يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 386|ئىنكاس: 4

ئىمىر غىياس: مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ مەسئۇلىيىتى مۇقەددەستۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-10 13:16:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                          مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ مەسئۇلىيىتى مۇقەددەستۇر         

                          («م»ھەرپى بىلەن باشلانغان سۆز ئويۇنى)


                                         ئىمىر غىياس

    مىللىتىمىزنىڭ مۇتالىئەچىلىرىگە مەلۇمكى، مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ مەسئۇلىيىتى مۆھتەرەم مۆجىزىكار مۇئەللىپلەرنىڭ ماتېرىيال مەنبەسى مول، مەلۇماتى مەنتىقىي، مەزمۇنى مۇكەممەل مەتلۇبىي ماقالىلىرىنى مۇلايىم ماشىنىستلارنىڭ مەتبۇئاتچىلىق مەشغۇلاتى مابەينىدە مەلامەتسىز مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇندەرىجىلەشتۇر؛ مەرىپەتلىك، مەئمۇرە- مەمۇرچىلىق مەملىكىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ مەلىكىلىك مەنىۋى مەدەنىيىتىنى، مەكتەپ- مەكتەپلەرنىڭ مىزانلىق مەكتۇباتلىرىنى، مىللىتىمىزنىڭ مودەنگۈلدەك مۇقام- مەشرەپلىرىنى مۇسىقى مۇزىكانتلىرىدەك مەدھىيەلەيدىغان، مۇتەئەسسىپ، مۇغەمبەر، مەنمەنچى، مەۋقەسىز، مەيدانسىز، مەزھەپچى، مەسخىرىۋازلارنىڭ مەنتىقىسىز مەسلەكلىرىنى مۇجۇپ- ماتايدىغان، مىلتىقلايدىغان مەرگەن مۇئەللىپلەرنى مۇبارەكلەپ مۇنبەرگە مۇسەننەفلەش (مۇجەسسەملەش)تۇر؛ مىللىتىمىزنىڭ مەسكىدەك مەي- مەي ماددىي- مەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مىننەتسىز مۇھاپىزەتلىگەن مېھنەتكەش مويسىپىت مۇئەررىخلەرنى مەۋسۇملۇق، مەبلەغسىز مەتبۇئاتتا ماختاشتۇر؛ مۇقەددەس مۇھەررەمدىن مۇقەددەم، مۇزىكىدەك مۇڭلۇق، مەڭگۈتاشتەك مۇنەۋۋەر، مەكتۇپتەك مەدھىيەلىك، مەشئەلدەك مەئارىفىي- ماياكى مەسەللەردىن مەنپەئەتلىنىەلمەيدىغان مۆرىمەس مەسەلچىلەرنى مۆرىتىدە مۆرىتىشنى مۆلچەرلەشتۇر؛ مەھەللىلەردىكى مەجبۇرىي مائارىپ، مەڭگۈلۈك مائارىپ مېلودىيەسىنى مۇشاۋىرەك مۇقامىدەك مۇڭلاندۇرىدىغان مەرىپەتچىلەرگە ماسلىشىپ مەغرۇرانە مېڭىشتۇر؛ مەملىكەت مىقياسىدىكى مۇبالىغىسىز، مەنتىقىلىق، مەززىلىك، مەپتۇنكار، مەخرەجلىك- مەخرەجسىز مەرۋايىتتەك ماقالىلەرنى، مۇبارەكنامىلەرنى، مۇخەممەسلەرنى، مەرسىيەلەرنى، مەسنەۋىلەرنى، مەجازىلەرنى مارجانسىمان مۇجەسسەملەپ مۇپەسسەل مەجمۇئەلەشتۇر.
مەسئۇل مۇھەررىر مېتودلۇق، مۇرۇۋۋەتلىك مۆتىۋەر مۇلازىمەتچى، مەردانە مۇھاپىزەتچى، مەلۇماتلىق مۇتەپەككۇر، مەدەتكار مائارىپچى؛ مۈدۈرۈلمەس مەدھىيە مۇزىكىسى مۇشەققەتچان، ماھىر مەسئۇل مۇھەررىرگە مۇرەسسەسىز مەنسۇپتۇر. مۇبادا مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ مۇھەررىرلىك مەسئۇلىيىتى مۇۋاپىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىسە مائاشلىق- مائاشسىز مەردۇمىي مەسلەكداشلارنىڭ، مۇتەپەككۇر مۇخبىرلارنىڭ، مودېرنىزمچى مۇشتەرىلەرنىڭ مۇبارەك مەرھەمەت- مەئىشەتلىرىدىن مۇقەررەر مەھرۇمدۇر.
مادامىكى، مەسئۇل مۇھەررىر ماقالىلەردىكى مەنىسىز، مەۋھۇم مۇبالىغىلەرنى، مەجھۇل، مۈجمەل مىساللارنى مۇرەسسەسىز مەھكەم- مەزمۇت مۇكەممەللەشتۈرگۈچىدۇر، مىجىر- مىجىر، مۇخالىپ، مۇقەددىمىسىز مەجمۇئەلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇستەھكەم مۇقاۋىلىغۇچىدۇر؛ مەسئۇل مۇھەررىر مىسكىن، مۇقابىل مۇئەللىپلەرنىڭ مەشقاۋۇلىدۇر؛ «مۇناسىۋەت مەدەنىيىتى»گە مەپتۇنلانغان مۇداخىلىچى «مىتە»لەرنى، مۇتەئەسسىپ، مۇستەبىت، مۇدھىش، مەتۇ مەزىن- موللاملارنى، مەككار مەزھەپپەرەس مەرەزلەرنى، مېھرىسىز، مۇئامىلىسىز، مەسئۇلىيەتسىز مۇتتەھەملەرنى، مەغرىبلىق- مەشرىقلىق مەيخۇمار مەلامەت مەستلەرنى مەنئى- مەنھىلەيدىغان مىسلى مۇبەسسىر مۇئەللىمدۇر، مەجىد مەتبۇئاتچىدۇر؛ مەتبەئە- مەتبۇئات مەسئۇلىيەتچانلىقى مەۋلانە- مەۋلەۋى مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ مەقام مەنزىلىدۇر، مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ مەسئۇلىيىتى مۇقەددەستۇر. مەسئۇل مۇھەررىر ماختىغانغا مەغرۇرلانماڭ! مۈرىدىگەنگە مەيۈسلەنمەڭ!
  
           ( «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 10- سانىدا ئېلان قىلىنغان )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-10 14:40  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-10 16:12:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ خىل ئىجادىيەتنى « سۆز ئويۇنى» دېسەك تازا مۇۋاپىق بولمىغۇدەك. شۇڭا
« سانائىل ھەرپىي»لەرگە ئوخشاش بىر ئاتالما بىلەن ئاتىساق بولغۇدەك. سىز ئاۋۇ « مەسئۇل مۇھەررىر»نىڭ دەرىجىسىنى بىر جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى ھالاك بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئورۇنغا كۆتۈرۈپ، ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل تەسۋىرلەشتىن ساقلانغان بولسىڭىز...

ۋاقتى: 2015-11-12 13:03:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمىر مۇئەللىم تىلىفۇن  نومۇرىڭىز  لازىم  ئىدى.

ۋاقتى: 2015-11-12 21:21:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماس سەھپىگە يوللانماي قالدىمۇ قانداق؟

ۋاقتى: 2015-11-12 21:22:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماس سەھپىگە يوللانماي قالدىمۇ قانداق؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش