يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 8220|ئىنكاس: 1

باھالاشنى ئەدەبىيات – سەنئەت قانۇنىيىتى بويىچە ئىسلاھ قىلىش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-11 13:45:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
باھالاشنى ئەدەبىيات – سەنئەت قانۇنىيىتى بويىچە ئىسلاھ قىلىش كېرەك
فېڭ شۇاڭبەي

  تۈزۈم ئېنىق بولسا جەريانلار روشەن، ئىجرا كۈچلۈك، نازارەت ئۈنۈملۈك بولىدۇ. باھالاشنى باشتىن – ئاخىر ئوچۇق، ئادىل، ھەققانىيلىق پىرىنسىپى بويىچە ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئۇنىڭ يېتەكچىلىك رولى ۋە نوپۇزىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
   ھەر قانداق باھالاشتا ئادىللىق، ئوچۇق – ئاشكارىلىق ۋە ھەققانىيلىق پىرىنسىپى تەكىتلىنىدۇ. ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش، ئادىل بولۇش، ھەققانىي بولۇش ئەدەبىيات – سەنئەتتىكى باھالاشنىڭ ئورتاق نىشانى.
   بەزى باھالاشلارنىڭ كەينىگە ئاجايىپ ئىشلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ، باھالىغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەر نەتىجىنى كۆزلەپ، ‹‹باھالاش››نى ‹‹مۇكاپاتلاش››قا ئۆزگەرتىۋالىدۇ. مۇكاپات ئۈچۈن ھېچقانداق ۋاسىتە تاللىمايدۇ، ئاتالمىش ‹‹ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش›› پىرىنسىپىدا تۇرغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. يەنە بەزى باھالاشلار باركى، تۈرلۈك باھانە – سەۋەب بىلەن تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خاھىشى بويىچە دەرىجە، تەقسىمات بېكىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ‹‹ئادىللىق››، ‹‹ھەققانىيلىق›› قۇرۇق شوئارغا ئايلىنىدۇ.
   باھالاشتا ئادىللىق، ھەققانىيلىق، ئوچۇق – ئاشكارىلىق قۇرۇق جازىغا ئايلىنىپ قالسا، ئەدەبىيات – سەنئەتنى ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ئىجادىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ئەخمىقانە ئويۇنغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ باھالىغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغايدۇ. ئەدەبىيات – سەنئەتتىكى باھالاشلارنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ھەتتا ئوقۇرمەننىڭ ئىشەنچلىكلىكى سۇسلاپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ناچار تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
   ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالاشتا بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشى ناتوغرا كەسىپ قارىشىنىڭ ئازدۇرۇشى، ناتوغرا نەتىجىلەرنىڭ ئۆلچەم قىلىنىشى، مەنپەئەتپەرەسلىككە قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن بولغان. بۇ ھادىسىلەرنى تۈزەش ئۈچۈن، ئەدەبىيات – سەنئەتتىكى باھالاشنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ۋە نوپۇزىنى قايتا تىكلەش كېرەك. ‹‹ئوچۇق – ئاشكارىلىق›› ‹‹ئادىللىق›› ۋە ‹‹ھەققانىيلىق›› پىرىنسىپىنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى، باھالاش مېخانىزمىدىكى ئىسلاھاتنى كۈچەيتىپ، سەنئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى چىقىش قىلىپ، باھالاش تۈزۈمىنىڭ ئېنىقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، يەنى جەريانلارنى روشەنلەشتۈرۈپ، ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك قىلىپ، باھالاش خىزمىتىدە باشتىن – ئاخىر ئوچۇق – ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
   باھالاش ئۆلچىمى تاماشىبىنلارنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەستايىدىللىقى، تاماشىبىنلارنىڭ ئىشەنچىنى كۈچەيتىدۇ. بۇ ئاستا – ئاستا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ بەدىئىي ئېستېتىك ئىقتىدارى ئۈستۈرۈلىدۇ.
   يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، باھالاش ھەيئىتىنىڭ باھالىشى بويىچىلا مۇكاپاتلىماسلىق كېرەك، دۆلىتىمىز ئەدەبىيات – سەنئەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنە مۇكاپاتلاشنىڭ دائىرىسىگە كىرەلمىگەن ئەسەرلەرگىمۇ نەزەرىنى ئاغدۇرۇشى كېرەك. مەسىلەن: ئەدەبىيات – سەنئەتتىكى بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي قاتلامدىكى ‹‹بىر تەرەپلىمىلىك››نى، ‹‹كۆچۈرمىكەشلىكنى›› تۈگىتىپ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ئۈچۈن ساغلام مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك. ئەدەبىيات – سەنئەت تەنقىدچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت تەنقىدىگە راست سۆزلەشنى تەشەببۇس قىلىپ، پاكىتنى سۆزلەش، يارقىن نۇقتىلار، پاكىتلىق تەنقىدلەر ئارقىلىق ئەسەرلەرنىڭ تاللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەزەرىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئېسىل ئەسەرلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش، ئېستېتىك زوق، يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدىغان ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك.
   باھالاش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىشتا ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى بويىچە ئىش قىلىش كېرەك، باھالاش چارىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تۇتقۇ قىلغاندا، مۇكاپاتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، نوپۇزىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. پەقەت باھالاش ئوچۇق – ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولسىلا ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
ياسىن مەتنىياز تەرجىمىسى
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-11 13:45  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-11 18:21:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە مۇشۇ كۈنلەردىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەقىياتى ۋە نادىر ئەسەلەرنى بايقاشقا نىسبەتەن تۈرتكىلىك رول ئوينىغۇسى...ئەجرىڭىزگە بارىكاللا!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش