كۆرۈش: 1306|ئىنكاس: 0

ئەدىھەم ئىبراھىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1.jpg
ئەدىھەم ئىبراھىم 1970-يىلى12-نويابىر چاپچال ناھيىسىنىڭ قاينۇق يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1997-يىلى شىنجاڭ ماليە ئىختىسات ئىنىستۇتىنى پۈتتۈرۈپ ھازىر چاپچال ناھيە قاينۇق يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش پۇنكىتىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
ئۇ 1990-يىلى‹‹ ئىلى گېزىتى››دە ئېلان قىلغان‹‹يېشىللىق››ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبى ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن.ھازىرغىچە ‹‹ئىلى دەرياسى››،‹‹تەڭرىتاغ››،‹‹قۇمۇل ئەدەبىياتى››،‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››،‹‹جۇڭگۇ مىللەتلىرى››،‹‹تۇرپان››،‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››‹‹تارىم غۇنچىلىرى››،‹‹ئىلى گېزىتى››،‹‹ئىلى كەچلىك گېزىتى››،‹‹ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى››،‹شىنجاڭ گېزىتى››،‹‹ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتى››...قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 300پارچىغا يېقىن شېئىر،20نەچچە پارچە بالىلار ھېكايە-چۆچەكلىرى ۋە  ئوبزۇر-ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.ئۇنىڭ ‹‹ئۇچۇپ كېتەي قاقىرلار بىلەن››ناملىق بالىلار شېئىرى2001-يىلى‹‹قۇمۇل ئەدەبىياتى››ژۇرنىلى تەرىپىدىن مۇكاپاتلىق بالىلار ئەسەرلىرىنى باھالاشتا مۇكاپاتلانغان. ‹‹كۆك چۆچۈرىسى››ۋە‹‹سۆيگۈم نورۇزغا دەريادۇر››ناملىق ئىككى پارچە شېئىرى 2008-يىلى خانتەڭرى تورى مۇنبىرى تەرىپىدىن نورۇزلۇق ئەسەرلەرنى باھالاشتا مۇكاپاتلانغان.‹‹رىۋايەت››،‹‹چۆل قىسمىتى››،‹‹ھاي-ھاي تېرەك››،‹‹ئۇيغۇر قىزى››،‹‹قاينۇق كونا شەھىرىگە سەپەر››،‹‹كاككۇك قەسىدىسى››،‹‹نان››،‹‹دېھقان زىمىن ئاتىسى››،‹‹شاماللار تىلسىمى››،‹‹ھازىدار بوران››،‹‹ئاۋازنىڭ چېقىلىشى››،‹‹مۇڭغۇلكۈرە-چاپچال ئارىسى››‹‹26-ئۆكتەبىر››،‹‹جۇنۇن››،
‹‹ئاخىرلىشىش››،‹‹بالىلىقنى ئىزدەش››قاتارلىق بىر تۈ*ركۈم شئېىرلىرى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى ئىنكاس قوزغىغان.ئۇنىڭ يەنە‹‹ئىلى دەرياسى››،‹‹تارىم غۇنچىلىرى››،‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››قاتارلىق ژۇرناللاردا رەسىم ۋە تەرجىمىھاللىرى بىلەن بىر قىسىم شېئىرلىرى مەخسۇس تونۇشتۇرىلغان.
2011-يىلى شىنجاڭ گۈزەل -سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان « ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدىن تاللانمىلار » دىگەن 3 قىسىم كىتابقا بىر قىسىم ھىكايە ، شېئىر ، نەسىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن .
ئۇنىڭ‹‹سۆيگۈ كوچىسى››ۋە‹‹لاي قونچاق››ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.‹‹تۇرسۇنتاي ۋە ئۇنىڭ تايلىرى››ناملىق بالىلار ھېكايىلەر توپلىمىنى ئىشلەپ پۈتتۈرۈپ نەشىرياتقا بېرىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ ئەزاسى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش