يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 873|ئىنكاس: 13

«شەھەر ئەدەبىياتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-11 17:07:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
  8-نۆۋەتلىك «شەھەر ئەدەبىياتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى
; p; Z/ i, z6 l9 n; y3 E2 Q3 o
( n( ~" \  U! {2 I9 u7 p2 V
     تارىخ ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك  ھالدا سانائەت، سودا ۋە باشقا ساھە-كەسىپلەرنىڭ خاراكتېرىدا كېيىنكى مۇدېرنىزىملىق ئالاھىدىلىكلەر ئىپادىلىنىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەدەبىيات ئېڭى ۋە نەزەرىيىلىرىمۇ قايتىدىن قۇرۇلماقتا ۋە يېڭىلانماقتا. ئەدەبىيات شەھەر ۋە شەھەر پۇقرالىرىغا يېڭى تەسەۋۋۇر رىئاللىقى ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ خىل يۈزلىنىش ئەدەبىيات تېكىستلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگىمۇ سەۋەب بولماقتا. يۇقىرقىدەك ئىجتىمائىي مەدەنىيەت رېئاللىقى ئاستىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ 2006-يىلىدىن باشلاپ، نۆۋەت بىلەن «شەھەر ئەدەبىياتى» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
      2015-يىلى 11-ئاينىڭ 7- كۈنى شەنبە، 8-نۆۋەتلىك «شەھەر ئەدەبىياتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، شىنجاڭ ئونۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتى،  قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمسىنىڭ تەشكىللىشى، شىنجاڭ ئونۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتى بىلەن قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭ ئونۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ ئىلمىي دوكلات زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا شىنجاڭ ئونۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسنت ئابدۇشۈكۈر موللەك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.
        ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئۆز ئىچىگە ئالغان «تېما» نىڭ ئەدەبىياتنىڭ خاراكتىرىنى مۇتلەق بېكىتىشى ناتايىن. ئاتالمىش «تېما» ھەممىنى بەلگۈلەيدۇ، «چوڭ تېما»نەزەرىيەلىرى ئۆتمۈشكە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە ئەدەبىياتنى شەھەر ئەدەبىياتى، سەھرا ئەدەبىياتى دەپ بۆلۈش زۆرۈرىيىتى بولمىسىمۇ ئەمما ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى مەنبە قىلىپ كەلگەن ئەدەبىياتنى ھەر نوقتىدىن، ھەر ساھەدىن، ھەر كەسىپتىن چىقىش قىلىپ تەھلىل قىلىشقا ئەرزىيدۇ. سەككىز يىل بۇرۇن بۇ تېما باشلانغاندا دائىرىسى تار، مەنبەسى تېيىز، مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك ئىدى. سەككىز يىللىق توختىماي تىرىشىشىنىڭ نەتىجىسىدە بۇ مۇھاكىمە مەلۇم كۆلەمگە ھەم نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. گەرچە رايونىمىزدا بۇ ساھە ئاجىز بولسىمۇ سېستىمىلىق بىر ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنىلا كۆپچىلىك بىللە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. يىغىندا ئالدى بىلەن «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەركىن نۇر سۆزگە چىقىپ، ئالدىنقى يىللىق «شەھەر ئەدەبىياتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلەردىن قىسقىچە خۇلاسسە چىقىرىپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن تەرەپلەر بىلەن بىرگە بىر قىسىم يېتىشسىزلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ @ «تەڭرىتاغ»، «مايبۇلاق» ژۇرناللىرى تاللانغان ماقالىلەرنى كىتاب قىلىپ ئىشلەشتە دەل ۋاقتىدا نەشر قىلىشقا كاپالەتلىك قىلالماي قالدى. @ بۇ يىغىن ئۈرۈمچى ۋە قارامايدىن ئىبارەت ئىككى شەھەر بىلەنلا چەكلەندى، مۇمكىن بولسا ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى باشقا شەھەرلەرگىمۇ كېڭەيتىش مۇمكىنچىلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش @ شەھەر تېمىسىدىكى مىكرو ھېكايە، شەھەر تېمىسىدىكى شېئىر ۋە «بۇ ئائىلىگە قاراڭ» غا ئوخشاش تېلېۋىزىيە فىلىملىرى توغرىلىق مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ-يوق؟ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىمدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
         فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى، ئەدەبىي ئوبزورچى مەتتۇرسۇن ئېلى: «شەھەرنىڭ بىر يۈزى؛ ئەخلاق كىرزىسى، ماددىي ۋە روھىي بېسىم، ياتلىشىش» تېمىسىدا ئۆزىنىڭ تەتقىقات ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ماقالىدە ئاساسلىقى ھازىرقى شەھەر تېمىسىدا يېزىلىۋاتقان ئەسەرلەردە شەھەرنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىكى بۇزۇلىشى، قاراڭغۇ تەرىپى، ئەنئەنىدىن ياتلاشقان سەلبىي تەرىپى كۆپلەپ قەلەمگە ئېلىنغان بولسىمۇ، شەھەردىكى ياخشى روھىي ھالەت، تىنماي تىرىشىش روھى، يېڭىچە ئىماگلار مەيدانغا كەلمىدى، دەپ تەكىتلىدى.
         بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى: « ئەدەبىيات ۋاقتى ۋە شەھەردىكى تەكلىماكان» تېمىسىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتۈپ، ئەدەبىياتتىكى ۋاقىت تەتقىقاتى توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالدى.
          فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى، دوكتور يېتەكچىسى  ئوسمان ئىسمايىل تارىم: «‹ئۈلىۋېلىش سەنئىتى›رومانى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم» ناملىق ماقالىسى ئارقىلىق پەرھات تۇرسۇننىڭ مەزكۇر رومانىنىڭ پېرسۇناژ تىپىنى يارىتىش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە تەنقىدىي ماقالىلەرنىڭ ئاپتورغا ئەمەس، ئەسەرگە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
          ئەدەبىي ئوبزورچى، دوتسېنت ئەنۋەر ھۇشۇر: «ياشلار ئەدەبىياتى ۋە ياش يازغۇچىلارنىڭ ئىزدەنمە ھېكايىلىرىدىكى ئۆزگىچىلىكلەر»ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا مەتقۇربان، گۈلجامال مەمتىمىن، ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ، مۇھەممەت ھۇشۇر قاتارلىق مۇتەخەسىسلەرمۇ ئوخشىمىغان نوقتىدا شەھەر ئەدەبىياتىغا دائىر كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. يۇقارقى ماقالىلەر ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن مۇھەممەد پۇلات قاتارلىق تۆت مۇتەخەسس ئوقۇلغان ماقالىلەرگە نەق مەيداندا قىسقىچە باھا بېرىپ ئۆتتى.
ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى يىغىندا باھالاپ چىقىلغان ساجىدە سۇلايمان قارى قاتارلىق تۆت ئاپتورنىڭ ئەسىرى مۇكاپاتلاندى.
IMG_0006.JPG

4 o* R+ R! @3 g- _2 s/ W9 k
IMG_0013.JPG

2 q) C) m. Y  L4 D( W
IMG_0011.JPG

% W6 E" f  `$ `1 D
IMG_0014.JPG

" W! \! H( H: T( s& J& q4 M$ s
IMG_0009.JPG

: A" p9 s/ D6 E, k' l4 ^4 N9 ?5 e
IMG_0016.JPG

. K. Q% p4 I7 G4 D% q# t# f
IMG_0017.JPG
% H8 m0 B& l( O7 n2 q
6F7PF`YG}5AH%{W4SZYQB@8.jpg
سۈرەتلەرنى شىنجاڭ ئونۋېرستېتىدىن نىجات ھاشىم تەمىنلىگەن.% w) V+ Q$ F6 c# @$ o' M" U
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئېلىپبە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-13 13:05  ! v0 m" G" }* }
: }4 l9 V' h3 z  `. d7 m3 W

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-11 17:48:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا مەكتىپىمدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنىڭ شەھەر ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت ئەدەبىيات ھادىسسىنىڭ يەنىمۇ يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-11-11 17:51:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تونۇش چىرايلاردىن تارىغان نۇرلاردىن قەلبىم ئىللىپ قالغاندەكلا بولدۇم.

ۋاقتى: 2015-11-11 18:06:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىيقەتەن ئەھمىيەتلىك بىر يىغىن بوپتۇ بۇ.  

ۋاقتى: 2015-11-11 18:10:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولغانىدى. خەۋەر ئاپتۇرىغا رەھمەت.  

ۋاقتى: 2015-11-11 18:51:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن چوڭقۇرلاشتۇرۇش زۈرۈر بولىۋاتقان پەيتتە، 8-قېتىملىق شەھەر ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بوپتۇ...

ۋاقتى: 2015-11-11 20:07:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەقىيقەتەن زور رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.مېنىڭچە،كۆلۈمىنى زورايتىشقا ھەممەيلەن تەڭ كۈچ چىقىرايلى.يازغۇچىلىرىمىز مەدىنيەتنىڭ شەھەرلىشىشىنى چوڭقۇر  ئېچىپ بېرىدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئىجات قىلسا،ئوبزورچىلىرىمىز ۋاقتىدا باھالاپ،ئانالىز قىلىپ ،بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنى تېخىمۇ ئاشۇرساق ،دېگەن قاراشتامەن. يىغىن ئەھلىگە ،ئەدەبىيات پېشىۋالىرىغا يالقۇنلۇق سالام،ساجىدە سۇلايمان قارى قىزغا قۇت بولسۇن،ئەسىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەزىزلەرگە بەخت يار بولسۇن.2.بۇ ئىلمىي پائالىيەتنى  تور ساھەسىدە كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بارساق،دەيمەن. «شەھەر ئەدەبىياتى»غا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى رەتكەتۇرغۇزۇپ چىقساق، ئوبزورچىلار بەس-بەستە ئانالىز قىلىپ،ماقالە يازسا، ئەدەبىيات ئاشنالىرى ئەركىن پاراڭ شەكلىدە بىرنېمىلەرنى دەپ باقسا، ئىلمىي بولۇش،ئەدەپلىك بۇلۇش ،پاكىتلىق بولۇش،سىلىق-سىپايە بولۇشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرساق،دەيمەن.
. F8 V) a" W' e5 [6 y- U5 ]* z بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-11 20:14  
8 l& Y- p$ J, T3 A4 H& Q0 b/ a! u9 F( o) O- y

ۋاقتى: 2015-11-11 21:34:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق يىغىنلارنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىپ ئەدىبىيات ئاشنالىرىغا ئىجابى مەنبە بولىشىغا تىلەكداشمەن .

ۋاقتى: 2015-11-12 00:14:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                  مۇھاكىمە يىغىنى  بەكمۇ بەلەن ئېچىلىپتۇ . ‹‹ دۇنياۋىي نېفت شەھىرى ›› قۇرغىچە ،  ئاۋالىراق  ‹‹ دۇنياۋىي مەدەنىيەت شەھىرى ››  قۇرغىنىمىزنىڭ ئەۋزەللىكى كۆپتۇر . بۇ - قەدەملەر تېخىمۇ داغدام يوللارغا ئېلىپ چىققۇسى!..

ۋاقتى: 2015-11-12 17:05:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىيقەتەن ئەھمىيەتلىك بىر يىغىن بوپتۇ  

ۋاقتى: 2015-11-12 18:28:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەقىيقەتەن زور رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە،ئەدەىبىيات ئاشنالىرىغا ئىجابى مەنبە بولىشىغا تىلەكداشمەن .
( t; o6 ?9 a  ]# Z3 X

ۋاقتى: 2015-11-13 12:28:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەر ئەدەبىياتى يىغىنىدا ئەسەرلىرى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن:
* {9 z- \0 |0 V3 Z- s9 K; c7 k3 mئابدۇسالام شۈكۈر نوھ،ساجىدە سۇلايمانقارى،گۈزەلنۇر مۇتەللىپ،پولات مەمەتلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-16 11:28:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەر ئەدەبىياتى يىغىنىدا ماقالە ئوقۇغان ھەم سۆزگە چىققان مۇتەخەسىسلەر:" N7 E9 f  a" `; L* R) E7 F
IMG_0074.JPG
0 u3 |- G. F4 ~6 f4 N. N4 Q8 @- ^6 f% c) ?+ J/ y# Q! _) `$ J- T+ y
IMG_0027.JPG
3 y3 O" O  J. P& X3 z- v6 t; A5 ]3 a
IMG_0066.JPG , a: m/ y# M0 f
0 S1 h5 \! Z$ R9 I5 ~/ x& b) r1 B% p
IMG_0067.JPG " T1 V, M; O- I: e/ c& M2 q7 E$ q
% S1 `( o1 V0 c; w3 T0 [
IMG_0049.JPG
) S6 O0 }6 z6 `# A- E8 c; n8 S2 U3 i: n# E) ?
IMG_0040.JPG
) r; g3 d8 w8 A# I" A& F8 J
0 K3 R" V- e" t- C& p, R# ~! e# C IMG_0046.JPG
0 i& c6 h8 ^6 j# d' x( [
# W5 [+ D: X* @( v+ d* Z6 b/ H IMG_0030.JPG # O2 g4 d* z5 t, B+ H0 E. `
7 N# o& L8 a, A3 {% @* {7 H: X0 Y8 u( n
IMG_0032.JPG 2 z$ `  z, e5 t8 N, S

* a) G* |1 Q4 i' b0 b: J5 ? IMG_0034.JPG ( X+ U7 Y: t1 E* Q' [
& g5 P0 S* }; V) `5 H
IMG_0047.JPG
( ?/ Q% N# ^- i$ k) L
% G' r& @' L; G/ G IMG_0084.JPG 2 e! d/ y/ {! A% V. Y2 ?" X% t
سۈرەتلەرنى شىنجاڭ ئونۋېرستېتىدىن نىجات ھاشىم تەمىنلىگەن.
$ o3 E5 H; @; h: J* f( n7 D
3 I4 C1 A8 s7 M! v

IMG_0024.JPG

باھا سۆز

بۇرۇتلىرىڭ قالتىس يارىشىپتا.  ۋاقتى: 2015-11-16 11:53 AM
ۋاقتى: 2015-11-16 11:50:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1 p8 o5 {; i$ `) k
0 B% |, J+ N$ J
8 c2 ]$ f% n: H5 a: t. m/ s   ھەممىڭلارغا قۇت ياغ قاي !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش