يەنە 20 كۈن ۋاقىت بار ئىدى. كىچىك ئوغلۇم غۇدۇڭشىغىلى تۇردى. ئايالىم كىچىك ئوغلۇمغا ئىچ ئاغىرىتىپ :
- بۇ ئاكىڭىزنىڭ نېمە قىلىقىدۇ،-دېيىشتى.
ئايالىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئاچچىقىم شۇنداق كەلگەن بولسىمۇ، بالىلارنىڭ ئالدىدا سەت تۇرمىسۇن دەپ لام-جىم دېمىدىم. ئايالىم چىرايىمغا بىر قاراپ، ئاچچىقىم كەلگىنىنى بىلدى بولغاي ئىككىنچىلاپ گەپ قىلمىدى.
بالىلار سۈتنىڭ قېپىغا كىچىك قىلىپ ئىسىملىرىنى خەنزۇ تىلىدا  يېزىۋېلىشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ سۈتلىرىنىڭ قېپى ئوخشاش بولۇپ،  يېزىۋالغان ئىسىملىرىدىنلا كىمنىڭ سۈتى ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرگىلى بولاتتى. مەن ئوغۇللۇرۇمغا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن سۈتنى تاشلىۋېتىپ، ۋاقتى ئۆتمىگەن قاپتىكى سۈتلەرنى بۆلۈشۈپ ئىچىشكە بۇيرۇدۇم. بالىلار بىر-بىرىدىن پىششىق بولۇپ، بۆلىشىۋالمىسا سەن ككپ ئىچتىڭ، مەن ئاز ئىچىپ قالدىم دەپ گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قېلىشى ئېنىقلا گەپ ئىدى. چوڭى كىچىكىنى ئىزەتلىگىنى بىلەن كىچىكى ماۋۇ ئاكامكەن دەپ بىر ئېغىز گەپتىن قالمايتتى. ئۇلارغا قاراپ ئاكام بىلەن ئىككىمىزمۇ مۇشۇ بالىلاردەك ۋاقىتتا مۇشۇنداق قىلىشىدىغانمىتۇق دەپ ئويلاپ قالاتتىم بەزىدە.
ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ ئايالىم سوقۇر ئۈچەي ئوپىراتسىيىسى بىلەن ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا بىر ھەپتە يېتىپ قېلىپ، ئۇنى مەكتەپتىكى خىزمەتداشلىرى ۋە ئۇرۇق تۇققانلار  سوۋغا  سالاملار بىلەن يوقلاپ كەلدى.« بۇ ئۆتنە جاھان، كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە قالمايدۇ » دېگەن گەپكە  ئايالىم  ئاغىرىپ قالغاندا ھەققىي ئىشەندىم، قانداق دېگەندە،  ئايالىم  بىلەن ئىككىمز بىرەر تونۇشىمىز ئاغىرىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلىغان ھامان شۇئان يوقلاپ باراتتۇق، دوختۇرخانىدا ئايالىمنى بېقىپ بولالماي جاپا تارتىۋاتسام، يوقلاپ كېلىدىغانلار شۇنداق زېرىكتۈردى دېسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىم ياكى مەن باشلىق بولمىسام.  ئايالىم پىششىق ئايال بولۇپ،  كىمنىڭ نېمە ئېلىپ يوقلاپ كەلگەنلىكىنى، يوقلۇغۇچىلار چىقىپ كەتكەن ھامان ئۇنتۇپ قالماي دەپ خاتىرلەپ ماڭاتتى.
ئايالمنى بالىنىستىن ئېلىپ چىققاندا يوقلاپ كەلگەن ماددىي بويۇملار ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا ئارانلا پاتتى. ئۆيگە  كەلگەندىن كېيىن  ئايالىم بىلەن ئوغۇللۇرۇم  ماددىي بويۇملارنى تۈرگە ئايرىشقا كىرىشتى. مانا بۇ بىزنىڭ ئۆيدىكى پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بىر قىسىمى ئىدى.تۆت قاپ پىچىنە-پىرەنىك، يەتتە قاپ ھەسەل، توققۇز قاپ قۇۋەت تالقانلىرى، ئۈچ قاپ سۈت ۋە نۇرغۇن يېمىشلەر بار ئىدى. پۇلنى ئايالىم دوخۇتخانىدىلا ماڭا ئۆتكەزگەن بولۇپ،  ئەللىك يۈئەن كەم ئىككى مىڭ يۈئەن بولغان ئىدى. ئايالىم بىلەن ئىككىمىز قاپلىق سۈتنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىگەچكە، ئايالىم ئىككى قاپ سۈتنى بالىلارغا بىر قاپتىن بۆلۈپ بەردى.
بالىلار مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەندەك، قاپنىڭ ئېغىزلىرىنى ئېچىشتىن بۇرۇن سۈتنىڭ ۋاقتىغا قاراشتى. كىچىك ئوغلۇمنىڭ تەلىيى يەنىلا كاج كەلدى. ئۇنىڭ قولىدىكى سۈتكە زاۋۇتتىن چىققىلى تۆت ئايدىن ئاشقان ئىدى. چوڭ ئوغلۇمنىڭ سۈتىگە ئاران بەش كۈن بولغان ئىدى. ئايالىم كىچىك ئوغلۇمغا يەنە بىر قاپ سۈتنى ئالماشتۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمىگەن بولسا كېرەك، ئوغلۇم سۈتنى كۆرۈپ:
- بۇ سۈتۈم يېڭى ئىكەن،-دېدى خوشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي.
مەن كىچىك ئوغلۇمنىڭ گېپىگە تازا ئىشەنمەي ئۇ قويۇپ قويغان سۈتنىڭ ۋاقتىغا سىنچىلاپ قارىدىم. بىر چاغدا قاپتىكى ئادىل دېگەن ئىسىمنى كۆرۈپ ھەيرانلا قالدىم. بالىلار تېخى قاپقا ئىسىم يازغۇچى بولمىغان ئىدى. ئۇ راستىنلا كىچىك ئوغلۇم ئادىلنىڭ پوچۇركىسىدىكى ئىسىم ئىدى.
- ئادىل بالام، بۇ ئىسىمنى سەن قاچان يازغان؟-دېدىممەن ھەيران قىياپەتتە.
- نېمىنى دەيسەن دادا، -دېدى ئادىل سۆزۈمگە ھەيران قېلىپ.
ئۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ قاپتىكى ئىسىمنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى. قاپتا ئۇنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان ئىسىمى تۇراتتى.
- بۇنى مەن قاچان يازغان بولغۇيتۇم،-دېدى ئۇ بېشىنى تاتلاپ.
- ئۇكام راستىنلا خەت يازغۇچى بولمىدى،-دېدى چوڭ ئوغلۇم ئۇكىسىنى ئاقلاپ.
توساتتىن كىچىك ئوغلۇم ئادىلنىڭ  خىيالىغا بىر ئىش كەلدى. ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى خېلىلا ياخشى ئىدى.
- دادا، بۇ تاغامنىڭ ئۆيىدىن ئەكەلگەن، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن سۇت شۇ ئىكەنغۇ، ئەينى ۋاقىتتا ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپتۇ،-دەپ ئىشىك ئالدىدىكى ئەخلەت قاچىسىغا تاشلىۋەتكەن ئەمەسمۇ، قانداق قىلىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدى.
- چاقچاق قىلمىغىنە ئۇكام، ئۇ سۈتنى تاشلىۋەتكىلى ئىككى ئاي بولسا، دېدى چوڭ ئوغلۇم ئىنىسىنىڭ گېپىگە ئىشەنمەي.
- شۇنى دەيمەن، دېدى ئايالىم چوڭ ئوغلۇمنىڭ گېپىنى قوللاپ.
- سۈتنى ئەينى ۋاقىتتا قايسىڭلار ئەخلەت قاچىسىغا تاشلىۋەتكەن دېدىم،-بۇ ئىشلار كاللامدىن قەتتىي ئۆتمەي.
   ئۆيدە، بۇ سۈتنى تاشلىۋەتكەنلەر چىقماستىن، ئايالىم ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق بىر سۈتنى ۋاقتىغا قارىمايلا ئاغىرىپ قالغان بىر دوستىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭ بۇ قىلىقىغا سەل ئاچچىقىم  كەلگەن  بولسىمۇ بۇلار ئىش بولۇپ بولغان ئىدى. لېكىن ئىككى ئوغلۇم بولدى قىلماي ئايالىمنى بىردەم ئەيىپلەپ كەتتى. ئايالىم، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن سۈتنى بالىلار تاشلىۋەتتىغۇ دەپ ئويلاپ، بۇ سۈتنى ئۇقماي ئاپارغانلىقىدا چىڭ تۇرىۋالدى.
ئايالىم، بۇ سۈتنى كىمنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن يوقلاش تىزىماتىغا قارىدى. يوقلاش تىزىماتىدا ئۈچ  قاپ  سۈتنى ئېلىپ كەلگەنلەر، ئىلگىرى ئۇ يوقلاپ بارغان كىشى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق كىشىلەر ئىدى. مەن ئايالىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھايرانلا قالدى. بۇ سۈت ئايالىم يوقلاپ بارغان كىشىدىن يەنە بىر كىشىگە ئۆتكىنى ئېنىق ئىدى.
زاۋۇتتىن چىققىلى تۆت ئايدىن ئاشقان سۈتنى ئادەم ئىچسە زەھەرلەپ قويىشى ئېنىق ئىدى. مەن بۇ سۈتنىڭ ئىككىنچى بىر ئائىلىگە كىرىپ ئۇلارنى زەھەرلەپ قويىشىدىن ئەنسىرەپ،  ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن قاپلىق سۈتنى سىرىتقا ئېلىپ چىقىپ، قېپىنى ئاجىراتقاندىن كېيىن، ھەر بىر خالتىسىنى پىچاق بىلەن كېسىپ ئەخلەت قاچىسىغا تۆكىۋەتتىم.
توۋا دەيتتىم، بولغان ئىشلارغا ئۆز-ئۆزەمچە....











ئالاقىلىشى ئادىرىسى : ئونسۇ ناھىيە توخۇلا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
ئالاقىلىشىش تىلىفۇن نومۇرى : 13565147438
温宿县托乎拉乡中学: 牙生。托乎尼牙孜

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-12 15:21:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىنىڭ بېشىدىلا كېتىپ قالغاندەك تۇرىسىز ياسىنجان، «ئ‍اكام كېسەل سەۋەبى بىلەن بىر ئ‍ايدەك ئ‍اغىرىپ قالدى" بۇ جۈملىلەر پەقەت جايىغا چۈشمەگەن، كېسەل سەۋەبى بىلەن دېگەن گىپىڭىزلا سىزنى تىل ئ‍ىشلىتىشتىن ئ‍ىتتىرىۋېتىپتۇ، ئ‍ۇنىڭدىن باشقىمۇ خېلى جىق يەردە سۆز تەكرارلىقى،كېسەل جۈملىلەر ئ‍ۇچرايدىكەن، ئ‍ەسەر يازغاندا تىل ئ‍ىشلىتىشكە دىققەت قىلىڭ،

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-12 16:44:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر.

ۋاقتى: 2015-11-12 17:29:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتۈپ ئوقۇشقا ماڭغىنىمدا ئاكام خوشال بولۇپ، ئائىلىمزدىن كادىر چىقىدىغان بولدى، كېيىنچە بىزنى باقىدىغان ئادەم چىقتى دەپ خوشال بولغان ئىدى.
مەن ئايالىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھايرانلا قالدى.ئۆيدە، بۇ سۈتنى تاشلىۋەتكەنلەر چىقماستىن، ئايالىم ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق بىر سۈتنى ۋاقتىغا قارىمايلا ئاغىرىپ قالغان بىر دوستىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

دوخۇتخانىدىلا ،تىزىماتىغا......

ئەسەر چىرايلىق بىر تەھرىرلىنىۋەتسە ئوبدان بىر ھېكايىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-12 18:06:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنقىد پىكىرنى ئايىمىغايسىلەر! بۇ ھېكايە 2015-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى « شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان.
ئىملا جەھەتتىكى سەۋەنلىكنى قۇبۇل قىلدىم، داڭگال ئەپەندىنىڭ ئېرىنمەي بەرگەن كۆرسەتمىسىگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-11-24 18:20:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئويلىغاننى ئۈستىدىكىلەر دەپ بوپتۇ . باشقا ئەسەرلىرىڭىزنىڭ بۇنىڭدىن ياخشى چىققانلىقىغا ئىشىنىمەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-25 15:57:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشەنگىنىڭىزگە رەھمەت!، داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.

ۋاقتى: 2015-11-25 17:43:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ياسىنجان توخنىياز توغراق دوستۇم،ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيغۇر بالىلار سۆز ئويونلىرى توپلىمى»1دە ئىلان قىلىنغان 2پارچە سۆز ئويونۇمنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم،قال قىسىملىرىىنىمۇ چىقارغان بولسىللىرى بەك ياخشى بولاتتى.ئىلان قىلغاندا ماڭا ئۇچۇر بىرىپ قويارلا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-2 11:27:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-قىسىمىمۇ چىقىپ بولدى، ئۇنىڭدىمۇ بار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش