ئەقىل ۋەسفىدە بىر نەچچە تەرىپ
بۈگۈن سۆزنى ئەڭ ئاۋال ئەي دانىشمەن،
باشلايلى ئەقىلنى ماختاشلار بىلەن.
ئەقىل توغرىسىدا نېمە دېسەڭ دەۋەر،
قىززىققانغا بولما ئانچە مۇنتەزىر.
خۇدا نېمەتلىرى شاھىدۇر ئىدراك،
ئەقىلنى تەرىپلەر ھەممە دىلى پاك.
ئەقىل بىر تىرىك جان، بىلمەيداۇ زاۋال،
ئەقىل تۇرمۇش تەكتى، بۇنى يادلىۋال.
ئەقىل يول كۆرسىتىپ، دىلنى قىلار شاد،
ھەر ئىككى ئالەمدە ئەقىللىق ئاۋات.
ئەقىلدىن غەمكىنلىك، شادلىق، ئۆكتەملىك،
ئەقىلدىن بارلىقۇ يوقلىقۇ كەملىك.
ئەگەر ئەقلى خىرە بولسا ھەر ئىنسان،
شادلىققا ئېرىشەلمەس ئۇ ھېچبىر زامان.
سۆزىدىن دانالار ئالغۇچى ئىبرەت
ئاقىل كىشى قىلار شۇنداق نەسىھەت:
«ئەقىلنى رەھنەما قىلمىسا كىشى،
دىلىن ئۆرتەر ئۇنىڭ قىلغان ھەر ئىىشى.
ھۇشيارلار دېۋانە دېيىشەر ئۇنى،
يېقىنى بېگانە دېيىشەر ئۇنى.
ئەقىل ئۇلۇغلۇققا ئېتىدۇ پەيۋەند،
ئەقىلسىزنىڭ دائىم پۇت قوللىرى بەند.
ئەقىل دىل كۆزىدۇر قەرىگە يەتسەڭ،
ياخشىمەس جاھاندىن كور ئۆتۈپ كەتسەڭ.
ئەقىلدۇر يارالمىشلار شاھى سۇلتانى،
ئەقىلدۇر ئەسلىدە يۈرەك پاسىبانى.
سېنىڭ پاسىبانىڭ كۆز، قۇلاق، زەبان،
كېلىدۇ شۇلاردىن ياخشىيۇ يامان.
ئەقىل بىرلە دىلنى تەرىپ قىلغاي كىم؟
ئەگەر مەن تەرىپ ئەتسەم قۇلاق سالار كىم؟
ھەكىملەر بولمىسا سۆزدىن نېم پايدا؟
جاھان ئاساسىنى ئىزدەپ كۆر، قايدا؟
جاھاننى ياراتقان ئالىي زات ئىنسان،
ساڭا مەلۇم ھەممە ئاشكارۇ پىنھان.
ھەمىشە ئەقلىڭنى رەھنەما ئەتكىن،
نالايىق ئىشلاردىن يىراقراق كەتكىن.
يول ئىزدە دانالار سۆزلىرى تامان،
دانا سۆزىن تەكرار قىلىپ كەز جاھان.
ھەر قانداق ئىلىمدىن ئاڭلىساڭ بىر سۆز،
ئۇنى تىنماي ئۆگەن كېچەيۇ كۈندۈز.
ئىلىمدىن بىر شولا دىلغا چۈشكەن ئان،
شۇندا بىلىسەنكى، ئىلىم بىپايان.»
بۇ قۇرلاردىن كېيىن شائىر دۇنيانىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە سۆزلەيدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئالدى بىلەن تۆت ئۇنسۇر ـــ ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراق يارىتىلغان، ئاندىن ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانلار، ئاخىردا ئەڭ ئالىي زات ـــ ئىنسان يارىتىلغان.
ئاخىردا شائىر «شاھنامە» كىتابىنى تۈزۈش ۋە ئۆزىدىن ئاۋال شاھنامە يازغانلار (جۈملىدىن شائىر دەقىقى) ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.
شائىر شۇ زامان ئەنئەنىلىرىدىن كۆرە سۇلتان مەھمۇدقا مەدھىيە ئوقۇشنى چوڭ بىلگەن. ئۇ داستانىنى قەدىمىي ئەپسانىۋى شاھ كەيۇمەرىستىن باشلايدۇ.
كەيۇمەرس
نەقىل باشلاپ دېدى سۆزمەن بىر دېھقان:
جاھان تاجىن ئاۋۋال كەيگەن قاي ئىنسان؟
ئەڭ ئاۋال شاھ تاجىن كەيگەن كىشى كىم؟
تارىخىن ئەسلەلمەس بىرەرمۇ ھەكىم.
ئاتا سۆزىن تەكرار ئەيتىدۇ ئوغۇل،
بوۋىدىن ئاتىغا قالىدۇ نەقىل.
ئۇلۇغلۇق ئەڭ ئاۋۋال كىمگە بولدى يار؟
كىم بولدى بۇنىڭدەك نامغا سازاۋەر؟
قەدىم نامەلەرنى ئوقۇغان دانا،
باتۇرلۇق قىسسەسىن قىلار ئاشكارا.
دېدى: «ئادەت بارمىش شاھىنشاھلىقتا،
كەيۇمەرس دېگەن شاھنى چوڭ سانىماققا.»
ھەمەل دەۋرى ئىسسىپ كۈن -ئاپتاپ،
جاھان يورۇپ ئاقتى سۇ ئويناپ.
ئاسمان چېھرى خۇش كۈلكىگە تولدى،
يەر يۈزى ياشىرىپ چېچەكلەر كۈلدى.
كەيۇمەرسكە جاھان شاھلىق بۇيرىدى،
دەسلەپ تۇرغان يېرىن تاغ ئارا قۇردى.
تەختۇ بەختىنى تېپىپ تاغلاردىن،
يولۋاس تېرىسىدىن كېيدى شاھلىق تون.
ئۇ باشلاپ ئىنساننى قىلدى پەرۋەرىش،
ياخشىلاندى كېيىم-كېچەك يەپ ئىچىش.
ئوتتۇز يىل ئالەمدە شاھلىق قىلدى ئۇ،
نۇر چېچىپ، قۇياشۇ ماھلىق قىلدى ئۇ.
قانچىلىك جانلىق بار ئالەمدە، بارى
پاناھ ئىزدەپ كېلەر كەيۇمەرسسېرى.
ئادەملەر ئېگىلىپ سۆيەر تەختىنى،
ھەممىسى شۇ تەختتىن تاپار بەختىنى.
سەجدىگە ئېگىلەر ھەممىنىڭ بېشى،
چۈنكى تەخت ئۆزرە بەخت قۇياشى.
بىر ئوغلى بار ئىدى چىرايلىق يۈزى،
ھۈنەردە، ئەقىلدە ئاتىنىڭ ئۆزى.
سائادەتمەن ئىسمى سىيامەك ئىدى،
كەيۇمەرس كۆز قارىسى شۇ گۆدەك ئىدى.
دۇنيادا شادلىقى شۇنىڭ دىدارى،
دۇنيادىن تاپقىنى مېۋىسى بارى.
ئوغلىنىڭ مېھرىدە كۆيۈپ پىشاتتى،
جۇدالىقنى ئويلاپ ياشلار تۆكەتتى.
قاتا-قاتار يىللار ئۆتەر باشلىدى،
شەھرىيار دۆلىتى گۈللەپ ياشنىدى.
دۇنيادا يوق ئىدى ئاڭا بىر دۈشمەن،
ئەمما پىنھان ئىدى دېۋە ئەھرەمەن.
ئەھرەمەن دىلىدا پايانسىز ھەسەت،
يامانلىققا ئاستا كۆتۈرەتتى قەد.
بۆرە بالىسىدەك ئوغلى بار ئىدى،
ۋەھشىيلىك، يىرتقۇچلۇق ئاڭا يار ئىدى.
قوشۇن توپلاپ يۈرۈش باشلىدى.
كەيشاھقا خىرىس قىپ ئۇرۇش باشلىدى.
قارىسا سىيامەك شاھ ھەم بەختىيار،
بىلىندى دۇنيا شۇئان دېۋىلەرگە تار.
كىم كۆرسە دەردىنى سۆزلەيتى راسا،
قاپلاندى بار ئالەم بۇ شۇم ئاۋازغا.
ۋە لېكىن كەيۇمەرس سائادەتلىك شاھ،
بۇنداق بەدنىيەتتىن ئەمەستى ئاگاھ.
شۇندا يېتىپ كەلدى پەرىشتە سۇرۇش،
پەرى سۈرىتىدە بەكمۇ ئالدىراش.
كەيۇمەرسكە تۆكۈۋەتتى بار سۆزىنى،
چىلبۆرىدەك ئاشكارلىدى بەدنىيىتىنى.
سىيامەكنىڭ دىۋە قولىدا ھالاك بولغانلىقى
ناپاك دېۋە تەرەپتىن سىيامەك تامان
بۇ مۇدھىش ئاۋازلار ئاڭلانغان ھامان.
شاھزادىنىڭ دىلى غەزەپكە تولدى،
قوشۇن يىغىپ جەڭگە ئاتلانماق بولدى.
ئۇچىسىدا بارىس تېرىسى، شىر قامەت،
تېخى ساۋۇت كېيىش ئەمەستى ئادەت.
چىقتى دىۋە بىلەن ئېلىشىشقا ئۇ،
قوشۇنلار كېلىشمەكتىدى روبىرو.
ساۋۇتسىز تاشلاندى جەڭگە سىيامەك،
دېۋىگە يەككە چىقتى ئۇ شىر يۈرەك.
شاھزادىگە چاڭگال سالدى ئەھرەمەن،
مىجىلدى، ئىزىلدى، گۈلدەك بۇ بەدەن.
يەرگە ئۇرۇپ بېشىن خاك، قىلدى خاك،
كاچات سېلىپ، قىلدى دىل باغرىنى چاك.
دىۋە قولىدا ھالاك بولدى سىيامەك،
باش پاناھسىز قالدى چىرىك، بولدى ھالاك.
ئوغلى ئۆلۈمىدىن خەۋەر تېپىپ شاھ،
شادىمان جاھانىنى قاپلىدى ئاھ.
زارلاپ تەختتىن چۈشتى ئاتا بىچارە،
تاتىلاپ تېنىنى، قىلىپ مىڭ پارە.
يۈزلىرى قىپ قىزىل قان، قەلبىدە ماتەم،
شاتلىقى ئورنىنى باستى ھەسرەت-غەم.
قوشۇننى ئېيتقۇسىز خار-زار قاپلىدى،
ھەممە دىل ماتەمدە مىڭ-مىڭ دادلىدى.
قوشۇن قايتتى زارۇ-زار يىغلاپ،
پادىشاھ ھوزۇرىغا يەتمەكنى ئويلاپ.
ئاسماندەك كۆك لىباس كەيگەن ھەممىسى،
كۆزلىرىدە قانلىق ياش، ياڭرار نىداسى.
چەرەندە-پەرەندە بولۇشۇپ توپ-توپ،
ئەتراپنى بىر ئېلىپ كەلدى توۋلىشىپ.
جىمى ئادەم تۇتتى ماتەم دىلدا دەرد،
كەيشاھ دەرگاھىدىن كۆتۈرۈلدى گەرد.
بىر يىل ماتەم تۇتتى دەردتە پادىشاھ،
ئادالەت خەۋىرىنى ئەۋەتتى ئىلاھ.
سۆزنى ئېلىپ كەلدى شىرىن سۆز سۇرۇش،
دېدى: «تىنچلان ئەمدى، يىغىپ ئەسۇھۇش.
قوشۇن يىغىپ قۇلاق سال بۇ پەرمانغا،
ئۇلارنىڭ كۈلىنى سورى ئاسمانغا.
بەدنىيەت دىۋىنى بۇيەردىن قوغلا،
ئوتقا چېچىپ سەن سۇ، ئۆچمەنلىكنى تاشلا.»
ئۇلۇغ كەي قول سوزۇپ كۆك ئۈزرە تامان،
دەيتتى يوقالسۇن كىم بولسا يامان.
شۈكۈر قىپ تەگكەندە سەجدىگە بېشى،
كۆزىدىن تۆكۈلدى ئەلەملىك يېشى.
كېچە-كۈندۈز تاپماي ئارامۇ ئۇيقۇ،
سىيامەك قىساسى ئۈچۈن چاپتى ئۇ.
ھۇشەڭ بىلەن كەيۇمەرسنىڭ قارا دىۋىگە قارشى يۈرۈش قىلغانلىقى
سىيامەكنىڭ يالغۇز ئوغلى بار ئىدى،
بوۋىسى قېشىدا ئىشقا يار ئىدى.
ھۇشەڭ دەپ ئاتىلاتتى ئۇ ئوغلان،
ئەقلىھۇش ئاڭا يار، بەكمۇ بىلىمدان.
بوۋىغا ئوغلىدىن بولۇپ يادىكار،
بوۋا قولىدا ئۆسەر گۈل رۇخسار.
ئوغلى ئورنىن باسقان يىگىتتىن بوۋا،
بىردەم كۆزىن ئۈزمەس، قىلر جان پىدا.
دىلىغا پۈكۈپ ئىنتىقام ئالماقنى،
چاقىرىتتى قېشىغا ھۇشەڭ يىگىتنى.
ئۆتكەن ئىشنىڭ ھەممىسىنى دېدى ئاڭا،
ئەمدى يوق ئىدى سەۋرى قىلماققا.
دېدى: «توپلاپ لەشكەر، يۈرۈش قىلمىقىم،
جاھانغا غۇلغۇلا قىلماق نىيىتىم.
ئۆزۈڭ بول ئۇلارغا ئەمدى سەردار باش،
مەن قېرى ۋە لېكىن سەن بەختىيار ياش.»
يىغىلدى پەرىيۇ، يولۋاس پەرەندە،
ئارسلان قاپلانۇ، شىرۇ چەرەندە.
ھەممە يولغا چۈشتى بولۇپ ئالامان،
بۇنداق سىپاھدارنى كۆرمىگەن جاھان.
لەشكەر كەينىدە كەيۇمەرس پادىشاھ،
نەۋرىسى ئالدىدا، ئورتىدا سىپاھ.
كۆتۈرۈپ چاڭ توزان توپا يول بويى،
قارا دىۋە كېلەتتى قورقۇشتا دىلى.
ھايۋانلار نەرىدىن شاھنىڭ ئالدىدا،
دېۋە بوشىشىپ قالدى ئاخىردا.
لەشكەرلەر بىر بىرىگە ئۇرۇش باشلىدى،
ھۇشەڭ دىۋىلەرگە خىرىس باشلىدى.
پەشۋا ئۇردى دىۋىگە مىسلى شىر ھۇشەڭ،
قارا دىۋىگە شۇدەم جاھان بولدى ھاڭ.
باشتىن ئاياققىچە تىرىسىن شىلدى،
بېشىنى كېسىپ يەرگە يەكسان قىلدى.
چەيلىدى تۇپراققا كېيىملىرىنى،
تاشلىدى يىراققا ئىپلاس بېشىنى.
ئورۇندىغاچ ئۇ ھەممە ئىنتىقام،
كەيۇمەرس ئۈمىدى تۈگىدى تامام.
ئۇ كەتتى جاھاننى تاشلاپ ئىگىسىز،
جاھان ئىشى ئۆتەر ئەسلى شۇ تەرىز.
ئالدامچى دۇنيانى يىغىپ پادىشاھ،
پايدا كۈتتى، ئەمما قىلمىدى ۋاپا.
باشتىن ئاياغ ئەپسانىدۇر دۇنيا،
ياخشىيۇ، يامانۇ بىر مەزگىللىكلا.
ھۇشەڭ
(قىرىق يىل پادىشاھ بولغان)
جاھاندار ئۇل ھۇشەڭ ئادالەتپاناھ،
بوۋىسى ئورنىغا بولدى پادىشاھ.
بۇ پەلەك بېشىدىن ئايلاندى قىرىق يىل،
دىتقا تولدى بېشى، ئادالەتكە دىل.
ئۇلۇغۋار تەختىگە ئولتۇرغان ھامان،
شۇنداق سۆزنى ئېيتتى ئۇ ساھىبقىران:
«يەتتە ئىقلىمغا مەن بولدۇم پادىشاھ،
ھەر جايدا غەلىبە ماڭا رەھمەنا.
يەزدان قوللىسا يار بولسا زەپەر،
ئادالەت ھىممەتكە باغلىدىم كەمەر.»
ئاۋات بولدى دۇنيا باشتىن ئاياغ،
ھەقۇ ئادالەتكە تولدى ھەممە ياق.
بىر گۆھەر كىرگۈزدى قولغا ئۇ باشتىن:
ئىلىم بىلەن ئايرىدىن تۆمۈرنى تاشتىن.
روناق تاپماقتا بولدى بىر گۆھەر،
قارا تاشتىن چىققان پارقىراق تۆمۈر.
راۋاج قىلغاچقا تۆمۈرچىلىكنى شاھ،
ياسالدى پالتا، ھەرە، قورال-ياراغ.
دەريا سۈيىنى چۆلگە چىقاردى،
چۆللەرنى تىلغاپ ئېرىقلار قازدى.
ئېرىقلارغا يوللاپ ئابى كەۋسەرنى،
ئاسان قىلدى ئىنسان جاپاسىنى.
ئاۋامنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىماق ئۈچۈن،
تېرىشقا، يىغىشقا ئۆگەتتى پۈتۈن.
ھەر كىم تېرىپ تاپار ئۆز نېنىنى،
كۆچمەنچىلىك ئەمدى قىينىماس جېنىنى.
بۇرۇن بۇ ئىشلار ئەمستى ئادەت،
ياۋا مېۋىلەردىن باشقا يوقق نېئمەت.
كىشىلەر ھەمىشە يۈرەتتى ئاچ-توق،
بىر تېرىدىن باشقا يېپىنچىسى يوق.
بوۋىسىدەك ئىدى دىن ۋە ئادىتى،
تەڭرىگە تايانماق چىن سائادىتى.
يوق ئىدى شۇڭغىچە ئاتەشى خۇبرەڭ،
ئىرانلىق مېھرابى ئىدى ئاددىي ساڭ.
چىقاردى تاشتىن ئۇ ئاتەشۇ -جۇلا،
تارالدى جاھانغا يورۇقلۇق شولا.
سەدە بايرىمىغا ئاساس سېلىنغانلىقى
پادىشاھ بىر گورۇھ ئادەملەر بىلەن،
تاغ تامان باراتتى شۇ چاغ توساتتىن
بىر نەرسە دۇچ كەلدى ئۇزۇن، بەك غايەت،
گەۋدىسى بەك ھەيۋەت قارا كاساپەت.
ئىككى كۆزى يانار، ئىككىسىلا قان،
ئاغزىدىن چىققان ئوت قاراڭغۇ جاھان.
ئۇنىڭغا بىر بېقىپ ھۇشەڭ شىر يۈرەك،
چىقتى زور تاش ئېلىپ گياكى شىردەك.
ھەيۋەتلىك كۈچ بىلەن ئاتتى ئۇ تاشنى،
ئەجدىھا سۆرەپ قاچتى لاشىنى،
قىيا تاشقا تەگدى ئاتقان تاش ئۇدۇل،
زەربىدىن بولدى شۇئام تاشمۇ چۇل-چۇل.
تاشلار ئارىسىدىن چىققاندا ئۇچقۇن،
ئۇچقۇندىن ھەتتا تاش قىپقىزىل يالقۇن.
ئەجدىھا ئۆلمىدىيۇ ئەمما ئوت سىرىن،
بىلىۋالدى ھۇشەڭ شۇ چاغدا بىردىن.
ئەمدى بىلدى تاشقا ئۇرۇلسا تۆمۈر،
چاقنايدىكەن بۇندىنمۇ ئاتەشۇ نۇر.
جاھاندار يەزدانغا ئېيتىپ ئاپىرىن،
شۇكرانە سەجدىگە ئېگىپ قامىتىن:
«بۇ ئوت ئەمس، ــ دېدى، ــ تەڭرى ھەدىيىسى،
ئەمدى ئاڭا بولسۇن قەلب سەجدىسى!»
شۇندىن بۇيان ئاتەش قىبلىگاھ بولدى،
شولىسىدىن دىلغا يورۇقلۇق تولدى.
كەچقۇرۇن ئوت يېقىپ ئەيلىدى گۈلخان،
گۈلخان ئەتراپىدا كاتتىلار بىلەن
ئولتۇرۇپ باشلىدى بەزمە ۋە بايرام،
«سەدە» دەپ نام بەردى دىلدىن كېتىپ غەم.
سەدە بەزمە شۇندىن قالدى يادىكار،
ھۇشەڭدەك بولسىدى ھەممە شەھرىيار.
ئەدەپ قىلىپ ئەتتى جاھاننى ئۇ شاد،
جاھان ياخشىلىقتا قىلار ئۇنى ياد.
ئاڭ ئەقلۇ ھۇش بەردى ئۇ يەزدان،
يۇرتىدا كۆپ ئىدى ھەر تۈرلۈك ھايۋان.
بارلىقىن ئاتىدى، بەردى ھەممىسىن،
ئاۋامغا چۈشەندۈرۈپ تەپسىلىي سىرىن.
قۇلان، كېيىك، ئارقار، قوي ۋە كالىنى،
ئاجراتتى ئۆكۈزۇ، ئىشەك ۋە ئاتنى.
كۈچى كۆپنى قوشقا قوشۇڭ، دېدى ئۇ،
بىر تەرەپ شۈدىگەر يەر، بىر تەرەپتە سۇ.
جاھاندار ھۈشەڭ دېدى ئەقىل بىلەن:
«ساقلاڭ ھايۋانلارنى جۈپ جۈپى بىلەن.
ھايۋان بىلەن تېرىڭ، ھايۋان بىلەن ئورۇڭ،
خەزىنە بېجىنى تاپشۇرۇپ تۇرۇڭ.»
قاي ھايۋان تېرىسى كەلسە دىتقا ماس،
ئاشلىتىپ ئۆگەتتى قىلىشنى لىباس.
قىزىل رەڭ تىيىن ۋە تۈلكە تىرىسى،
لىباسقا يارايدۇ شۇندىن بېرىسى.
شۇ خىلدا ھايۋاندىن تېرە ئېلىنىپ،
كىيمەك ئېتىلدى كىيىم قىلىنىپ.
ھەممە ياخشىلىقنى ئەيلىدى ئىنئام،
كەتتى، ئۇندىن قالدى پەقەت ياخشى نام.
كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، كۆرسىتىپ ئەپسۇن،
بۇ دۇنيادا جاپا چەكتى كۈنۇتۈن.
ئەمدى قىلغىنىدا يۇرتنى پاراۋان،
تەختى يالغۇز قالدى، تەسلىم بولدى جان.
ئاڭىمۇ زامانە قىلمىدى ۋاپا،
قالمىدى بۇ دۇنيادا ھۇشەڭدەك دانا.
جاھان مېھرى ساڭا بولماس پەيۋەستە،
سىرىن ئاچالماي كېتەرسەن خەستە.
تەھمۇرەس
(دىۋبەد پادىشاھلىقى ئوتتۇز يىل داۋاملاشقان)
بىر ئوغلى بار ئىدى ئاقىل خىرادمەند،
دەپ ئاتايتتى ئۇنى تەھمۇرەس دىۋبەند.
ئاتىسى تەختىگە چىقتى ياش ئوغۇل،
بەل باغلاپ شاھلىقتا تۇردى ئوتتۇز يىل.
يىغىلدى لەشكەرلەر، سەركە باشلىدى،
مەزمۇنلۇق ھەم گۈزەل سۆزلەر باشلىدى:
دېدىكىم: بۇ تەختۇ، بۇ بەختۇ، بۇ شاھ،
ماڭا يارىشاركەن گۈرزىيۇ كۇلاھ.
يامانلىقتىن تازىلاي جاھاننى پۈتكۈل،
دەرگاھىم بېزىتەي ياۋنى قىلىپ قۇل.
دىۋىلەر قولىنى ئىتەيكى ناكا،
جاھانغا مەن ئۆزۈم بولۇپ رەھمەنا.
جاھاندا پايدىلىق كۆپ نېمىلەر بار،
سىرىنى ئېچىپ ئۇنىڭ قىلاي ئاشكار.»
خەلققە ئۆگەتتى قوي يۇڭىنى ئېلىپ،
ئۇنى ئېگىرىشنى ئۇرچۇققا سېلىپ.
ئۆگەتتى ئېگىرىش، توقۇشنىمۇ ھەم،
يۇڭدىن توقۇماقچى ماتايۇ گېلەم.
تېز ماڭار جانىۋار بولسا بېقىشنى،
ئارپا، سۇلۇ يىغىپ قىش ئۆتكۈزۈشنى.
ھايۋان مىجەزىنى ئۆگىنىپ ئاۋال،
كۈچۈك ۋە مۈشۈكنى ئاجراتتى دەرھال.
تاغۇ دەشتتىن ئىزدەپ ئىلكىگە ئالدى،
توپىدىن ئاجرىتىپ يولىغا سالدى.
قۇشلاردىن قايسى ياخشى، ئىشقا ساز،
لاچىنۇ، قارچىغا، بۈركۈت، ياكى غاز؟
تۇرۇپ كېلىپ، ساۋاق بەردى سۇلتان،
ھەيران كۆزى بىلەن باقاتتى جاھان.
گاھ ئىللىق سۆز بىلەن، گاھ مېھىر بىلەن،
قۇشلارنى ئۆگەتمەكنى قىلدى بىر پەن.
ئادەمگە ئۆگەندى توخو ھەم خوراز،
بولۇپمۇ سۈبھىدەم چىللىمىقى ساز.
قايسى بېرىدىكەن پايدا ئالەمگە،
ھەممىسىن ئۆگىتىپ قويدى ئادەمگە.
دېدى: « بۇ ئىشلارنى يادقا ئېلىڭلار، ياد،
شۈكۈر قىلىپ تەڭرىنى شاد ئېتىڭلار شاد.
ئۇ بىرەر خاندانلار رايىن ئىنسانغا،
شۈكۈر قىلىڭ رەھنەما خالىق يەزدانغا.»
ۋەزىرى يار ئىدى پاكىزە يۈرەك،
ئۇندا تېپىلمايتتى بەدنىيەت جىندەك.
ئىسمى شېدەس، ئەلدە تاپمىش ئېتىبار،
نەگە قەدەم باسسا شۇندا يېڭىش بار.
كۈندۈزى تاماققا لەۋلىرى بېكىك،
كەچتە ئىباردەتتە قامىتى ئېگىك.
ھەممە دوست كۆرەتتى ئۇنى بەغايەت،
نامازۇ روزىنى ئۇ ئەتكەن ئادەت.
شاھقا يورۇق يۇلتۇز ـ ئاسمان ئىدى ئۇ،
يامانلارغا تاقاق - توغان ئىدى ئۇ.
شاھنى پەقەت ياخشى ئىشلارغا قىستار،
راستلىقتىن توختىماي ئۇرۇقلۇق ئىستەر.
شاھقا ھالاللىق بولغاچ مۇيەسسەر،
بېشىغا نۇر يېغىپ بولدى مۇنەۋۋەر.
ئەھرەمەن دىۋىنى يېڭى ئۇرۇشتا،
مىندى تىزگىن قىلىپ يالىنى قولدا.
شۇندىن بۇيان توقۇپ خالىغان زامان،
مىنىپ كېزەر بولدى پادىشاھ جاھان.
دىۋە -جىنلار كۆرۈپ بۇ ئاجايىپ ئىشنى،
ئىسيان كۆتۈرۈشتى باشلاپ ئۇرۇشنى.
دىۋە-جىن يىغىلدى بىسيار ئەلھەزەر،
تارتىۋالماق بولۇپ ئۇندىن تاجۇزەر.
تەھمۇرەس بۇ ئىشتىن تاپقاندا خەۋەر،
جىلى بولۇپ، يىغدى بازار، قىلىپ ھەزەر.
بەل باغلىدى پادىشاھ، خۇدا ئاڭا يار،
يېنىدا ئېغىر گۈرزە شاھانە شەمشەر.
ياۋۇز دىۋە بىلەن جادۇگەر جىنلار،
سەپ-سەپ كەلمەكتىدى ھەيۋەتلىك لەشكەر.
نەرە تارتىپ كېلەر دىۋە پىشىۋاز،
ئاسمانغا يېتەتتى ھۆركىرىگەن ئاۋاز.
ئاسمان قاپقاراڭغۇ، يەر بولدى قارا،
كۆزلەر خىرە بولدى بۇ نېمە ماجىرا.
جاھاندار تەھمۇرەس، ئاڭا شان - شەرەپ،
كەمەر باغلاپ تۇرار باغلاپ بىر تەرەپ.
بىر تەرەپ ئەسكىرى ئۇرۇشقا تەييار،
بىر تەرەپ دىۋە-جىن تىنماي ھۆركىرەر.
ئۇزۇنغا سوزۇلماي ئۇرۇش تۈگىدى،
نۇرغۇن دىۋىلەرنىڭ بېشى كېسىلدى.
ئۈچىن بىر قىسمىنىڭ خوتۇنى ئەرىسز،
قالغانلىرىنى بولسا قىلىشتى ئەركسىز.
باغلاپ سۆرەپ كەتتى كەتتى، بارى خارۇزار،
ئىلتىجا قىلاتتى بارى زارۇزار.
«بىزنى ئۆلتۈرمىسەك يېڭى بىر چۈنەر،
ئۆگىتىپ قويىمىز سىلەرگە يارار.»
ھەممىسىگە ھايات بەخش قىلدى شاھ،
يېڭى ھۈنەرلەردىن بولاي دەپ ئاگاھ.
يىشىلگەچ پۇت-قولىدىن ئىشكەل ۋە زەنجىر،
ئۆتۈشتى پادىشاھ تەرەپكە ئاخىر.
شاھقا ئۆگىتىشتى خەت يېزىش سىرىن،
دىلىغا تولدۇرۇپ مەرىپەن نۇرىن.
بىرلا يېزىق ئەمەس ئوتتۇز يېزىقنى،
ئەرەبچە، رىمچە، پارىسچە ئوقۇشنى.
سوغدىيۇ، چىنيۇ، پەھلەۋىنى ھەم.
شاھ يېزىپ ئوقۇيتتى ھەممىسىن ئىلدام.
پەقەت ئوتتۇز يىل ئۇ شاھ بولدى ئاخىر،
كىم مۇنچىلىك ھۈنەر قىلالىدى زاھىر؟!
ئالەمدىن كۆز يۇمۇ كەتتى تاجىدار،
ياخشى ئىشلار قالدى ئۇندىن يادىكار.
ئەي چەرخ، بولۇپ تاشلاش بولسا ئادەت،
تېرىپ ئۆستۈرۈشۈڭ بىزنى نې ھاجەت؟!
بۈگۈنكۆتۈرەرسەن بىرىنى يۈكسەك،
ئەتە ئۇ تۇپراق ئارا جانسىز بىر كېسەك.
جەمشىد
(جەمشىد پادىشاھلىقى يەتتە يۈز يىل داۋاملاشقان)
ئېسىلزادە جەمشىد ئۇنىڭ پەرزەنتى،
بېلى مەھكەم، دىلىدا ئاتىسى پەندى.
سائادەتلىك ئاتا تەختىگە چىقتى،
شاھانە تاج كىيدى، بەختىگە مىندى.
شاھلىق شان-شەۋكەتتە باغلىدى كەمەر،
ئاڭا تەۋە بولدى جاھان ھەممە يەر.
ھۆكمىدىن خاتىرجەم جاھاننىڭ بەرى،
ھۆكمىدە قۇش، ئادەم، دىۋىيۇ بەرى.
جاھاندا ئابرويى ئاشتى كۈندىن كۈن،
بەختى يورۇپ گويا كەتتى چىقىپ كۈن.
دەر: «ماڭا پادىشاھلىق باقىي ئەزەلدىن،
كۈچۈن شاھتىن كەممەس، ئەقلىممۇ بادتىن.
يامان بولۇپ كېسەي يامانلار قولىنى،
روھىمغا يار قىلاي ياخشى يولىنى.»
ياسىتىپ گۈرزىيۇ، قورال - ياراغلار،
باتۇرلارغا دېدى: «قۇچۇنلار شانلار.»
شاھانە ئاتەشتە قىزدۇرۇپ تۆمۈر،
نىقاب، قالقان، قاپاق ياساتتى بىر-بىر.
چېرىك ۋە ئاتلارغا ساۋۇت ياساتتى،
ھۈنىرى كۈنسېرىى كامالەت تاپتى.
بۇ ساھەدە يېرىم ئەسىر تارتىپ رەنج،
قولىغا كەلتۈردى قانچە ھۈنەر گەنج.
كىيىمنى ئويلىدى يەنە ئەللىك يىل،
پەم بىلەن بەزمە كىيىمى پىچتى خلمۇ-خىل.
يىپەكتىن، يۇڭدىن، كەندىردىن گەزمال،
توقۇشنى ئىختىرا ئەتتى ئۇ دەرھال.
يىپ ئىگىرىش، ئۆرۈش ۋە ئارقاق،
ماتالار توقۇشتىن بەردى ئۇ ساۋاق.
پىچىپ تىكىشنى، سۇدا يۇيۇشنى،
خەلق ئۇندىن ئۆگەندى يەنە كۆپ ئىشنى.
كېيىن باشقا ئىشقا ئۆرۈدى يۈزىن،
شادلىق زامانىدا شاد كۆردى ئۆزىن.
ھەر تەبىقە ئەھلى نېمىگە مايىل،
ئۇلارنى ئاجرىتىپ ئۆتتى ئەللىك يىل،
كاتۇزى دەيدىغان گورۇھ دۇنيادا،
تاللاپتۇ ئىبادەت يولىن بىچارە.
بۇ گورۇھنى خەلقتىن ئاجرىتىپ پادىشاھ،
ئورنىنى كۆرسەتتى تاغۇ تاش ئارا.
تاغلاردا ياشايدۇ ئۇنداقلار ھامان،
ئاھۇ ئىلتىجادا ئۆتكۈزۈپ دەۋران.
ئىككىنچى گورۇھنى كېيىن سەپلىدى شاھ،
نىسارا ئاتىلاتتى باھادىر سىپاھ.
جەڭگىۋار قەھرىمانۇ، پالۋانلار شۇندا،
شاھلار تاجى، تەختى شۇلار قولىدا.
مەردلەر شۆھرىتى بەختى شۇلاردا.
ئۈچىنچى گورۇھنى نەسۇدى دېدى،
قېنى كىم ئۇلارنىڭ غېمىنى يېدى؟
ئۆزى تېرىپ، ئۆزى پىشۇرار، ئورار،
مىننەتسىز، دەككىسىز ئۆز كۈنىن كۆرۈر.
بىر كىمگە موھتاجمەس، ئۈستىدە جەندە،
كۆڭلى توق، قۇلاق تىنچ، لېۋىدە خەندە.
دېگەنمىش ھۆر ياشار قېرى بىر ئاقىل:
«ھۆر ياشىغانلار ھورۇنلۇققا قۇل.»
تۆتىنچى گورۇھنى ئەختۇھۇشى دەر،
بۇلار ھۈنىرىگە قايىل ئاسمان يەر.
ھۈنەردە بەر كامال، ئىشچان دانىشمەند،
پاكىز روھى دائىم پىكرۇ ئويغا بەند.
شاھ شۇندىن كېيىن يېرىم ئەسر شاد،
كۆپ نەرسە بەخش ئەتتى، ئەل بولدى ئۋات.
شۇنداق تەبىقە قىپ خەلقنى بۆلدى،
مەقسەت ـ ھەركىم يولىن بەلگىلەش بولدى.
ھەر كىم نېسىۋىسىدىن بىلسۇن كۆپ يا كەم،
ئۆز يولى بىرلە تاشلىسۇن قەدەم.
ناپاك دېۋىلەرگە ئىش تاپتى ھوماي،
سۇغا توپا سېلىپ دەسسەپ قىلسۇن لاي.
ئاندىن لاينى قېلىپقا ئۇرۇش بولسۇن ئىشى،
كېسەك تۆكۈپ قۇرۇتسۇن قىلىپ تەكشى.
دىۋىلەر ئاشۇ گەجدىن قوپۇرسۇن تاملار،
جاھان ھەندەسىنى بىلسۇن باشتىلا.
مۇنچا، ئۆي، سارايلار بولدى بۇنياد،
خەلقى تاپتى پاناھ، شەھەرلەر ئاۋات.
تاشتىن گۆھەر ئىزدەپ ئۆتتى بىر مۇددەت،
ئۇلاردىن روشەنلىك ئىزدەيتتى پەقەت.
قولىغا كىرگۈزدى نەچچە خىل گۆھەر،
ياقۇتۇ، كەھرىۋا، قاشتاش، كۆمۈش، زەر.
ئەپسۇن بىلەن تاشتىن چىقىرار ھەممسىن،
تۈگۈنلەر ئاچقۇچى قولدا ئاپىرىن.
يەنە خۇش پۇراقلار ئىزدەپ كىشىلەر،
ئەتىر، ئەنبەرۇ مۇشك چارلىشار.
ئەتىرلەرۇ كافور ھەمدە مۇشكى ناب،
ئىختىيار قىلىندى ئۇد، ئەنبەر گۇلاب.
تېۋىپلىق ئېچىلدى كېسەلگە داۋا،
ھەر ئىللەتكە چارە، ھەر دەردكە شىپا.
تېۋىپلىق سىرىنىمۇ ئەيلىدى ئاشكار،
ئۇنىڭدەك تەپسىلىي يوق ئەلدە بىرەر.
سوڭ كېنە ياسىدى ئۈزۈپ كەتتى ئۇ،
يۇرتلاردىن يۇرتلارغا سۇدىن ئۆتتى ئۇ.
شۇ خىلدا ئۆتكۈزدى يەنە ئەللىك يىل،
ئەقىلدىن، ھۈنەردىن قىرىق بولۇل قىل.
ئەمگىكى مېۋىسىن پاراۋان ئالدى،
ئۆزىدىن باشقىنى كۆرەلمەي قالدى.
ئىشلىرى گۈرۈلدەپ بەرگەندە مېۋە،
يەنە ئۇلۇغلۇقنى ئەيلىدى شېۋە.
بىر تەخت ياسىدى ھەممە يېرى زەر،
شەۋكىتى شاھانە بېزىكى گۆھەر.
«دېۋە كۆتۈرۈپ ئۇچسۇن» دەپ، بولدى پەرمان،
تەخت كۆتۈرۈلدى يېقىن بولدى ئاسمان.
تەخت كۆكتە پارلايدۇ خۇددى بىر قوياش،
پەرماندار ئولتۇرار ئۇندا سىلكىپ باش.
ھەممە جەم، ئادەملەر قارار تەختىگە،
جاھان قايىل بولدى شۆھرەت-بەختىگە.
جەمشىدكە چېچىشار ئالتۇنۇ گۆھەر،
شۇ كۈننى يېڭى يىل بايرام دېيىشەر.
ئۇلۇغلار شادلىقتا بەزمە قۇرۇشتى،
يۈزلىرىن نەغمىگە مەيگە بۇراشتى.
بۇ بەختىيار كۈننى شۇنىڭدىن بۇيان،
شاھلاردىن يادىكار دەپ بىلىدۇ جاھان.
يەنە ئۆتتى ئۈچيۈز يىللار بەختىيار،
نە ئۆلۈم نە بىر دەرد كۆرمەي بۇ دىيار.
نە دەرد، نە يامانلىق كۆرمەس بىر ئىنسان،
دىۋىلەرنى بەند قىلغاچقا سۇلتان.
پەرمانىغا ھەممە بويسۇناتتى شاد،
مۇزىكا، كۈلكىدىن ھەممە ياق ئاۋات.
شۇنداق ئۆتەر يىللار پاراۋان، مەغرۇر،
شاھ مېھرىدىن ئېمەر ئىدى نۇر.
جاھان تاپار ئۇندىن شادلىق ۋە ئارام،
تاپار خەۋەر يەزداندىن جىمى ئاۋام.
نەچچە يىللار شۇنداق ئۆتتى بۇ ھايات،
ئېزگۈلۈكتىن ئۆزگە ئىش بۇ شاھقا يات.
جاھان ئاڭا تەۋە، بەخت ئاڭا يار،
جاھاندار، ئۇلۇغۋار تەختتە ئولتۇرار.
ئۇلۇغلۇق تەختىگە كۆز تاشلاپ گاھ-گاھ،
ئۆزىدىن باشقىنى كۆرمەي قالدى شاھ.
ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ يەزدانشۇناس شاھ،
خەلقتىن يۈز ئۆرۈدى ناشۈكۈركەن، ئاھ.
قېرى دانالارنى چىللاپ لەشكەردىن،
ئۆز ھوزۇرىدا باشلىدى سۈخەن.
قېرى ۋە ئۇلۇغلارغا سۆزلىدى سۇلتان،
دېدى: «مەنسىز نېمىگە يارار بۇ جاھان.
مەندىن مەلۇم بولدى ھۈنەر جاھاندا،
تەخت مېنىڭدەك شاھنى كۆرمىگەن ئەسلا.
جاھاننى ھۈنەرگە كۆمۈپ تاشلىدىم،
خالىغان يولۇمغا ئۇنى باشلىدىم.
يېمەك-ئىچمەك، ئۇيقۇ ئارامىڭىز ــ مەن،
كېيىم- كېچەك، ئارزۇ-ئارمانىڭىز ــ مەن.
ئۇلۇغلۇق شەۋكىتى - شانى مەن ئۆزۈم،
جاھاننىڭ ېگانە سۇلتانى ئۆزۈم.
دورا دەرمانىمدىن تۈزەلدى دۇنيا،
ئىنساندىن چېكىندى ئۆلۈم، دەرد، بالا.
ئۆلۈمنى چەكلەشتە مەندىن ئاشقان كىم؟
قېنى كىم بولىدۇ دۇنياغا ھاكىم؟
باشتا ئەقىل، تەندە جېنىڭىزدۇرمەن،
كىم ماڭا بويسۇنماس، ئاشۇ ئەھرەمەن:
مەڭگۈ مەندىن كۆرۈپ بولار ئەسلىنى،
ئەمدى مېنى ئاتاڭلار جاھان ئاتىسى.»
بېشىنى تۆۋەن سالدى مۇباد ۋە ئايان،
بىرەر سۆز دېيىشكە ئاجىز تىل زەبان.
بۇ سۆزدىن ھەممە كۆڭلى خىرە بولدى،
جاھاننىڭ ھەممە يېرى مىش-مىشكە تولدى.
ھەممە كەتتى شاھتىن ئۆرۈپ يۈزىن،
ئۇلۇغلارمۇ چەتكە ئېلىشتى ئۆزىن.
يەنە يىگىرمە يىل ئۆتمەيلا سىپاھ،
ھەممە تارقاپ كەتتى بوس قالدى بارگاھ.
مەنمەنلىك، تەكەببۇرلۇق كەلتۈردى تەشۋىش،
شۇ سەۋەب كەينىگە كېتىۋەردى ئىش.
دەيدۇكى شېرىن سۆز قېرى دانىشمەن:
«شاھ بولغاچ نەزەرىڭ، بەلەن تۇت بەلەن.
ياراتقۇچىغا كىمكى بولسا ناشۇكۇر،
تىنىمسىز بالادىن دىلى تىلىنار.»
جەمشىدنى تەرك ئەتتى ھالاۋەت ھوزۇر،
شاھلىق سۆلىتىدىن ئۆچەر ئەمدى نۇر.
كۆز يېشى تۆكتىيۇ، پايدىسىز پەقەت،
مىڭ توۋا قىلىپمۇ تاپماس ئىناۋەت.
يەزدان بەزدى ئۇندىن، كۈندىن-كۈن جۇدا،
كۈندىن-كۈن سېزىلەر، يېقىندۇر بالا.
زەھھاك ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى ھەققىدە قىسسە
بىر ھۆكۈمران ياشار ئىدى ئۇل زامان،
نەيزىۋازلار سەھراسى ئاڭادۇر ماكان.
تېگى تاز، ئۆزى كۆپ ياخشى كىشى،
شاھلىقتا يەزداندىن چۆچۈك ئىشى.
مەرداس ئىدى ئۇنىڭ مۇبارەك نامى،
ئېھسان ياخشىلىققا تولغان دىل-جامى.
سۈت بەرگۈچى ئىدى چارۋىسى ئۇنىڭ،
كۈندىن-كۈنگە ئاشار بايلىقى ئۇنىڭ.
شۇنىڭدەك قوي، تۆگە، ئۆچكە پادىسن،
چوپانلارغا بېرىپ قويغان ئۇ پاكدىن.
سۈتلۈك قارا ماللار تولا ھەرياندا،
ئېسىل ئارغىماقلار تولۇق ھەرياندا.
كىمدە ئەگەر سۈتكە بولسا ئېھتىياج،
ئۇلار خالىغانچە پۇلسىز، بىخىراج.
بىر ئوغلى بار ئىدى پۈتۈنلەي زەردە،
مىھرۇ مۇھەببەتتىن دىلى بىبەھرە.
دۇنيا ئىزدەر ئىدى نامىدۇر زەھھاك،
دادىل ۋە بەك تەنتەك ئىدى كۆپ ناپاك.
بېۋەرەسىپ دەپ ئاتىشاتتى ئۇنى،
پەھلەۋى تىلىبۇ نېمە دېگىنى؟
«بېۋەر» پەھلەۋىچە بولسا قۇلاق، كۆز،
ئونمىڭ دېگىنىدۇر دەرىدە بۇ سۆز.
توسۇن ئاتلىرى بولغاچقا ئون مىڭ،
نامىمۇ بېۋەرەسىپ بولغانتى ئۇنىڭ.
تۈنۈگۈن توقۇقلۇق ئۈچتىن ئىككىسى،
جەڭ ئەمەس، شۆھرەت دەپ تۇرار يىلقىسى.
بىر كۈنى پاك نىيەت بىر ئىنسان سۈپەت،
دەرگاھىغا كەلدى ئىبلىس كاساپەت.
گۆدەك دىلىنى ئازدۇردى يولدىن،
سۆز بىلەن باشنى ئايلاندۇردى جىن.
ئىبلىس سۆزى ئاڭا بەكمۇ خۇش ياقتى،
يامان ئوينى بىلمەي، ئېچىلىپ باقتى.
ئىبلىسقا ئەقلىنى تۇتقۇزۇپ زەھھاك،
ئۆز ئەزىز بېشىغا چاپتى قارا خاك.
كۆڭۈل بەرگىنىنى بىلگەچكە ئىبلىس،
شادلىنىپ ئەۋجىگە چىقتى ئۇ كۇس-كۇس.
ئۆز ئىشىن قىلاتتى ئىبلىس جاۋرەشى،
ئىلىمگە يات ئىدى زەھھاكنىڭ بېشى.
دېدى: «بار ساڭا ئېيتقىلى سۆزۈم،
ئۇنى ھېچكىم بىلمەس، بىلىمەن ئۆزۈم.»
يىگىت دېدى: «تېزرەك ئېيت، بايان قىل قىسقا،
مېنى ھەممە سىردىن قىلارسەن ئاگاھ.»
ئاڭا دېدى: «ئاۋۋال قىلغىن سەن قەسەم،
كېيىن توغرا كېلەر راستىنى دېسەم.»
دىلى پاك ئۇ گۆدەك قىلدى قەسەميات،
ئىبلىس ئېيتقانلىرىنى ئىجرا قىلىپ پات.
دېدى: «سۆزلىرىڭگە سالىمەن قۇلاق،
لېكىن ئېغىز ئاچماسمەن ھېچكىم، ھېۋاق.»
ئىبلىس دېدى: «ئەي ئاقىل پەھلىۋان،
نېمىشقا تەختتە باشقا بىر ئىنسان؟
سېنىڭدەك ئوغۇلغا ئاتا نى ھاجەت.
قۇلاق سال سۆزۈمگە ئېيتاي بىر ھېكمەت.
ئەتىلا بۇ چالدىن خالىيدۇر زامان،
سەن بولساڭ قۇدرەتكە تولغان نەۋقىران.
بۇ دەرگاھ تىزگىنىن ئالغىن قولۇڭغا،
مېنىڭ سۆزۈم ئاڭلاپ قىلساڭلا ۋاپا.
بولۇرسەن جاھانغا يېگانە پادىشاھ.»
ياخشى-يامانلىقتا پەرزەنتكە ئەسلا،
سوغۇق شامالنىمۇ كۆرمەيتتى راۋا.
ئۆستۈرگەنتى ئاتا تارتىپ قانچە رەنج،
ئوغلىدىن خشۇ بولۇپ خەجلەپ بايلىق گەنج.
يامانلىققا ماڭدى پەرزەنتى ئۇنىڭ،
نومۇسىنى ئۇنتۇدى ۋارىسى ئۇنىڭ.
ئاتىشى قېنىغا بۇلغاندى يۈزى،
ئەسكە چۈتى دانا قېرىنىڭ سۆزى:
«پەرزەنت بولسا ھەكمى شىر كەبى گۇشنا،
ئاتىسى قېنىغا بولمىغاي تەشنا.
ئەگەر باشقىچىرەك بولۇپ چىقسا ئىش،
سىرنى ئانىسىدىن كېرەكتۇر بىلىش.»
تەكتى پەس ئادالەت بىلمىەن زەھھاك،
تەختكە چىقتى ئاتا قەلبىنى قىلىپ چاك.
بېشىغا قوندۇردى ئەرەبچە تاجىن،
كۆزلەپ يۇرت، ئىنقىراز ياكى راۋاجىن.
ئىبلىس كۆرۈپ ئۇ ناپاك ئىشىنى،
يەنە ھېلە ئويلاپ تاپتى سوڭىنى.
ئىبلىسى زەھھاكقا دېدى: «مەن تامان چېچىپ،
يەتتىڭ بۇ جاھاندا مەقسىتىڭ تېپىپ.
ئەگەر مەن بىلەن يەنە قىلساڭ ئەھد-پەيمان،
سۆزۈمدىن باش تارتماي، ئەيلىسەڭ پەرمان.
بولۇرسەن پۈتۈنلەي جاھانغا پادىشاھ،
قۇش، چۈمۈلۈ، ھايۋان، ئىنسانغا پادىشاھ.»
شۇنى دەپ قوزغالدى باشقا بىر تامان،
باشقىچە ئىش تۇتۇپ كەتتى ئۇ شۇئان
ئىبلىسنىڭ ئاشپەزلىك قىلغانلىقى
يىگىتكە ئايلاندى ئىبلىس بىر پاك تەن،
زېرەك ۋە ھۇشيار دىل، سۆزگىمۇ چېچەن.
بىردىن پەيدا بولدى زەھھاك يېنىدا،
ماختاشتىن باشقا سۆز يوقتى ئاغزىدا.
دېدى: «ياراپ قالسام شاھىم خىزمەتكە،
داستىخنىڭ تولۇر شەرۋەت-لەززەتكە.»
زەھھاك بۇنداق سۆزنى ئاڭلىغان زامان،
ئاشخانا سېلىنسۇن، دەپ قىلدى پەرمان.
ئاشخانا ئاقۇچىنى ئىبلىسقا بەردى،
پەقەت ئۇ پىشۇرغان تاماقنى يېىدى.
ئۇ چاغ ئادەم ئۆزىنى قىلىپ پەرۋىش،
يوق ئىدى جاندار گۆشىنى يېيىش.
پەقەت مېۋە –چىۋە يەيتتى ئادەم،
يەنە يەردىن چىققان كۆكتات-ئاشنى ھەم.
ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ بەدنىيەت ئەھرەمەن،
جاندار گۆشى ئىشقى جاي ئالدى دىلدىن.
ئىبلىس ئاشپەز تۈرلۈك قۇش بىلەن ھايۋان،
گۆشىدىن پىشۇردى مەززىلىك تائام.
قان ئىچكەن شىر ئوخشاش كۈنسېرى پادىشاھ،
كۈچكە تولسۇن قىلىچى دەيتتى لاۋا.
ئاشپەز نېمە دېسە خوپ دېدى دەرھال،
ئىبلىسقا دىلىنى گۆرۈ قىپ ئاۋۋال.
ئاۋۋال باقتى تۇخۇم سېرىقى بىلەن،
ئۇندىن قۇۋۋەت ئالدى قول، ئاياغ، بەدەن.
پادىشاھقا ياراپ مۇشۇنداق تائام،
ئاشپەزگە ئاپىرىن ئېيتاتتى دائىم.
ئاڭا شۇنداق دەيتتى ئىبلىس نەيرەڭۋاز:
«ئەبەدى ئامان بول، شاھىم قىپ پەرۋاز.
ئەتىگە پىشۇراي شۇنداق بىر تائام،
ئۇنىڭدىن تاپىدۇ تېنىڭ خوپ ئارام.»
قايتىپ تۈن بويى خىيالغا تولدى،
ئەتە نېمە قىلسام، دەپ ئويلىنىپ قالدى.
ئەتە تاڭ، سۈپسۈزۈك قوينىدىن ئاسمان،
ياقۇتىن چىقىرىپ كۆرسەتكەن زامان.
كەكلىك، قىرغاۋۇلدىن پىشۇرۇپ تائام،
ئۈمىد بىلەن كىرىپ ئەيلىدى سالام.
قولىنى تائامغا سوزۇش بىلەن شاھ،
ئەقىلسىزلىك قىلىپ دېدى پاھ-پاھ.
ئۈچىنچى كۈنى ئىبلىس قۇش ۋە قوزىدىن،
تاماق قىلدى بېزەپ كۆكتات، سەۋزىدىن.
تۆتىنچى كۈنى شاھقا سېلىپ داستىخان،
بوقا گۆشىدىن تاماق كەلتۈردى چاققان.
خۇرۇچىغا بەردى زەپىرەڭ گۇلاپ،
يېنىدا كۆپ يىللىق ياقۇترەڭ شاراب.
شاھ تاماقتىن ئېلىپ تېتىغانسېرى،
ئەقىل -ھۇشىن قىلدى ئەسىر ئاشپەز ھۈنىرى.
ئاڭا دېدى: «ئارزۇيۇڭ نە؟ قېنى ئېيتقىن،
نېمە ئارزۇيۇڭ بولسا ھازىر قىلايىن.»
ئاشپەز ئاڭا پىچىرلىدى: «ئەي پادىشاھ،
ئەبەدىي ياشاۋەر شاد، پەرمانراۋا.
ئاجىز يۈرىكىمدە مېھرىڭ تولۇقتۇر.
پەقەت مېھرىڭ بىلەن تېنىم بولۇقتۇر.
شاھتىن پەقەت بىرلا تىلىكىم باردۇر،
تىلەك بەجا بولسا، ئامەت ماڭا ياردۇر.
پەرمان قىلساڭ دەرھال ئورنۇمدىن قوپۇپ
كۆزگە سۈرسەم ئىككى قولۇڭنى سۆيۈپ.»
زەھھاك ئاڭلاپلا بۇنداق گەپ-سۆزنىڭ
تېگىگە يەتمەستىن بۇنداق سودىنىڭ،
دېدى: «مەن بېرەي كامىڭنى سېنىڭ،
ئاسمانغا كۆتۈرەي نامىڭنى سېنىڭ.»
پەرمان قىلدى ئىبلىس جۈپتىدەك كېلىپ،
ئىككى قولىنى سۆيدى شادلىقتىن كۈلۈپ.
سۆيدىيۇ شۇ ھامان بولدى ئۇ غايىب،
كۆرگەن بارمۇ بۇنداق ئىشنى غارايىب.
ئىككى مۆرۈسىدە ئىككى ئەجدىھا،
شاھ چارە تاپالماي قىلىپ نالە-زار.
قىلىچتا ئىككىسىنى چېپىپ تاشلىدى،
بىراق ئەجدىھالار يەنە ئۆسكىلى تۇردى.
دەرەخ شېخى ئوخشاش تەۋرىنىپ تۇرار،
مۈرىلەردە ئىككى قاپقارا ئەجدەر.
دانىشمەن تېۋىپلار توپلىشىپ كەلدى،
چارە تېپىشالماي ھەر ياققا چاپتى.
تۈرلۈك نەيرەڭلەرمۇ قىلىپ كۆرۈشتى،
ئىلاج تاپالمىدى بولدى قىلىشتى.
ئىبلىس يەنە كەلدى شاھ ھوزۇرىغا،
بۇ قېتىم تېۋىپ بولۇپ چىقتى تۆرگە.
دېدى: «بولغىنىچە بوپتۇ ئىش،
ھازىرلىماق كېرەك ئۇلارغا يېمىش.
تىنجىتقىن ۋاقتىدا بېرىپ ئاش – تائام،
باشقا ھېچ چارە يوق تاپمايسەن ئارام.
ئىنسان مېڭىسىدىن تاماق بەر پەقەت،
ئۆزگە تاماق يېمەك ئەمەستۇر ئادەت.»
دېۋە نېمە مەقسەتنى كۆزلەيدۇ قارا،
قانداق مەقسەتتىكى ئىزدىنىش –چارە.
يا ئىنساندىن خالىي قالاي دەپ جاھان،
چارە كۆرگىنىمۇ بۇ ھەممىدىن نىھان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhammadbarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-7 09:05