كۆرۈش: 201|ئىنكاس: 2

بۇژغۇن: پەرۋىشسىز دەرەخ-كېرەكسىز ئوتۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-11 23:42:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
[توقسۇن ناھىيەسى بويىچە  سۆزلەنگەن  نۇتۇق  ئارگىنالى]
ئوقۇغۇچىلاردا ئاكتىپ ئۆگىنىش ھېسىياتى ۋە ياخشى ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھەققىدە

(ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات)

--پەرۋىشسىز دەرەخ-كېرەكسىز ئوتۇن.
--پەرۋىشسىز زىرائەت- ئاقىۋەت سامان.
--پەرۋىشسىز بالا- بوپ قالار يامان...
--شۇڭا،ئائىلە-مېۋىلىك باغقا ئوخشايدۇ،
--ئاتا-ئانىلار چىۋەر باغۋەنگە ئوخشايدۇ،
--ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسى پەرزەنتلەرنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ.
--بالىلارنىڭ ساپاسى-ماھىيەتتە مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ.


لېكسىيە سۆزلىگۈچى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپتىن
تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
لېكسىيە سۆزلىنىدىغان ئورۇن:توقسۇن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 12-،13-كۈنلىرى


ئوقۇغۇچىلاردا ئاكتىپ ئۆگىنىش ھېسىياتى ۋە ياخشى ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھەققىدە
(ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك كەسپداشلار،تىلداشلار،قەلپداشلار ھەم يولباشلار...!ھەممىڭىزلار
نىڭ بۈ قېتىملىق ئۆزلۈكسىز مائارىپ بويىچە تەربىيىلىنىش كۇرسىغا  قاتنىشىپ بەرگەنلىكىڭىزلار دىن؛ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات مەركىزى ئەخلاق تەربىيە تەتقىقات ئىشخانىسى بىلەن توقسۇن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئادەتتىكى مائارىپ باشقارمىسىدىكى مەسئۇل يولداشلارنىڭ بۇ كاتتا سورۇننى ھازىرلاپ بەرگەنلىكىدىن چەكسىز خۇرسەنمەن...! ھەر بىرىڭىزلارنىڭ باسقان قەدىمى قۇتلۇق،تېنىڭىزلار سالامەت،ئائىلىڭىزلار بەختلىك، ھايات مۇساپىڭىزلار خەيرلىك بولسۇن...!بۇ قېتىملىق تەربىيىلىنىشكە قاتنىشىش ئۈچۈن بۇ سورۇندا ئولتۇرغان 600نەپەردىن ئارتۇق بالىلار باغچىسى،ئوتتۇرا-باشلانغۇچ بەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا يەنە بىر قىتىم ئالىي ئېھتىرام.!
مۇنبەردىكى قامەتلىك ئوبرازىڭلار مەڭگۈ خۇشچىراي بولسۇن...!دىدار غەنىمەت،ھەممىڭىزلارغا
ئالىي ئېھتىرام ۋە چۇڭقۇر تەشەككۈر...!
كەمىنە تۇرسۇن ھۈسەيىن بۈگۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات مەركىزى ئەخلاق تەربىيە تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن مۇشۇ قۇتلۇق مىنۇتلاردا سىلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولالىغانلىقىمدىن چەكسىز ئېپتىخارلانماقتىمەن...!
ھۆرمەتلىك پىكىرداشلار،سىرداشلار بۈگۈن مېنىڭ سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان تېمام:« ئوقۇغۇچىلاردا ئاكتىپ ئۆگىنىش ھېسىياتى ۋە ياخشى ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھەققىدە »دىن ئىبارەت.
بۇ تېمىنى مەن-(1) ئائىلە مائارىپى(تەربىيەسى) (2)مائارىپ،مەكتەپ،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى ۋە
ساپا ئۇقۇمى (3) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساداسى قاتارلىق ئۈچ نوقتىدىن شەرھىيىلىمەكچىمەن.
1-ئائىلە مائارىپى(تەربىيەسى)
«مىللىتىم ساپ بولسۇن دېسەڭ-ئىشنى ئائىلەڭدىن باشلا» -ئەل ھېكمەتلىرىدىن—
ھەممىمىزگە مەلۇم،جەمئىيەت-ئائىلىلەردىن شەكىللىنىدۇ،شۇڭىمۇ ئائىلە-جەمئىيەتنىڭ كۆزنىكى،
ئەڭ كىچىك ۋە ئەڭ ساپ بولغان ئاساسىي ھۈجەيرىسى.مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا،بىر ئائىلە-ئەڭ
كىچىك جەمئىيەتتۇر.
ئەل ئارىسىدا:«مىللىتىم ساپ بولسۇن دېسەڭ-ئىشنى ئائىلەڭدىن باشلا.» دەيدىغان ھېكمەت بار.
شۇنداق،ئائىلە مائارىپى(تەربىيىسى)-ھەر بىر ئائىلىدىكى ئاتا-ئانا بولغۇچى ۋە باشقا قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرگە،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھەم ئۆز پەرزەنتلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان
ئۇنۋېرىسال تەربىيىسىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇ يەنە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ،جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ
ئېجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتىدا  ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن.ئۇيغۇرلار قەدىمدىن
تارتىپ ئائىلىدىكى ئۆرۈپ-ئادەت ۋە ئەخلاق-پەزىلەت تەربىيىسىنى ئەڭ ئاساسىي ھەم تۈپ شەكىل
دەپ قاراپ،ئائىلىنى ئەخلاق-پەزىلەت، بىلىم،ماھارەت،كەسپ ۋە قائىدە-يوسۇن ئۆگىنىدىغان
تۈنجى مەكتەپ تەرىقىسىدە تۇتۇپ، ئەۋلادلارنى ئەجدادلار يەكۈنلىگەن كىشىلىك ھايات تەجرىبىلىرى ۋە ئەخلاق مىزانلىرى ئارقىلىق تەربىيەلەپ،بۇ ئەنئەنىنى تارىخىي ۋارىسچانلىققا ئىگە
قىلغان.
  ھەر بىر پەرزەنت تۇغۇلغان ھامان قويۇق مىللىي پۇراق ۋە ئۇسلۇپقا ئىگە قائىدە-يوسۇنلار ئېچىەە كېرىپ كېلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ھەر بىر ئائىلە يېڭى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش بۆشۈكىگە ئايلىنىدۇ.
يۇقارقى بۆشۈكنىڭ تەربىيە مەزمۇنلىرى ئۆزگىچە بولۇپ،گەۋدىلىكلىرى:-ياخشى ئادەم بولۇش تەلەپ،ئۆلچەملىرىدىن تارتىپ كەسپىي بىلىم، كەسپىي ئەخلاق،ئادىمىيلىك پەزىلەت ۋە جەمىئىيەت
ئەخلاقىي قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ،كۆرۈنەرلىك تەربىيە شەكىللىرى بولسا:
1) ئاتا-ئانىلار ھەممە ئىشتا ئاۋۋال ئۈلگە بولۇش ۋە ئۈلگە كۆرسۈتۈش.
2) ئەخلاقىي-پەزىلەتلەرنى ئائىلىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پەرزەنتلەرنى
ئېسىل ئەخلاققا ۋە كەسپىي ئاڭغا ئىگە قىلىپ كەلگەن.شۇنىڭ ئۈچۈنمۈ،ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنت-
لىرىنىڭ تۈنجى ئوقۇتقۇچىسى.ھەر بىر پەرزەنتنىڭ خاراكتېرى،ئىرادىسى،ئەخلاقىي،تەبىئىيتى،
ھەتتاكى تۇرمۇش ئادەتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئۆزى ياشىغان ئائىلە مۇھىيىتىنىڭ تەسىرى
ۋە تەربىيىسى جەريانىدا تەدرىجى شەكىللىنىدۇ. چۈنكى،ئائىلە-نىكاھ ۋە قانداشلىق مۇناسىبىتى
ئۈستىگە قۇرۇلغان كىچىك كوللىكتىپ.
دېمەك،ئائىلە مائارىپى( تەربىيسى) دىگىنىمىز-- ئاتا- ئانىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا  كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ سۆزى ، ھەركىتى ،تۇرمۇش ئادىتى ،ھىسىياتى ،پىكىرلىشىش ئۇسۇلى  قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پەرزنەتىگە كۆرسۈتىدىغان تەسىرىدىن ئىبارەت .
شۇڭا،ئائىلە مائارىپى(تەربىيىسى)-تەبىئىي ھېسىياتنىڭ ئاساسىي.شۇڭا،ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەخلاق-
پەزىلىتى،خاراكتېرى،پوزىتسىيىسى پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە بېۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ماھىيەتتە،ئائىلە مائارىپى(تەربىيىسى)-ئاتا-ئانىلار تەربىيىسى.ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى-
ئەخلاق تەربىيىسىنى ئاساس قىلىپ،غايىلىك،ئەخلاقلىق،مەدەنىيەتلىك،ئىنتىزامچان ۋە ئەمگەكچان
يېڭى بىر ئەۋلات ئىزباسارلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
نۆۋەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇھىم بىر ۋەزىپىسى-پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقلىي تەربىيىسىگىلا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن،يەنە ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي-پەزىلەت،ھېسىيات،ئىرادە،قىزىقىش ھەم مۇستەقىللىق
تەربىيىسىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ،ئۇلاردا ئادىمىلىك ساپا ھازىرلاش كېرەك.شۇ مەنىدىن ئالغاندا،ئائىلە تەربىيىسى-مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ مۇھىم ئاساسىي.ئۆز نۆۋىتىدە مەكتەپ تەربىيىسىگە ئاساس سالىدۇ،ھەمكارلىشىدۇ،ماسلاشتۇرىدۇ ھەم تولۇقلايدۇ.شۇڭا،ئاتا-ئانىلار
بالىلارنى ئائىلىدە ياخشى تەربىيەلەشتىن سېرت،يەنە مەكتەپ تەربىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ھەر دەقىقە ئەستىن چېقىرىپ قويماسلىقى لازىمدۇر.
قاراپ باقىدىغان بولساق:
(1) مەركىزى مىللەتلەر نەشىرياتى نەشىر قىلىپ تارقاتقان«قۇرئان كەرىم»دىكى سۈرە«كەھف»
(18-سۈرە)46-ئايەتتە: «بالىلارنىڭ كىلەچىكى،مىللەتنىڭ ئۈمىدى ئاتا-ئانىلاردا؛ئائىلە
بالىلارنىڭ تۈنجى مەكتىۋى،ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تۈنجى ئۇستازى،تەربىيىچىسى،يېتەكچىسى.
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرگە ئىللىق مېھرى بىلەن كۆيۈنۈپ،ئۇلارنى ئىنچىكە،ئەستايىدىل تەربىيەلەپ،
زېرىكمەي-تېرىكمەي ئۆگىتىپ،ۋۇجۇدىدا بارىنى بالىلارغا ئاتىغاندىلا سۈپەتلىك،ياراملىق ئەۋلاد
تەربىيەلەپ چېقالايدۇ.بالا-ئائىلىنىڭ بەختى،زىننىتى،تەڭرىنىڭ رەھمىتى،ئامانىتى،ئىنسانلارغا
ئاتا قىلغان چوڭ ئىنئامى.شۇڭا ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر.»دەپ ئېنىق
كۆرسۈتۈلگەن.
(2) مەركىزى مىللەتلەر نەشىرياتى نەشىر قىلىپ تارقاتقان«قۇرئان كەرىم»دىكى تەڭرى بىز ئىنسانلارغا تۈنجى نازىل قىلغان «ئەلەق» سۈرىسىنىڭ ئالدىنقى بەش ئايىتىدە:«ئوقۇ»،«قەلەم
بىلەن ياز»،«بىلمىگەننى ئۆگەن» دېگەن ئۈچ مۇقەددەس كالامدىن باشلىغان.
ئوقۇش،يېزىش،ئۆگىنىش-بىلىم ئېلىشنىڭ ئۈچ ئەڭگۈشتېرى.
مۇھەممەد پەيغەمبەرمۇ ئۆز ھەدىسلىرىدە:« كىمىكى ئىلىم ئىزدەش يولىغا كىرسە،كىيىنكى ئىشلىرى
ئاسان بولىدۇ.» دېگەن ئېدى.
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ «ئوقۇ» دەيلى؛قولىغا قەنتلا ئەمەس
بەلكى قەلەم تۇتقۇزۇپ«ياز»،«ئۆگەن»  دەيلى.ئوقۇش،يېزىش،ئۆگىنىشنى ئۇلارغا مەڭگۈلۈك
ۋەزىپە قىلايلى.بۇ بىز ئاتا-ئانىلارغا تاڭرى ئاتا قىلغان مەجبۇرىيەت،مەسئۇلىيەت،پەرز ۋە بۇرچ
ھەم سۈننەتتۇر.
(3) مۇھەممەد پەيغەمبەر يەنە:« ئىلىم بىر خەزىنىدۇر،كىمىكى ئىلىم ئۆگىنىش،ئادەم تەربىيەلەش
يولىدا بىر پۇڭ سەرپ ئەتسە،تەڭرى شۇ كىشىگە گۈزەللىك،ئاسايىشلىق ئاتا قىلدۇ» دېگەنىكەن.
تەربىيەگە،بىلىم ئىلىشقا مەبلەخ سېلىش ئەڭ كاتتا مېھرىبانلىق ھېساپلىنىدۇ.بۇ ساخاۋەتلىك ئىشنىڭ
ئاخىرقى مەنزىللىرىمۇ يۈكسەك ھۆرمەتلىنىش بىلەن مۇجەسسەملىنىدۇ.
(4) مەركىزى مىللەتلەر نەشىرياتى نەشىر قىلىپ تارقاتقان«قۇرئان كەرىم»دىكى سۈرە «مائىدە»
(5-سۈرە)نىڭ 90-ئايىتىدە:«ئەي مۆمىنلەر!ھاراق ئىچىش،تاماكا چىكىش،قىمار ئويناش،زىنا-
خورلۇق،پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش ۋە سالدۇرۇش ئازغۇنلارنىڭ پاسكىنا قىلىقلىرىدۇر.بەختكە
ئىرىشىشىڭلار ئۈچۈن بۇ پاسكىنىچىلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.» دەپ ئېنىق ئەسكەرتىلگەن.
دېمەك،پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولۇشى-ئۇلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئائىلە
تەربىيىسىگە باغلىق.
بولۇپمۇ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيىسىدە كىچىك بالىلار پەزىلەت يېتىلدۈرسە،كىشىلىك ئالاقە يوسۇنلىرىنى ئۆگىنىپ ئەمەلدە كۆرسەتسە،ئۇلارنى ئوخشاشمايدىغان قىممەت ۋە شەكىلدىكى
ماددىي بۇيۇملار ھەم مەنىۋىي جەھەتتىكى مېھىربانلىقلىرى بىلەن مۇكاپاتلاپ رىغبەتلەندۈرگەن.
پەزىلەتسىزلىك قىلغانلارغا داۋاملىق تەربىيە بېرىپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلاردا ئاستا-ئاستا
ئەخلاقىي-پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ،ئۆز ۋە ئۆزگىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا دەۋەت قىلغان.
ئۇلاردىن باشقا:«ئاتا-ئانىنى قاخشاتسا،ئۆمرى خارۇ-زارلىقتا ئۆتىدۇ.»،«يالغان سۆزلىسە-رىزقى
كەم بولىدۇ.»،«ئۇستازىنى ھۆرمەت قىلمىسا،ھۈنەردە روناق تاپالمايدۇ.»،«ئۇستازنىڭ تايىقى
تەككەن يەردىن كەلگۈسىدە قىزىلگۈل ئۈنۈپ چىقىدۇ.»،«قۇش بالىلىرىنى ئۆلتۈرسە،ئاتا-ئانىسىدىن كىچىك تۇرۇپلا يېتىم قالىدۇ.»،«ئۇستازىڭ زالىم بولسا،سەن ئالىم
بولۇپ يېتىلىسەن.»،«بالىمىزنىڭ گۆشى سېلىنىڭ،ئۇستىخىنى بىزنىڭ...»دېگەنگە ئوخشاش
پەرھىز چەكلىمىلىرى ھەمدە ئەل ھېكمەتلىرى ئارقىلىق پەرزەنتلەرگە ھەر تەرەپتىن قاتتىق تەلەپ
قويۇپ،يامان ئاقىۋەتتىن قەتئىي ساقلىنىشنىڭ زۆرۈرلىگىنى چۇڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ كەلگەن.
(5) دۆلىتىمىزنىڭ«ئاساسىي قانۇنىي»،«مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىي»،«نىكاھ قانۇنىي»،
«قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىي» قاتارلىق قانۇنلاردىمۇ
يۇقاردا بىز تىلغا ئالغان تەرەپلەر ئىلمىي نوقتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ،تەپسىلى شەرھىيلەنگەن.
دېمەك،ھەممىمىزگە مەلۇم،21-ئەسىر رىقابەت ۋە تاللاشنى ئەڭ مۇھىم مەزمۇن قىلىپ باشلاندى.
بىز بىر يېڭى دەۋرگە،يەنى بىلىم ئىگىلىكى ھەم ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويدۇق.بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى،دەۋرنىڭ تىز سۈرەتتە تەرەققىي قىلىشى كىشىلەرنى ئۆمۈرۋايەت تەكرار مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلمىسا بولمايدىغانلىقىدەك تەخىرسىزلىك ۋە كۈچلۈك خىرىس باسقۇچىغا ئېلىپ
كىردى.
ئائىلە مائارىپى(تەربىيىسى)-جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە داۋاملىق ماسلاشقاندىلا ئۆز
رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ.
چۈنكى،تەرەققى قىلىش،يېڭىلىق يارىتىش،يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش نۆۋەتتە بىر دۆلەت،بىر مىللەتنىڭلا ئىشى بولۇپ قالماستىن،بەلكى ھەر بىر ئائىلە،ھەر بىر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۈشكۈل
ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى.ھەر بىر پۇقرا ئۆز-ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرغاندىلا،باشقىلارنىڭ تەرەققىي
قىلىشىغىمۇ يول ئاچقىلى بولىدۇ.
3) پەرزەنتلەرنىڭ رېقابەتلىشىش ئارزۇسىنى قوزغىتىش ھەم قوللاش كېرەك.
بالىلاردا ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش پىسخىكىسى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ،بۇ خىل پىسخىكىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىساق نەتىجىسى ئاجايىپ يۈكسەك بولىدۇ.
4) ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ ئىجادچانلىقىدىن زوقلىنىشنى بېلىشلىرى كېرەك.
پەرزەنتلىرىنىڭ ئىجادىيەت مىۋىلىرىدىن زوقلىنىشنى بىلىدىغان ئاتا-ئانا دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك
ئاتا-ئانىلاردۇر.
5) پەرزەنتلىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغان،كەمسىتىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن ھەمدە ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا سوغۇق سۇ سېپىشتىن ساقلىنىش كېرەك.چۈنكى،بالىلار ئۆگىنىش ۋە ھەرىكەت
جەريانىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا،ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ مەدەت ھەم ئىلھام بېرىشىگە
مۇھتاج بولىدۇ.بۇنداق چاغدا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنى ھەرگىزمۇ تەڭلىكتە قالدۇرماسلىق كېرەك.
6) بالىلارغا قىيىنچىلىقنى يېڭىشنىڭ ھەر تۈرلۈك ئۇسۇلىنى ئېلمىي يوسۇندا شەرھىيلەپ چۈشەندۈرۈش
كېرەك.بۇ نۆۋەتتە ھەر بىر ئائىلە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە تىگىشلىك مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرىدۇر.
ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز،ھازىر جەمئىيتىمىزدە قىيىنچىلىقنى يىڭىش ئىرادىسى كۈچلۈك پەرزەنتلەر
10%كىمۇ يەتمەيدۇ.بۇ كىشىنى ئىنتايىن ئىچىندۇرىدۇ.
7) بالىلارنى مۇۋاپىق پەيتتە ماختاشقا ھەرگىزمۇ بېخىللىق قىلماسلىق زۆرۈردۈر.
بىر دانىشمەن:« بېخىللىق ئەڭ يارىماس سۈپەتلەردىن ھېساپلىنىدۇ.» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان.
      ھازىرقى زامان بالىلىرى كۆپ ھاللاردا ماختاشقا،رېغبەتلەندۈرۈشكە ھەمدە ئېلھام بېرىشكە تولىمۇ ھېرىسمەن كېلىدۇ.ئۇلار ماختاشقا ئېرىشكەندە ،گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ.تولۇق ئىشەنچكە تولىدۇ.مەغلۇپ بولغىنىدا:-ئۇلار يەنە چوڭلارنىڭ مەدەت بېرىشىگە مۇھتاج بولىدۇ.
شۇ ۋەجىدىن ئۇلار بۇ دۇنيادا ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئەسلا بېلمەيدۇ.ئۇلار-
نىڭ نەزىرىدە تۇرمۇش چۆچەكلەردىكى ھەممە يەردە گۈللەر ئېچىلىپ،قۇشلار سايراپ تۇرغان غايىۋى
دۇنياغا ئوخشايدۇ.بۇنداق قىلچە تەييارلىقسىز تۇرغان بالا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ھامان ئالاقزادە
بولۇپ،نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالىدۇ.شۇڭا ئۇلارغا تۇرمۇشنىڭ ھەممە جايلىرىنىڭ گۈل بىلەن تول-
مىغانلىقىنى،ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتتىن خالىي بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى،ئەمما،بۇ خىل ھالەتنىڭ ئۇنچېۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى كېچىكىدىن باشلاپ ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
پەرزەنتلەرنىڭ بۇ خىل ھېسىياتىنى چۈشىنىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
       بىر ئېغىز ماختاپ قويۇش،ئۇلارغا كۈلۈمسىرەپ قاراش،مەمنۇنىيەت تۇيغۇسىنى ئىپادىلەش-
بالىلارنىڭ ئىسىدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ. ئەگەر ئەكسىنچە بولغاندا پەرزەنتلەر:« مەن ئەڭ ئامراق كىشىمۇ مېنى كۆزگە ئىلمايدىكەن،ئەمدى مېنىڭدە نېمە ئۈمىد بولسۇن؟!»دەپ ئويلاپ ئۆزىنى
بېراقلا تاشلىۋېتىدۇ-دە،ئۆگىنىشكە قەتئىي قىززىقمايدىغان،«قىرىشىش،قارشىلىشىش...» پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرىۋالىدۇ.بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك.
8) ئائىلىدە پەرزەنتلەرنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشىغا مۇۋاپىق بوشلۇق ھازىرلاپ بېرىلىشى كېرەك.
ئېينىشتىيىن:«بىلىم ئۆگىنىشتە ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈشكە،يەنە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇش
كېرەك،مەن مۇشۇ ئۇسۇلغا تايىنىپ ئالىم بولالىغان....»دېگەنىدى.
9) پەرزەنتلەرگە تىنچ بولغان ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
مۇنداق بىر دىئالوگكا قۇلاق سېلىپ باقايلى:
باشلانغۇچ 2-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەزھەر بىلەن ئارىسلان دەرس ۋاقتىدا قىزغىن پاراڭغا
چۈشتى.دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچى دىققەت بىلەن ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىغا قۇلاق سالغاچ دەرسىنى
ئالدىرىماي ئۆتتى.
ـ-ئارىسلان،سەن تولىمۇ بەختلىك-ھە؟دەپ سورىدى ئەزھەر.
--مەن بەختلىكما؟دەپ سۇئال بىلەن جاۋاپ بەردى،ئارىسلان.
--سەن بەختلىك بولمايچۇ؟،چۈنكى،سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ يېنىڭدا،ئۇلار مېنىڭ ئاتا-ئانامدەك
ئاجرىشىپ كەتمىگەندە...!؟ دەپ چۈشەندۈردى ئەزھەر.
--خاتا ئويلاپسەن...مەن بەختلىك ئەمەس.كۈندە دادام ھاراق سورۇندىن كەچ-كەچ قايتىپ كېلىدۇ،بۇنى ئاز دەپ تېخى ئاپام بىلەن سوقۇشىدۇ،ئويدە بىر كۈنمۇ تىنچ،خاتىرجەملىك يوق.
كۈنلىرىم قىنىپ ئۇخلىيالمايلا ئۆتىدۇ. ئۆگىنىشىمچۇ-تېخى.مانا ھازىرمۇ ئۇيقۇم كېلىپ،ھېچ نەرسىگە كاللام ئىشلىمەيۋاتىدۇ.قانداقمۇ قىلارمەن....!
دوستىنىڭ ئازاپلىرىنى ئاڭلىغان ئەزھەرنىڭ دېمى ئېچىگە چۈشكەن ھالدا ھېچنېمە دېيەلمەي،
داڭ قىتىپ تۇرۇپ قالدى.
دېمەك،يۇقارقى دېئالوگتىن شۇنى ھېس قىلالايمىزكى،ئائىلە تىنچ،ئىناق،بەختلىك ھەم ساغلام
ئىجتىمائىي مۇھىتقا قەدەم باسسا،بۇنداق ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلارمۇ خاتىرجەم،كۆڭۈل-
لۈك ئۆگىنىش مۇھىتىغا ئىگە بولالايدۇ،ئۆگىنىش ئۈنۈمىمۇ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن نەچچە ھەسسە
يۇقۇرى بولىدۇ.
10) ئائىلىدە پەرزەنتلەرنىڭ ئۆگىنىش ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ،دەم ئېلىشىغىمۇ ئورتاق
كۆڭۈل بۆلۈش تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى.
بۇنىڭدا،باشلانغۇچ 1-،2-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى 15-20مىنۇتقىچە؛3-،4-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى 20-30مىنۇتقىچە؛ 5-،6-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى 30-50مىنۇتقىچە؛
تولۇقسىز 7-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى 50-90مىنۇتقىچە؛8-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى 90-120مىنۇتقىچە
؛9-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى 120-150مىنۇتقىچە؛تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بولسا 150-180
مىنۇتقىچە بولغان ۋاقىت ئۆلچىمى بويىچە ئۆگىنىشكە يېتەكلەنسە،بالىلارنىڭ دەم ئېلىش پۇرسىتىمۇ نورمال بولىدۇ.ئۆگىنىش ۋاقتىمۇ بالىلارنى زېرىكتۈرۈپ قويماستىن،بەلكى ئاجايىپ كۆڭۈللۈك بولىدۇ.
11) ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتىكى پائالىيەت ئەھۋالىنى قەرەللىك ھالدا ئىگەللەپ
تۇرۇشى،ئاتا-ئانىلار مەكتىۋى ۋە ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يېغىنلىرىغا ئۆز ۋاقتىدا تولۇق قاتنىشىشى،
مۇۋاپىق پەيتتە پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن پىكىرلىشىپ تۇرۇشى لازىم. ئەھۋال ئىگىلەپ
تۇرغاندىلا،پەرزەنتلىرىگە كونكېرت ۋە ئۈنۈملۈك رەۋىشتە ھەيدەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ.بۇنداق يېتەكلەشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ يۇقۇرى بولىدۇ.
12) پەرزەنتلەرنىڭ ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ۋە بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى مۇستەقىل ھەم ئاكتىپ
ئۆگىنىشىگە،تىرىشىپ ئىشلىشىگە دائىم ياخشى يېتەكچىلىك-نازارەتچىلىك قىلىش لازىم.بىلىم
ئېلىش،قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈش ھەرگىزمۇ مەكتەپتىلا،ياكى دەرسخانىدىلا ئىشقا ئىشىپ كەتمەيدۇ.
يېڭى ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ھەزىم قىلىش، مۇستەھكەملەش ھەمدە ئۇ بىلىمنى ئەمەلىي ماھارەتكە
ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇۋاپىق مىقتاردا مۇستەقىل ۋە ئاكتىپ تەكرار قىلىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر.
13) پەرزەنتلەرنىڭ قىزىقارلىق ھەرىكەتلىرى،تەپەككۈرى ۋە ئۆزگىچىلىك يارىتىلغان ئويۇنلىرىنى
كۆرگەندە ئۇلارغا ئىلھام بېرىش تولىمۇ مۇھىم. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ(پەرزەنتلەرنىڭ)
مۇستەقىللىق ئېڭىنى ئەپچىللىك بىلەن يېتىلدۈرۈپ،ئىجادچانلىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
پىلانلاشقا ماھىر قىلىپ يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
14) بالىلارنىڭ تۈرلۈك شەكىلدە سۇئال سوراش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشمۇ نۆۋەتتە ئىنتايىن مۇھىم
بىر نوقتىدۇر.بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ(پەرزەنتلەرنىڭ)ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشتا ھەركەتلەندۈرگۈچىلىك
رولىنى ئوينايدۇ.
15) بالىلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش،ئۇلارنىڭ سۆزىنى بۆلىۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
بۇ ئارقىلىق بىز بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشۈنۈشكە مايىل بولالايمىز. شۇنىسى ئېنىقكى،
بالىنىڭ (ئوقۇغۇچىنىڭ) كۆڭلىدە بىرەر ئىش بولسا،ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇشقا،ئۆگىنىش قىلىشقا قەتئىي
رايى بارمايدۇ.بۇ چاغدا سەزگۈر ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ بۇ خىل كەيپىياتىنى
دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بىرەلىسە،ئۇلار خاتىرجەم ھالدا ئويلىغانلىرى بويىچە پائالىيەت قىلالايدۇ.
كونىلاردا:« ئاتا-ئانىلارنىڭ قەرزى پەرزەنتلەرنى مال-دۇنيالىق قىلىپ قويۇش ئەمەس،بەلكى،
بىلىم-ھۈنەرلىك قىلىپ قويۇشتا.»دەيدىغان ھېكمەت بار.شۇڭا،بالىلارنىڭ سۆزىگە چىن ئىخلاس
بىلەن مۇئامىلە قىلايلى...!
16) پەرزەنتلەر بىلەن داۋاملىق بىرگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،مېھرى-مۇھەببىتىڭىزنى ئۇلارغا ئاتا
قىلىڭ.ئۇلار ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىللىق مېھرىگە تويۇنسۇن،قانسۇن...!شۇندىلا،ئۇلار
بىر پۈتۈن روھىي ساغلاملىق ئېچىدە ئۆگىنىش ھەم كۆڭۈللۈك پائالىيەت قىلىشتىن ئىبارەت تەربىيىلىنىش ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلاشقا ھەقىقىي ئىشەنچ تۇرغۇزالايدۇ.
     پەرزەنتلەرنىڭ ( ئوقۇغۇچىلارنىڭ) ياخشى ياكى يامان ئەخلاقىي –ئۇلارنىڭ تۈنجى ھەم
مەڭگۈلۈك مەكتىۋى بولغان ئائىلە،شۇنداقلا،مەكتەپ بىلەن زىچ مۇناسىبەتلىك بولىدۇ.
17) پەرزەنتلەرنى (ئوقۇغۇچىلارنى ) مۇناسىپ ھالدا ئۆزى قىلالايدىغان ئاددىي ئىشلارغا (ئەمگەكلەر)
سېلىش لازىم.بۇ ئارقىلىقمۇ ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
مۇشۇنداق يېتەكلەنگەن بالىلار كەلگۈسىدە ئۆز ئىشىنى ئۆزى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ چېقىدۇ.
م: ئامېرىكا خارۋارت ئۇنۋېرىستىتىدىكى ئۆسمۈرلەر مائارىپى مۇتەخەسىسلىرى ۋە جەمئىيەتشۇناسلار
20يىل تەكشۈرۈپ،تەتقىق قىلىپ چىقارغان تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا:« ئۆي ئىشلىرىنى
قىلىشنى خالايدىغان بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىنكى كىرىمى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى خالىماي-
دىغان بالىلارغا قارىغاندا% 25 يۇقۇرى بولغان.ئۇلارنىڭ پىسخىك كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش
نىسبىتىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن بولغان.».
دېمەك،ئائىلە ئەمگەكلىرىنى قىلىشنى خالايدىغان بالىنىڭ ئۆز ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ.باشقىلارغا كۆيۈنۈشنى،غەمخورلۇق قىلىشنى ئۆگىنىدۇ.مەسئۇلىيەتچان كېلىدۇ.
باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلەيدۇ.يېڭى مۇھىتقا ئاسان ماسلىشالايدۇ.شۇنداقلا،ئاجايىپ زور
نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
   دەنالاردىن بىرى:« ھەر بىر مىللەتنىڭ سائادىتى،دۆلەتنىڭ تىنچ-ئاسايىشلىقى پەرزەنتلەرنىڭ
ياخشى تەربىيىلىنىشىگە باغلىق بولىدۇ.» دېگەنىدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىزمۇ بۇندىن 1000يىل بۇرۇنلا:
        «تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز-ئوغۇل،
        ئاڭا تەربىيىچى سەن ئۆزۈڭلا بول...» دېگەن ئاجايىپ پەلسەپىۋى كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا
قويغان ئىدى.
شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، پەرزەنتلەرنىڭ 60-%70بىلىمى ۋە ياخشى ھەرىكەت ئادىتى ئائىلە
تەربىيىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.
بالىلاردا ئاق كۆڭۈللۈك تۇيغۇسىنى كىچىك چېغىدىن باشلاپ سىڭدۈرۈش-تەلىم-تەربىيە جەريانىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى ۋە مۇقەددەس باشلىنىشىدۇر.
2-مائارىپ،مەكتەپ،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى ۋە ساپا ئۇقۇمى
1.مائارىپ:-ئىنسانلارغا خاس بولغان ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇپ،ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزىلىدىغان بىلىم،ئىقتىدار،ماھارەت،ئىدىيە،كۆز قاراش،ئېتىقاد ۋە ھەرىكەت ئادەتلىرىنىڭ
ئومۇمىي يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ.
يەنى، مائارىپ-مەكتەپ،ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر تۈرلۈك تەلىم-تەربىيە تەسىرىنىڭ ئورگانىك
گىرەلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ.
2. مەكتەپ:-تەربىيىلىگۈچىنىڭ مۇئەييەن جەمئىيەتنىڭ ھاۋالىسى بويىچە،تەربىيەلەنگۈچىلەرگە
نىسبەتەن مەقسەتلىك،پىلانلىق،تەشكىللىك ھالدا تەربىيە ئېلىپ بېرىپ،ئۇلارنى ئىلىم-مەرىپەتلىك
،گۈزەل ئەخلاقلىق،ئىقتىدار-قابىلىيەتلىك،غايىلىك،ئىرادىلىك،جىسمانىي ۋە پىسخىكا جەھەتتىن
ساغلام بولغان كىشىلەردىن قىلىپ يېترىشتۈرۈپ چىقىدىغان پائالىيەت ئورنىدىن ئىبارەتتۇر.
شۇنداق،رەسۇلۇللاھ ئىلىم-مەرىپەتنى ئىنتايىن قەدىرلىگەنلىكى ئۈچۈن،ئۇ دائىم:« ھەركىم پەخىرلىنىشكە توغرا كەلسە پەقەت ئىلمى بىلەنلا پەخىرلىنىش كېرەك.» دېگەن ئېدى. ئەنە شۇ
«ئىلىم»نى تاراتقۇچى مەكتەپ،ئۇ مەخسۇس ئىلىم-مەرىپەت تارقاتقۇچى تەلىم-تەربىيە ئورگىنىدۇر. ئۇ ئېلىپ بارىدىغان تەلىم-تەربىيە پائالىيىتى سىلەرگە ئوخشاش مەخسۇس تەربىيە-
لەنگەن ئوقۇتقۇچىلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. چۈنكى،ھەر بىرىڭلار بەلگىلىك مەدەنىيەت ساپاسىغا
ۋە تولۇپ-تاشقان كەسپىي بىلىمگە ئىگە.شۇنداق بولغاچقا،ھەر بىرىڭلارنىڭ تەربىيەلەش مەقسى-
دىڭلار ئېنىق،بەلگىلىك تەلىم-تەربىيە ماھارىتى ۋە تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ،ھەر دەرىجىلىك،ھەر
خىل مەكتەپلەرنىڭ تەلىم-تەربىيە پائالىيەتلىرىدە يېتەكچىلىك ھەم باشلامچىلىق رولۇڭلارنى تولۇق،شۇنداقلا،بىجانىدىل جارى قىلدۇرۇپ كەلدىڭلار....مانا بۇ مائارىپ روھىي،مانا بۇ-
تەۋفىق روھىيدۇر.
3.ئوقۇتقۇچى:مۇئەييەن جەمئىيەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن،لاياقەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى
تەربىيەلەيدىغان مائارىپ خىزمەتچىسى-ئوقۇتقۇچى بولىدۇ.
*ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى:
1) ئوقۇتقۇچى-ئىنسان مەدەنىيىتىنى تارقاتقۇچى.
2) ئوقۇتقۇچى- ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئاچقۇچىلاردۇر.
3) ئوقۇتقۇچى-ئىنسانىيەتنىڭ روھىي ئىنژىنىرى،گۈزەل باغىنىڭ چېۋەر باغۋىنى،سەبىلەرنىڭ
   تەشنا قەلب-دۇنياسىنى يورۇتقۇچى ئۆچمەس مەشئىلى.
4) ئوقۇتقۇچى-مائارىپ ۋە مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ تايانچ كۈچلىرى،دۆلەتنى قۇدرەت
تاپقۇزۇشنىڭ زەپەردەست قوشۇنلىرى.
5) ئوقۇتقۇچى-كىتاب ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيىلىگۈچى مائارىپ خىزمەتچىسى،ئوقۇتقۇچى -دۆلەت خىزمەتچىسى،ئوقۇتقۇچى-جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئىلغار زىيالىسىدۇر.
*ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى:
1) ئوقۇتۇشنى ياخشى ئېلىپ بېرىش.
2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي،ئىددىۋىي تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش.
3) ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش.
4) مەكتەپ باشقۇرۇشقا قاتنىشىش ۋە تەلىم-تەربىيە تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلاش.
*ئوقۇتقۇچى ئەمگىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى:
1) ئوقۇتقۇچى ئەمگىكى-ئىجادىيىلىققا ئىگە.
2) ئوقۇتقۇچى ئەمگىكى-ئۇزاق مۇددەتلىككە ئىگە جاپالىق ئەمگەك.
3) ئوقۇتقۇچى ئەمگىكى-مۇرەككەپلىككە ئىگە.
4) ئوقۇتقۇچى ئەمگىكى-مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە.
5) ئوقۇتقۇچى ئەمگىكى- نەمۇنىلىككە ئىگە،ئۈلگە بولۇشچانلىققا ئىگە.
6) ئوقۇتقۇچى ئەمگىكى- مۇستەقىللىققا ۋە كۆللىكتىپچانلىققا ئىگە.
7) ئوقۇتقۇچى ئەمگىكى-ئادىمىيلىك خاراكتېر يارىتىش ھەم ئىنسانپەرۋەرلىك روھ يېتىلدۈرۈشتەك
ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
4.ئوقۇغۇچى:-كۆز ئالدىمىزدا بىزگە تەلمۈرۈپ تۇرغان ئوبىكىتلار،كونكىرت ئېيتقاندا،ھەرخىل،
ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردىكى ئادەت يېتىلدۈرۈش ھەم ئۆگىنىشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلغان،بولۇپمۇ ئەڭ مۇھىمى يەسلى تەربىيىسى ۋە باشلانغۇچ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىۋاتقان تەربىيەلەنگۈچىلەردىن ئىبارەتتۇر.
     سۆۋىت پىداگوگىكى سوخۇمۇلىنىسكى:« بىز تەربىيەلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردا ئەخلاقىي ساپلىق،
مەنىۋى بايلىق،جىسمانىي مۇكەممەللىك ۋە پىسخىكا ساغلاملىق ئۆزئارا ماسلىشىپ كېلىشى زۆرۈردۇر.» دېگەنىدى.
     «قۇرئان كەرىم»نىڭ 17-سۈرە 72-ئايەتتە:« بۇ دۇنيادا دىلى كور بولغان ئادەم ئۇ دۇنيادىمۇ
كۆر ۋە تېخىمۇ گۇمراھ بولىدۇ.» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
     مۇھەممەد ئەلەيھىسالاممۇ:« ئىلىم قانچە يىراقلاردا بولسىمۇ بېرىپ ئۆگىنىڭلار،چۈنكى،ئىلىم
تەھسىل قىلىش تەڭرىگە يىقىنلىشىشتۇر.ئۆگىنىش- ئەمەلدۇر،مۇلاھىزە قىلىش-مەدھىيىدۇر.
تەھلىل(مۇنازىرە)قىلش-كۈرەشمەكتۇر.كىشىلەرگە بىلمىگەننى ئۆگىتىپ قويۇش سەدىقىدۇر ھەم
ئوغۇل-قىزلار ئۈچۈن پەرىزدۇر.ئەگەر بىلمىسەڭلار،ئەھلى ئىلىمدىن سوراڭلار.» دېگەنىدى.
دېمەك،بىزنىڭ ئوبىكتىمىز بولغان ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ئىگەللىتىش بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەگەكلىك بىلەن ئادا قىلىشقا تىگىشلىك پەرزىمىز ھەم قەرزىمىزدۇر.
5.ساپا:-ئادەمنىڭ تۇغما تەبىئىيتى ئاساسىدا كىيىنكى مۇھىت ۋە تەلىم-تەربىيەنىڭ تەسىرىگە
ئۇچراپ،خاسلىقنىڭ ئۆزىگە بولغان بېلىش،ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت،مەدەنىيەت يەتكۈزۈش ۋە ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق تەدرىجى شەكىللىنىدىغان ھەم تەرەققى قىلىدىغان بىر قەدەر مۇقىم
بولغان جىسمانىي  ۋە پىسخىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ھەمدە ئۇنىڭ سۈپەت
سەۋىيەسىدىن ئىبارەتتۇر.
*ساپا ئۈچ قاتلاملىق بولىدۇ:
1) تەبىئىي ساپا      2) پىسخىك ساپا      3) ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ساپاسىدىن ئىبارەت
$ تەبىئىي ساپا بولسا:- ئاساس بولۇپ،ساپانىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ماددىي ئالدىنقى
  شەرتتۇر.
$ پىسخىك ساپا بولسا:-ۋاستە (ئارىلىق ھالقا) بولۇپ،ساپانىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى.
چۈنكى،ئادەمنىڭ زور بىر قىسىم ساپاسى پىسخىك شەكىلدە ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
$ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ساپاسى:-باشلامچى (يول باشلىغۇچى) ھېساپلىنىدۇ.
دېمەك،يۇقارقى ئۈچ قاتلاملىق ساپانىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى،ئۆزئارا تۇرتكە بولۇشى ئارقىلىق
بىر ئورگانك بىرلىككە كەلگەن ھېسىيات ۋە تەن ساپا پۈتۈنلۈكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن
ئالغاندا،«ساپا»-ئادەمنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەققىياتىنىڭ ماھىيىتى بولۇپ،ئىچكى
مۇئەييەنلىككە ئىگە بولىدۇ.ئادەم تىنىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.
ئەمما،«بىلىم»-ئادەم تىنىدىن ئايرىلىپ ھەر خىل ۋاستە،قوراللاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ.
# خۇلاسە قىلغاندا،يۇقاردا بىز تىلغا ئىلىۋاتقان تەبىئىي ساپا ۋە پىسخىك ساپا كەڭ ياش ئۆسمۈر-
لەرنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشتىن بۇرۇنقى تۆرەلمە مەزگىلىدىن تارتىپ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى ئاساسىدا مۇكەممەل يېتىلىشىكە باشلايدۇ.
   ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ساپاسى:- پەرزەنتلەرنىڭ(ئوقۇغۇچىلارنىڭ) بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان
كۈندىن باشلاپ تەدرىجى يېتىلىدۇ.بولۇپمۇ 3ياشتىن باشلاپ بۇ خىل ئامىل ناھايىتى روشەن
ئاشكارىلىنىدۇ.شۇنداقلا،ئائىلە تەربىيىسى،يەسلى تەربىيىسى ۋە ھەر خىل باسقۇچتىكى مەكتەپلەر
تەربىيىسىدە قاتلاملىق شەكىللىنىدۇ.بۇنىڭدا يەنە ئاتا-ئانا ۋە كەڭ ئوقۇتقۇچى-تەربىيەچىلەرنىڭ
رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.
3-ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك ساداسى:
1) ھۆرمەتلىك دادا-ئاپا،ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار،مەن دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن بۇيان،ھەر قايسىڭلار
ماڭا مېھرىبانلىق ۋە غەمخورلۇق قىلىپ،ئىللىق،ئىناق بولغان بىر ئائىلە،ئۆگىنىش مۇھىيىتى يارىتىپ
بەردىڭلار ھەمدە ئادەم بولۇش قائىدىلىرىنى ئۆگەتتىڭلار.بىراق،مېنىڭ چوڭ بولۇشۇمغا ئەگىشىپ،
ئۆزۈمگە خاس ئوي-پىكىر ۋە كۆز-قاراشلار شەكىللىنىپ،بەزى ئىشلاردا ئۆزئارا پىكىرىمىز بىر يەردىن
چىقمايدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ كەلدى.سېلەر نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئوي-خىياللىرىمىزغا قۇلاق
سېلىپ قويمايسىلەر؟ بىز ھەيكەلمۇ؟
2) ئۆزئارا يول قويۇش ۋە ھۆرمەت بىلەن ياشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
3) بىزنى بەك ئەركىلەتمەڭلار،ئۆز مەيلىمىزگە قويۇۋەتمەڭلار،چۈنكى،بىز تېخى كىچىك،يول مۈشكۈل،بىز سىلەرنى چىكىپ باقتۇق،ئورۇنسىز تەلەپلەرنى قويۇپ گاڭگىراتتۇق،ئەمما،سىلەرنىڭ
ھەممىسىگە سەۋر قىلىپ كەلدىڭلار.
4) بىزگە نىسبەتەن بىراز كەسكىن بولۇڭلار،قاتتىق قول بولۇشتىن قورقماڭلار،چۈنكى،ئۇستاز زالىم
بولسا،شاگىرتلىرى ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ ئەمەسمۇ؟شۇنداق قىلالىساڭلار بىزدە بىخەتەرلىك
تۇيغۇسى كۈچىيىپ بارىدۇ.
5) بىز بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىڭلار،باشقىلار ئالدىدا ئەيىپلەۋەرمەڭلار ھەم سېلىشتۇرماڭلار.
6) بىز سىلەرگە«ئۆلگۈدەك ئۆچ بولۇپ كەتتۇق »-دېسەك،ھەرگىزمۇ قايغۇرۇپ كەتمەڭلار،
بىز سىلەرگە ئەمەس،بەلكى،كىشىلىك قەدىر-قىممىتىمىزگە قىلغان تۈرلۈك توسقۇنلىقىڭلارغا ئۆچمىز.
7) كەچكىچە كوتۇلداۋەرمەڭلار،ئۇ ھالدا بىز تەبىئىي گاس بولۇۋالىمىز،تەربىيىڭلارنىڭ قىلچە
ئۈنۈمى بولمايدۇ.
8) سورىغان سۇئاللىرىمىزغا ئېتىبارسىز قارىماڭلار،بولمىسا،بىز باشقا ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالىمىز.
9) ۋەدە بەرمەڭلار،ۋەدە بەرگەن ئىكەنسىلەر چوقۇم ۋەدەڭلاردا تۇرۇڭلار،بولمىسا سىلەرگە بولغان
ئىشەنچىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز.
10) بىزنىڭ يېڭىلىقلارغا بولغان ئىنتىلىشىمىزنى بايقاشنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالماڭلار،چۈنكى،بىز بۇ خىل
ئىنتىلىشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز.
11) كۈندە ئازراق ۋاقتىڭلارنى چېقىرىپ بىزگە ھەمراھ بولۇڭلار،بولمىسا بىز غىرىپسىنىپ قالىدىكەنمىز.
12) بىزنى چۈشىنىشكە پۇرسەت چېقىرىڭلار،بولمىسا بىز ساغلام ئۆسۈپ يېتىلەلمەيمىز.
13) بىزگە ئازراق بوشلۇق بېرىڭلار،بەزى ئىشلارنى ئۆزۈم مۇستەقىل قارار قىلىپ باقاي،بىزنىڭ
مەغلۇبىيەت ئېچىدىن ساۋاق ئېلىشىمىز ئۈچۈن مەغلۇپ بولۇشىمىزغىمۇ روخسەت قىلىڭلار.
14) سىلەر بىزنىڭ مۇزىكا ھەۋىسىمىزگە،رەسىم سىزىش ئىقتىدارىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار،ھەرگىزمۇ
چەكلەپ قويماڭلار،بولمىسا ئەقلىي تەپەككۇرىمىز ۋە ئىجادىيەت ھېسىياتىمىز بۇزغۇنچىلىققا
ئۇچرايدۇ.
15)ھەرقانداق شارائىتتا بىزنىڭ ئالدىمىزدا باشقىلارنىڭ يامان گىپىنى،غەيۋىتىنى قىلىشماڭلار..
邮编:830013
乌鲁木齐市新市区四平路831号:乌鲁木齐市第37中学高级语文教师:
吐尔逊·玉赛音
电话:13639905412
2015-يىلى 7-ئاي ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-12 00:11  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-12 00:17:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باگيارغا رەھمەت...!

ۋاقتى: 2015-11-12 09:49:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكسىيە ئەتراپلىق تەييارلىنىپتۇ، ئاڭلىغۇچىلارغا مەنپىئەت يەتكۈزىدىكەن...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش